ئىگىسى: سۈمەييە

6-قەۋەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
17644
يازما
175
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 22:25:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3- قەۋەتتە ىۇخلاپ قالدىڭىز، لېكىن بالا يىغلاۋاتىدۇ، ۋىغغغغ...ۋىغغغغ....قىقىراپ.....!!!!

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
227 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 15:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇججۇن ، قەۋەتكە چىقماق شۇنداق تەسما ؟! بولىڭە ...

UID
17644
يازما
175
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 04:29:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز تېخىچە 3- قەۋەتتىما؟؟؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-8-4 04:32):

UID
17644
يازما
175
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 04:32:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىڭىز يىغلاپ نىم بوپ كەتتى، بۇ چاغقا....

UID
17644
يازما
175
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
176
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 13:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى ىويلىمىسىڭىزمۇ 6-قەۋەتتە ‹‹ۋىغغغ، ۋىغغغ...›› يىغلاۋاتقان بالىڭىزنى بولسىمۇ ىويلاڭ

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:24:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا مۇشۇندا ئىشەنمەسلىك، ئىشەنچ بېرەلمەسلىك بىزنى خۈدۈكسىرەش پىسخىكىسى كۈچىيىۋاتقان بىر توپ كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. سەن تېخى كىچىك بالام، سەن چوڭ بولۇپ جاھان ئىشلىرىنى ئۇققۇچە يېڭى بىر ھالەتنىڭ روياپقا چىقىشىنى نەقەدەر ئۈمىد قىلىدىغىنىمنى بىلەمسەن؟ داداڭ ئىككىمىز سىنى ھەر جەھەتتىن ئەڭ ياخشى مۇھىتتا يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىۋاتىمىز، مېنىڭ بۇ قەدەر باغرى تاشلىق قىلىپ سېنى تاشلاپ ئانىلار يۈرىكىنى پارە قىلىدىغان «ئىدارە»گە ئىشق كەتكىنىمنى كەچۈرگىن جىنىم قوزا.
ھەر پەلەمپەي ئۇزۇن بىر مەنزىل. مانا بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئەمدىلا تۆتىنجى قەۋەتكە چىقىپتىمەن. يۈرىكىمنى ھەرە چاققاندەك بولدۇم. ھالسىرىغان پۇتلىرىمغا تىزدىن ماغدۇر يېغىپ يەنە يۈگۈردۈم. جاھانمۇ رەڭگارەڭ، ئىنسانلارنىڭ قىسمەتلىرىمۇ ھەر خىل بولىدىكەن يىلپىزىم. ئاياللار تۇغسىلا ئۇلارنى خىزمەتتىن توختاپ بالا بېقىشىنى تەلەپ قىلىدىغان، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قوغدايدىغان، يەنە تېخى مائاش ۋە باشقا تەمىنات بېرىپ، ئۆز ئېلىنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان دۆلەتلەردە قانداق ئادەملەر ياشايدىغاندۇ؟ مەن پەقەت كىتاب-ژورناللاردىكى خەۋەردىن ۋە ھەر خىل پاراڭلاردىن چەتئەللەردىكى مائارىپ ھەققىدە يۇقارقىدەك بايانلارنى ئوقۇغان، ئاڭلىغان. بۇرۇن شۇ دۆلەتلەرگە قايىل بولۇپ، «ياخشىكەن جۇمۇ» دەپلا قويغان بولسام، بۈگۈنكى كۈندە شۇ يەردىكى بەختلىك ئانىلار غا بەكلا ھەۋەسلىنىمەن ۋە ئانىلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىسىدىن ۋاز كىچىپ، ئانىلىق تەختىدىن بوران ئۇچۇرتقان ئەقىلسىز، ئىتىقادسىز ئاياللارنىڭ ھالىغا ۋاي ديمەن.
ئوغلۇم مەنچە، مەيلى بىر شەخس، مىللەت، دۆلەت ياكى توپ بولسۇن ئۇلارنىڭ ئاياللارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئۇلارنىڭ ئەتىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئاياللارنى تەربىيەلەش، ئاسراش، قوغداش ۋە ئۇلارغا ھەقىقىي مەنىدە مۇھەببەت بېرىش تولىمۇ مۇھىم. بىز بۈگۈن ھەۋەس قىلىۋاتقان «چەت ئەل» ۋە تەرەققىي تاپقان ئەللەر مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگىنى ئۈچۈنلا بۈگۈنكىدەك كۈنگە ئېرىشەلىگەن. ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولغان جانجىگىرىنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ، «دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىش»قا مەجبۇرلىنىۋاتقان مەندەك بىچارە ئانىلار مۇشۇنداق ھالسىراشلار ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدۇ ھەم قالدۇرىدۇ. دۆلىتىمىزدە ئاياللارنىڭ ئومۇمىي تۇغۇت دەم ئىلىشى 120كۈن، يەنى تۆت ئاي. ئۇندىن كېيىن خىزمەت ۋاقىتلىرىدا بېرىلىدىغان زەمزەم كەبى «ئېمىتىش ۋاقتى» بار، كۆپ ۋاقىتلاردا نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ قالىدۇ. تۇغۇپلا خىزمەتتىن توختىسا مائاش بېرىش ئەمەس، دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بەرسە ھېچ بولمىسا ئالتە ئايلارغا ۋە ياكى مائاش بەرمىسىمۇ بىر يىلغىچە خىزمەتتىن توختىشىغا يول قويسا كاشكى.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:35:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەشىنچى قەۋەتكە چىققىنىمدا قۇلىقىمغا سۇس يىغا ئاۋازىڭ ئاڭلاندى باتۇرۇم. سەن سەۋەبسىز  يىغلىمايتتىڭ، كىچىككىنە بولغىنىڭ بىلەن تولىمۇ بەرداشلىق ئىدىڭ. ئەمما مانا يىغلاپسەن بالام. چوقۇم مېنىڭ پۇرىقىمنى ئىزدەپ تاپالمىدىڭ، باشقا سۈنئىي نەرسىلەرگە رايىڭ بارمىدى ۋە ياكى مەجبۇرلانغىنىڭ ئۈچۈن كەيپياتىڭ ناچار . مېنى كەچۈر جىنىم بالام، كەچۈر. بۇ كۈنلەر ئۇزاققا سوزۇلمايدۇ. سەن ماڭا ئاتا قىلىۋاتقان بەرەملىك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى بۇ دۇنيادا ھېچنېمە بىرەلمەيدۇ بالام.
يۇلتۇزۇم ئوغلۇم، رەببىمىزگگ يۈز مىڭ ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، سەن ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە ساغلام تۇغۇلدۇڭ. دوختۇرخانىدىكى بوۋاقلار ئىچىدە سەندەك سالامەتلىكى ھەممە جەھەتتىن ياخشى ئەلا بوۋاقلار كۆپ بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر- شۈكۈرلەر ئىيىتتۇق. سنى ئوبدان تەربىيەلەش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان بولساقمۇ، ھەر قەدىمىمىزدە نېمە قىلىشنى بىلەلمىدۇق. كىتابلاردىن ئىزدەيتتۇق، ئۇنىڭدىكى ئۇسۇللارنى سىناب باقاتتۇق. شۇنداق چاغلاردا ھەر ئىككىمىز ئۇھسىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھالىغا ۋاي دەپ قالاتتۇق. ھەدىسىلا مىللىتىمىزنىڭ سەلتەنىتىنى پەش قىلغىنىمىز بىلەن، بۈگۈنىمىز نۆۋەتتىكى رىئال مەسىلە ئىدى. بۇرۇنقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرمەيمىز بالام. بۈەۈنكىلەر يول ئىچىشىمىز كىرەك. سەندىن كۈتكەن تالاي ئارزۇلىرىمنى ھەم يېزىپ مېڭىۋاتىمىز. نىيەت-ەقسەتلىرىمىزگە يەتكەيمىز، ئىنشائاللاھ!

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 01:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-قەۋەتكە ئۆچ بولۇپ كەتتىم جىنىم بالام. تولغىقىم قاتتىق تۇتقان شۇ دەملەردە ئالتىنچى قەۋەتتىن چۈشەلمىگەن ئىدىم. داداڭمۇ تولا ھېرىپ ئالتىنچى قەۋەتتىن زېرىككەن ئىدى. «ئۆي ئالساق 2-3- قەۋەتلەردىن ئالايلى-ھە!» دېسەم، «ۋاي ياق، لىفىتلىك بىنادىن ئۆي ئالايلى دەڭە» دېگەن ئىدى. جاھان خىياللىرى ۋە ئىزتىراپىرى 6-قەۋەتكە يېتىپ چىقىپ، ئىشىكنى قاتتىق چەكتىم. بىر تەرەپتىن سېلىش تولىمۇ تەس ئايىغىمنى سالغاچ ئىشىكنى چېكىۋاتىمەن.
ئىشىك ئىچىلدى. ساداقتىن ئېتىلغان ئوقتەك ئۆيگە ئېتىلدىم-دە سىنى قۇچىقىمغا ئالدىم. كۆز ياشلىرىڭ مەڭزىڭنى بويلاپ قۇلاقلىرىڭغا سىرغىپتۇ.

UID
22594
يازما
129
تېما
23
نادىر
1
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 02:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنى قۇچىقىمغا ئالدىم-يۇ، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشنى تۇتۇۋالالمىدىم. ئۆزۈمنى ئەيىبلەپ جاھاندىن زارلىنىپ كەتتىم. جانغا پاتقان چارىسىزلىك يۈرىكىمنى چاياندەك چاقاتتى. قۇچىقىمغا چىقىپلا ئىسەدەپ ماڭا تىكىلىپ قاراپ كەتتىڭ، كىچىككىنە ئوماق ئېغىزلىرىڭ ئۈمچەرەپ ماڭا دەرت تۆكۈۋاتاتتى. سىنى باغرىمغا چىڭ بىسىپ، توختىماي كەچۈرۈم سورىدىم، سىنى بەزلىدىم، پەپىلىدىم، تاكى باغرىمدا تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەنگە قەدەر .
جىنىم ئوغلۇم، ساڭا دەيدىغانلىرىم كۆپ، ئەمما بەردەم بولغىن، چوقۇم بەردەم بولغىن!

UID
4302
يازما
362
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8658
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
100 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 13:32:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سۈمەييە ،تىمىڭىزنىڭ ئاخىرقى قۇرلىرىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ كىچىككىنە قىزىم ئىپارىگە قاراپ كەتىم ئۇمۇ يىغىلاپ مىنىڭ بەزلىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك ،بىراق ھازىر ئۇ يىنىك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتىدۇ قولىنى ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەردەك ئىككى تەرەپكە ئىلىپ....
دوختۇر بويىڭىزدا قاپتۇ دىگەندىن باشلاپ بالىغا مىھرىمىز چۈشۈشكە باشلايدىكەن.ھەممە نەرسىدىن بارا بارا يىراقلىشىپ پۈتۈن دۇنيادا بالىمىز باردەك بالا بالا دەپ تىرمىشىدىكەنمىز .ئانىللىرىمىغا چەكسىز رەھمەتلەر بولسۇن بىزنىمۇ شۇنداق بىقىپ قاتارغا قاتقىنىغا...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش