- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 50
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 230
- تىزىملاتقان
- 2011-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-22
- UID
- 16194
- يازما
- 50
- تېما
- 14
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 230
- تىزىملاتقان
- 2011-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-22
- توردا
- 27 سائەت
|
‹سالچىلار › رومانىغا يېزىلغان تەنقىدكە باھا
ئاپتورى: پەرھات ئەمەت (تاشقىنجان)
يېقىندا شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرنى زىيارەت قىلىۋىتىپ يالقۇن روزىنىڭ‹ سالچىلار رومانى ھەقىدە دەسلەپكى تەنقىد› ناملىق ماقالىسنى ئوقۇپ قالدىم. مەزكۇر تېما ماقالە ئېلان قىلىنغان ژورنال بېتىنىڭ رەسىم ھالەتتە تارتىلىغان ئىلكىتۇرۇنلۇق نۇسخسى بولغاچقىمۇ ئوقۇشتا تور سۈرئەت ئاستا كېپقىلىپ خېلى ھەرەج تارتقان بولدۇم.شۇنداقتىمۇ خېلى يەرلەرگىچە داۋاملىق ئوقۇپ باقتىم.
يازغۇچىلارغا بولۇپمۇ كۆزگە كۆرۇنگەن يازغۇچىلىرىمىزغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ئوبزۇرچى بولۇش سۈپتىدە ئاپتور ماقالىدە ‹سالچىلار› رومانىنى ئىپادىلەش ئۇسلۇبى،سىيۇژىت قۇرۇلمسى،بايان ئۇسلۇبى،ئىدىيۋى خاھىشى ،خەلق ئاساسى ،پىرسوناژلار،،،قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىن چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئەمەس بەلكى ئەدەبىىي تەنقىد بىرشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكنى ئوتتۇرغا قويغان . چۈنكى، نەزەرىيە جەھەتتىن :‹ئەدەبىى ئەسەرنى تەنقىدسىز قوبۇل قىلىش ئەدەبىياتنى خارابلاشتۇرىدۇ.› شۇڭا ئاپتور كەسكىن ئەدەبىي ئوبزورچى سۈپىتىدە مەسئۇلىيەتچلىق بىلەن سىلىق سىپايلىقنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ گەپنى ئوچۇق قىلغان ئىكەن.
ئەلۋەتتە،ئەدەبىي تەنقىدچلىقتە مۇلايىملىقىنى تەكىتلەش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما ئەدەبىى تەنقىد ئاغزاكى بايان بولمىغاچقا ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەققىدە ئۇنداق بۇنداق دەپلا بىر نەرسىلەرنى دېيشمۇ مۇۋاپىق بولماس دەپ قارايمەن. بۇ بىزدىكى تەنقىد ئىڭىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ،ھېسسى مۇئامىلدە بولغانلىقىمىز ئەمەس بەلكى ئەدەبى تەنقىتتا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان تەرەپلەرگە قارىتا زورقىپ كەتمەسلىك، كەڭ قورساق بولۇش، زىغىرلاپ كەتمەسلىكمىز كېرەك دېگەنلىكتۇر.
گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتسام مەن يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹سالچىلار رومانى›نى تېخى رەسمى ئوقۇپ باقمىدىم. ئەمما شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ ‹ بىر كىتاب ،بىر ئالەم›پراگراممىسدا كىتاب ھەققىدە ئازات سۇلتان ۋە كىتابنى نەشىر قىلغان ئورۇندىكى يەنە بىرەيلەننىڭ سۆھبتىنى باشتىن ئاياغ قىزىقىپ كۆردۇم. ئۇلار رومانغا شۇنداق ياخشى باھا ۋە پىكىرلەرنى بەردى. يازغۇچى مەمتىىن ھوشۇر ئاكا باشتىن ئاياغ پەقەت سالچىلار ئۈستىدە سۆزلىدى. بۇ ھەقتىكى فىلىمنى كۆپچلىك توردا كۆرگەن بولغاچقا تەپسلاتنى سۆزلەش ھاجەتسىز.
