ئىگىسى: sazanda

ئۇيغۇردا ‹يەھۇدىي دۈشمەنلىكى› زادى نېمە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53727
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 15:48:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرى قەشقەردە چىركاۋ سېلىنسا بولامدۇ يوق! بۇ مەسىلىدە مەن قاتتىق مۇئامىلىگە ئۇچرۇدۇم، بولمايدىكەن.
ئۇنداقتا پاھىشخانا، قىمارخانا، گۆرۈخانا سالسىچۇ؟ چىركاۋغا قەتئىي قارشى چىققان كىشى بۇ سۇئالىمغا مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى. نېمىشقا «چىركاۋ سالسا بولمايدۇ! » دېگەن كىشى دىنىمزىغا زىت، كىشىلىرىمىزنى بىۋاستە بۇلغاۋاتقان ئامىللارغا دەرھال قارشى تۇرالمايدۇ؟
-------------

پاھىشخانا، قىمارخانا، گۆرۈخانىلار ياكى چىركاۋلارنى سالسا بولىدۇ- بولمايدۇلار ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا قالدۇرۇلغان مەسىلە ئەمەس.
مۇھىمى دىنى ئائىلىدىن چىققان، نۇرچىلار كاتتىۋېشى گۈلەننىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلغان ئۇيغۇر بالىسى نىمىشقا قەشقەردە چىركاۋ سېلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ؟
بۇنىڭغا ئالدى بىلەن گۈلەننىڭ ئىدىسى توغرۇلۇق گەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
گۈلەننى بەزىلەر ئىسمىغا قاراپلا بىدئەتچى نۇرچىلارغا مۇناسىۋەتلىك دەپقاپتۇ. ئۇنداق بولسا سەل يەڭگىل بولاتتى. يەنى بىدئەتچى دىگەن مۇرتەد ئەمەس.

بىر مۇسۇلمان يۇرتىدا چىركاۋ سېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرەلەمدۇ؟ چىركاو دىگەن قانداق جاي؟ ئۇ شۇنداق جايكى ئىسلام شەرىئىتى ھۈكۈملىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان، مۇسۇلمانغا ئەشەددى دۈشمەن بولغان، قۇرئان، ھەدىستە ئەڭ ئېغىر لەنەت قىلىنىدىغان مۇشرىكلاردىن ئىبارەت يەھۇدى، خىرىستىئانلار توپى بۇرمىلانغان ئەقىدىسى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدىغان ئۇرۇن. يالغان مىللەتچىلەرمۇ زورىغا ئېغىزغا ئەپقۇيىدىغان ئابدۇقادىر داموللام 20- يىللاردا چېقىۋەتكەن چىركاۋ شۇ.
ئەمدى ئاغزىدىن ئىسلام ۋە سالام چۈشمەيدىغان گۈلەننىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىشى ئامرىكىدا ناسارالىقتا تەربىيلىنىپ، يۇرتقا قايتىپ خىرىستىئانلىقنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇزاق پىلانلىغان ئىسلامدىن يانغان مۇرتەدنىڭ پىلانىغا دەل چۈشىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە رۇسۇلىللاھ دەۋرىدىكى زىرار مەسچىتىنى سالغان ئىبنى ئۇبەي ئىشىغا ئوخشاش. شۇڭا گۈلەننىڭ يازمىلىرىدىن ھەزەر قىلىش زۈرۈرمۇ قانداق؟ بۇلارغا گۈلەن چۈشەنچە بەرسە.
==========================
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قېرىندىشىم. ئۆزىڭىزنى سەل تۇتۇۋالغايسىز.بىر ئادەمگە ئالدىراپ قالپاق كەيدۈرۈش ساغلام مۇسۇلماننىڭ يولى ئەمەس.بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكمۇ خەتەرلىك.چۈنكى ناۋادا بىز قارىلىغان ئادەم ئۇنداق بولماي قالسا ئۆزىمىزگە يېنىپ قالىدىغانلىقى ئېنىق.شۇڭا ئالدىراپ باشقىلارغا ھۆكۈم چىقىرىۋىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم.
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ دىنى ئائىلىدىن كىلىپ چىقىشى ئۇنىڭ  دىننى تەپسىلى بىلىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.بۇنداق ئادەملەر نۇرغۇن.دىيارىمىزدىكى قايسىبىر پىشقەدەم يازغۇچى –شائىرلار دىنى ئائىلىدىن كىلىپ چىقمىغان ياكى دىنى مەدرىستە تەلىم ئالمىغان.مەسىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،لۇتپۇللا مۇتەللىپ،ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن، تېيىپجان ئېلىيوف.سەيپىدىن ئەزىزى..قاتارلىقلارنىڭ قايسىبىرسى دىنى تەلىم تەربىيە كۆرمىگەن.ئەمما مۇھىمى ئۇلار دىننى زادى قانچىلىك ئۈگەنگەن.قانداق ئادەمدىن ئۈگەنگەن،قانداق ئۈگەنگەن،قانچىلىك توغرىسىنى ئۈگەنگەن،قانچىلىك خاتاسىنى ئۈگەنگەن، توغرىسىغا قانچىلىك ئەمەل قىلغان.. مانا بۇلار مۇھىم مەسىلە.. دىنى ئائىلىدىن كىلىپ چىققانلارلا ئەمەس داموللاجىم،مەخسۇماجىم،قاراجىم  ئاتالغانلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى،نىمە گەپلەرنى دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىزغۇ؟ شۇڭا ئۇنىڭ دىنى ئائىلىدىن كىلىپ چىققانلىقىنى ساپاق قىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمدى ئۇنىڭ گۈلەن دەپ تەخەللۇس قويۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئۆزى بىر ماقالىسىدا يازغان.شۇڭا بۇ ئىسىمنى نۇرچىلار بىلەن باغلىۋېلىشنىڭ ئاساسى يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلەننىڭ نۇرچىلىقنى تەشۋىق قىلغانلىقىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدۇق.
ئەمدى ئۇنىڭ چىركاۋ ھەققىدىكى گەپلىرىگە كەلسەك مەنمۇ بۇ گەپلەردىن ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندىم.بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھېلىقى ئادەمگە چىركاۋ قۇرسا دۇرۇس ئەمەسكەن،ئەمما پاھىشخانا،قىمارخانا سالسا بولامدۇ دەپ سوراش ئارقىلىق چىركاۋ بىلەن بۇ ئورۇنلارنى سېلىشتۇرۇپ يۈرگەنلىكى ھەمدە ھېلىقى ئادەمنىڭ بۇ سوئالغا دەرھال جاۋاپ بىرەلمەي ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى دەستەك قىلىشى ئادەمنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ.ھەم نەپرەتلەندۇرىدۇ. ئەسلىدە مۇسۇلمان بولغان بىر ئادەم بۇ ئىككى ئورۇننى سېلىشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ.چۈنكى چىركاۋ دىگەن مۇسۇلماننى ئەقىدە –ئىتىقادىدىن ،قىممەت –قاراشلىرىدىن ياندۇرۇپ  مەڭگۈلۈك بەخت –سائادەتتىن ئايرىۋىتىدىغان نەرسە. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار ھەر قانچە ئېغىر گۇناھ بولغان تەقدىردىمۇ لىكىن بىزنىڭ ئۇنى تۈزىتىش ياكى ئاللانىڭ ئەپۇ قىلىشىغا ئىرىشىش ئىمكانىيىتى بار.ئەمما بۇ دىگىنىمىز پاھىشخانا،قىمارخانىلارنى سېلىۋىرىشكە بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس.پەقەت ئىككى ئورۇننى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق دىيىشكە مەجبۇر بولدۇق. ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ  مەلۇم بىر يۇرتتىكى ھاراق دۇكانلىرىغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى بار.تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەلمەيدىغان بۇزۇقچىلىق ئۇۋىلىرىنى چېقىۋىتىش،كۆيدۈرۈۋىتىش ھەققىدە ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئوچۇق ھۆكۈملىرى بار..گۈلەن سوئال سورىغان ھېلىقى ئادەمنىڭ  نىمە ئۈچۈن مەڭدەپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى بىلمىدۇق. بەلكىم ئىنكاسى ئاستىراق ئادەم بولغان بولسا گۈلەندەك بىر گەپدان ئادەمنىڭ ئۇشتۇمتۇت تاشلىغان   سوئالىغا دەماللىققا نىمە دەپ  تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىشنى ئويلىشىپ بولغىچە گۈلەن بۇنى باشقا چۈشىنىپ قالغان بولسا كىرەك..
ئەمما بۇنى دەستەك قىلىپلا گۈلەنگە ئالدىراپ قالپاق كەيدۈرۈپ  « ئامرىكىدا ناسارالىقتا تەربىيلىنىپ، يۇرتقا قايتىپ خىرىستىئانلىقنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇزاق پىلانلىغان ئىسلامدىن يانغان مۇرتەدنىڭ پىلانى» دەۋەتسەك بۇ پىچىمگە ئاللانىڭ ئالدىدا قانداق جاۋاپ بىرىشنى ئويلىنىپ بېقىش كىرەك..
ئەمدى گۈلەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ ئەشەددى خاتالىقى شۇكى ئۇلار ماقالىلىرىدا دىننىڭ گىپىنى ئانچە-مۇنچە ئارلاشتۇرۇپ تىما يازسىمۇ لىكىن ئۇلاردا دىنىمىزغا بولغان تونۇش ئىنتايىن يۈزەكى.دىنىمىزنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چۈشىنىش قىزغىنلىقى يوق.ھەتتا 30-40 ئادەمگە تەۋھىدتىن بىر يىل سۆزلەپ دەرس بىرەلەيمەن دەپ مەيدىسىگە ئۇرغانلارنىڭ تىما-ئىنكاسلىرىدىن ئاددىسى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق بىر قېتىم ئەستايدىل ئوقۇپ  چىقمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كاللىسىغا كەلگىنى ياكى ئۇيەر –بۇيەردە  چالا موللىلاردىن ئوڭ-تەتۈر ئاڭلىۋالغانلىرى بويىچە ياكى ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ئاتالمىش ئىلمىلىق،ئادىللىق، ئوتتۇراھاللىق چۈشەنچىلىرى بويىچە دىنىمىزنى ئاشۇ رامكىلارغا سېلىپ سۆزلەپ كىتىدۇ. ئۆزىنىڭ كاللىسىدا بىكىتىۋالغان ئىسلام دىنى ناۋادا قۇرئان ئايەتلىرىگە ياكى سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپ كەلسە ئۆزىنىڭ كاللىسىنىڭ چاتاقلىقىدىن گۇمانلانماي ئايەت-ھەدىسلەرنى قاپيۈرەكلىك بىلەن رەت قىلىۋىرىدۇ ياكى ئىسلام دىنى تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ دەپ دىننى  بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى دىنغا بويسۇندۇرۇشقا   تىرىشىدۇ.  بۇ دىننىڭ مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەرنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ بولسا ئەستايدىل ئوقۇپ باقماي تۇرۇپ دىن ھەققىدە گەپ قىلغان ئادەم چوقۇمكى قاتتىق خاتالىشىدۇ.