كۆرۈش: 8994|ئىنكاس: 73

ئۇيغۇردا ‹يەھۇدىي دۈشمەنلىكى› زادى نېمە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15736
يازما
41
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 01:57:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن توردىشىمىز ماختاشلار ئارىسىدا سەل خودىنى يوقۇتۇپ قويدىمۇ قانداق؟گۈلەن تېمىلىرىدا باشتا ئۇيغۇردا ئەيىب يوق،ئۇيغۇرلاردا نوقسان مەۋجۇت ئەمەس،ئۇيغۇردا ئىللەت بولمايدۇ،شەخستە بولىدۇ دىگەن ئىدىيەدە مەيدانغان كەلگەن ئىدى،مانا ئەمدى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر تېمىسىدا ئىللەت بارلىقىنى يەنە كىلىپ ئۆزى ئىللەت دەپ سانىمايدىغان ئىشلارنىڭ ئۇيغۇردا كۆپلىكىنى بىلىپ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئوتكەندەك قىلدۇ،تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تېمىسى:

----------------------------------------
مۇنۇ سۇئاللار دائىم كاللامدىن كەتمەيدۇ:
1. ئۇيغۇرلاردا يەھۇدى دۈشمەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟
2. ئۇيغۇرلاردا گېتلىرگە ئىجابىي باھا بېرىدىغانلار بار، بۇنىڭدىكى سەۋەب گېتلىرنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
3. دۇنيادىكى بارلىق يامانلىقنى يەھۇدىغا باغلاپ چۈشىنىدىغانلار، دۇنيانى ماسۇن ئىسىملىك يەھۇدى مەخپىي تەشكىلاتىنىڭ كونتروللىقىدا دەپ قارايدىغانلار بار. بۇ يەھۇدى دۈشمەنلىكىنىڭ ئالامىتىمۇ؟
4. مەدەنىيەتلىك دۇنيا كومۇنىزىم بىلەن فاشىزىمنى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلاردا بىر قىسىم كىشىلەر كومۇنىزىم تەلىماتى بىلەن فاشىزىملىق دۇنياۋىي ئۇرۇشنى يەھۇدىلارنىڭ ئويۇنى دەپ قارايدۇ...بۇمۇ يەھۇدى دۈشمەنلىكىنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
5. يەھۇدى دۈشمەنكىگە بەكرەك مايىل كىشىلەر ئىچىدە تۈركىيە، مالايسىيە ۋە بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئوقۇغانلار بار. بۇنىڭدا مۇشۇ دۆلەتلەردە ئەۋج ئالغان بارلىق زىددىيەتنى غەرپكە-يەھۇدىلارغا دۆڭگەپ قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
6. ئۇيغۇردىكى يەھۇدىلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش قانداق سەلبىيي ۋە ئىجابى نەتىجىگە ھامىلدار؟
7. بىر قىسىم كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىۋاتقان يەھۇدى _خرىسىتىيان تەھدىتى ئەپسانىمۇ رىياللىقمۇ؟

يەنە بىرى قەشقەردە چىركاۋ سېلىنسا بولامدۇ يوق! بۇ مەسىلىدە مەن قاتتىق مۇئامىلىگە ئۇچرۇدۇم، بولمايدىكەن. ئۇنداقتا پاھىشخانا، قىمارخانا، گۆرۈخانا سالسىچۇ؟ چىركاۋغا قەتئىي قارشى چىققان كىشى بۇ سۇئالىمغا مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى. نېمىشقا «چىركاۋ سالسا بولمايدۇ! » دېگەن كىشى دىنىمزىغا زىت، كىشىلىرىمىزنى بىۋاستە بۇلغاۋاتقان ئامىللارغا دەرھال قارشى تۇرالمايدۇ؟


ئىنتايىن ھەجىۋىي يېرى، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرشۇناسلىقتا يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بىر قانچە ئالىم يەھۇدى. ئۇلار ئۇيغۇرچىنى كارامەت ياخشى سۆزلەيدۇ. تەتقىقاتتا شۇنچە، ئەستايىدىل، شۇنچە نەتىجىلىك.
مەن بىر قانچە يەھۇدى ياشلىرى بىلەن ئۇچرۇشۇپ باققان ئامېرىكىدا. ئۇلار ئۆزىنى ئاۋۋال ئامېرىكىلىق دەپ قارايدىكەن، يەھۇدىلارنىڭ تارىخى ھەققىدە مەنچىلىكمۇ بىر نېمە بىلمەيدىكەن. بىر يەھۇدى قىز ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىمەن دەپ ئىككى يىلغا يېقىن ئوقۇپ ھىچ نېمە ئۆگىنەلمىدى. قارىغاندا ئۇلار ئۇنچە ئەقىللىقمۇ ئەمەسكەن.
بىر سورۇندا يەنە يەھۇدىلارنىڭ گېپى بولدى، قارىسام شۇ يەھۇدى ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىشىدىمۇ سۈيىقەست بارمىش. ئويلاپ قالدىم يەھۇدىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا سۈيىقەست قىلىشىنىڭ نېمە تەخىرسىز سەۋەبى باردۇر؟
----------------------------------