پراگىراممىدىكى مۇناسۋەتلىك زىياللىرىمىزنىڭ بايانلاردىن شۇنى چۈشەنمەك تەس ئەمەسكى سالچىلار رومانى قانداقتۇر ‹ئانايۇرۇت› رومانى ياكى باشقا رومانلاردەك ئەينى دەۋردىكى تارىخى ئارقا كۆرنۇشنى ئىپادىلەشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس. بەلكى كىشلىك تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بىر پارچە نادىر رومان خالاس. ئەمما ئاپتور :رومان شۇ دەۋردىكى تارىخنى سۈرەتلەپ بەرمىگەن، ‹تارىخ ئېڭى تۆۋەن› دەپ ئاغرىنىپ سالچىلار ياشىغان دەۋردىكى تارىخى ۋەزىيەتلەرنى تەھىلىل قىلىپ بۇ ھەققىدىكى ماتىرياللارنى دەلىل كەلتۇرۇپ ئاۋرە بولغان. مېنڭچە‹ سالچىلار ›نى نوقول ھالدىكى تارىخى رومان دېمەي بەلكى ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى توپىدىكى سالچىلاردىن ئىبارەت تارىخىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن ئەمما بىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ يىراقتىكى كىشلەرنىڭ ھايات داستانىدىن ئىبارەت دەپ قارىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق . بىز رومانغا مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا ئاندىن ئۇنىڭ بولغان ۋەزنى ئېغىر تارىخى قىستۇرمىلارنى زورلاپ تاڭمايمىز.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسلۇبى جەھەتتىن ئالساق ،مەيلى قۇم باسقان شەھەر بولسۇن ياكى باشقا ئەسەرلىرى بولسۇن رەسىمى ھالدىكى مەلۇم دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئەمەس باشقىچە ئېيتساق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر رېئالسىتىك تۈسكە ئىگە تارىخى رومان يازغۇچىسى ئەمەس.ئۇنىڭ ئەسەرلىردىكى كىشلەربىزگە خۇددى ئەتراپىمىزدا تېپلىدىغاندەك ئەمما يىراق دەۋرلەرگە ياكى تارىخقا مەنسۇپ بولغان ،يۇمۇرسستىك،ھەرخىل قىزىقارلىق ۋەقەلەرگە باش بولغان پىرسۇناژلاردىن ئىبارەت. ئاپتور باشقا يازغۇچىلاردەك تارىختىكى كىشلەرنى تولىمۇ سۈرلۈك قىلىپ ياكى شۇ دەۋرگە ماس ھالدا ئاكتىپلاشتۇرۇپ سۆزلىتشتەك سۇنئيىلىقنى بۆسۈپ تاشلىغان يازغۇچى دېيشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاپتور ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنى يەنى سالچى دېن ئىبارەت بۇ كىشلەرنى مەركەز قىلىپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. بىز بۇلارنى مەمتىن ھوشۇر ئاكىنىڭ تېلىۋوزردا «- بۇ ئادەملەر› دەپ سالچىلارنى زوق ئىشتياق بىلەن تىلغا ئالغانلىقىنى ھەر بىر سۆزدىن بايقايمىز . ھەرگىزمۇ سالچىلار ياشىغان دەۋردە ۋەزىيەت مۇنداق ئىدى دەپ تارىخى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئۇچراتمايمىز.
ئۇنىڭ باشقا ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلتىش ئورنى ياكى مەنسى مەسىلسى :مەسلەن. يامۇلنىڭ چىرىكى بىلەن ساقچى ۋە سوتچى دېگەندەك ئاتالغۇلار . بىز روماننىڭ بىر ئەمەس ئىككى توم ئىككەنلىكىنى بىلىمىز.شۇنداقلا سالچىلارنىڭ ياشىغان دەۋرلىرنىڭ ئوخشمايدىغان تارىخى دەۋرلەرنىڭ كېسىش نۇقتىسىدا ئۆتكەن ئىكەنلىكىنى ئويلساق ئالماشقان ئىككى دەۋردىكى ئاتالغۇلارنىڭمۇ ئۆزگىردىغانلىقىنى چۈشنىشمىز كېرەك. لىكىن ئاپتور بىر يىل ئىچىدە دەپ ئالغان. ھالبۇكى سالچىلار رومانى بىر يىلدىكى مەلۇم ۋەقەلىكىنى ئاساسي سىيۇژىت قىلغان ئەسەر ئەمەس.
ئاندىن باشقا بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى بىلەن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەپ ئېلنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار ئەسەر يازغۇچىلاردا دائىم كۆرلۇپ تۇرىدۇ.بۇنى ھەتتا بىز تەھرىراتنىڭ ئىشى دەپ گۇمان قىلساقمۇ ئوشۇق كەتمەيدۇ. قايسى بىر يازغۇچىمىز تارىخى روماندىمۇ تەڭرى تېغىنى پىرسوناژ تىلدا سۆزلەتكەندە___تىيانشان تاغلىرى دەپ ئالغۇزغان،بۇ خەنزۇچە ئاتالغۇنى قەدىمى دەۋردىكى ئاتا بۇۋىمىز ئىشلەتمىگەنلىكى ئۆزدىن مەلۇم.بۇنىڭغا سېلشتۇرغاندا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەپ ئېلىنىپ قېلىشى ئەسەردە تىلغا ئېلىپ كەتكۈدەك ئوبزورنىڭ ۋەزنىگە چۈشۈپ كەتكۈدەك نەرسە ئەمەس.ئەلۋەتتە بىز ھەممىمىز يازغۇچىلاردىن ئەستايدىللىقنى تەلەپ قىلىمىز. شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بىر ئىلمى ماقالىسىمۇ يېقىندا ئامىرىكىدىكى بىر نوپوزلۇق ژورنالغا ئالدىراپ ئېلان قىلىنىپ بىرەيلەنىنڭ ساقلانغان مەسىلىلەر توغرسدا ماقالسى ئېلان قىلنىپ كېيىن دەرھال تۈزىتىلگەنلىكى توغرسدا بىر خەۋەرنى كۆرگەنتىم.دېمەك بۇخىل مەسىلىلەر ئىنسانچلىقتا كۆرۇلۇپ تۇردىغان يېزىقچلىق سەھۋەنلىكى بولۇپ ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ ياكى تەتقىقاتچىنىڭ ‹ تارىخى ئېڭى تۆۋەن› بولۇشى ياكى ئىلمي بولمىغانلىقىغا دەستەك بولالمايدۇ.
ماقالە ئاپتورى ئۆزنىڭ تەنقىدى ماقالسىدا سالچىلارنى كۆزگە ئىلمىغان ۋە ئۇلارنى ھاياتنىڭ قەدىر قىممتنى بىلەيدىغان ،ئەخلاقى چۈشكەن كىشلەر دەپ سىياقىدا تەسىۋرلەنگەنلىكىنى مسال بىلەن ئوتتۇرغا قويغان. بۇنىڭغا بىر قسىم دېئالوگلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىنىق ئەلۋەتتە. لىكىن بۇلار سالچىلارنىڭ ئوبرازنى پۈتۈنلەي خۇنۈكلەشتۇرۇپ قويۇشقا سەۋەب بولالمايدۇ. ھەمدە روماننىڭ ئو مومى مۇۋەپپىقيتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. بىز ‹سالچىلار› رومانىغا تەنقىدى پىكىر بېرشىمىز كېرەككى ھەرگىزمۇ روماندا كەتكۈزۇپ قويۇلغان بىر قىسىم دېئالوگلار ۋە بايانلارنى دەستەك قىلىپ قانداقتۇر ئىنكار قىلىش پوزىتسىيسىدە بولماسلىقىمىز لازىم.
ئەلۋەتتە، تەنقىدچىنىڭ سالچىلارنىڭ بەزى دېئالوگلىرى ھەققىدىكى تەنقدىلىرىنى ئورۇنلۇق ھەمدە بۇ تەرەپلەرگە يازغۇچىلارنىڭ جۈملىدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭمۇ باشقىچە ئۇلارنى ئۆز مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى‹مىللى قەھىرىمان›لاردىن قىلۋەتمسىمۇ لىكىن لايىقىدە سۆزلىتىپ ئۇلارنى ئەنئەنە ۋە ئۆرۇپ ئادەتنىڭ مەسۇلاتى سۈپتىدە ئەكس ئەتتۇرشنى ئۈمىد قىلىمىز.
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشورنىڭ ئۇشبۇ مول ھوسوللۇق ئەدەبىي ئىجادىيتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىلگەردە بىز بىلەن يۈز كۆرۇشۇپ يەنىمۇ يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن كاتتا ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۇش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ رومانى‹ سالچىلا›ر توغرسدىكى باھا ۋە پىكىر مېنڭچە توختاپ قالمايدۇ.سالچىلارنىڭ ئابىدسى خەلق قەلبىدە تىكلىندۇ.خەلق ئۇلارنىڭ باتۇرانە،تەۋەككۇلچىلىق روھىدىن ئېلھام ئالىدۇ. بىز كاتىرلاردا لەيلەپ،كۆلچەكلەردە قولۋققا چۈشۈپ سەيلە قىلغىنمىزدا ياكى پاراخوتلار بىلەن يىراقلارغا سەپەر قىلغان چېغىمىزدا ئاشۇ ئىككى قولىدا ئىتتۇرگۇچنى چىڭ تۇتقان ھالدا شىددەتلىك ئېقىنلاردا سۈ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر سالچىلارنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
ئاپتور: پەرھات ئەمەت
[ مەنبە]: ئەلكۈيى تورى
يوللانغان ۋاقتى:2013- يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى
|
|