چۈنكى دىنىمىز گەرچە تەپەككۇر قىلىشقا  بۇيرۇق قىلسىمۇ لىكىن تەپەككۇرنىڭ شەكلى ۋە ئۇنىڭ يەكۈنى دىنىمىزغا ئۇدۇل كەلمىسە ئۇنداق تەپەككۇردا خاتالىق كۆرۈلگەن بولىدۇ.بۇنداق چاغدا ئايەت –ھەدىسلەرنى بۇرمىلىماي باشقا خىل ئۇسۇلدا تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ۋە تاكى دىنىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇدۇل چىققانغا قەدەر ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز لازىم.مانا بۇ ساغلام ئىسلام يولى ھىساپلىنىدۇ.شۇڭا ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دىگەن« ناۋادا   دىن  بىر كىمنىڭ رەئيى بويىچە بولىدىغان بولسا ئۆتۈكنىڭ ئاستىغا مەسھى قىلىش توغرا بولغان بولاتتى.ئەمما مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتۈكنىڭ ئۈستىگە مەسھى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» شۇڭا دەيمىزكى دىن نەقلى دەلىللەرنىڭ  ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.ئەقىل پەقەت شۇ نەقلى دەلىللەرنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىنىدۇ. گۈلەن ئەپەندىمدە بۇ خىل چۈشەنچىلەر ئىنتايىن كەمچىل. ئۇ بۇ دىننى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىلىرىدىن ياكى ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ئاتالمىش ئىلمىلىق ،ئادىللىق رامكىلىرىدىن چۈشىنىدۇ، بۇنىڭغا خىلاپ كىلىدىغان ھۆكۈملەرنى ئالدىراپلا قاپيۈرەكلىك بىلەن رەت قىلىۋىتىدۇ.ئۇنى دىنى ئەسەبىلىك دەپ چۈشىنىدۇ. پىكرى ئەركىنلىك ياكى دىموكراتىيە نامىدا دىنىمىزغا ئېغىر ياكى يىنىك دەرىجىدە قارشى تىما-ئىنكاسلارنى قوغداپ قويىدۇ..ئۇنىڭ دىنىمىزغا ، جەمىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئانچە چوڭ بىلمەيدۇ.ياكى ئىتىۋارسىز قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە خۇددى خىرىستىيانلىقنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئاتايىن ئامرىكىدىن قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ.بۇ دىن ھەرگىزمۇ فىزىكا ،خىمىيە، پەلسەپە دەرسلىرىگە ئوخشاش ھەر كىم ھەر نىمە دىسە بولىۋىرىدىغان ،دىموكراتىيە يولى ئارقىلىق  بۇنى ئاقلايدىغان نەرسە ئەمەس. دىندا قالايمىقان گەپ قىلغان ئادەم ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ،ھەتتا ئۆزىمۇ سەزمەي دىندىن چىقىپ كىتىپ مەڭگۈلۈك بەختى سائادىتىنى قولدىن بىرىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا دىنى مەسىلىلەرگە سوغۇققان مۇئامىلە بولساڭلار..دىننى دىن ئەھلىگە قويۇپ بەرسەڭلار..
دوستلارنىڭمۇ ھەر بىر ئادەمگە باھا بەرگەندە ئۇنىڭ ئادەملىك تەرىپىنى نەزەرگە ئېلىپ خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە ئىمكانىيەت بىرىشىنى ،ئالدىراپلا قالپاق كەيدۈرۈپ ئاللانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىنى،قايتا-قايتا ئەسكەرتىش ۋە تۈزىتىش بەرسىمۇ يەنىلا تۈزەلمەيدىغان جاھىل دىن دۈشمەنلىرىگە مىللەت ۋە سىنىپ ئايرىماي قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
گۈلەن ئەپەندىگىمۇ سەمىمى تەكلىپىم خۇددى ئەينى چاغدىكى مەمتىلى ئەپەندىگە ئوخشاش يول تۇتۇپ ئۇيغۇر مائارىپىغا كۈچ چىقىرىشىنى،دىنى مەسىلىلەرگە ئارلىشىۋالماسلىقىنى، دىننى قۇرئان-ھەدىستىن چۈشىنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى،بولۇپمۇ ماۋۇ تىمىدەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئارىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىدىغان ئىشلار بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ  ئاۋارە بولماي نامىزىنى ۋاقتىدا ئوقۇپ ئانا تىل مەكتەپلىرىنى بالدۇرراق ئېچىشقا بەكرەك كۈچ چىقارغان بولسا...

