- ھوقۇقى
- 150
- يازما
- 1000
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
 
- UID
- 2533
- يازما
- 1000
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 42724
- تىزىملاتقان
- 2010-6-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-8
- توردا
- 426 سائەت
|
قاچاندۇر بىر چاغدا ئاېرىكىلىق بىر ۋاسكىتبول چولپىنىنىڭ ئۆيىنى مەخسۇس سۈرەتكە ئېلىپ تونۇشتۇرغان بىر فىلىمنى كۆرگەنتىم، ئۇ نېگىرنىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ، بىراق ئايالىنىڭ ئىسمى لالا كەنتۇق . ھېلىقى داچىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلىقى، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، مۇنچا، كىنوخانا، بىلياردخانا، مۇزىكا ئۈن ئېلىش ئورنى، سۇغا چۆمۈلۈش كۆلچىكى...لىرىنىڭ لاھىيەلىنىشى، ھەشەمەتلىكىگە قاراپ غەلىتىلا بولۇپ قالغانتىم. ئو ئۆينىڭ چوڭلىقىدا ئەر-ئايال ئىككىسى مۆكۈشمەك ئوينىسىمۇ كەڭتاشا بولغۇدەك ئىشقىلىپ. ئۇلارىىڭ ئوباما بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتىمۇ باركەن مېھمانخانىسىغا رامكىغا ئېلىپ قويغان. بوينۇمغا ئېسىپ قويسا كۆتۈرەلمىگۈدەك مېدال ئېلىۋەتكەن توپچىكەن ئۇ. بىراق 5-6دەك ماشىنىسى باركەن مەن بىرىنىمۇ ياخشى كۆرمىدىم، غەلىتىلا. بىلگەجان ئەۋەتكەن ئاۋۇ رەسىملارنى كۆرۈپ شۇلارنى خىيال قىلىپ قاپتىمەن.
داداش ئەۋەتكەن رەسىملەرگە كەلسەك، مەن بۇ رەسىملارنى كۆرۈپ «ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئاياللار» ناملىق ئامېرىكا تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى ئەسلەپ قەلدىم. تۆت دوست لېنەت، بىرى، سىيۇزىن، گەبىنىڭ ئۆيلىرى يادىمغا كەلدى. تۆتـىسىلا بىر كوچىدا ئولتۇرىدۇ، ئۆيلىرى شۇنداق ئازادە، ئالدىدا گۈللۈك، ئوت-چۆپ، بەزىلىرىنىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىمۇ بار. داداشنىڭ مۇمكىن بولسا ئۆينىڭ ئىچىدە تارتقان رەسىملەردىنمۇ ئەۋەتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، لاھىيەلىنىشىنى كۆرۈپ باققان بولساق.
|
|