گۈلەن، مەن سىزگە تەكلىپ بەردىم خالاس، مەن بەزىلەر ئېيتقاندەك قورۇقچىلىق قىلغىنىممۇ يوق، ئەمما سىز ھە دېگەندە دىنى تېمىلارغا ئارىلىشىۋىلىپ ئۆزىڭىز بىلمىگەننى ئاز دەپ
تىل جەھەتتىكى ئۇستىلىقىڭىزغا ئېلىپلا كىنايىلىك گەپلەر بىلەن ئۆزىڭىزنى يەنە مەركىزى نۇقتىدىن ئېلىپ قېچىۋاتىسىز، بىز بىر مۇسۇلمان بولۇش سالاھىيىىتمىز بىلەن ئېتىقاد ساھەسىدىكى ھۆكۈمنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن  ئېلىىشمىز كېرەك، يەنە تەكىتلەيمەنكى يوغان باشلىق، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرۇۋېلىش  ئىسلاھات تەرەپدارىدىكى ئىلىم ساھىبىغا ياراشماس بىر ئىشتۇر.  مەن سىز بىلەن ھەممە جەھەتتە ئوخشىمىغان قاراشتا ئەمەس، بىراق بەزى تەرەپلەردە پىشڭىزدىن تارتىپ قويدۇم خالاس، بىزگە دوست -دۈشمەننى ئاللىقانداق بىر كىملەر بەلگىلەپ بەرمەيدۇ، قۇرئانىمىز ۋە ھەدىىسمىز يېتەرلىك، سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى چۈشەنمىگۈدەك يەردە ئەمەسمەن، يىراقتىكى دۈشمەننى دەپ يىقىنىمىزدىن غەپلەتتە قالمايلى دېمەكچى دەپ پەرەز قىلدىم، ئەمما ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشتۇر... سىز ئەتراپىڭىزغا قاراپ باقسىڭىز كىمنىڭ دۈشمەن كىمنىڭ  دوست ئىكەنلىكىنى بىلگەن نۇرغۇن بەسىرەت ئىگىلىرى ئىىچمىزدە كۆپلەپ تۇرۇپتۇ، بۇ كىرىزىسلارنى ھېس قىلىش سىزنىڭ يېڭى پاتىنىتىڭىزمۇ ئەمەس. قۇرئان كەرىمدە ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بايان ۋە ھۆكۈملەرگە قارشى  پىكىردە بولۇش، ياكى مەسخىرىلىك قاراشلاردا بولۇش ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەسمىكىن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 11:57  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
53706
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2013-7-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 02:14:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورلاردا  خەلق  ئارىسىدا  راي سىناش  ئېلىپ بېرىپ  بېقىپ ، ئاندىن  مۇشۇندا  ھېسىي  پاراڭلارنى  قىلسىڭىز .


ئۇ شەھەرگە بېرىپ بىرسى بىلەن پاراڭلىشىپ ، بۇ دۆلەتتە بىر ئىشنى كۆرەپ ، ئۇ شەھەردە بىر قانچە سورۇندا بولۇپلا  ئاندىن تورغا چىقىپ سۆزلەۋەرسە بولىدىغان ئىش يوق .

زىيالىيغا خاس  ھالدا  ئىلمىيلىككە ئالاھىدە  ئېتىبار  بىرەيلى ، ئامىرىكىلىقلارمۇ  شىنجاڭغا كەلسە ئۇيغۇرلار مانداقكەن  دەپلا  بىر نەرسە يېزىپ كەتمەس ،
ئۈرۈمچىدە  بىر قانچە ئۇيغۇرنى كۆردۇم ، قەشقەردە بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن پاراڭلاشتىم ، ئۇيغۇرلار يەھۇدىيلارغا ،ئامىرىكىغا مۇنداق قارايدىكەن  دىگەندەك .

شۇڭا سەل شەھەر كۆرگەن ئادەمگە خاس  ھالدا ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بەرسەك .

گۈلەن ئەپەندىم مەن بۇ گەپنى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدا  مەيلى ئىزدىنىش ياكى قۇتاد  بىر قانچە قېتىم  دېدىم .

ئىلگىرى زۇلپىقار ئۈرۈمچىدە شالىيدا توي كۆچۈرگەننى كۆرۈپ ئۆز كەسپىگە خاس ھالدا  چاكىنىلاشقان جەمىيەت دەپ بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز  دەپتى ، ئۇ تىل ھاقارەتكە ئۇچىرىدى .

سەۋەب نەتىجىلەر  ئارا سېلىشتۇرۇپ  كۆرسەك ، زۇلپىقارمۇ  سىتاتىستىكا قولانمايلا بىر نەرسە يازىدۇ ، سىزمۇ  شۇنداق .
ئۇ ئۈرۈمچىدە بىرىنىڭ شالىيدا توي كۆچۈرگىنىنى كۆردى .
سىز بولسىڭىز  بىرسى بىلەن ئۇدا ئۈچ قېتىم پاراڭلىشىپ يەھۇدىيغا ئۆچلىكى ھەققىدە پاراڭلىشىپسىز.
شۇنداق بولغاندا زۇلپىقار ئامىرىكىدا ئوقۇپ ،ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىر شالىيدا كۆچۈرگەن توينى كۆرۈپ ، بىز قانداق چاكىنىلىشىمزى دېدى .
سىز بولسىڭىز بىرسى بىلەن ئۇدا بىرقانچە  رەت پاراڭلىشىپ ،  ئۇيغۇرلار نىمىشقا يەھۇدىيغا ئۆچ دىسىڭىز .

لىكىن  زۇلپىقار  توردا ئالقىشتىن  خالىي ئىنسان بولغاچ ، ئۇ ھاقارەتكە ئۇچىرىغان .

لىكىن سىزنىڭ زۇلپىقارنىڭكىدىن  پەرىقسىز سىتاتىستىكىسى يوق ياكى ھېچ ئىلمىيلىكى  يوق  پاراڭلىرىڭىز  خېلى كۆپ ئالقىشقا ئېرىشتى .

ئامىرىكىدا ئوقۇغان زىيالىيغا خاس ھالدا  ئەگەر بىر ئامىرىكىلىق شىنجاڭغا كەلسە  سىزگە ئوخشاش  بىر نەرسە يېزىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بولسا بىز تىللار بولغىيىمىتۇق .

نەدە جەمىيەت  تەكشۈرۈپ  يېزىپتۇ  ماۋۇ  ئامىرىكىلىق بېرىپ ئۇمىچىنى ئىچىپ كەلسە بولمامدىغاندۇ  دەيمىز .

شۇڭا بەك كۆپ دەپ كەتتىم ئىلمىيراق بولساق .

مەن  دارتمىلىمىدىم، كىنايە قىلمىدىم .

ئىزدىنشىتا  يازسام چاپانچىلار كۆپ ھەقاچان .
ئالدىنقى قېتىم دىگەندەك سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى نورمال مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدۇ دەپ .



يەھۇدىينىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان ، ماسوننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان  يېزا  سەھرالاردىكى  ئۇيغۇرنىڭ كۈندە كەچتىكى  خەلقئارا  خەۋەردىن  بولسىمۇ ئامىرىكىغا ، يەھۇدىيغا ئۆچ بولۇش ئەركىنلىكى  يوقمۇ .
شىنخۇانىڭ  زۇۋانىنى  تىلىسىڭىزلا  بولمىدىمۇ ، ھېي  ئۇيغۇرغا ئامىرىكىنى، يەھۇدىينى ئۆچ كۆرسەتمەي ، كوميۇتېرنى يەھۇدىي ياسىغان ، ئايروپىلاننى يەھۇدىي ياسىغان ، ئۇنى بۇنى  نۇرغۇن  نەررسىلەرنى يەھۇدىي ياسىغان دىگەندەك  ئىلمىي ھۈججەتلىك  فىملەرنى  كۆپرەك قوي ، ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشلىرى ، ئادەمگە  ئاسان  تەسىر  قىلىدىغان  ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئازراق قوي  دەپ  شۇلارغا  قاقشىسىڭىز  بولمىدىمۇ .
كۈندە كەچتە خەۋەردە قويمىسا قوشنىلىرىم ئامىرىكىنى نېمە بىلىدۇ ، يەھۇدىينى نىمە بىلىدۇ .



نەچچە  مىليون  ئەرەب ئىچىدە نەچچە مىڭ خىرىستىئان باركەن ،
70 مىليون  تۈرك ئىچىدىمۇ  نەچچە مىڭلىغان  خىرىستىئان  باركەن .

  10 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭىنىڭ شۇ يەھۇدىيغا ئۆچ بولشۇ ئەركىنلىكى يوقما .

ئەجىبا  ئامىرىكىدا  مۇسلمانغا ئۆچ ئامىرىكىلىقلارنى چىكاگودا ، لاس ۋىگاستا ، لوندوندا  كۆرۈپ باقمىغانما .

شۇلاردىمۇ  ئۈرۈمچى ، قەشقەردە پاراڭلىشىپ باققاندەك نەچچە يۈز ياكى نەچچە مىڭ مۇسۇلمانغا ئۆچلىرى چىقىپ قالمىدىما .

ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە ھاقارەت قىلىش  ۋە مۇسۇلمانغا ئۆچ بولشۇ ئەركىنلىكى  مەۋجۇت .
ئەجىبا  شۇ نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ يەھۇدىيغا ئۆچ بولۇش ئەركىنلىكى  يوق .
شۇ ئۇيغۇرنىڭ  ئاڭسىز ھالدىلا يەھۇدىينىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيلا ئۆچ بولۇپ قېلىش ئەركىنلىكى يوقمۇ ئەجىبا .

بىر ئامىرىكىلىق ئۇيغۇرنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، لىكىن مەن مۇسۇلمان دىسەم ، ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىدا بولىدىغان ئامىرىكىلىق ئامىرىكىدا ئۇچىرىماسمۇ .

سىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنى  بىردەك ئېلىپ مېڭىش بۇرچىڭىز بارمۇ ؟

چوقۇم پەيغەمبەرلەر دىنغا دەۋەت قىلغاندەك ھەممە سىز تەششەبۇسىدىكى ئىدىيەدە بولۇشى كىرەكما .

يازمىلىرىڭىزدا ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىڭ .
ھېسىي پاراڭ ئاز بولسۇن .
توردا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىمەن دەپ  سۆزلەۋەرسىلا ھېساب ئەمەس .


ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلىسىدە  ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ، ئويلاپ سۆزلە دەيمىز .
ھېسىي پاراڭ سۆزلىسەكمۇ سەل ئىلمىيراق سۆزلەيلى.


سىزنىڭ ئىرادىڭىزگە باقمىغان ھالدا ئىستانبۇل چوقۇم فەتىھ بولىدۇ دىگەنلەرگە ئوخشاش .
نۇرغۇن ئىشلار  سىزنىڭ ھېسىي ئىرادىڭىزگە باقمىغان ھالدا  ئاشۇنداق روياپقا چىقىپ قالغان .


خۇدا  كىشلەرنىڭ يەھۇدىيلارغا ئۆچ بولىشىنى  ئورۇنلاشتۇرغان .
سىز ئامراق بولسىڭىز بولىدۇ ، مەن ئامراق بولسام بولىدۇ . يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ چوقۇم ئۆچ بولۇش ئەركىنلىكى بار .
خۇدا  زىمىندىكى بارچە ئادەمدىن مانچە پىرسەنىت كاپىر ، مانچە پىرسەنىت مۇسۇلمان، مانچە پىرسەنىت خىرىستىئان قىلىپ تەڭشىگەندەك . شۇنىڭدەكلا مانچە پىرسەنىت ياكى مانچە پىروپىلك يەھۇدىيغا ئۆچ قىلىپ تەڭشىگەن .
شۇنچە پىرسەنىت ياكى پىروپىل يەھۇدىيغا ئۆچ يەرشارى ئادەملىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپ قېلىشى ئۇلارنىڭ شەخىس نۇقتىسىدىكى خاتالىقى ئەمەس .
بۇلارنى خۇدا شۇنداق تەڭشىگەن .

خۇدا ئەگەر خالىغان بولسا ئىنجىل ، تەۋرات ، قۇرئان ئۈچ كىتاب چۈشۈرۈپ يۈرگىچە سىزنىڭ ئوتوپىيە ئىدىيىڭىزگە ماس  ھالدا پۈتۈن قەۋىملەرنى بىر تۈز سىزىقلىق ئىدىيەدە تەڭشەپ قويغان بولاتتى .

ئىستانبۇلنىڭ فەتىھ بولىشىنى،  ھابىل قابىل ئارىسىدا ئۆلۈم دىگەن بىر نەرسىنىڭ بارلىققا كىلىشىنى ، شىئە - سۈننى لەرنىڭ دىننىڭ پارچە پارچە بۆلەكلەرگە بۆلۈنىشىنى  ئورۇنلاشتۇرغاندەك .
دۇنياغا باشقىلارنىڭ يەككە شەخىس ھالىتىدە يەھۇدىيغا ئۆچ بولىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان .
خۇدانىڭ شۇ  تاللىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرىشىدا  قىسمەن يەھۇدىيغا ئۆچ ئۇيغۇرلارمۇ بولىشى مۇمكىن .
ئۇلارنىڭ يەھۇدىي ، ئامىرىكا دىگەن ئۇقۇملارنى بىلەمي تۇرۇپ خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىرادىسى بويىچە يەھۇدىيغا ئۆچ بولشۇ ئەركىنلىكى بار .
ئۇلار ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا خۇدانىڭ ئىرادە قىلىشى بىلەن ئۆچ بولىشى مۇمكىن .