باھا سۆز

ahat1024  ئاللا ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن قېرىندىشىم..!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 12:42:29
nazi  بارىكاللا...........  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:34:22
yusup823  توغرا دەيسىز .  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 10:28:59
ZAKIR126  بارىكاللا ...... ئوي-پىكرىڭىز ،تەپەككۈرۈڭىزگە كۆز تەگمىسۇن !!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 00:27:32
ZAKIR126  بۇ تور بېتىدە مۇشۇنداقمۇ ئېسىل ئىنكاسلارنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 00:25:32

كۆيۈمچان ئەزا

كوممۇنېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

UID
3417
يازما
323
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
8384
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان يەھۇدى بار، كاپىر ئەرەپ...
ياخشى يامانغا كەلسەك ئەرەپلەرنىڭ ئوساللىقى يەھۇدىلارنى بىسىپ چۈشىدۇ
بىر پۈتۈن خەلىقنى ئەسكى قاتارغا چىقىرۋىتىش ئىنسان ئەخلاقىغا مۇخالىپ
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بىز يەھۇدىلار ئىجات قىلغان، يەھۇدىلار ئەقىل پاراستىنىڭ
جەۋھەرلىرىدىن ئايرىلىپ ياشىغان ئۇيغۇر يوق دىيەرلىك

يەھۇدىلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسىلامنىڭ زامانىسىدىمۇ بار ئىدى
بىز ئۇلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن ئەمەس ياخشى ئادەتلىرىمىز، كەڭ قورساقلىغىمىز
ئەپۇچانلىغىمىز،راھەت كەڭ قورساق ئىسلام ئەقىدىلىرىمىز بىلەن يەھۇدىلار(كۇپپارلار)
نىڭ مايىللىغىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك

ھىكايەت:
مۇھەممەت ئەلەيھىسىلامنىڭ زامانىسىدا ئىرۇسالىمدا بىر مۇسۇلمان بىر يەھۇدىغا قوشنا ياشىدى
بۇ يەھۇدى ھەركۈنى دىگۈدەك ئەخلەت، پوق،پاسكىنا مەينەت نەرسىلىرنى مۇسۇلمانغا ئۆچلۈك قىلغىنى
ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ ئىشىك ئالدىغا تۆكۈپ قوياتتى ،بۇ مۇسۇلمان 2 يىلدىن ئارتوق ئىرىنمەي ئۇ يەھۇدىنىڭ ئەخلەتلىرىنى تازلاپ قوياتتى، بىركۈنى بۇ مۇسۇلمان ئاغرىپ قالدى... ۋە باللىرىدىن قوشنىسى يەھۇدىغا گەپ يەتكۈزدى :
    مەن ئاغرىپ قالدىم ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا دوختۇرخانىدىن چىقىمەن ، يىقىنقى مەزگىلدە مەن ئۆيىمىزنىڭ ئالدىنى تازلىيالماسلىقىم مۇمكىن، لىكىن باللىرىم تازلاپ قويىدۇ، شۇنداقتىمۇ باللىرىم كىچىك
كۆڭلىڭىزنى رەنجىتىپ قۇيىشى مۇمكىن ئەپۇ قىلارسىز! مەن ساقايساملا ئۆزۆم تازلايمەن دىدى...
بۇنى ئاڭلىغان يەھۇدى خجىللىقتىن ئۆلگۈدەك بولدى-ۋە ئىككىنجىلەپ ئۆينىڭ ئالدىغا ئەخلەت تۆمىدى ۋە ئۇزۇن قالماي بۇ يەھۇدىنىڭ مۇسۇلمان قوشنىسى بىلەن ئالاقىسى كۈچىيىپ ئاخىردا مۇسۇلمان قوشنىسىنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىرىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى بولغان ئىسلامنى تۇنۇپ يىتىپ مۇسۇلمان بولدى
.........

گپنى قىسقارتىپ ئۆتەي، بىز ئەرەپلەرنىڭ سەنىمىگە دەسسىمەسلىكىمىز،شۇنداقلا غەرىپنىڭمۇ يەنە... ... بىر يەرنىڭمۇ سەنىمىگە دەسسىمەسلىكىمىز زۆرغې، چۈنكى بىزدىكى مەدەنىيەت، ئاتا بوۋلىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەت ، دىلىمىزدىكى بۈيۈك ئىسلامى پەزىلەتلىرىمىز دۇنياغا باشلامچى بولالايدۇ.بىز پەقەت ئۇيغۇرنىڭ ،كۆكتۈرىكلەرنىڭ ،قاراخانلارنىڭ ئۇيغۇر ئۇدۇمىنىڭ سەنىمىگىلا دەسسىسەك بولدى

باھا سۆز

deyarem  ئەمدى ئىشىپ تىشىپ جوھۇتلاردىن پاناھ تىلەمسىز ، نىمانچە بىچارىلىك بۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 00:36:37

UID
14317
يازما
19
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
109
تىزىملاتقان
2011-8-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:32:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arginakun يوللىغان ۋاقتى  2013-7-16 18:05
مۇسۇلمان يەھۇدى بار، كاپىر ئەرەپ...
ياخشى يامانغا كەلسە ...

ئەرەپتە سەنەم يوق ، ھەم بىزنىڭ دەسسەۋاتقىنىمىز ئىسلام ، سەنەم ئەمەس . پەيغەمبەر قانداق ئەككەلگەن بولسا شۇنداق دەسسەيمىز . بۇنى ئۇيغۇرچە دەسسىگىلى بولمايدۇ .مۇسۇلمانچە دەسسەيمىز .سۆز قىلغاندا نەگە بارىدغىنى ئويلاپراق ئىشلىتىڭ

باھا سۆز

arginakun  ئاستىدىن ئۈستىگە 2_ قۇرغا قاراڭ  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:50:15
arginakun  سىزنىڭ ئالا-جوقا سۆزلەيدىغىنىڭىزنى بىلىپ ئۇلۇغ دىنىمزىنى شىپى كەلتۈردۈم  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:49:53
arginakun  ئەرەپ مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مۇناسۋىتى بار بولغان ئىككى خىل ئۇقۇم  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:48:36
arginakun  كاللا دىسە پاچاق...  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 18:47:39

UID
53732
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 19:41:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ يېڭى ئەزا.ئاقساقاللىق قىلمىسام بولاتتى.لېكىن بۇ يەھۇدىيلار بىلەن ئەجدادلىرىمىزنىڭمۇ خۇشى يوق چېغى.شۇڭا ئۇلارنى جۇھۇت دەپ ئاتاپتىكەن.ھازىرمۇ بىرەر يامان ئىش قىلغانلارنى ئەيىپلىمەكچى بولساق‹‹ھۇ  جۇھۇت››دەپ تىللايمىزغۇ.

UID
28796
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 20:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار گۈلەن ئەپەندى ھىسسياتقا بىرىلىپ كەتتىمۇ قانداق،ئىنسان ئالقىشلار ئىچىدە خۇددىنى يوقاتمىغىنى ياخشى،خۇدا ئىنسالارنى تەڭ ياراتقان ،تەڭ بوللالمىغان ئۆزىمىز .بىلىملىك بولسا كىمىكى بۇ دۇنيا بولىدۇ شۇنىڭكى. نامراتلىق جىنايەت ،ھورۇنلۇق ئاپەت. قەشقەرگە بېرىپ 2 كۈن ساقلاپ گۈلەن ئەپەندى بىلەن كۈرەشەلمىگەنلىكىمدىن  تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ...

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 20:42:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن ئەپەندىنىڭ خەقنىڭ باھالىرىنى ئىتبارغا ئىپ كەتمەي  ئويلىغانلىرىنى دادىل ئوتتۇرغا قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.  
نادانلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاشمۇ ئىبادەت.

