ئامرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىگە نەزەر
ئەخمەت ۋاھىدى
مەن بۇيىل باھار ئايلىرىدا ئامرىكىدا سەيلى - ساياھەتتە بولغان چاغلىرىمدا، مىنى ئەڭ ئاۋال مەپتۇن قىلغان ۋە قاتتىق تەسىرلەندۈرگىنى ئامرىكىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتى ئىچىدىكى ئاجايىپ ئارامبەخىش گۈزەل مۇھىتى بولدى. نەگىلا قارىسام رەڭمۇ-رەڭ گۈل گىياھلارغا پۈركەنگەن ئاددى پۇقرالارنىڭ رەتلىك ئولتۇراق ئۆيلىرى يېقىملىق باھار تۇيغۇسىنى بېرىپ قەلبىمدە شىئېرى ئىلھام قوزغايتتى . مەن تۇرۇۋاتقان بالامنىڭ ئۆيى مارىلەن شىتاتىنىڭ كولۇمبىيە شەھرىدىكى كىڭس كونچايۋېنسى مەھەللىسى ،پايتەخىت ۋاشىنگىتۇندىن ئانچە يىراق بولمىغان ئەڭ گۈزەل، ئەڭ باياشات ۋە ئەڭ جىمجىت مەھەللە ئىكەن. پىنھان ئارامگاھ دەپ تەرىپلىندىغان بو شاۋقۇنسىز، ئازادە مەھەللە كۈڭۈل قۇيۇپ لاھىيەلەنگەنلىكتىن، يىراقلاردىن كىلىدىغان سەيلى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن. بۇ مەھەللىدە ئاساسلىقى ئېنگىلىزلاردىن باشقا يەنە ھىندىستانلىقلار،كورىيەلىكلەر،تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، يىل بۇيى ياپيېشىل كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان قارىغاي، ئارچا، ئىرەن، شەمشات ۋە چىنار دەرەخلىرى مەھەللىنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ، ئاجايىپ كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىدىكەن. مەن نەۋرەمنى مەكتەپكە ئاپىرىپ - ئەكىلىش يۇلىدا كىتىۋېتىپ تارتىۋالغان فوتۇ سۆرەتلەرنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغۇم كەلدى. ناۋادا تورداشلىرىمنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالىسا، بېشىم كۆككە يەتكەندەك خۇرسەن بۇلاتتىم ۋە مۇشۇنداق فوتۇ سۈرەتلىرىمىنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشنى خالايتىم.
نەزەر سالغىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت!
2013-يىل 25-ئىيۇل ، ئامرىكا، كولۇمبىيە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-2 11:55
|