سىز كۆرگەن تۈركىيەدە فەتھۇللا گۈلەننى ياقتۇرغۇچىلار بار ، ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇغۇچىلار بار .
ھارۇن يەھياغا مەدىيە ئوقۇغۇچىلار بار ، ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇغۇچىلار بار .
يەنە بىر دىسەم دىموكراتىيە دىگەن نەرسە باراۋەرلىك بولۇپ ، دىموكراتىيەدە ئادىللىق ، ھەققانىيەت ، توغرا خاتا دەيدىغان پاراڭ بولۇنمايدۇ .
1+1 ئىكىدىن چوڭ ، كىچىك ،تەڭ ياكى نۆل خالىغان بىرسى بولسا بولىۋېرىدۇ .


شۇنىڭدەكلا 10 مىليون ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدە 10 مىڭ ياكى 100 مىڭىنىڭ  يەھۇدىيغا ئۆچ بولۇش ئەركىنلىكى مەۋجۇت  بولغان بولىدۇ .
بۇ دۇنيادىكى 6 مىلياردتىن كۆپ  نەچچە مىڭلىغان مىللەت ۋە ئىنسان ئارىسىدىكى يەھۇدىيغا ئۆچ بولۇشقا ئوخشاش بىر ئەركىنلىك .
بۇ خۇدا  شۇ ئىنسان تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئەركىنلىكى .

پەيغەمبەرگە ھاقارەت قىلغاندا  توردا  زۇۋانىڭىز چىقتىمۇ گۈلەن . دىمەك سىزنىڭ زۇۋان سۈرمەسلىك ئەركىنلىكىڭىز بولغىنىدەك .
باشقىلارنىڭ دۇنيادىكى  يەھۇدىيغا ئۆچ نەچچە مىليونلىغان ئىنسان ۋە مىللەتلەرگە ئوخشاش  ئۆچ بولۇش ئەركىنلىكى مەۋجۇت .

باھا سۆز

azat007  گەپنىڭ پوسكالىسىنى دەپ سىز مەن قولايمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 14:57:35
nazi  تۆۋە دەي ،،،مۇشۇ تېما ئۈچۈن ئاتايەن بۇ تورغا تېزىملاتقان ئوخشايسىز،،  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:21:29

UID
15736
يازما
41
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 02:33:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گولەن دەيدۇ: ئەسلى بۇ تېمىنى يېزىش ئويۇم يوق ئېدى. ئۈرۈمچىدە بىر دوستۇم بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ ئۈچلا قېتىم مۇشۇ يەھۇدى دۈشمەنلىكى مەسىلسى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر كىشىمۇ يەھۇدىلارنى دۈشمەن دەپ قارايدىكەن. ئۈچل قېتىم مۇشۇ ھەقتە قاتتىق مۇنازىرە قىلدۇق.
مەن بىر مىللەتنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. ئاللاھنى مۇسۇلمانلارغا بىر مىللەتنى قىيامەتلىك دۈشمەن تۇتۇشقا بۇيرىغان دەپ قارىغانلىق دىنىمىزغا تۆھمەت قىلغانلىق بولىدۇ.
كېيىن تورلاردا گېتلىر ھەققىدە مۇنازىرە بولدى، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ يەھۇدىلارنى قىرغانلىقىنى تۆھپە دەپ ھىساپلاشتى.
بىر قانچە كۈن ئاۋۋال قەشقەردە بىر كىشى بىلەن ئۇچراشتىم، مالايسىيەدە بەش يىلدەك ئوقۇپتۇ. باشتىن ئاخىر بۇ دۇنيانى يەھۇدىلارنىڭ باشقۇرۇپ كەلگەنلىگىنى .ئىسپاتلاشقا كۈچىدى، دۇنيادا يەھۇدىلاردەك رەزىل، قۇدرەتلىك، رەقىپسىز كۈچ مەۋجۇد ئەمەسكەن. مەن بۇ گەپلەرنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان بولغاچقا ھەيران قالمىدىم.

خىرىستىيان دۈشمەنلىكىمۇ يەھۇدى دۈشمەنلىكىدەك قىزىقارلىق مەسىلە.
كىتابلاردا شۇنداق يېزىلىدۇ، ئابدۇقادىر داموللام شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرغان ۋە شىۋىتلارنىڭ باسما ماشىنىسىنى چاققان...
مەنچە دىن تارقاتقۇچىلارغا قارشى نامايىش قىلىش توغرا ئەمما مەتبە ماشىنىسىنى چاققان ھەرىكىتى خاتا. چۈنكى مەتبە ماشىنىسد كىتاب باسساق بولىدۇ. گۇناھ خەقنىڭ ماشىنىسدا ئەمەس.
يەنە بىرى مەنچە نامايىشنىڭ نىشانى خاتا بولغان. شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى شىۋىتلارنى قوغلىۋەتكەن تەقدىردە، روسلار كېلىشى ۋە خىرىستىيان دىنىڭ بىر تارمىقى بولغان پىراۋۇسلاۋىيە دىنىنى تارقىتىشى مۇمكىن، ياكى ئەنگىلىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار كېلىشى مۇمكىن...مەسىلە چىگرىمىزدىن كىرىپ دىن تارقاتقانلارغا بىر بىرلەپ قارشى تۇرۇش ئەمەس، شۇ كىشىلەرنى چىگرىدىن كىرگۈزىۋاتقان شۇ چاغدىكى يەرلىك ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرۇش، تەلەپلەرنى ئاڭلىتىش كېرەك ئېدى.


ئەجداتلىرىمىز ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان لېكىن ئۇلارنىڭ خاتا قىلغانلىرىنى خاتا دېيەلمەسلىك بىزنىڭ شۇنداق خاتالىققا قايتا يول قويىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.



-------

گۈلەن بۇ تېمىنى مەن يۆتكىدىم: مەقسىتىم مۇشۇ سۇئاللارغا سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن جاۋاب ئاڭلاپ بېقىش،خاتا چۈشەنچىلەر بولسا ئايدىڭلاشتۇرۇش،

پاھىشخانا، قىمارخانا، گۆرۈخانىلار ياكى چىركاۋلارنى سالسا بولىدۇ- بولمايدۇلار ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا قالدۇرۇلغان مەسىلە ئەمەس.
مۇھىمى دىنى ئائىلىدىن چىققان، نۇرچىلار كاتتىۋېشى گۈلەننىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلغان ئۇيغۇر بالىسى نىمىشقا قەشقەردە چىركاۋ سېلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ؟
بۇنىڭغا ئالدى بىلەن گۈلەننىڭ ئىدىسى توغرۇلۇق گەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
گۈلەننى بەزىلەر ئىسمىغا قاراپلا بىدئەتچى نۇرچىلارغا مۇناسىۋەتلىك دەپقاپتۇ. ئۇنداق بولسا سەل يەڭگىل بولاتتى. يەنى بىدئەتچى دىگەن مۇرتەد ئەمەس.گۈلەن سىز پەتھۇللا گۈلەن ھەققىدە تەپسىلى توختالسىڭىز.

بىر مۇسۇلمان يۇرتىدا چىركاۋ سېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرەلەمدۇ؟ چىركاۋ دىگەن قانداق جاي؟ ئۇ شۇنداق جايكى ئىسلام شەرىئىتى ھۈكۈملىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان، مۇسۇلمانغا ئەشەددى دۈشمەن بولغان، قۇرئان، ھەدىستە ئەڭ ئېغىر لەنەت قىلىنىدىغان مۇشرىكلاردىن ئىبارەت يەھۇدى، خىرىستىئانلار توپى بۇرمىلانغان ئەقىدىسى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدىغان ئۇرۇن. يالغان مىللەتچىلەرمۇ زورىغا ئېغىزغا ئەپقۇيىدىغان ئابدۇقادىر داموللام 20- يىللاردا چېقىۋەتكەن چىركاۋ شۇ.
ئەمدى ئاغزىدىن ئىسلام ۋە سالام چۈشمەيدىغان گۈلەننىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىشى ئامېرىكىدا ناسارالىقتا تەربىيلىنىپ، يۇرتقا قايتىپ خىرىستىئانلىقنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇزاق پىلانلىغان ئىسلامدىن يانغان مۇرتەدنىڭ پىلانىغا دەل چۈشىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە رۇسۇلىللاھ دەۋرىدىكى زىرار مەسچىتىنى سالغان ئىبنى ئۇبەي ئىشىغا ئوخشاش. شۇڭا گۈلەننىڭ يازمىلىرىدىن ھەزەر قىلىش زۈرۈرمۇ قانداق؟ بۇلارغا گۈلەن چۈشەنچە بەرسە.

باھا سۆز

uyghuryar  ماشىنىدا قانداق كىتابنى باسىدۇ؟ چاققىنى توغرا  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 15:15:07

UID
51459
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 11:01:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شەخسەن مەن يەھۇدىيغا ئۆچ.....     بىر مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمان دىنىي قىرىندىشىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈلپەت، ئازاپ ئوقۇبەتنى ئۆزىنىڭ دەپ قارىمايدىكەن.    ئازاپلىرىغا تەڭ قايغۇرۇپ ، كۈلكىللىرىگە تەڭ  شاتلانمايدىكەن.   ئۇ ھەققىي مۇسۇلمان بولمايدۇ.......
  يەھۇديلار   پەلەستىن   پۇقرالىرىنىڭ  زىمىنىغا ،ۋەتىنىگە  تاجاۋۇز قىلدى، ئەزدى، زۇلۇم قىلدى، قىردى.....  ئەجىبا  ئىنسانىي نوقتىدىن  بولسىمۇ  ئۇنىڭغا  ئۆچ بولىماسسىزمۇ  ؟؟؟      

   گىتلىرنى ياخشى كۆرۈشنىڭ   بىر  سەۋەبچىسى   مۇشۇ بولسا، يەنە بىر سەۋەپچىسى   ئۇنىڭ ناتىق، مىللەتپەرۋەر،  ئىرادىلىك كىشىلىكىدە........

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 11:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىتلىرنىڭ قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە يۈكسەك تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلدى،بولۇپمۇ يەھەدىيلارغا!يەھۇدىيلار ئۇنچە بەك ئىسانىيەتكە يىقىشلىق مىللەتمۇ ئەمەس،ئۇلارنىڭ نىجىسلىقىنى بارچە ئەقىللىق،ئىمانلىق كىشىلەر بىلىدۇ.چىركاۋ سېلىش،پاھىشخانا سېىلىش دىگەن قانداق گەپ ئەمدى؟!مەيلى كىم بولسۇن،قانچىلىك قىلسا پەقەت ئۆزىگە،مەھشەركۈنىدىكى ھىساپتىن ئۆتەلمىسەبەدبەخىت ئىنسان ئەنە شۇ!گۇناھقا قاشى تۇرمىغان كىشى،ئەكسىچە گۇناھنى قوللىغان بولىدۇ.قارشى تۇرمىغان كىشىدە(قەلبىدە بولسىمۇ)ئىمان بولمايدۇ.ئىمان بولمىغان كىشى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتسىز،نىجىس كىشىدۇر.ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ يولىغا يېتەكلىسۇن!

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-15 11:38):
ئۇلاردا ئالىملارنىڭ كۆپلۈكىگە ھەيران قالماڭ،ئۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتى

باھا سۆز

nazi  ياخشى پىكىر،،،،  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:23:47

UID
52314
يازما
69
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
82 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 11:54:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى مەككىدە ھېچقانداق بۇد يوق ، ئۇلار پەقەت ئەنە شۇ مەككىنىڭ رەببىي بولغان ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلاتتى . ئەمما ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە دىنىي چۈشەنچە ئېڭى سۇسلىشىپ ماڭدى .
شۇ ۋاقىتلاردا مەككىدە باشقا چەتئەللەرگە بېرىپ سودا قىلىپ يۈرۈيدىغان بىر باي بار ئىدى . كىيىن ئۇ مىسىردا نۇرغۇنلىغان بۇتلارنىڭ بارلىقىنى ، كىشىلەر نېمىلەرنى تىلىسە شۇ بۇتلارنىڭ يېنىغا بېرىپ دەردىنى ئېيتىدىغانلىقى ۋە شۇلارغا قۇربانلىق قىلىدىغانلىقى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۈنى ھالى ئىنتايىن ياخشىلىنىپ ئىنتايىن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ شۇ تاپتا شۇ يەردىن بايلىق ئىلاھىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىشقاندا ، ھېلىقى دىنىي جەھەتتىن سۇسلىشىپ كەتكەن ، ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگۈچىگىمۇ ئىشىنىپ قەلىبلىرى شۇينىغا مايىل بولىدىغان ، ئەمما شۇ تاپتا خاتا بولغان بىر ئەقىدىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلگۈچىلەرنىمۇ شەرتسىز قۇبۇل قىلىپ كېتىدىغان بىر مەۋقەدە تۇرۇشقان قەۋم ، ھېلىقى ئۆزلىرى ھۆرمەتلەيدىغان باينىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىنى چاپسانلا قۇبۇل قىلىشتى ۋە ئۇنى بارا - بارا يۇرت كاتتىلىرىنى قايىل قىلىشىپ مەككىنىڭ ئەتىراپىغا تىكلەشتى . كىيىن ھېلىقى باينىڭ ئىرادىسىگە ئاۋاز قوشقانلار بارا - بارا ھېلىقى مىسىردىكى نېمىلەرگە مۇھتاج بولسا ئاللاھنى قويۇپ شۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلارنى تەدبىقلاپ ئەكىلىۋېرىپ ، مەككىنى توققۇز يۈزدىن ئارتۇق بۇتقا توشقۇزىۋەاتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يامغۇر ئىلاھى ، قۇياش ئىلاھى ، يۇلتۇز ئىلاھى ، سۇ ئىلاھى ، ئوت ئىلاھى ، چاقماق ئىلاھى ، تاش ئىلاھى ، زۇلمەت ئىلاھى ۋە باشقا شۇنىڭدەك شەيئىلەرنى باشقۇرۇپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن تەسەررۇپ قىلىپ تۇرىدىغان دېگەنكى ئىدىيەلەردە ھېلىقى بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋېلىشتى .
ئەنە شۇ خىل ئىدىيە كىيىنچە ئەقىدىگە ، كىيىنچە ئېتىقادقا ئايلىنىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ، گەرچە ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلىپ جاى ھەق پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ ، ئەنە شۇ خاتا ئېتىقادىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنلەر ھەمىشە دىنغا قارشىلىق قىلدى ۋە دىننى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بىردەك ئۆلتۈرمەك بولدى . ئاقىۋەتتە ئەنە شۇ مەۋقەسى بىلەن مۇشرىكلىكتىن ھالقىپ كاپىرلاردىن بولۇشۇپ كەتتى .
رەسۇللاھ بۇ زىيانكارلىقنىڭ بەزىسىگە ھېلىقى باينىڭ بۈگۈنمۇ ھەم شېرىك بولىدىغانلىقى - يەنى بۈگۈنكى بۇ قىرغىنچىلىقلارنىڭ ۋابالىغا شۇنىڭمۇ نېسىۋىدار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى . چۈنكى ئۇ خۇددى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ ئوغلى قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ ئىنسانلار ئارا تۇنجى ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولغىنىدەك ، ئۇنىڭمۇ ھەم ئۆز قەۋمىگە بۇزۇق ئەقىدىلەرنى سىڭدۈرۈشتە بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۈگۈنگىچە شۇ قەۋمدىكى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ زىيانكارلىققا ئۇچىرىغان كىشىلەرنىڭ قىساسىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا سۆز قىلغانىدى .
بىزنىڭ كورلىدا موڭغۇللارنىڭ بۇتخانىسى يوق ئىدى . چۈنكى ئىلگىرىدىن كىمكى شەھەر باشلىقى بولسا ، تەشكىلنىڭ بۇ خىل قارارىنى ماقۇل كۆرۈشكە دىنىي جەھەتتىن خۇدادىن قورقىدىغان باشلىقلار چىقىپ ، مۇشۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە ئۆز قەۋمىنىڭ شۇ سەۋەبلىك يېتىدىغان قىساسىدىن قورقۇپ تەستىقلىمىغانىدى . كىيىن شۇنداق بىر كىشى شەھەر باشلىقى بولدىكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ مازىرىمى بولغان تاغقا جايلاشقان ئىككى مازىرىمىغا كۆزى چۈشكەنلەرگە كېسىپ بېرىپ كىچىكلىتىۋەتكەن ، موللىلار ئۇنىڭغا ئەرەز قىلىپ بارسا خەنزۇلارنىمۇ ئۆلسە كۆيدۈرىدىكەنغۇ ، بىزنىمۇ كۆيدۈرسە نېمە بوپتۇ دېگەنكى قاراردە موللىلارنى ئىشخانىسىدىن چىقىرىۋەتكەن ھەمدە كىيىن يەنە كەلسە ئۇلارنى كۆرۈپ ئىشخانا ئىشىكىنى قاتتىق يېپىپ كىرىپ كەتكەن باشلىق ، ئاقىۋەتتە ئەنە شۇنىڭدەك ئالىيجانابلىقى بىلەن ھېلىقى بۇرۇندىن تەستىقلانمىغان بۇتخانا سېلىش ھۆججىتىنى تەستىقلىۋېتىش بىلەن چىمەن تاغدىن چۈشكەنكى بىر ئىگىزلىكتە بىر بۇتخانا قەد كۆتۈرۈپ تۇردى . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ شەرىق تەرەپ يېڭى قۇرۇلۇش تەرەققىيات شەھەرچىسىگە چىركاۋدىن بىرى ، ئىلگىرىكى كونا چوڭ ئاپتۇبۇس بېكىتىگە يېقىن جايدا يەنە بىر چىركاۋلار قۇرۇلدى .
گەرچە ھېلىقى شەھەر باشلىقى ئۆلۈمىدە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق پاجىئە بىلەن كەتكەن بولسىمۇ ، كورلىنىڭ شۇنىڭدىن كىيىنكى بۇ خىل قۇرۇلۇشلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بارماقتا . بۇ خىل قۇرۇلۇشنىڭ گىپى چىققان پەيتلەردە ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكىلى ئۇزۇن بولغان ( ئۆزىگە پىچاق تىقىپ ، تومۇرلىرىنى كېسىپ ئۆلىۋاپتۇ دەپلا تۈگەشكەن )  باشلىق ھامان تىلغا چىقماي قالمايدۇ .