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 21:14:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىكىدا ئوقوپ ، خەلىقنىڭ خىزمىتىنى قىلاي دەپ كەلدى. تورلاردا‹ ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانمەن › دىگۈزدۈڭلار.
ئەمدى مۇشۇ گەپلەرنى دەپسىلەر .  قىنى گۈلەن ئەندىگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنىڭلار بارمۇ؟ تۈركىيەدە بولساڭ  تاماكا چىكىپ مەسجىتكە كىرىپ كىتىۋاتقان ئادەمگە نەسىھەت قىلماقچى بولساڭ چوقوم بىر مۇشت ياكى كاللا يەيسەن.  ئىبادەتنى سىنىڭ رازىلىقىڭنى دەپ قىلامدۇ؟ ھىسابنى ساڭا بىرەمدۇ؟  ھە قىرىندىشىم دەپ قويغاننىڭ گۇناھىغا بالاڭنى باشقۇرغاندەك باشقۇرىمەن دىسەڭ بولامدۇ؟
گۈلەن ئەپەندى سەندەك نامەرتلەرگىمۇ لايىغىدا جاۋاب قايتۇردى. بۇ ئۇنىڭ ئاش نىنىمنى مۇشۇلار بىرەمىكى دىگەنلىكىدىن ئەمەس، ياخشى بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقى، كىشىلەرنى باي كەمبەغەل، ئالى-تۆۋەن دەپ ئايرىمايدىغان، ئىنساننىڭ قەدرى قىممىتى بولىدىغان بىر جەمىيەتتە تەربىلەنگەنلىكىدىن بولدى.
توموچىلىقنى بوشراق قىلىڭلار..يىتەر..

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 21:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ تورداش دىگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەردە گۈلەن باشلىق زىيالىلار ئەسەرلىرىدە قۇرئان ھەدىستىن نەقىل ئالدى.
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى بايان قىلىش ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇنىمۇ يامان دىگىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ ياقمىغان كىشىلەرگە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ، مۇنبەردە ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قۇيرىقىنى تالاپ يۈرگەن چاغلاردا مۇنبەردە گۈلەنگە ئوخشاش ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالايدىغان ئادەملەر پەيدا بولدى. ئاندىن مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن گەپ باشلىشىغا ئايەت ھەدىسلەرنىڭ رايى،  ئوبىكىتلىرى ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەيدىغان ئىنتايىن قارا پايىن قوقونۇشلۇق بىر مۇنچە ھاشارەتسىمان ئىنسانلار پەيدا بولۇپ ئايەت ھەدىس دىگەننى تۆكمە قىلىۋەتتى، گۈلەنلەرمۇ بىر مۇسۇلمان بولغاچقا بۇ ئىشلار ئۇلارنىمۇ گاڭگىراتتى ۋە بىلىپ بىلمەي ئۇلارنىڭ كىسىلىنى يۇقتۇرۋالدى. گۈلەن  باشلىق زىيالىرىمىز ئۇنداق قىلمىسىمۇ بىز ئۇلارنىڭ ئىمانىدىن، ۋىجدانىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايمىز، ھەم ئەسلا ھەققىمىز يوق.
گۈلەننى تور دۇنياسىدا تونىدۇق. ئۇنىڭ بىلەن دەتالاشلاردا بولساقمۇ ئۇنىڭ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بىرەر نەرسىسىنى كۆرمىدۇق .. ھەر قانچە بولسىمۇ ئى ئىنسانلار ئىنساب قىلايلى.

UID
51326
يازما
132
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 21:52:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9bayawan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-16 19:41
مەنغۇ يېڭى ئەزا.ئاقساقاللىق قىلمىسام بولاتتى.لېكىن بۇ  ...

ئىنگىلىسىچدا يەھۇدىنى   جۇھۇشJewish(شۇنداقراق تەلەپۇز قىلمىز ، ئۇيغۇرچىدا ئەينەن تەلەپۇز قىلغىلى بولمايدىكەن ) دەيدۇ  ... مەنچە تىلمىدىكى جوھوت سۈزى بىلەن جۇھۈش سۈزىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك دەپ ئويلايمەن ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-16 21:53):
تىلىمزدىكى

باھا سۆز

adiyat  يەھۇدى دىگەن سۆزنى ئەڭگىلىسلار ئەكىرگەن دىمەكچىما؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 00:50:26

UID
52770
يازما
110
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 21:57:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئېغىزلا ئىنكاس:ساراڭ                                                                                                               

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش