ئىگىسى: ئەرتېكىن

ئىزغىرىن شامال (پوۋېسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
121
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
121
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 18:07:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغاچقا غېرىپلىق، سېغىنىش دىگەنلەرنىڭ نىمىلىكىنى تازا ئاڭقىرىپ بۇلالمىغان ئىكەنمەن. دەماللىققا يېڭى موھىتقا كۆنەلمەي قالدىم. يېڭى ساۋاقداشلار بىلەنمۇ ھەدىگەندىلا ئىچەكىشىپ كەتكىلى بولمايدىكەن. ياتاق تۇرمۇشى دىگەنمۇ ئۆزگىچە بۇلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە شەھەرلىك بالىلارنىڭ دىمىقى ئۈستۈن، ھاكاۋۇر ئىدى. ئوغۇللار ھە-ھۇ دەپ بولغىچە چۈجە خورازدەك ھۆرپىيىپ قۇپاتتى. قىزلار ئادەم ياراتمايتى. بىرەر گەپ-سۆز سەل-پەللا كۆڭلىگە كىلىپ قالسا «باشقىلاردىمۇ كۆڭۈل دىگەن نەرسە باردۇ» دەپ ئويلاپمۇ قويماستىن «سەھرالىق»، «مەتو» دىيىشىپ ھاقارەتلەشكە ئاران تۇرۇشاتتى. ھەر سائەتلىك خەنزۇ تىلى دەرسىدە يېزىدىن كەلگەن بىر نەچچىمىز ئۇلارنىڭ مەسخىرە ئۇبىكتىغا ئايلىنىپ قالاتتۇق. ئۇلار بىزنىڭ تەلەپپۇزىمىزنى، قىياپىتىمىزنى تۇلىمۇ كۈلكىلىك ۋە بىچارە ھالەتتە دوراپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشەتتى. بۇ ئەھۋالدا تەبئىيلا ئۆيۈمدىكىلەرنى، دوستلىرىمنى، يېزامنى سېغىناتتىم. دىلىمغا تولا ئازار بەرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىلگىركى ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەپ قالاتتىم. بىر ھەپتە مەن ئۈچۈن بىر  يىلدەك تۇيۇلاتتى. لېكىن، بۇمۇ بىر ھېساپتا ئۆگىنىش پۇرسىتىمنى كۆپەيتتى. مەن شەھەرلىك بالىلارنىڭ ئاشۇنداق زاڭلىق قىلغىنىغا ئۆزەمنى بىر كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، قۇلۇمدىن كىتاپ چۈشۈرمەي دىگۈدەك ئۆگىنىپ ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ئارىدا يەنە تېخى دادامنىڭ مەن چوڭ بولغاندىن بىرى داۋاملىق ئۆيىمىزنىڭ تۆر تېمىغا ئېسىقلىق تۇردىغان كونا دۇتتارىنى ئالغاچ كىلىپ، ئىچىم سىقىلغان، غېرىپسىنغان، ئۆگىنىش قىلىپ چارچىغان بوش ۋاقىتلاردا ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان خەلق ئاھاڭلىرىغا غىڭشىپ يۈرۈپ ئاز-تۇلا يامىداپ چېلىشنى ئۆگىنۋالدىم.
                                                                                                  (داۋامى بار...)

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن

UID
53829
يازما
121
تېما
13
نادىر
0
جۇغلانما
121
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 16:57:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   داۋامى:  
  شەھەرلىك بەزى بالىلارنىڭ قىلىقىنى كۆرۈپ مەن ئۈچ يىللىق ئوقۇشىنى تۈگەتسىلا ئاپامغا، ئاپىسىغا ۋە باشقا بىر يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ يېڭىلا خىزمەتكە چۈشكەن كىچىك ئاكىسىغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بۇلىدۇ دەپ قارايدىغان مېھرىئاينىمۇ شۇلاردەك بۇلۇپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئارام كۈنلىرىمىز ئۆيگە قايىتقىنىمدا ئۇنى كىر سۈيى، ئەخلەتلەرنى تۆككىلى چىققان، پاختا زاۋۇدىدا ئىشلەيدىغان چوڭ ئاكىسىنىڭ قىزىنى ئوينىتىۋاتقان ياكى كوچىدا مايسەم خانىمنى قولتۇقلىۋېلىپ ئەركىلەپ مېڭىۋاتقان چاغلىرىدا ئاندا-ساندا كۆرۈپ قالغۇدەك بولسام دەرھال ئۆزەمنى تارتاتتىم.
  قىشىلىق تەتىل قۇيۇپ بەرگەن كۈنى، ئۇچقۇنداپ تۇرۋاتقان قار تۇزۇندىلىرىدىن تېيىلغاق بۇلۇپ كەتكەن پىيادىلەر يولىدا مۆدۈرۈپ، ئۈششۈپ قالغاندەك قىزىپ ئېچىشۋاتقان قۇلاقلىرىمنى دەم ئۇ مۈرەمگە، دەم بۇ مۈرەمگە سۈركەپ يۈرۈپ، كىتاپ-ماتېرىياللىرىم قاچىلانغان ئېغىر سومكىنى بىر قولۇمدا كۆتۈرۈپ، تېڭىقچە قىلۋالغان يوتقان-كۆرپەمنى دۈمبەمگە ئارتىپ، مىڭبىر بالالىقتا بىكەتكە ئارانلا كېلىپ تۇراتتىم، بىكەت دەرۋازىسى ئالدىغا توختىتىغلىق ئاپتۇبۇستىن مېھرىئاي چۈشۈپ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە سومكامغا قول ئۇزاتتى. مەن بىرەيمۇ-بەرمەيمۇ؟ دەپ ئويلاپ بولغىچە، ئۈزۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان ھالسىز قولۇمدىكى سومكا تېزلا ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئۇ سومكىنىڭ سالمىقى بىلەن شۇ زامانلا ئۈستىگە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.
- ۋۇي، نىمانچە ئېغىر؟! ئىچىگە تاش قاچىلىمىغانسەن بۇنىڭ؟ - دىدى ئۇ، شۇنچە قاتتىق سوغۇقتىمۇ پىشانىسىگە ۋىللىدە تەپچىرىگەن تەرنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرۈتكەچ ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ مېنى ئىلگىركىدەكلا سەنلەپ.
   - ھە، ساڭا ئوخشاش چوڭ مەكتەپلەرگە ئۆتەرمەنمىكىن دەپ كىتاپ قاچىلىدىم، - دىدىم مەن توڭلۇق بىلەن بىر ئاز جان كىرىپ قالغان قولۇمغا دەرھال سومكىنى ئېلىپ ئاپتۇبۇسقا قاراپ كىتىۋېتىپ. چىدىماسلارچە بەرگەن قوپال جاۋابىمغا سەل پۇشايمان قىلىپ توختاپ كەينىمگە بۇرۇلسام، ئۇ لېۋىنى چىشلىگىنىچە ماڭا ھەيران بۇلىۋاتقاندەك قىياپەتتە قاراپ تۇرۇپتۇ.
  - سىلەرنىمۇ بۈگۈن تەتىل قۇيۇپ بەردىمۇ؟ ماڭ! ئۆيگە بارساڭ ئالغاچ كېتەي، دىدىم مەن بېشىم بىلەن ئاپتۇبۇسنى شەرەتلەپ چىرايىمنى ئۆزگەرتىپمۇ قويماي.
  ئۇ بېشىنى يىنك چايىقىغىنىچە كۈلۋەتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش