نېمە بولۇپ كەتتى؟
ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر
(مەرھۇم شائىر رۇزى سايىتنىڭ ‹‹كەتتى››ناملىق شېئىرىغا تەخمىس)
بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى تورلىشىپ كەتتى،
بەزىلىرى ھەقىقەتتە كورلىشىپ كەتتى.
يالغان گەپكە بىر مۇقامدا توۋلايدۇ دائىم،
قۇرۇق شۇئار، بىر ئاھاڭدا خورلىشىپ كەتتى.
يىگىتلەرنىڭ بېلى بوش، ئىرادىسى سۇس،
غورۇرىنى قوڭغۇز يەپ، پورلىشىپ كەتتى.
غايە، ئارزۇ-ئارمانلاردىن قىلچە ئەسەر يوق،
شۇنچە گۈزەل ئارمانلارمۇ ھورلىشىپ كەتتى.
قىزلىرىمۇ كۆڭۈلچەك، ئەركىلەشلەر كۆپ،
ئازراق گەپكە ئىشىنىدۇ، گوللىشىپ كەتتى.
بۇ قانداق ئىش؟ ھەي قىزلار ئېيتىڭلار ماڭا،
سەۋەبىنى ھەسەنجانمۇ ئويلىشىپ كەتتى.
2013-يىل 7-يانۋار.
مەن بۇ «تەخمىس»نى بەكلا كېچىكىپ كۈرۈپتىمەن...ئەمدى مەنمۇ نۆۋىتىدە گېپىمنى دەي:
ھۈرمەتلىك ئۇتغۇر ئەپەندىم؟ سىز «تەخمىس»نىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنەمسىز؟ چۈشەنسىڭىز سوراپ باقاي، يۇقارقىسى «تەخمىس»مۇ ياكى «ئۆز ئىجادىيىتىڭىز»مۇ؟....
مەنغۇ بىر ھەۋەسكار. لېكىن، بىلىمىم بەكلا چولتا دېھقان ھەۋەسكار بولساممۇ، نىمىنىڭ شېئىر، نىمىنىڭ «تەخمىس»ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىلىكىم بار.
تەخمىس: بىر ئاپتۇرنىڭ(سىزنىڭ)نەزەرىدە ياخشى چىققان دەپ قارالغان ئەسەرگە، ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكا، تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان مەقسەتتە يېزىلىدىغان، 5مىسرادىن تەركىپ تاپقان (يەنى ئالدىنقى 3مىسراسى كېيىنكى 2مىسرانىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدىغان،تولۇقلايدىغان) مۇخەممەس شەكلىدىكى ئەسەرنى تەخمىس دەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ 5مىسرانىڭ ئاخىرقى 2مىسراسى ئەسلى غەزەلنىڭ ئۆزى بولۇشى كېرەك!... بولمىسا «تەخمىس»بولالمايدۇ.
..............
سىزنىڭ يازغىنىڭىز«تەخمىس»بولماستىن بەلكى، مەرھۇم ئاكىمىز روزى سايىتنىڭ«كىملىشىپ كەتتى»دېگەن شېئىرىنى دوراپ يازغان 3كۇبلىت شېئىر-خالاس!.... قالغىنىغا ھەر كاتتا ئەدىبلەر تۇرۇپتۇ...ئۇلارمۇ پىكرىنى دەپ باقسۇن...
...........
نىمىشقىكىن، ھازىرغا قەدەر شۇنداق ئاتاقلىق شائىرلار بۇ شېئىرغا نەزەرمۇ سېپ قويمىدىمۇ-نىمە؟
