كۆرۈش: 1558|ئىنكاس: 10

ئىزغىرىن شامال (پوۋېسىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 12:54:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

  تۇرمۇش دېمەك – تاساددىپىيلىق دېمەك. تۇرمۇش نۇرغۇنلىغان تاساددىپىيلىقلارنىڭ بىرىكمىسى. مانا، تۈنۆگۈنلا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن يۈرۈشكەن كىشلەر ئەمدىلىكتە ئاق باغلىشىپ يىغا، ھەسىرەت، ماتەم-مۇسىبەتكە چۆمگەن بۇ قورودىن بىر-بىرلەپ ئۇزاپ چىقىشماقتا.
  بېشىغا ئاپئاق لېچەك ئارتىپ مىڭبىر يىرىدىن تۆكۈلۈپ ھازا ئېچىۋاتقان، يولدىشى ئۆپكە راكى بىلەن ياشلا تۈگەپ كەتكەن خېلى يىللاردىن بېرى ئۈچ بالىسىغا ھەم ئانا، ھەم ئاتا بۇلۇپ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ جاپاسىنى يىتىپ ئاشقۇچە تارتقاننىڭ ئۈستىگە بىر تاللا ئارزۇلۇق قىزىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش ئازابى قۇشۇلۇپ، تىزلا جۈدەپ قورۇلۇپ قورايدەك بۇلۇپ قالغان مايسەم خانىم مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈشى بىلەنلا ھالسىز قوللىرىنى ئارىدەك سوزغىنىچە ھېقىقداپ يىغلاپ كېلىپ باغرىمغا تاشلاندى ۋە مەڭىز سۆڭەكلىرى تومپۇيۇپ چىققان ئەتسىز يۈزىنى مۆرەمگە يېقىپ پۈتۈپ كەتكەن، ئادەم ئاڭقىرغىلى بولمايدىغان ھەسىرەتلىك تاۋۇشلار بوزلاۋاتقان ئۈنى بىلەن يېڭىباشتىن تۆگە بوتلىقىدىن ئايرىلغاندىن مىڭ ھەسسە ئايانىچلىق ھالدا ھازا ئاچتى. بىردىنلا نەپسىم قىسىلىپ، نېمە قىلىشىمنى، نېمە دەپ تەسەللى بىرىشىمنىمۇ بىلەلمەي قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك تۇرۇپ كەتتىم. خانىم ئىسەدەپ بېشىنى كۆتۈرگەندە مۆرەمدىن نەچچە توننا ئېغىرلىقتىكى قورام تاش لەسسىدە چۈشۈپ كەتكەندەك ئىختىيارسىز يىنىك ئۇھ تارتىۋەتتىم. ئاپام ئىتتىك كىلىپ ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر دەپ تەسەللىي بەرگەچ ئىششىپ كەتكەن كۆز جىيەكلىرىدىن دۇمىلاپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىنى، كۆمۈرچىگى قىزىرىپ مىشىلداپ قالغان بۇرنىنى ئاپئاق قولياغلىقى بىلەن سىپاپ قويدى. ئەتراپىمغا ئاستا كۆز سېلىپ، ئالاماننىڭ ئارىسىدا خېلى كۆپ قولۇم-قوشنا، تۇنۇش-بىلىشلەرنىڭ، ساۋاقداشلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. خانىمنىڭ مېھىرىئايدىن چوڭ ئىككى ئوغلى قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرۇپ باغىرى خۇن بۇلۇپ تۇرسىمۇ ياشلىرىنى بىر-بىرىدىن يۇشۇرۇنچە پات-پاتلا سۈرۈتۈشۈپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە چېپىپ يۈرۈپ نەزىر ئىشلىرىنى ئىدىتلىق ئۇرۇنلاشتۇرپ يۈرۈشەتتى. خۇددى ئۇلار ھېلىلا ياقامدىن ئېلىپ، «سىڭلىمىزنى نىمە قىلدىڭ گۇي؟ تۆلە سىڭلىمىزنى!» دەپ غەزەپ بىلەن ئۇرۇپ كېتىدىغاندەك، جامائەتنىڭ ھەممىسى ماڭىلا قاراۋاتقاندەك، گويا بەدىنمىگە تۈمەنمىڭ خوخا تىكەنلەر  سانجىلىپ كەتكەندەك گۇناھكىرانە تۇيغۇدا بىئارامسىزلىنىپ غىپپىدىلا سىرىتقا چىقىۋالدىم.
  تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەن قىشلىق تەتىلنىڭ تۈنجى كۈنى. مەن قايىتىپ كىلىپلا بۇنداق بىر ئىشقا، يەنە كىلىپ مېھرىئاينىڭ يەتتە نەزىرسىگە دۇچ كىلىپ قېلىشىمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. توۋا!...  
  مەن ئىچىمدە بۇنىڭ چۈشۈم، ھېچ بولمىغاندىمۇ شۇنداقلا بىر خىيالىمغا كېلىپ قالغان تاساددىپىيلىق بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەپ كەتتىم. بىراق بۇ ھەقىقەتەن رېئاللىق ئىدى. ئۆز خىيالىمدىكىدەك ئۆزگەرتىۋېلىشىممۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يۈرىكىم تېخىچە ئەلەڭگىپ تۇراتتى. ئۈششۈك ھەرىسىدەك چېقىۋاتقان سوغۇقمۇ ئوتتەك تىنىقلىرىمنى پەسلىتەلمەيۋاتاتتى. نەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمنىمۇ ئاڭقىرالماستىن بېشىم گاراڭ ھالدا مېڭىپ كەتتىم.
  شۇ ماڭغانچە مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان، قېلىن مۇز تۇتۇپ كەتكەن شاخ ئۆستەڭنىڭ قۇمساڭ قىرغىقىدا توختىدىم. يار ئېلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر يىلى قىرغاقلىرىغا شاخ بېسىلىپ تۇرۇلدىغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ھەممە ئادەم «شاخ ئۆستەڭ» دەپ ئاتىشىدىغان بۇ ئۆستەڭ پۈتۈن يېزىمىزنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر غول ئۆستەڭ ئىدى. ئۆستەڭ قىرغىقىدىكى قاتار-قاتار سۆگەتلەر ئاللىقاچان يالىڭاچلانغان، خازان بولغان يۇپۇرماق پارچىلىرى قۇم دانچىلىرىغا دەرىد تۆكۈپ ئىزىلىپ ياتقان. ھەممىلا ئەتراپتىن غېرىپلىق، مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ...
  بىردىنلا ئىزغىرىن شامال ھۇشقۇيتۇپ بارغانسىرى ئەدەشكە باشلىدى. ۋۇجۇدۇم ھاۋادىنمۇ بەكرەك سوۋۇپ كەتكەندەك، كائىناتتىكى پۈتكۈل شەيئى ئۆستەڭدىكى مۇزغا ئوخشاش توڭلاپ قالغاندەك قىلاتتى. قاچانلاردىدۇر كىرپىكىمگە ئېسىلۋالغان، تېخى مۇز بۇلۇپ قېتىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر تامچە ياش بۇرنۇمنىڭ ئۇچىغىلا دۇمىلاپ ۋۇجۇدۇمنى ئەندىكتۈرۈپ تۇلىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىپ كەتكەن سۈكۈناتنى بۇزدى. كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئىختىيارسىز تىتىرەك بېسىپ چىشلىرىم كاسىلداپ كەتتى. ئىڭىشىپ ئايىغىم ئاستىدا ھېلىلا پۇتلىرىمغا يامىشىدىغاندەك سوغۇق يالتىراپ تۇرغان قۇمدىن بىر سىقىم ئالدىم-دە، خۇددى دەۋرەپ كىلۋاتقان ئەسلىمىلەر قوينىدىن يۇلقۇنۇپ چىقماقچى بولغاندەك غۇلىچىمنى كىرىپ تۇرۇپ يىراق-يىراقلارغا ئاتتىم. ئىزغىرىن شامال ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ يۈز-كۆزلىرىمگە غەزەپ بىلەن ئۇردى. تۇرۇپلا ئىچ-ئىچىمدىن يىغا ئولىشىپ، ئۆزەمنى تۇلىمۇ غېرىپ ھىس قىلىپ كەتتىم. ئايىغىم ئاستىدىكى قۇم دانچىلىرى تېخىچە ئۆچى چىقمىغاندەك ھۇمىيىپ ھەر يان تۇزغۇپ تۇراتتى. داۋالغۇپ تۇرغان چۈشىنىكسىز ھىسلىرىم مېنى كىملەرگىدۇر، نىمىلەرگىدۇر بازغىشقا ئۈندەيتى. بىراق، شۇ تاپتا مەندە بۇنداق جاسارەت ئەسلا يوق ئىدى. ھىسلىرىم تۇتۇق، كاللام قۇپقۇرۇق. تېخىچە سوغۇق يالتىراۋاتقان مۇزدەك قۇمغا ئاستاغىنە يانپاشلىدىم...
                                                                                                         (داۋامى بار...)

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 13:13:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئاران بىر كۆڭلۈمدىكىدەك قىلۋالدىم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇرۇنقىسىنى ئۆچۈرۈپ، مۇشۇ تېمامنى تەستىقلاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پوۋېستىمنىڭ داۋامىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يازماقچىمەن. تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 17:47:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:  
  ئىسىمنى بىلسەملا ئاپام بىلەن مايسەم خانىم ئىككىلىسى يېزىمىزدىكى مۇشۇ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە بىرگە خىزمەت قىلاتتىكەن، بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزمۇ مەكتەپ ئىچىدىلا ئىدى. مېھرىئاي ئىككىمىز تەڭتۈش بولغاچقا كىچىك چاغلىرىمىزدا دائىم دىگۈدەك بىرگە ئوينايتۇق. ئوقۇش يېشىغا يىتىپ مەكتەپكە قۇبۇللانغاندىمۇ خۇددى دىيىشىۋالغاندەك سىنىپقا كىرىپلا ئەڭ ئالدىدىكى ئۈستەل-ئورۇندۇققا بېرىپ ياندىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، ئۈستەل يۈزىنى قېرىنداش قەلەم بىلەن تەڭ ئىككىگە بۆلۈشىۋېلىپ قىن-قىنىمىزغا پاتماي خۇشال بۇلۇشۇپ كىتىشكەن ئىدۇق. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە تالاي رەنجىشىپ، تالاي ماي تارتىشتۇق. يەنە نەچچە قېتىم سىنىپ مەسئۇلىمىز بولغان ئاپام ئورنىمىزنى ئالماشتۇردى. لېكىن ئاپام مېھرىئاينى قايسى ئورۇنغا ئالماشتۇرۋەتسە مەن ھامان ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردىغان بالىنى قوپۇرۋېتىپ ئۆزەم ئولتۇرۋالغاچقا، ئاپاممۇ ئامالسىز يول قويۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشىمىزغىلا، ئىلگىرى ‹‹ۋاي، كەۋسەرجان›› دېيىشىپ قىلغىلى قىلىق تاپالماي قېلىشىدىغان بالىلار بىردىنلا مېنى ‹‹ھەي كەۋسەر!›› دەپ چاقىرىشىپ دۆشكەللىشىدىغان، ھاقارەتلەپ ئارىغا ئالمايدىغان، مۇئەللىملەرگە يامانلاپ چېقىشتۇرىدىغان، ‹‹سەن ئاپاڭنىڭ ۋاقتىدا بىزنى  ئۇنداق ئۇرىۋالغان، مۇنداق تىللىغان›› دېيىشىپ، مېنى تۇلا بوزەك قىلىدىغان بولىۋېلىشتى. سىنىپىمىزدا قانداقلىكى بىر نەرسە يۈتسە، بۇزۇلسا، چېقىلسا ئوغۇرلىغان، بۇزغان ئادەم مەن بولۇپ قالاتتىم. مۇئەللىم سوئال سورىسا تىرناق تاتلاپ ئايىغىنىڭ يىرىتىقىدىن ماراپ قالغان قاسماق پۇت بارمىقىغا قاراپ ماڭقىسىنى ‹‹مارىت-مارىت››تارتىپ بىزىرىپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بىزەڭ ‹‹قاپاق نوچى››لارمۇ، ھەتتا جاۋىلداق، بىشەم قىزلارمۇ مېنى كۆزلىرىگە ئىلىشمايدىغان، قەستەن ماڭا يۇقىدىغان قىلىقنى چىقىرىشتى. جۇغۇم كىچىكرەك بولغاچقا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان چاغلىرىمدا ‹‹ئسيان›› كۆتۈرۈپ قالغۇدەك بولسام، تاياق يەۋېلىپ ياكى سەت -سەت تىللاشلارغا لايىقىدا تىل ياندۇرالماي، بۇغۇلۇپ  ھۆر-ھۆر يىغلاپ كىتەتتىم ۋە ئاپامنى ئىزدەپ دەرىمنى تۆكەتتىم. بارا-بارا مۇئەللىملەرمۇ مېنى يامان كۆرۈپ قېلىشتى. مەنمۇ ئاپام ھەيدىمىگۈچە مەكتەپكە چىققۇم، دەرىسلەرنى ئۆگەنگۈم كەلمەيدىغان، دەرس ۋاقتىدىمۇ زىھنىمنى يىغالمايدىغان، كۈن بۇيى دەلتىدەكلا يۈرۈيدىغان بۇلۇپ قالدىم. سىنىپىمزدا پەقەت، دەرسلەردە ھەممىنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مېھرىئايلا مەن بىلەن بىرگە ئۆگىنىش قىلاتتى، تەسەللى بېرەتتى. ئەمدىلىكتە ئوغۇللار ئوغۇللار بىلەن، قىزلار قىزلار بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرىشىدىغان بولغاچقا، ئولتۇرىدىغان ئورنىمىزدىكى ئۆزگىرىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى زادىلا ئۆزگەرمىگەن ئىدى.   

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 20:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلارغا:
سەيياھ سۈپىتىدە كىرگەندە ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئەسەر ماۋزۇسى، ژانېرى، ئاپتۇر ئىسمى بىلەن كىرىشتۈرگەن سۈرەت كۆرۈنمەيدىكەن. مۇشۇ مەسلىنى بىر ھەل قىلىپ ھەر قاچان كۆرۈنىدىغان قىلىپ بەرسەڭلارچۇ؟

UID
53888
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-26 22:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەرتېكېن ئەسىرىڭىزنى تىمىتىپ سۇغارغاندەك ئاز-ئازدىن يولىماي كوپرەك يولىغايسىز،داۋامىنى كۆرۇشكە تەشنامىز.
  كىرشتۇرگەن رەسىم چىقىپتىغۇ؟ئەسەر نامى ،ئاپتۇر ئىسمى ھەممىسى بارغۇ؟

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 11:52:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yaprah555 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-26 22:34
ئەرتېكېن ئەسىرىڭىزنى تىمىتىپ سۇغارغاندەك ئاز-ئازدىن  ...

  ئوڭ قۇلۇم سۇنۇپ كىتىپ سەللىمازا ساقىيىپ بۇلالمىغان ئىدى، شۇڭا ئاز-ئازدىن ئۇرۇپ ئۇدۇللۇق يوللاۋاتىمەن، بارا-بارا جىق-جىق ئۇرۇپ يوللىغايمەن ئىنىشائاللا؛
  رەسىم مەسلىسىگە كەلسەك، ئەزا سۈپىتىدە كىرگەندە كۆرۈنگەن بىلەن، سەيياھ سۈپىتىدە كىرگەندە كۆرۈنمەيدىكەن. تور دىگەنگە بەزى ئەزا بولمىغانلارمۇ كىرىدۇ ھەم ئېنكاس يېزىش ھۇقۇقى بولمىغان بىلەن ئوقۇيالايدۇ. شۇڭا باشقۇرغۇچىلاردىن قانداقلا ھالەتتە كىرگەندە كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەھرىرلەپ بىرىشىنى سوراۋاتىمەن.   

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 00:06:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى:
  «ئاتمايدىغان تاڭ يوق» دىگەندەك، مېنىڭ بۇنداق سىقىلىش ئىچىدە ئۆتىدىغان ئازاپلىق كۈنلىرىممۇ تۇلۇقسىز 2-يىللىققا چىققاندا ئاخىر ئاياغلاشتى. شۇ يىلى يازلىق تەتىلدە مەن دادام، ئاپاملارنى قايىل قىلىپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېڭىلاپ سېلىنىۋاتقان ئىشخانا قۇرۇلۇشىدا كۈنلۈك ئىشلىدىم.دەسلەپ قۇرلۇشنى ھۆددىگە ئالغان ئادەم مېنى كىچىك كۆرۈپ ئىشچىلىققا قۇبۇل قىلماي تۇرۋالغان ئىدى، بىراق مەن «بىر كۈن بىكارغا ئىشلەپ بىرەي، كىچىك  ياكى كىچىك ئەمەسلىكىمنى كۆرۈپ باقسىلا» دەپ تۇلا يالۋۇرۇپ كۆزىگە كىرۋالغاچقا، ئاخىر بىر كۈن ئىشلىتىپ باقىدىغان، ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسام شۇ بىر كۈنلۈك ئىش ھەققىمنى بىرىپ قايتۇرۋىتىدىغان، ياراپ قالسام تا ئۆزەم بولدى دىگۈچە ئىشلىتىپ قالدىغان بۇلۇپ ماقۇل بولدى. شۇ كۈنى مەن تازا غەيرەت قىلىپ ئىشلىدىم. چوڭ ئادەملەر بىلەن تەڭ دىگۈدەك لاي، خىش تۇشۇدۇم. پۇتۇمغا خىش چۈشۈپ كەتسىمۇ «ۋاي!» دىمىدىم. ھەر قانچە ھېرىپ كەتسەممۇ ئولتۇرۋالماي، لىۋىمنى چىڭ چىشلەپ ئىشنى ئاقسىتىپ قويماسلىققا تىرىشتىم. قۇرلۇش ئورنىمۇ، ئۆيىمىزمۇ مەكتەپ ئىچىدىلا بولغىنىغا قارىماي تا ئىشتىن چۈشكىچىمۇ ئۆي تامان قاراپ قويمىدىم. ھەتتا چۈشتە ئاپام ئېلىپ چىققان تاماققىمۇ قارىماي، قۇرلۇشچىلار بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئوخشاش ناننى يوغان-يوغان چىشلەپ، چاينى سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ ئىچىپ يەنە ئىشىمنى قىلىۋەردىم. ئاپام ماڭا مەسلىكى كەلگەندەك قېشىمدا بىردەم قاراپ تۇرۇپ كىتىپ، ئاندىن قۇرلۇش ھۆددىگىرىگە بىر نىمىلەرنى دىگەچ تاماق قاچىسىنى شۇ پېتىچە كۆتۈرۈپ كىتىپ قالدى. كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە كەمسۆز ۋە سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەم مېنى «جېنى چىڭ، غەيرەتلىك بالىكەنسەن» دەپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى ھەم شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىمنى تۇلۇق بەرگەننىڭ سىرىتىدا بەش سوم مۇكاپات بىرىپ داۋاملىق ئىشلىسەم بۇلىدىغانلىغىنى ئېيتتى. شۇ تەرىقىدە ئىككى-ئۈچ كۈنچە ئىشلىۋىدىم، بىلىمنى ئالالمايلا قالدىم. شۇنداق بولسىمۇئاپامنىڭ ئىچى ئاغرىپ ئىشلىگىلى قويمىغىنىغا ئۇنىماي ئارلىقتا سوراپ بىر كۈن ئارام ئېلۋېلىپلا يەنە ئىشلەۋەردىم. بىر ئايدىن ئۇشۇقراق قۇرلۇشتا ئىشلىگەننىڭ پايدىسى بولدىمۇ-قانداق، تەتىلدىن يىغىلغان كۈنىلا، ئەمەت ئىسىملىك ئىلگىرى مېنى دائىم بوزەك قىلدىغان بىر ساۋاقدىشىم مېنى يەنە بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنىۋىدى، بار كۈچۈم بىلەن بىر مۇشىت قۇيۇشۇمغا كۆزىنى تۇتقىنىچە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن رەسمىي تۇتۇشۇپ قالدۇق. ئارىغا كىرگەن  بۇلۇپ ئۇنىڭغا يان باسقان يەنە بىر ساۋاقدېشىمنىمۇ يانپاشقا ئېلىپ يەر چىشلەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن بىرەرسى ماڭا ئاسانلىققىچە يۇقالمايدىغان بولدى. مەنمۇ ئالدىراپ بىر كىملەردىن قورقمايدىغان بولدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يېڭىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەكتىپىمىزگە تەقسىم قىلىنغان ئارزۇگۈل ئىسىملىك بىر خانىم ئىلگىركى بىز بىلەن ئانچە كارى بولماي يۈرۈيدىغان سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئورنىغا سىنىپ مەسئۇلى بولدى ھەم بىز بىلەن پارالېل بارلىق سىنىپلارغا تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىرىدىغان بولدى. ئارزۇگۈل خانىمنىڭ ئىللىق چىرايى، ھەممىمىزگە بىر خىل يېقىملىق مۇئامىلىسى، قۇڭغۇراقتەك جاراڭلىق ئاۋازى ۋە قىزىقارلىق دەرس ئۆتۈش مېتودى ھەممىمىزنىڭ قايىللىق ۋە مايىللىقىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، تىز ئارىدىلا مەكتەپ بۇيىچە ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپىغا ئايلاندۇق. مېنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىممۇ تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىلا ئەمەس، شۇ قىزغىنلىغىم بىلەن ئۆتۈلگەن ھەممە دەرسلەرگە باشلانغۇچ مەكتەپتىكىدەكلا ئەستايىدىل قۇلاق سالىدىغان ۋە تەكرار قىلدىغان بولدۇم. بىر قېتىملىق يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقىدا مەن «ۋېلى توخماق» دەپ ماۋزۇ قۇيۇلغان بىر ھېكايە يېزىپ تاپشۇرۇپ بىرىۋىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئارزۇگۈل خانىم ئۇنى ئۈلگىلىك ھېكايە سۈپىتىدە ساۋاقداشلارغا ئۇقۇپ بىرىپ مېنى ئالاھىدە ماختاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. دەرسلەردىمۇ تىز ئىلگىرلەشكە باشلىدىم. بارا-بارا ساۋاقداشلىرىمنىڭ مۇئامىلىسىمۇ ئۆزگەردى. شۇ چاغدىمۇ باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن تەڭ خۇشال بولغان، مېنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرغان ئەڭ يېقىن ساۋاقدىشىم يەنىلا شۇ مېھرىئاي بولدى.
                                                                                                      (داۋامى بار...)

UID
53888
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 11:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۇرۇڭ ،بۇنداقلىغىنى بىلمەپتىمەن.قىزىقىپ ئوقۇسام بەكلا ئاز ئىكەن،شۇڭا ..........
قۇلىڭىزنىڭ تېزراق ياخشى بۇلۇپ كېتىشىنى تىلەيمەن،سالامەتىگىڭىزنى ئاسراڭ!

باھا سۆز

ئەرتېكىن  رەھمەت!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 20:38:09

UID
54149
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 15:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ياخشى تىما يوللاپسىز قۇلىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم

UID
53829
يازما
63
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2013-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 17:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  داۋامى:
  مەكتىۋىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنمىغاچقا، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىنتاھانىدىن غەلبىلىك ئۆتۈپ كىچىك ئاكىسى ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن پېداگوگىكا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان مېھرىئايدىن باشقا ساۋاقداشلىرىم تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشتى. دەسلەپتە ئادەتتە ئوقۇشۇم شۇنچە ياخشى تۇرۇپمۇ ئىنتاھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكىمگە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ بىرەر ئاي چاممىسىدا تالا-تۈزگىمۇ بەك چىقماي، ھىچكىمگىمۇ گەپ قىلماي دىگۈدەك يۈردۈم. شۇ يىلقى يازلىق تەتىل مەزگىلىمۇ جىم-جىملا ئۆتۈپ كەتتى. ئاپامدىن مېھرىئاينىڭ ئوقۇشقا ئۇزاپ كەتكىنىنى، خېلى كۆپ ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغىنىنى، ئۇلارنىڭ مېنى سورىغىنىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. شۇ تەرىقىدە يەنە بىرەر ئايچە ئۆتتى. تولۇقسىزدا يەنە بىر يىل قايتىلاپ ئوقۇپ ئوتتۇرا تېخنىكوم ئىنتاھانىغا قايتا قاتنىشىشنىمۇ ئويلىدىم. لېكىن قانداقتۇر بىر تۇيغۇ مېنى ئۆزەمدىن كىچىك بالىلارنىڭ ئارىسىدا «خېمىر تۇرۇچ» بۇلۇشتىن تۇسۇپ تۇراتتى. قاپىقىمنى تۈرۈپ كۈنبۇيى كىتاپ ئوقۇيتۇم. ئۆيدە مەن قىلغۇدەك باشقا بىرەر ئىشمۇ يوق ئىدى. باشلانغۇچنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدىن تارتىپ، ئۆيىمىزدە بار بولغانلىكى بارلىق ئەدەبىي كىتاپ-ژۇرناللارنى قايتا-قايتىلاپ ئوقۇپ بولدۇم. كۈنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈۋاتاتتى. دادام-ئاپاملارنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە ئاخىر داۋاملىق يۇقىرلاپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ سوغۇق دولىنى قورۇيدىغان بۇلۇپ قالغان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دادام بىلەن بىرگە يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە كەلدىم ۋە شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا تىزىملاتتىم.
  ئىلگىرى ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغاچقا غېرىپلىق، سېغى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش