ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن
ئەلكۈيىدىكى قەدىردان دوسلار،
ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
قۇت تىلەيمەن ،كۆڭۇل خانەڭلەر،
شادىيانە كۇلكىگە تولسۇن!
باياشاتلىق ياز پەسلىدە،
يېتىپ كەلدى روزا ھېيتىمىز.
خوشاللىقتىن كۈلگەي چېچەكلەپ،
ئەمدى بىزنىڭ يۈرەك قېتىمىز.
بىز مۇنبەردە تونۇشقان دوسلار،
مەڭگۈ تۇتاش دوسلۇق رىشتىمىز،
ئاكا-ھەدە،ئىنى-سېڭىل بىز،
بەكمۇ چوڭقۇر دوسلىق مىھرىمىز.
ئۇلۇغ ئايەم قۇتلۇق كۈنلەردە،
ياد ئېتىمىز بىر-بىرىمىزنى.
دېگۈمىز بار يەنە مۇڭدىشىپ،
يۈرەكتىكى گەپلىرىمىزنى.
ئامال بولسا ھېيىتلاپ كېلىڭلار،
سىلەر ئۈچۈن ئوچۇق ئىشىگىم.
ئالدىڭلارغا سېلىپ دەستىخان،
كۈتۈۋېلىش مېنىڭ تىلىكىم.
ھېچ بولمىسا ئايەم كۈنىدە،
جەم بولايلى مۇنبەردە دوسلار.
يەپ-ئىچىشتە ئەمەسقۇ مەقسەت،
دىدارلاشساق كۆڭۇل خوش بولار.
بىز ئوينىساق ھېيىتنى بىمالال،
مۇنبەر غىرىبسىنىپ قالمىسۇن.
ئالمىزاردىكى ئوت يۈرەكلەرنىڭ،
ئوت يالقۇنى ئۆچۇپ قالمىسۇن.
مۇبارەكلەپ ئايىمىڭلارنى،
كۆڭۇل ئىزھار قىلدى ئەتىرگۈل .
ھەمىمىزگە شادلىق يار بولسۇن،
قىلغايسىلەر سالامنى قوبۇل !
ئەلكۇيىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
ھېيىت كۈنلىرىڭلار ىوشال -ىوراملىق ئىچىدە كۆڭۇللۇك ئۆتكەي .
ئۇلۇغ ئاللاھدىن بارلىق ئەزىزلىرىمنىڭ تېنىغا سالامەتلىك ،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
مەنبە : ياش ۋاقتىمدىكى يازمىلار ھى ھى