تارىختىن بۇيان قايسى بىر دىيارغا بولمىسۇن ياخشى نەرسىلەرمۇ شەھەر كەزدىلەر تەرىپىدىن كىرگەن بولسىمۇ ، يامان نەرسەرلەرمۇ ھەم شۇنىڭدەك شەھەر كەزدىلەر تەرىپىدىن كىرىلىپ كەلگەن .
ئاللاھتائالا بۇنداقلارغا قارىتا سەيئى قىلىش بىلەن تەڭ ئارقىدىن ئىجتىھاد قىلغان دەپ كەلگەن . سەيئى قىلىپ ئايلىنىش بار . ئەمما ، ئارقىدىن نېمىلەرنى ئېلىپ قايتىش توغرىسىدا ئىزچىل پىكىر قىلىپ ئىجتىھاد قىلىش بار . بۇ يەردىكى ئىجتىھاد چوقۇم توغرا ، ئۈلگىلىك ۋە ئۆز قەۋمىنىڭ بۈگۈنى ھەم ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى بولۇش بىلەن چەكلىنىدىغان ئاقىۋەتلەرگە يەتكۈزىدىغان ئۈمىدلەر ئىچىدە بولسۇن .

سىلەر مۇنۇ شەھەر باشلىقىدىن نەپرەتلەندىڭلارمۇ ؟ ياكى شۇنداق بىر ئىش بوپتىكەن ھە دەپلا چەكلەندىڭلارمۇ ؟
توغرا يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى بەزى يامان بۇزۇقچىلىقلارنى ئەيىپلەشتە بارلىق يەھۇدىي مىللىتىنى چىشلەپ تارتىش توغرا ئەمەس . خۇددى ئۆز مىللىتى ئۇيغۇرلىقىدىن چەتنىگەن ۋە ئىسمىنى ھەم ئۆزگەرتكەن ئۇيغۇرلارمۇ بولغىنىدەك ، ھەر بىر مىللەتنىڭ بەزى بىر يامانلىقىدىن ھەر جەھەتتىن چەتنەيدىغان بىر بۆلۈك كىشىلىرى بولىدۇ . تارىخىنى بىلمىگەن ۋە بىلىشنى خالىمايدىغان ، ھەمدە ئۇ ۋاقىت دېگەن شۇنداق بىر ئۆتكۈنچى ۋاقىت دەپ قارايدىغان بىر يەھۇدىي قىز ، گىرامىنىيەدە ئوقۇش جەريانىدا شۇ يەرلىك بىرى بىلەن توي قىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . ئەمما ، تارىخىغا ھەم ئېتىقاد قىلىپ گىرامانىيەگە دۈشمەنلىكتە قارايدىغان ھەر بىر يەھۇدىي بۇنداق نىكاغا قارشى تۇرىشىمۇ مۇمكىن . ھەر كاللىدا ھەر خىيال دېگەن مانا مۇشۇ بولسا كېرەك !

UID
15718
يازما
48
تېما
5
نادىر
1
جۇغلانما
113
تىزىملاتقان
2011-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:30:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتادغۇبىلىگ تورىدىكى مۇنازىرىلەرنىڭ چۆپىدىن-سۈيىدىن ئىلغاپ ئەكىلىپ بىراۋغا قالپاق كىيگۈزۈشتىن باشقا ئىشى يوق بولغىيمىتى بۇ تىما ئىگىسىنىڭ؟ مۇشۇنىمۇ تىما دەپ تەستىقلىغان بارمۇ؟

شەخسىكە پىكىر بولسا شۇ ئادەمگە شەخسىي خەت يىزىپ ئوچۇق دىمەمسىز؟! مۇبارەك رامزان ئايلىرىدا بىراۋنى غاجاش ئۈچۈن تىما ئاچقانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلسۇن!

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-15 12:32):
بۇ ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلمەكچى بولغانلار قۇتاغۇبىلىگ تورىغا كىرىڭلار...

باھا سۆز

kitabhumar  رەنجىمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 16:02:11
kitabhumar  خىلىردىن بىرى سىزنىڭ ھەر بىر ئىنكاس ياكى تىمىڭىزنى ئۇچراتقان ۋاقتىمدا  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 16:01:39
kitabhumar  مومكىن بولسا ئىدى سىزدىن بىرلا سۇئال سورىغۇم بار ئىدى يەنى مۇسۇلمانمۇ سىز؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 16:01:01

UID
43136
يازما
245
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
245
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:45:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار  مەن بۇ تىمىنى قۇتاد  مۇنبىر دە  باشتىن ئاخىرى  كۆرۇپ بىر ئىغىز پىكىر  قاتناشتۇرماي  ب  تەرەپ بولۇپ تۇرغان  .
ئەلكۇيىمۇ قىلغىلى  ئىش تاپالماي  ئۇ  بۇ    مۇنبەردىن  تىما  ئوغۇرلاپ  ئەكىرىپ  مەن چاپلاپ قۇيدۇم  ئۇ  بۇ     ، دىمىسىڭىز مۇ    بەك  مۇنازىرە  قىلغۇڭىز  بولسا   تىمىنى قايسى  مۇنبەرگە  يوللىسا   شۇ يەردە  مۇنازىرە قىلسىڭىز   شۇ مۇنبەر دىكى  قىرىنداشلار نىڭ مۇ ھۆرمىتىنى قىلساڭلار. مىنىڭ ئاساسلىق دىمەكچى بولغىنىم  باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە  ھۆرمەت قىلساڭلار  .
بىر  تىمىنى  مۇنبەر  ئاتلاپ مۇلاھىزە  قىلمىسىمۇ  بولا   ھەرقايسى تور بەت  ۋە   مۇنبەرلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق  ئالاھىدىلكى بولدۇ  ئەمما  بەزەن بىر  ناچار  ئادەملەر  ئۇ ئۆينىڭ گىپىنى بۇ  ئۆيگە  توشىمىسا   ئۇ ئۆيدە  دىيشەلمىگەن پىتنە  پاساتلارنى يەنە بىر  يەرگە  ئاپىرىپ چاۋىسىنى  يايمىسا  كۆزىگە  ئۇيقا كەلمەمدۇ  دەيمەن شۇ  خەخنىڭ  شۇڭىمۇ بىز  ئۇيغۇر تۇرۇپ  ئۇرۇشقاق بۇلۇپ كىتىۋاتىمىز  مۇشۇ  كەمدە     قاراپ بىقىڭلا  مۇشۇ  ئەلكۈيى  تورىمۇ  ھازىر  شىنجاڭدا  ئالدىنقى ئوننىڭ بىرى  ھىساپلىندۇ  ئەمما  قىلغان  ئىشى  تۇنۇگۈن مۇنبەر  قۇرۇپ  مۇنازىرگە  ئادەم تاپالماي  ياتسىراپ قالغان  مۇنبەردەك  چۇپەي  ناچار  ئەخلاقسىز   ئىشلار نى  قىلىپ يۇرسە  مۇشۇ تىمىنى كۆچۇرگەن ئادەمنىڭمۇ  ئەلكۇيىنىڭ  ئوبرازىنى كەڭ تور  ئەھلىنىڭ  كۆڭلىدىن  چۇشۇرمەكتىن  باشقا  ئىستىكى  بولمىسا  كىرەك

UID
15736
يازما
41
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 13:00:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى يۆتكەشكە قارشى مىنى تىللاپ كەتكەن تورداشلار ھاياجانلانماڭلار،گولەن ئۇيغۇر دەپ تۇرۇپ تېما يوللىغان ئىكەن،ھەمدە ئۆزى چۈشىنەلمىگەن،ئۆزى نىمىشقا يەنە بىرى قەشقەردە چىركاۋ سېلىنسا بولامدۇ يوق! بۇ مەسىلىدە مەن قاتتىق مۇئامىلىگە ئۇچرۇدۇم، بولمايدىكەن. ئۇنداقتا پاھىشخانا، قىمارخانا، گۆرۈخانا سالسىچۇ؟ چىركاۋغا قەتئىي قارشى چىققان كىشى بۇ سۇئالىمغا مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدى. نېمىشقا «چىركاۋ سالسا بولمايدۇ! » دېگەن كىشى دىنىمزىغا زىت، كىشىلىرىمىزنى بىۋاستە بۇلغاۋاتقان ئامىللارغا دەرھال قارشى تۇرالمايدۇ؟دىگەن ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىگە سوئال تاشلىغان(تورمۇ ئوچۇق ئاشكارا سورۇن )ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرىنى دىيىش ھوقۇقى بولىدۇ،قۇتاد تورى بىر ئېچىلىپ بىر ئېچىلماي قالىدىكەن،يەنە كىلىپ بۇ تېما مىنىڭچە بارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە يوللانسا بۇلىدۇ.كەينىدىن غەيۋەت قىلىش باشقا گەپ،ئالدىدىن تورۇپ سۆزلەش باشقا گەپ،سىلەرچە ئۇيغۇرنىڭ قارشىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدا ئۇيغۇرلار بار ھەرقانداق مۇنبەردىكى تۇرداشلار ئىپادە بىلدۈرسە بولمامدۇ،گولەننىڭ ئىدىيەسى نۇرغۇن ئادەمنى قايىل قىلغانلىقى ئېنىق ئەمما ئىدىيەدە ئالدىدا مېڭىۋاتىمەن دەپ خالىغانچە ئاغزىغا كەلگەننى دەۋالسا ھېسابمۇ،تىل ئوينىتىش ،تىلغا ئۇستىلىق گۇلەننىڭ ئالاھىدىلىكى بىراق بۇ يەردىكى تالاش -تارتىش نىمىشقا پاھىشخانا بىلەن چىركاۋ سېلىشتۇرىلىدۇ دىگەن مەسىلە،يەنە كىلىپ مىنىڭ پەتھۇللا گۇلەن ھەققىدە تولۇق چۈشەنچە ئاڭلىغۇم بار،

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-15 13:02):
بىلگ ئەپەندىم مۇبارەك رامىزاننى تىلغا ئېلىپ تورۇپ تۆھمەت قىلماڭ،

باھا سۆز

nazi  تېما ئىگىسى « گېزندە» دىگەن سۆزنىڭ مەنسنى بىلەمسز؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:29:36
qabiljan  نۇتۇپ چېركاۋ سېلىشقا جامائەتپقكرى تەييارلىماقچىمۇسىز؟ ھۇ نىيىتى ئالا!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 21:33:52
qabiljan  پاھىشىخانا سالسا بولىدۇيۇ نىمىشقا چېركاۋ سالمايمىز دەپ بەھس قىلىپ سۆز ئوي  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 21:32:56
gheril  ئەخلاقسىز ئادەمكەنسىز. تېما ئىگىسى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 16:08:00
bilge  ھەر بىر ئېغىز گىپىڭىزدىن تۆھمەت چۈشىۋاتسا، ئەينەككە قاراپ بىقىڭ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 13:14:20

UID
43136
يازما
245
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
245
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 13:31:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز  پۇتۇن دەپسىز  نوچى بولسىڭىز  سىز مۇشۇ تىمىنى قايسى مۇنبەرگە  يوللىغان بولسا  شۇ مۇنبەرگە  چىقىپ  سىزگە تىمىسى  يارمىغان ئادەم بىلەن  مۇنازىرە  قىلامسىز  ياكى  باشقا ئىش كىلامسىز  بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى  ئەمما  باشقا مۇنبەردىكى  مەزمۇننى  بۇيەرگە  ئەكىىپ  ئۇنى بۇنى  دەپ يۇرمىسىڭىزمۇ  بولدۇ  سىزمۇ  نوچى  بولسىڭىز  بىزنىڭ دىيارىمىزدا   ساڭنا    ئاتلىق پاھىشەخانىلار  نىمىشقا  كۆپ  مىللىتىمىزنىڭ قىزلىرى  نىمىش قىلۋاتىدۇ  . ئەركەكلەرچۇ  ،  بۇنى  گۇللەن دىمىسىمۇ  ساڭنا  ئاتلىق  پاھىشەخانىلارنىڭ كۆپلەپ  ئىچىلىۋاتقانلىقى   مىھمان كۇتۇشلەچچۇ  تىخې  ئابدۇكىرىم  ئابلىزنىڭ ياتاقتا  دىگەن  ئىتوتىدىن  نەچچە  يىل  بۇرۇن پەيدا بولوغان ئىشلار ئۇ     
ئەنە شۇ يەرنى  ئاچقانلارغا  ۋە  شۇنداق يەردە ئىشلەۋاتقان قىزلىرىمىزغا  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟   
قىنى  قايسىڭلار    ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
شۇ     ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۇنى بۇنى  غاجىمىسىڭىز  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۇنىڭ بۇنىڭ   كەينىدىن سوكۇلدىمىسىڭىز  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
خۇدايىم بەرگەن يىگىرمە تۆت سائەت ۋاقىتنى توشقۇزالمايسىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش