- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 57
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 57
- تىزىملاتقان
- 2013-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-29
- UID
- 52741
- يازما
- 57
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 57
- تىزىملاتقان
- 2013-6-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-29
- توردا
- 37 سائەت
|
زىيالىيلارنىڭ دەردى
http://bbs.misranim.com/thread-108357-3-1.html بۇ تىمىدىكى بوزقىرنىڭ ئىنكاسى
بۇ مۇسبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ھەم ھاياتىمدا تۇنجى بولۇپ بىر ئۇيغۇر دوكتورى بىلەن تونۇشقان ۋە ئىلمىي مۇلاقەتلەردە بولغان چاغلار ئېسىمدىن كەچتى :
2004-يىلى ئەتىيازدا « جۇڭگو مىللەتلىرى » ژۇرنىلىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمدە تەھرىر بۆلۈمىگە ماقالە ئەكەلگەچ مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئابدۇرەھىم تۇرسۇن بىلەن تۇنجى تونۇشقانىدىم.تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا مەرھۇمنىڭ كىچىك پېئىل ، كەمتەر ۋە سەمىمىيلىكى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.شۇندىن كېيىن بىز نەچچە رەت دىدارلىشىپ ئىلمىي مۇلاقەتلەردە بولغانىدۇق. دوكتۇر مېنىڭ ئۇيغۇر بۇددىزم ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمگە بولۇپمۇ بۇددا مۇتەپەككۇرى كۇماراجىۋا ھەققىدىكى مەخسۇس كىتابىمغا ياخشى باھا بېرىپلا قالماي يەنە بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئىلھام ۋە بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن ، ئۆزىدە بار جىددىي ئېھتىياجلىق بەزى ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى ھەم مۇشۇ ساھەدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇندىن كېيىن بىز دائىم ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغانىدۇق.
مەن، دوكتۇر ۋە شائىر ئوسمانجان ساۋۇت بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىنىڭ ئابدۇرەھىم تۇرسۇن دوكتۇرنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ،« ئۇيغۇر پوېزىيىسى» نامىدا نەشىر قىلدۇرغان ئىلمىي ئەمگىكىگە ئاجايىپ يۇقۇرى باھالارنى بەرگەنلىكى ھازىرقىدەك يادىمدا تۇرۇپتۇ.
بۇلتۇر كۈزدە شىنجاڭ تېلېۋېزىيىسى 5-قانىلىنىڭ « مەدەنىيەت بوستانى » پىروگرامما گۇرۇپپىسى نىمشېھىت تېمىسىدا بىر پروگرامما ئىشلىدى. پروگرامما گۇرۇپپىسى ۋە نىمشېھىت ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەكلىپى بويىچە مەنمۇ شۇ پائالىيەتكە داخىل بولۇپ قالدىم. بۇ ئىشلارنىڭ ئالدى -كەينىدە نىمشېھىتنىڭ قىزى – شائىرە بۈۋھەجەر ئارمىيا ئېلىنىڭ ئاغزىدىن دادىسى نىمشېھىتنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنىڭمۇ داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى قاتارىدا ئابدۇرەھىم تۇرسۇن ۋە نەبىجان تۇرسۇنلارنىڭ قولىدا رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «ئۇيغۇر پوئېزوسىيىسى» نامىدا نەشىر قىلىنغانلىقىدىن نەچچە يىللار بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقىنى ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەشۇ ئاكا-ئىنى ئىككى ئالىمدىن چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپلانغانىدىم.
شۇ چاغلاردا مېنى ئەڭ ئويلاندۇرغىنى بىر نەچچە تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن ، پەلىسەپە پەنلىرىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ياش ھەم يېتۈك بىر دوكتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر تەتقىقات ئورنى ياكى ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز ۋاقىتلار ئىدى.ھەتتا مەن ئابدۇرەھىم دوكتۇرنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش تارىخىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ كومىتېتىنىڭ توللۇق ئېتراپىغا ئېرىشكەنلىك ئىسپاتنامىسىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم.
كېيىنچە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەن خىزمەت يۆتكەپ جەنۇبقا قايىتىدىغان بولدۇم . دوكتۇرمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە رۇسىيە بىلەن چېگرا سودىسى قىلىدىغان ئىچكىردىكى بىر شىركەتكە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.
كېيىنچە ، مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنىپ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان « دېپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى» ناملىق ماقالەمدە ئابدۇرەھىم تۇرسۇندەك بىر نەچچە تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن ، پەلىسەپە پەنلىرىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ياش ھەم يېتۈك بىر دوكتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر تەتقىقات ئورنى ياكى ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم.
يېقىندا ئۈرۈمچىگە بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتناشقىلى بېرىپ مەرھۇمنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن فاتىھە قىلغاچ كۆرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتەي ، دەپ دوكتۇرنىڭ دېرىكىنى قىلسام بىر دوستىمىز ئابدۇرەھىم دوكتۇرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن جەنۇبتىن يەر ئالغانلىقىنى ، ھازىر شۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراشلىقىنى ئېيتقانىدى. بىر دوكتۇرنىڭ ئاخىر بېرىپ يەر تېرىيدىغان دېھقانغا ئايلىنىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلغانىدى. كەم ئۇچرايدىغان تالانىتلىق ئەدىب باتۇر روزىمۇ يوقسۇزلۇقنىڭ تۆمۈر تىرناقلىرى ئارىسىدا تىتما-كاتاڭ بولۇپ ئاخىر كۈپكۈندۈزدە ئۈرۈمچى كوچىسىدىلا كىشىلەر ئايىغىدا جان بەرگەنىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدىن ئاران 1 سوم پۇل چىققانىكەن.
مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات،يىزىقچىلىق ئىشلرى بىلەن بولوپ تۇرمۇش خراجىتى ئۈچۈن ئالغان قەرزلەرنىمۇ قايتۇرالماي قىينىلىپتىكەن …‹‹بۇ ئىنكاس مىنىڭ››
دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان ، باغرى سان-ساناقسىز مەدەنلەرگە تولغان ، قوينى كەڭ بۇ بىپايان زېمىننىڭ تالاي-تالاي ئادەملەرگە شىتات، ئازادە -يورۇق ئىشخانا ، ئاسايىشلىق تۇرمۇش يولى بېرەلىگەن بىلەن ئۆزىنى ئىلىم يولىغا ئاتىغان ئەشۇ تەمەسىز ئىلىم ئىخلاسمەنلىرىگە ئۆز تالانتىنى جارىي قىلدۇرالىغۇدەك بىرەر مۇقىم خىزمەت شارائىتى بېرەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ گېلىمغا ئاچچىق بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك بولۇپ، كۆز چاناقلىرىم ئىختىيارسىز نەملەشتى …
مەن ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا ئاللاھتىن ئارمانلىرى دەرمان تاپالماي ئۇ دۇنياغا ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان ياش ئالىمىمىز ئابدۇرەھىم تۇرسۇنغا جەننەت تىلەيمەن ۋە كەينى-كەينىدىن مۇسىبەت ياغقان پىشقەدەم زىيالىي تۇرسۇن بارات ئاكا ئائىلىسنىڭ بارلىق تاۋابىئاتلىرىغا سەبرى تىلەيمەن.. |
|