- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 560
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3770
- تىزىملاتقان
- 2011-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-28
- UID
- 10525
- يازما
- 560
- تېما
- 26
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3770
- تىزىملاتقان
- 2011-4-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-28
- توردا
- 306 سائەت
|
ھەممىمىزنىڭ بولسا روماننى راسا ماختاپ ئۆزىمىزنى خوش قىلغۇمىز بار ، ئەمما ئۇنداق قىلالمىدۇق ، چۈنكى ھەممىمىزلا رومان نەشىردىن چىققۇچە ئاجايىپ تەشنا بولغان بولساق ، ئەمما قولىمىزغا ئېلىپ ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قانداقتۇر نىمىلەردۇر دىيىلمەي قالغاندەك ، نىمىلەردۇ يېزىلماي قالغاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ لاسسىدە بولۇپ قالدۇق . ئاپتورنىڭ رومان ھەققىدىكى تەنقىدنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى پوزىتسىيىسىدىن تېخىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۇق . مېنىڭچە ئەسلى يالقۇننىڭ تەنقىدىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى مەمتىمىن ھوزۇر مەتبۇئەتتا ئاشكارە ئپادە بىلدۈرىشى كېرەك ئىدى . چۈنكى يالقۇننىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قايىل بولمىدى دىگەن تەغدىردىمۇ كۆپ جەھەتتىن پاكىتلىق سۆزلىگەنلىكى ئايدىڭ بولدى . راست ، مەيلى مەمتىمىن ھوشۇر بولسۇن ۋەياكى يەنە بىرسى بولسۇن چوقۇم بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىكىدەك ئەسەر يېزىپ چىقىش مەجبۇرىيىتى يوق ، ئەمما بىزنىڭ ئۆزىمىز ھۆرمەتلەپ قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن بەرگەن مەمتىمىن ھوشۇر ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش قەلەمكەشلىرىمىزدىن ئارزۇيىمىزدىكىدەك ئەسەر يېزىپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلىش ، تەلەپ قىلىشقا ھەققىمىز بار . چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يزىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ، ئۇلارغا شەرەپ سەھنىسىدىن ئورۇن بېرىۋاتقان ئادەم بىز . ئەمەلىيەتتە ئاقىلانىلىق بىلەن تەھلىل قىلىدىغان بولساق ھەقىقىي يازغۇچى خۇددى زوردۇن سابىرغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ ئۆزىدىن نىمىلەرنى يېزىشنى ، نىمىلەرنى دىيىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى ، ھېس قىلىشى كېرەكتى ... ئەلۋەتتە ، مەمتىمىن ھوشۇرمۇ بۇنى ھېس قىلالمايدىغان يەردە ئەمەس !
ئۇندىن باشقا مەمتىمىن ھوشۇر ئىنكاس قايتۇرمىغان ھالەتتىمۇ يالقۇننىڭ ماقالىسىگە باشقا چوڭلىرىمىزدىن بىرەرسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىدىغان مەجبۇرىيىتى بار ئىدى . ئەمما ھەممىسىلا « تۆگە كۆردۈڭمۇ ، ياق » دەپلا قولاقنى يوپۇرىۋالدى . ھە نىم بولسا شۇ چوڭلىرىمىزنىڭ ئورنىدا ماۋۇ تور ئەھلى بولسىمۇ ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلاسىلەر دەپ ئىككى تۆت تال گەپ قىلىپ قويدى .
قىسقىسى ، مەمتىمىن ھوشۇر يالقۇننىڭ ماقالىسىدىن ئىبرەت ئېلىپ ، ئەڭ ياخسىشى ئويغۇر خەلقىگە ئۇلارنى رازى قىلغۇدەك ئەسەر سۇنۇش ھەققىدە ئويلىنىپ باققىنى تۈزۈك ، بولمىسا ئۇنىڭ « قۇم باسقان شەھەر » دىن تاپقان شۆھرىتىنى قۇم باسىدۇ ........ |
|