ئىگىسى: jahankezdi

ئۈرۈمچى ماڭا نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15736
يازما
41
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
41
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت(ياڭخاڭ مەسجىت، نوغاي مەسجىتى، بەيتۇلمەئىمۇر مەسجىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، بۇ جايدا ھازىرقى زاماندا مودا كىيىنگەنلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ ئىشقىلىپ ھەر خىل ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇچرىتالايسىز، بىرەرسى بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ يەردىن تاپالايسىز ۋە ئۇچرىتالايسىز، ھالال مېھنىتى ۋە ئاددى ساددا، قىزغىنلىقى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلار، بىر كويغا ئۈچ،بەش كويغا ئۈچ دەپ توۋلاپ تۇرۇپ سودا قىلىۋاتقانلارنى پەقەت مۇشۇ جايدىلا كۈرۈشىڭىز مۇمكىن….

بۇ -ئۇيغۇرلارنىڭ بىر كارتىنىسى….يۇقۇرى تەرەققىيات رايۇنىدا ياشايدىغان ،بۇ تەرەپلەرگە كېلىپ باقمىغان 10 ياشتىن تۆۋەن باشقىلار كېلىپ قالسا، بۇلار چەتئەللىكمۇ دەپ سورايدىغان بىر ئاجايىپ ماكان. مەن ئۈرۈمچىنى ياخشى كۈرۈمەن، ئۈرۈمچىنىڭ مۇشۇ جايلىرىنى ياخشى كۈرۈمەن، قاچانلا قارىسا مەيلى قېلىن قار ياغقان كۈنلىرى بولسۇن، ياكى ھاۋا ئۇچۇق كۈنلىرى بولسۇن، مۇشۇ جايلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا،مۇشۇ جايلاردىكى بىر كويلۇق ماتاڭ، ياكى پاخپاقلارنى سېتىپ ھالال پۇل تېپىۋاتقانلارنى كۆرگەن ۋاقتىمدا دىلىمدا ئاجايىپ بىر قايىللىق ۋە خۇشاللىق ھىس قىلىمەن، مىللىتىمگە بولغان مېھرى-مۇھەببەت، قايىللىق ھەسسلەپ ئاشىدۇ…

ئۈرۈمچىدە، باشقا شەھەر،ناھىيە،جايلاردىن كەلگەن، خىزمەت ۋە باشقا ئىشلار سەۋەبلىك ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار ئاز ئەمەس، جۈملىدىن مەنمۇ جەنۇپتىن، ئايالىممۇ شۇنداق، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ يەردە خىزمەتكە ئۇرۇنلۇشۇپ، ئۆي ئېلىپ، توي قىلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

ئۈرۈمچىدە خىزمەت بېسىمى، ئۆي بېسىمى بىر قەدەر چوڭ، شۇنداقلا، ھاياتنىڭ رېتىمى باشقا ناھىيىلەرگە، شەھەرلەرگە قارىغاندا (شىنجاڭ ئىچىدىكى) بىر قەدەر يۇقۇرى، ئىستىمال سەۋىيەسى مائاشقا تەتۈر تاناسىپ ھالدا يۇقۇرى….ئەمما ئەرزان نەرسىلەرمۇ تېپىلىدۇ، ھەر قانداق كىشى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياكى قىممەت ياكى ئەرزان، ياكى باھاسى چۈشۈرۈلگەن مال-تاۋارلارنى سېتىۋالالايدۇ، بىرەر كىتاپقا ئېھتىياجلىقلارمۇ كىتاپخانا ياكى شەخسى كىتاپخانىلاردىن خالىغان،ئۆزىگە لازىملىق بولغان كىتاپلارنى سېتىۋالالايدۇ، جەنۇپتا خاتا دىئاگنوز قۇيۇلغان نۇرغۇن كىسەللەر ئۈرۈمچىدىكى تىببى داشۆ ياكى 2-دوختۇرخانىغا كەلسە ، كىسەل دىئاگنوزلىرى ئېنىقلىشىپ، كىسەللىرى شىپا تېىپىپ، قايتا نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ،( تېخى 25كۈننىڭ ئالدىدا ، ئاپىسىغا ئۆپكە راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بىر ساۋاقدىشىم ئۈرۈمچىگە ئاپىسىنى داۋالاتقىلى قېلىپ، قايتا- قايتا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۆپكە راكى ئەمەس، ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، كىسىلى ساقىيىپ يۇرتىغا كەتتى، قەشقەردە ئۆپكە راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندا، بۇلار شۇنداق ئازاپلىنىپ، بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ، ئاپىمىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بولدۇق دەپ ئويلاپتىكەن.) ئۈرۈمچى نۇرغۇن بىمار ياكى كىسەللەرنىڭ نىجاتلىق جايى دىسەكمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن پۇلى يوق ياكى پۇلى يىتەرلىك بولمىغان كىسەللەر بۇ جايغا كىلىپ، مېھرىبان ئانا ۋە مېھرىبان ئاتىلارنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى چۈشىنىدۇ…نۇرغۇن تور بەتلەرنىڭ ۋە ياكى شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى باش بۇلۇپ، شۇنداق كىشىلەرگە ياردەم بىرىدۇ، دوختۇرخانىلارغا بېرىپ يوقلايدۇ….

ھەر قېتىملىق رامىزاندا، سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، زوھورلۇققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، قارشى تەرەپ ياكى يان تەرەپتىكى بىنالاردىمۇ نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ چىراقلىرىنىڭمۇ ئاللىقاچان يېنىپ بولغانلىقىنى ،بەزى ئۆيلەردە مۇڭلۇق قىرائەتنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، ئىفتار ۋاقىتلىرىدا كىشىلەرنىڭ دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ،ساۋاقداشلىرى بىلەن ئاشخانىلاردا ئىفتار ۋاقتىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايقايسىز، ئاشخانىلاردا،يول يوللاردا كىشىلەرنىڭ ئىفتار قىلىۋېلىڭلار دەپ ، تاۋۇز،قوغۇن،نان،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى يول يوللارغا تىزىپ قويغانلىقىنى كۈرۈسىز، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىراش يوللاردىن ئۈتۈپ كېتىپ بېرىپ، ئەزان چىققان ھامان ياكى سائىتىگە قاراپ ۋاقىت توشقان ھامان قولىنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىپ،بىسمىللاھ دەپ شۇ تىزىپ قويغان نىمەتلەردىن بىر ئىككىنى رازىمەنلىك ۋە خۇشاللىق بىلەن ئاغزىغا سالغانلىقىنى بايقايسىز، بۇ ۋاقىتلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى سۇدەك ئىرىتىدىغان ، بىرى بىرىنىڭ ھەقىقى مېھرى-مۇھەببىتىنى ھىس قىلىدىغان ، كىشىلەر ئارىسىدىكى رەھىمدىلىك ۋە مېھرى-مۇھەببەتنىڭ تېخىچە بار ئىكەنلىكىدىن ھۇزۇر ھىس قىلىدىغان ئاجايىپ بىر دەقىقىلەردۇر. ھەتتا،بىزنىڭ قورودا شۇ رامىزان ۋاقىتلىرى خوشنىلار ئۆز ئارا ھويلىدا چوڭ داشقازانلاردا ئىفتارلىق تەييارلاپ، خوشنىلار نۆۋەت بىلەن بىر بىرىنى ئىفتارلىققا چاقىرىشىدۇ، كۈندە كەچلىرى ھويلىنىڭ شۇنداق بىر مېھرىبانلىققا تولغانلىقىنى ھىس قىلىمەن. چۈنكى، خوشنىلار بۇرۇن بىر بىرىنى تۇنۇشمىسىمۇ، قايسى بىنادا ئولتۇرۇشلۇق بولسۇن، كىملا بولسۇن، بۇ ئىفتارلىقتىن يىسە، ئادەملەر جىق بولسا، خوشنىلار شۇنچە خۇشال بولىشىدۇ، سۈيۈنىشىدۇ، ئىناقلىق ، ئىناق جەميەت، ئىناق خوشنىدارچىلىق دەپ مۇشۇنى دىمەي نىمىنى دەيمىز؟!

ئۈرۈمچى چوڭ شەھەر، بىر دوست بىلەن يەنە بىر دوستنىڭ ئۆيىگە بېرىشتا ماشىنىغا چىقماي ياكى تاكسىغا چىقماي ئامال يوق، ئارىلىق ئۇزۇن، ماشىنىلار جىق، قاتناش قىستاڭچىلىقى دائىملىق ئىش، قاتناش قىستاڭچىلىقى ۋە ياكى قار ياغقان كۈنلىرى ماشىنا ماڭالماي، ئۆز ئارا سۇقۇلۇپ كېتىش سەۋەبلىك خىزمەتكە كېچىكىش ئەھۋاللىرى دائىم بۇلۇپ تۇرىدىغان ئىش….

ئۈرۈمچىلىكلەر ئانچە باي ئەمەس، بۇلۇپمۇ 1998-يىلىدىن كېىيىن خىزمەتكە چىققانلار،باشقا يۇرتتىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئىشى بىلەن ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار، ئىدارىنىڭ قوروسىدا ئولتۇرىدىغانلارغا ئۆي بېسىمى ۋە تۇرمۇش بېسىمى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن،بىراق، ئىدارىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرماي تاۋار ئۆي سېتۋېلىپ، ئولتۇرغانلار بىر تەرەپتىن ئۆينىڭ قەرزىنى(تەخمىنەن 800 يۈئەندىن مىڭ يۈئەنگىچە،ھازىر تېخىمۇ يۇقۇرى) ھەر ئايدا ۋاقتى ۋاقتىدا بانكىغا تۆلەپ مېڭىشى كېرەك،تەخمىنەن 15 يىل، ياكى 20 يىل، ياكى 30 يىل دىگەندەك. ئۇندىن باشقا بارغۇچە كەلگۈچە كوچا ئاپتوۋۇزى ياكى بەزىدە تاكسىغا ئولتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، تاۋار ئۆي ئالغانلار ئاساسەن 10 يىلدىن 30 يىللىق ئارىلىقىدىكى قەرزگە بۇغۇلغان، ئۈرۈمچىدە مائاش يۇقۇرى ئەمەس، مەسىلەن: مىنىڭ قۇلۇمغا ساق تىگىدىغان مائاش 1129.يۈئەن، بۇ تېخى 5 ئايدىن بىرى مۇشۇنداق ئېلىۋاتىمەن، يېڭى خىزمەتكە چىققاندا قۇلۇمغا ئاران 670 يۈئەن مائاش تىگەتتى. ئەگەر ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئىشلمىسە، خىزمەت قىلمىسا، بىر ئۆينىڭ قەرزى ۋە چىقىمىنى كۈتۈرۈش ئاسان ئەمەس. ئىدارىدىن بىرىدىغان ئانچە مۇنچە مۇكاپاتلار بىلەن تويدا ئالغان قەرزنى قايتۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ، ياكى ئۆي سايمانلىرىنى يېڭىلاشقا توغرا كىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قولدا ياكى بانكىدا ئاساسەن ئارتۇق پۇل يوق. چۈنكى، خىزمەتكە چۈشۈپ، توي قىلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن، چىقىملارمۇ تەدرىجى ھالدا كۆپىيىپ بارىدۇ. ئىدارىلەردە ئادەتتە مائاش يۇقارقىدەك بەك يۇقۇرى بولمىسىمۇ، ئەمما سىز بىر قېتىم كېچىكىپ قالسىڭىز، 100 يۈئەن جەرىمانە تۆلەيسىز، خىزمەتكە ساختىلىق ئىشلىتىش ۋە ياكى بارىمەن ياكى كەلمەيمەن دەپ ساختىلىق ئىشلىتىش، بالدۇر قايتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى، ئىشقا بارغان،ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا بىرسى سىزنى يوقلىما قىلمايدۇ،پەقەت، ئىدارە بىناسنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئىشىكتىن كىرىشىڭىزگىلا بىر ئۈسكىنە بار، ئىشقا كەلگەن، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا بارمىقىڭىزنى شۇنىڭغا باسىسىز، ئاپتۇماتىك ھالدا، سائەت نەچچىدە ، نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە ئىدارىغا كەلگەنلىكىڭىز ياكى قايتقنىڭىز ھەممىسى خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، كۈنىگە نورمال بولغاندا چۇقۇم 4 قېتىم بارمىقىڭىزنى بېسىشىڭىز كېرەك، ھەتتا بىزنىڭ ئىدارىدە ئۇندىن باشقا كۈزىتىش كامىراسى ئورنىتىلغان بۇلۇپ، سىز بارمىقىڭىزنى بېسىپ قويۇپ، باشقا ئىشلىرىم بارتى دەپ بالدۇر قايتىپ، ياكى ئىشخانىغا كىرمەي قىلسىڭىز، بىردەمدىلا پاش بۇلۇپ قالىسىز، رۇخسەت ئالسا، دوختۇرخانىدا ياتسا، ھەممىسى ئىختىسادقا بېرىپ تاقىلىدۇ،پۇل تۇتىدۇ. بارماق سىزىقچىسى بىرئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ئوخشىمايدۇ، بۇ ئەمەلىيەت ۋە پاكىت.ساختىلىق قىلىشقا ئىمكانىيەت يوق.

ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ۋە ئۇرۇق-تۇققانلرىڭىزدىن بەك رەنجىپ كەتمەڭ، سىز يىراق جايدىن كەلدىڭىز، بۇ ھەممىمىزگە مەلۇم،بىراق، ئەنە شۇنداق يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزىدە سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ۋاقتىدا چىقالماسلىقى مۇمكىن، ياكى ئۆيىدە قوندۇرۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن، ياكى سىزنىڭ ھاۋالە قىلغان ئىشلىرىڭىزغا ۋاقتىدا ياردەم قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، سىز بىر ئىشنى ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز، ئادەتتىكى چاغلادا رۇخسەت ئالمىغۇچە ئۇ ئىشلارغا چاپقىلى بولمايدۇ، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇ بۇ ئىشلار بىلەن ئارام ئېلىش ياكى ئۆيدىكىلىرى بىلەن جەم بۇلۇپ ، بالىلىرىنى بىر يەرگە ئاچىقىپ ئوينىتىپ كىرىشكە ئاران پۇرسەت بولىدۇ.



1.ئەگەر بىر ئىشنى ھاۋالە قىلغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى قۇشۇپلا تاكسى پۇلىنىمۇ ئەۋەتىۋېتىڭ،چۈنكى، ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرسا بىر ئىككى سائەتتە ئاران بېرىش مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا، ۋاقىتمۇ،زېھىنمۇ سەرب بولىدۇ، شۇنىڭغا تاكسى قولايلىق. ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.



2 . ھەي ساۋاقداش،دوست، سىز ئۈرۈمچىگە كەلدىڭىز، خىزمەت ئىشى بىلەن ياكى بىرەر تۇققىنىڭىزنى كىسەل كۆرسەتكىلى دىگەندەك، شۇنداق ۋاقىتتا، ساۋاقداشلىرىڭىز ئەلۋەتتە قاراپ تۇرمايدۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ،سىزنى ياكى دوختۇرخانىدىكى ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلايدۇ، سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ، ياكى ئۆيىگە بىرەر ۋاق تاماققا چاقىرىدۇ…بەزى ساۋاقداشلار، شۇ ئىشلىرى تۈگەپ، يۇرتقا كەتكەندىن كېيىن، ھەتتا ماڭىدىغان، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھەتتا« خوش» دىگەن گىپىمۇ يوق ياكى يۇرتىغا بارغاندىن كېيىن،« مەن ساق سالامەت كەلدىم ، ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا سىلەرنى جىق ئاۋارە قىلىۋەتتىم» دىگەن بىرەر ئېغىز گېپى يوق، بۇنداق چاغدا، بىز ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ساۋاقداشلىرىڭىز ئەپسۇسلىنىپ قالىدىكەنمىز، «ھەي، بىر تېلفۇن قىلىۋەتكەن بولسا ھە»- دەپ!، شۇنىڭغا ئۈزىڭىزگە بىر يول قالدۇرۇڭ، شۇ ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغانلىرىغا ئانچە مۇنچە تەشەككۈر ، رەھمەت ئېيتىشنى ھەم ئۇنتۇپ قالماڭ…چۈنكى، بىزدە قول قولنى يۇسا، قول قۇپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ دىگەن گەپ بار. ساۋاقداشلىق مېھرى ئۈزۈلمىسۇن، ئۇنداق بىر ئىككى يۈئەننىڭ مېھرىدىن كىېچەلمەيدىغان ، باشقىلارغا رەھمەت، تەشەككۈر دىيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئۆرب ئادەتنى ئۇنتۇپ قالماڭ….قىسقىسى ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.



3. بۇرۇن بىر كىنو كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا باش رولچى بىر ھەپتە بۇرۇن «شەنبە، يەكشەنبە ۋاقتىم تۇشۇپ كېتىپتۇ،يەنە بىر ھەپتە كۈرۈشەيلى»دىسە، «ئۇلار شۇنداق ئالدىراشمىدۇ» دەپ قالاتتىم، ھازىر بىزمۇ شۇنداق بۇلۇپ قالدۇق، بەزىدە ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار بىلەن ،دوستلار بىلەن نەچچە ئايلاپ كۈرۈشۈپ بولغىلى بولمايدىكەن. ئۆيىمىز بەك يىراق بولمىسىمۇ، بەزىدە بىز ۋاقىت چىقارغاندا،ئۇلارنىڭ ۋاقتى يوق، ئۇلار ۋاقىت چىقارغاندا بىزنىڭ ۋاقتىمىز يوق بۇلۇپ دىگەندەك، بەزىدە ھېيت بايراملاردىمۇ كۈرۈشۈپ بولالماي قالىمىز، ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالماي، بەزىدە شەنبە يەكشەنبە كۈنى« شۇ دوستلىرىمىز بىلەن كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،يوقلاپ كىلەيلى» دەپ ئويلايمىز يۇ،يەنە،« بولدىلا، دۇشەنبىدىن جۈمەگىچە ئىشلەپ ھېرىپ كەتتى، شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيدىكىلرى، بالىلىرى بىلەن جەم بۇلۇپ، بالىلىرىنى ئويناتسۇن» دەپ، ئۆيىگىمۇ شۇنداق بارغۇمىز، يوقلىغىمىز كەلسىمۇ، بارمايمىز. چۈنكى، ئەنە شۇنداق سەۋەبى ياكى باناسى بار….ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.



4. مۇشۇ ھېيت بايراملاردا، بىزنىڭ قورو شۇنداق قاينام تاشقىنلىققا چۈكىدۇ،بۇلۇپمۇ، قۇربان ھېىيتتا، ھەممە قۇربان ھېيت نامىزىدىن يېنىپ، قوي سېتىۋالىدۇ، ئاندىن قورودا قۇربانلىق قىلىشقا باشلايدۇ، قىشتا، قارلار قىپ-قىزىل قانلار بىلەن بويىلىدۇ، ھەممە چىرايدا خۇشاللىق، خاتىرجەملىك ئەكس ئېتىدۇ، پۈتۈن ھويلىدا تەرەپ تەرەپتىن قويلار بۇغۇزلىنىدۇ، كانارغا گۆشلەر ئېسىلىپ، ئۆيدە گۆش پۇشۇرۇلۇپ، ھېيتلىق نەغمە-ناۋانى كۆرگەچ ئائىلەردە ھېيت تەبرىكلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنىڭ تېرىلىرى مەسجىتلەرگە ئىئانە قىلىنىدۇ، ھەر قېتىم مەسجىتلەرگە ئىئانە قىلىنماقچى بولغان تېرىلەر دۆۋىلىنىپ كەتكەن چاغدا ئادەملەردىكى ئىنساپ ئىماننىڭ يەنىلا بار ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولماي قالمايسىز ئەلۋەتتە..ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.



5. سىز يىراقتىن كەلدىڭىز، باشقا شەھەردىن ئوينىغىلى ،ساياھەت قىلغىلى ۋە ياكى خىزمەت ئىشى،بىلىم ئاشۇرغىلى دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن، ئۈۈرۈمچىدىكى دوستىڭىز سىزنى بىر قېتىم مېھمان قىلغان بولسا، لېكىن،سىز ئۈرۈمچىدە يەنە داۋاملىق تۇرۇپ قالىدىغان ئىش بولۇپ قالسا،« مىنى يەنە ئىزدىمىدى ياكى مىنى يەنە مېھمان قىلمىدى» دەپ ئۇ دوستىڭىزدىن ئاغرىنماڭ، ئۇنىڭمۇ ئۈزىگە چۇشلۇق ئىشى بولىدۇ، ئىختىسادى سىزنى دائىم مېھمان قىلىشقا يار بەرمەيدۇ، چۈنكى، بىر ئايلىق مائاشنىڭ ئۈستىدە ئوت كۈيىدۇ، ئۆينىڭ قەرزى، كۈندە ئىشقا بارغۇچە كەلگۈچە ئولتۇرىغان ئاپتۇۋۇزنىڭ ،كىرانىڭ چىقىمى، ئىدارە يىراق بولسا،چۈشتە تاماقنى سىرتتا يەيدىغان گەپ، تاماقنىڭ چىقىمى، ئىشقىلىپ، جاپا بىلەن تاپقان شۇ بىر ئايلىق مائاشنىڭ بېشىدا ئوت بار، ھېلىمۇ جاپا تارتقاچ شۇبىر ئايلىق مائاشنىڭ، پۇلنىڭ بەرىكىتى بار، شۇنىڭغا ئايدىن ئايغا ئۇلۇشۇپ كېتىدىغان گەپ، بەزىلەر ھەتتا مائاشنى يىتىشتۇرۈپ بولالماي، سودا سانائەت بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىدىن ئالدىن خىراجەت قىلىپ تۇرىدۇ، مائاش چىققاندا تۇلۇقلاپ قويىدۇ، ئاندىن يەنە داۋاملىق ئىشلىتىدۇ.تاكى ئىدارىدىن بىرەر ئارتۇق پۇل تارقاتمىغۇچىلىك شۇ خىل ھالدا كىتىۋېرىدىغان گەپ، قاچان ئىدارىدىن پۇل تارقاتسىلا، ئاۋال ئويلىشىغىنىمىز، ئىناۋەتلىك كارتىدىكى كام قالغان پۇلنى تۇلۇقلاپ قويۇش. شۇنىڭغا ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.



6. بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، جەنۇپ-شىمالدىكى شەھەرلەردە ناھىيلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ مائاشى ئۈرۈمچىدىكىلەرگە قارىغاندا يۇقۇرى،مىنىڭ خېلى جىق ساۋاقداشلىرىمنىڭ مائاشى يۇقۇرى ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاقسۇ،خوتەن،قەشقەر،كورلا قاتارلىق جايلاردا ئىشلەيدۇ، بىز ئۇلارغا مائاشىمىز مۇنچىلىك دىسەك،« نىمانداق تۆۋەن، راستمۇ يا؟»،سوراپ قويىدۇ،ياكى ئىشەنمەي قالىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئىدارىسىگە يېقىن، يىراق دىگەندىمۇ 10 مىنۇت ياكى 15 مىنۇتتا ئۆيىگە بېرىپ بۇلالايدۇ، ئارتۇق كىراغا پۇل خەشلىمەيدۇ، چۈشلۈك تاماقنى ئاساسەن ئۆيىدە يىيەلەيدۇ، بىراق، ئۈرۈمچىدە مۇمكىن ئەمەس، كىراغا پۇل خەشلەچكە توغرا كىلىدۇ، نۇرغۇن ئىدارە ئورگانلار ئائىلىدىن يىراق بولغاچقا، چۈشلۈك تاماقنى سىرتتا يىيىشكە توغرا كىلىدۇ، بۇنىڭغا ئوخشاشلا خىراجەت كىتىدۇ، لېكىن، جەنۇپ شىمالدىكىلەر ئۈچۈن بۇ خىل ئارتۇقچە چىقىم بولمايدۇ. تاماق ئاساسەن ئۆيدە، كىراغا پۇل خەشلەش كەتمەيدۇ ياكى ئۈرۈمچىدىكىگە قارىغاندا ئۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت قىستا قىستاڭ ۋاقىت سەرب قىلمايدۇ، مائاشمۇ ئۈرۈمچىدىكىلەرگە قارىغاندا جىقراق، شۇنداقلا، ئۇلار تاۋار ئۆي سېتىۋالغان تەغدىردىمۇ، ئۆينىڭ باھاسى ئۈرۈمچىدىكىدەك قىممەت ئەمەس، شۇنىڭغا خېلى جىقلا تېجىلىپ قالىدۇ،تاۋار ئۆي سېتىۋالغاندا باشقا شەھەردىكىلەر ئۈرۈمچىدىكىگە قارىغاندا ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىرەر ئەللىك مىڭ يۈئەندىن تارتىپ نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنگىچە ئەرزان بولىدۇ، بانكىدىن ئالىدىغان قەرزمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئۈرۈمچىدىكىلەردىن ئاز بولىدۇ، تۆلەيدىغان ۋاقتىمۇ ئۈرۈمچىدىكىلەردىن ئاز بولىدۇ، ئۈرۈمچىدە بەلكىم بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ قەرزىنى تۆلەپ ئۈتۈپ كېتىش مۇمكىن، بىراق، باشقا شەھەردە ئون، ئونبەش يىلغا قالماي ئۆينىڭ قەرزلەردىن خالى بولغىلى بولىدۇ، شۇنىڭغا ئۈرۈمچىگە كەلسىڭىز، ئۈرۈمچىلىك دوستلرىڭىزدىن، «مىنى رېستۇرانغا باشلىمىدى، ئالدىمغا چىقمىدى، مىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلمىدى، ئۆيىدە بىر قېتىم تاماق بىرىپلا، قايتا مىنى مېھمان قىلمىدى» دەپ ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ، بولسا، ئۆزىڭىز ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ، ئۇلارنى بىرەر قېتىم مېھمان قىلىپ قويۇڭ. چۈنكى، سىز ياكى سىزگە ئوخشاش باشقا شەھەر،ناھىيىدىكى ساۋاقداش،دوست بۇرادەرلەر ئۈرۈمچىگە كېلىش پۇرستى ناھايىتى جىق،بىراق، شۇ ئۈرۈمچىدىكى دوستىڭىز ياكى ساۋاقدىشىڭىزنىڭ سىز تۇرغان شەھەرگە بېرىش پۇرسىتى بەك ئاز، ناھايىتى ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، نەچچە يىلدا ئاران بىر پۇرسەت كىلىشى مۇمكىن، لېكىن،سىزگە دائىم پۇرسەت بۇلۇشى مۇمكىن، شۇ ئۈرۈمچىدىكى دوست ياكى ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ھەممە شەھەردە بىر ساۋاقدىشى ياكى دوستى بولسا، ھەممىسى مەلۇم ئىش ياكى ئۇ ئىش سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى شۇ ساۋاقداش ياكى دوستىنى ئىزدىسە، بىر قېتىملىققا ئەڭ ئاز بولغاندا 40 يۈئەن چىقىم قىلدى دىسەك، 10 قېتىملىققا 400 يۈئەن چىقىم دىگەن گەپ، يىلدا شۇنداق ھىسابلىساق، نەچچە يىلدا بىر نەچچە مىڭ يۈەنگە يىتىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ساۋاقدىشى ياكى دوستى، ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى ياكى تورداشلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈنلا، ئاز بولمىغان خىراجەتنى قىلىشىغا توغرا كىلىدۇ، شۇنىڭغا ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ، ئۇلارنى ئانچە مۇنچە سىزمۇ مەن ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، سەن قىلىسەن دىمەي، ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىپ، ئۇلارنى مېھمان قىلىپ قويۇڭ،بالىسىغا 10-20 يۈئەنلىك نەرسە بىلەن بولسىمۇ سوۋغا ئېلىپ بېرىڭ،ياكى قولىغا پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇڭ، مىسال: بىر دوست، ئۇ بۇ ئىش بىلەن جەنۇپتىكى بىر شەھەردىن ئۈرۈمچىگە 3 يىلدا 5 قېتىم كەلدى، لېكىن، شۇ ئۈرۈمچىدىكى دوستىنىڭ شۇ باشقا شەھەر، ناھىيىگە 3 يىلدا ئەمەس، 10 يىلدىمۇ بىرەر قېتىم بېرىشىغا پۇرسەت بولماسلىقى مۇمكىن، توي قىلغاندىن كېيىن، 3 يىل ياكى 4 يىلدا بىر تۇققان يوقلاش پۇرسىتى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەر ئاۋال ئۆز يۇرتىنى ، ئاتا- ئانىسىنى يوقلاشنى ئويلايدۇ، شۇنداق بولغاندا،باشقا شەھەر ياكى ناھىيىدىكى ، ئۈرۈمچىگە دائىم بېرىپ تۇرىدىغان دوست ياكى ساۋاقدىشىنىڭ يۇرتىغا بېرىشىغا تامامەن مۇمكىنچىلىك يوق،ياكى پۇرسەت يوق، ئىشقىلىپ، يىلدا 10 قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ساۋاقداش،دوستىنىڭ يۇرتى بولسۇن،ياكى نەچچە يىلدا بىر كېلىدىغان ساۋاقداش ياكى دوستىنىڭ يۇرتى بولسۇن، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قالغان، ھەر قېتىم كەلسە، ساۋاقداشلىرى ئىزدەپ تۇرىدىغان بۇ يېڭى ئۈرۈمچىلىكنىڭ تۇغۇلغان جايى بىلەن باشقا يۇرتتىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ يۇرتى، بىر بولمىغاندىكىن،ئۇنىڭ يۇرتىغا بىېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق ياكى بەك ئاز. ھەم شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئاممىۋى تېلفۇندا تېلفۇن قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ۋاراڭ چۇرۇڭ جىق بولغاچقا، ياكى قارشى تەرەپ، ماشىنىدا بۇلۇپ قالسىمۇ ئاۋاز ئېنىق ئاڭلانمايدۇ، يىغىن بۇلۇپ قالسا، تېلفۇن ئىتىك ياكى تىترەك ھالەتتە بولىدۇ، ياكى ئىدارىدىن بىرەر پائالىيەت بۇلۇپ قالسا، تېلفۇن ئېلىش قولايسىز بولىدۇ، شۇنىڭغا يەنە يېرىم سائەت ياكى كەچتە، ياكى ئەتە تېلفۇن قىلىڭ دىسە، خاتا چۈشەنمەي ،دەل دىگەن ۋاقتىدا تېلفۇن قىلىڭ،( ئەگەر كۈرۈشكىڭىز بولسا،) چوڭ بازاردا ئادەم جىق بولغاچقا،ۋاراڭ چۇرۇڭدا،ئاۋاز ئېنىق بولمىسا، كۆپىنچە ھاللاردا قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى دەماللىققا ئاڭقىرىغىلى بولمايدۇ، ياكى، نەچچە يىلدا تېلفۇن قىلماي، ئۈرۈمچىگە كېلىپلا تېلفۇن قىلغاندىكىن، بىرەر يىل ئاڭلىمىسا، قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قارشى تەرەپنىڭ كىملىكىنى بىلىشمۇ ئاسان ئەمەس، شۇنىڭغا تېلفۇن قىلغاندا، مەن پۇستانى، مۇنداق ساۋاقدىشىڭ ياكى دوستۇك، ياكى توردىكى ئىسمىم مۇنداق، مۇنداق دەپ كۈرۈشكەن دەپ ئىزاھات ۋە چۈشەنچە بېرىڭ، بولمىسا، ھەممىنى ئەستە ساقلاش مۇمكىن ئەمەس، ياكى دەماللىققا ئەسكە ئېلىش، مىڭىدە ساقلاش ئاسان ئەمەس، شۇڭا،مەن كىمۇ؟ دەپ سوئال سورىماڭ، جاۋاب بىرەلمىسە، بۇتناپ قالماڭ،چۈنكى، بىرەر يىل كۈرۈشمەي، ئالاقىلاشمىسىڭىز، سىزنى تۇنۇش ئاسان ئەمەس، شۇنىڭغا ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنماڭ.

7

.ئۈرۈمچى ئىسىل يۇرت، ئادەملىرىنىڭ ئىچىدىن ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر جىق، يامان نىيەتلىك ئادەملەر ئاز ، بۇ يەردە رامىزاندا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىمالال رامىزان تۇتقانلىقىنى كۆرىسىز، ھېيت بايراملاردا قائىدىنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى،كىچىكلەرنىڭ ، بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلارنى يوقلاپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈسىز، قۇربان ھېىيت مەزگىلىدە ھويلا ھويلىلاردا قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنى كۆرىسىز،مەسجىتكە ئىئانە قىلماقچى بولغان تېرىلەرنىڭ دۆۋىلەنگەنلىكىنى كۆرىسىز. مەسجىتلەردە نۇرغۇن ياشلارنىڭ، مويسىپىتلارنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ يەردە ئىمانمۇ بار، ئىنساپمۇ بار، تەقۋامۇ بار، رېستۇرانلاردا شاراپسىز تويلارنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۇمۇملىشىۋاتقانلىقىنى، شۇ ھاراققا خەجلەنمەكچى بولغان پۇللارنىڭ ئوقۇشسىز قالغانلارغا، نامراتلارغا، كىسىلىنى داۋالىتىشقا ئامالسىز قالغانلارغا ياردەم قىلىنغانلىقىنى ،ئىئانە قىلىنغانلىقىنى بايقايسىز، مەسجىتلەرنىڭ نەزىر -چىراق زالىدا ئاددى، ئەمما مەنىلىك قىلىپ توي ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، نەزىر چىراقلارغا يەنىلا ئادەملەرنىڭ شۇنداق جىق كېلىدىغانلىقىنى،بىرەرسى ۋاپات بوپتۇ دىسە، ئارىلىق يىراق، قىش سوغاق بولسىمۇ، ئەھۋال سوراپ،تەسەللى بېرىش ئۈچۈن بارىدىغان نۇرغۇن تۇنۇش-بىلىشلەرنى بايقايسىز، ھەر قېتىملىق جۈمە نامازلىرىدا ئىمامنىڭ پالانى يۇرتتىكى مۇنداق كىشىنىڭ بالىسىنى ياكى دادىسى،ئاپىسى ياكى قېرىندىشىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك جامائەتنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى سوراپ،ئىماملار باش بۇلۇپ، ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، جامائەتنىڭ ئاز -كۆپ دىمەي ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز، باشقىلارنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، بالىلىرىنىڭ ، ئاتا ئانىسىنىڭ ،ئايالى ياكى يولدىشىنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ،ساقىيىشى ئۈچۈن، جامائەتنىڭ خالىس دۇئا قىلىپ قويۇشىنى تىلەپ، پۇل ئىئانە قىلغانلىقىنى بايقايسىز،بەش قول ئوخشاش بولمىغاندەك، ھەر خىل ئادەم بولغاندەك بەزىدە ناچار ئادەم ياكى ناچار ھادىسىلەرنىمۇ، ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچرىتىسىز، بۇنىڭغا سىز ئارتۇقچە ۋايساپ كەتمەڭ، بىر پەلەكتە مىڭ خەمەك دىگەندەك، ھەر خىل ئادەملەرنىڭ، ئىشلارنىڭ بۇلۇشى بۇمۇ نورمال ئىش. لېكىن، ھەممە ئىش ئادەمنىڭ ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى، ئۆزىنىڭ نىيىتىگە باغلىق، ئوقۇي دىسە ئوبدان شارائىتمۇ بار، ئويناپ كۈلەي ،خالىغانچە ياشاي دىسە، ئۇنىڭمۇ شارائىت بار، ئۈرۈمچى-بىر بىلىم يۇرتى، ئۈرۈمچى-بىر مودا شەھەر، ئۈرۈمچى-بىر قىشى سوغوق، قىشتىكى ھاۋاسى مەينەترەك شەھەر، لېكىن، ھەممە يەردە پار بولغاچقا،سىزگە ئۇنچە سوغاق بىلىنمەيدۇ، ئۈرۈمچى- بىر ئۆزىنى تاپىدىغان شەھەر، بىلىملىك كىشىلەر ھەم جەملەشكەن جاي، پاكىز،زاھىت،تەقۋادار ،ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ھەم توپلاشقان شەھەر،قىسقىسى ئۈرۈمچىلىكلەردىن ئارتۇقچە ئاغرىنماڭ، ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم، تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىگە ئۆزى مەسئۇل، ئۆزى جاۋابكار.

باھا سۆز

ئەرتېكىن  رېئال ئەھۋالنى ياخشى يۇرۇتۇپسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 10:30:36
orkex  دىگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق .  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 14:05:47
مالىك  ئۇمۇمىي ئەھۋالنى يىزىپسىز !!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 18:15:10

UID
11145
يازما
125
تېما
25
نادىر
2
جۇغلانما
1125
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 19:26:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىن ئايرىلغان تۇنجى قىش قار بەك كۆپ ياغدى. ھاۋا بەك سوغۇق بولدى. ئىجارە ئالغان ئۆينىڭ پار پۇلى تېخىمۇ بەك ئېغىر كەلدى. شەھەرنىڭ شىمالىي چېتىدە بىر ئالىي مەكتەپكە يېقىن بىر بىنادىن باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئىجارە ئالغان ئۆيۈمدە تۇنجى قىشنى باشلىدىم. تۇرۇۋاتقان يېرىمگە يېقىن بىر مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى دەرسى ئۆتۈۋاتاتتىم. بىر كۈنى مەندىن ئىككى قارار بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، مەندەك خىزمەت قىلىشنى خالىمىغان (ئىش تاپالمىغان ئەمەس!!!) يۇرتدېشىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بويى ئېگىز، قاملاشقان، چىرايلىق يىگىت ئىدى. ئۆزىمۇ چەتئەللىكلەردەكلا كېيىنىپ يۈرەتتى. بەك خوش بولۇپ كەتتىم. ئۈچ تاش تەرەپتىن يېڭىشەھەر رايونى تەرەپكە كۆچۈپ كەلگەن خېلىدىن بېرى بىرەر تونۇش-بىلىش ئۇچرىماي ئىچىم سىقىلىپ تۇراتتى. بىرەر يەرگە كىرىپ، بىر نەرسە يېگەچ پاراڭلىشايلى دېسەم زادىلا ئۇنىمىدى. ئۆزىنىڭ ئۆيىگە دەۋەت قىلىپ بەك چىڭ تۇرۇۋالدى. ماقۇل دەپ باردىم. بىر چاغدا دۆڭكۆۋرۈككە كەلدۇق. ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. بەك تېز ماڭاتتى، ئۇنىڭ بىر قەدىمى مېنىڭ ئىككى ئۈچ قەدىمىمدەك كېلەتتى. يول ماڭغاندا گەپمۇ قىلمايتتى. مەن يۈگۈرۈپ دېگەندەك كېتىپ باراتتىم. شەھەردىن يىراقلاشتۇق، داۋان يېزىسى تەرەپكە ماڭغاندەك ئېسىمدە. تار كوچىلاردىن، ئېتىزلاردىن ئۆتۈپ ئاخىرى كۆز باغلانغان مەزگىلدە ئۇنىڭ تۇرارگاھىغا باردۇق. ئالتە يەتتە ئېغىز پاكار-پاكار سېلىنغان ئۆيلىرى بار بىر ھويلىغا كىردۇق، ھويلىدىن ئۇدۇل ئۆتۈپ ئەڭ چەتتىكى ئۆيگە كىردۇق. ئىشىك بەك پاكار ئىدى، ھەتتا مېنىڭمۇ ئېڭىشىپ كېرىشىمگە توغرا كەلدى. بىر كارۋات، ئىككى تال تۆت پۇتلۇك كىچىك ياغاچ ئورۇندۇق، بىر ئۈستەل، ئۈستەل ئۈستىدە بىر مۇنچە كىتابلار، كىتابلارنىڭ يېنىدا بىر بولاق شام... كارۋاتتا ئولتۇردۇم. تاملارغا قەغەز چاپلانغان، ئۈستى يالتىراق بىزەكلەر بىلەن ئۆرتەلگەن، يەرگە خىش ياتقۇزۇلغان، ئۆينىڭ بۇلۇڭى، ئىشىكتىن كىرىپ سول تەرەپ بۇلۇڭدا كىچىك بىر مەش، ئۈستىدە چۆگۈن...مېنىڭ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇشىمنى تاپىلاپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. مۇزلاشقا باشلىدىم. ئۆي كىچىك (10 كۋادرات مېتىر كېلەر) بولغان بىلەن مۇزلاپ كەتكەن ئىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىختىيارسىز مەش تەرەپكە ماڭدىم. مەشنى تۇتۇپ باقتىم. مۇزدەك ئىدى. ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۈستەل تەرەپكە ئۆتتۈم. كىتابلارغا كۆز يۈگۈرتتۈم. ھەممىسى پەلسەپىگە ئائىت خەنچە كىتاپلار ئىدى. بۇ ئۈستەل ھەم يېزىقچىلىق، ھەمدە تاماق ئۈستىلى ئىدى. ئۈستەلنىڭ ئاستى تەرەپتە بىر چايدان بار ئىدى. يېنىدىكى يەشىكنىڭ ئۈستىدە يوغان چىنىدىن ئىككىسى دۈم تۇراتتى. سىرتتىن ئۇنى ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ھويلىغا چىقتىم. ھويلىنىڭ پاكار تېمىدىن يان ھويلىدىكى بىر تۇڭگان بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. سۈت ئېلىۋېتىپتۇ. قولىدىكى خالتىدا بىر نەچچە زاغرا تۇراتتى. ئۆيگە كىردۇق. مەشكە ئوت ياقتى. ئۆي ۋىللىدە ئىسسىدى. سۈت قايناتتۇق. زاغرىلارنى دۆۋىلەپ چىلاپ ئۈستىگە سۈتنى قۇيۇپ، لام-جىم دېمەي ئولتۇرۇپ بۇ لەززەتلىك كەچلىك تاماقنى ھۇزۇر بىلەن يېدۇق. بۇ كەچلىك تاماق ئىدى. بەلكىم ئۆمۈر بويى ئۇنۇتالماسلىقىم مۇمكىن. تاماقتىن كېيىن بىردەم پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ كەيپى تازا جايىدا ئەمەستەك قىلاتتى. زورىغا كۈلۈمسىرەيتتى. ئەھۋال سورىدىم. بىر يەردە ئىشلىمەيۋېتىپتۇ. بۇرۇن ئىشلىگەن شىركەتتىنمۇ يېنىپ چىقىپتۇ. ھازىر يېزىقچىلىق قىلىۋېتىپتۇ. بىر رومانى پۈتۈپتۇ، ئىككىنچى رومانىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. نەشىرىياتتىكىلەر " رومان بەك ئېسىل رومانكەن، لېكىن ھازىرقى شارائىتتا نەشىر قىلىش تەسرەك، سەل بىر مەزگىل ساقلاپ باقسىڭىز، سىياسەت سەل بوشاپ قالسا بىر گەپ بولار" دەپتۇمىش. كەيپىياتى راستلا ياخشى ئەمەس ئىدى. نېمىشقا كەلگەن بولغىيتتىم،دەپ پۇشايمان قىلىپ قالدىم. ئۇ مەندىن چوڭ بولغاچقا ماڭا دەردىنى تۆكۈپ كەتمەسلىكى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ خاراكتېرى شۇ ئىدى. دەردىنى ھېچكىمگە دېمەيتتى. ھېچكىمگە قىينچىلىقتا قالغانلىقىنى چاندۇرمايتتى. چاندۇرۇپ قويغان تەقدىردىمۇ تەن ئالماي گەپنى يوغان يەردىن باشلاپ، ئاخىرىنى كۈلكىگە زورلاپ تۈگىتەتتى. يۇرتنىڭ گېپى بولدى. قايتىپتۇ، قارىسا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشقا يەردىن ئىش تېپىلماپتۇ. يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قولىنى شىلتىپ باشقۇرۇشلىرىغا كۆنەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، مەكتەپ تەرەپكە قاراپمۇ قويماستىن قايتىپ كەپتۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇپ، يەنە شۇ يېزىغا قايتىپ بېرىشنىڭ يامان يېرى ئەسلىدە يوق ئىكەن، ئەسلى كۆپلىگەن ياشلارنىڭ بېرىشى زۆرۈركەن، لېكىن بارساڭ ھېچ ئىش قىلالمايدىكەنسەن. ئۇ يەردە ھەممە ئىش يۇقىرىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولغاچقا، يېڭى بىر پىكىر، لايىھە، كۆز-قاراش، چارە، مېتودلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە سىناپ بېقىش ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلىغاندەك ئىش ئىكەن... سەل قايناپ قالدى. بىر چاغدا توختاپ مەندىن ئەھۋال سورىدى. بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردىم. بايا چاي ئىچكەن چىنىنى كۆرسىتىپ ھاياتىمدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك نەسىھەتىنى قىلدى: " قورساق دېگەن بىر نان يېسەڭ تويىدۇ."

باھا سۆز

ئەرتېكىن  مۇشۇنداق ئۇچىرشىش ۋە سۆھبەت تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك بۇلىدىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 10:42:05

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 21:31:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز قىرىندىشىم ،ئۇرۇمچى ھەقىقەتەن مىھرى ئىسىق ،تىرىشدىغانلا بولسا ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ رىسىقىنى تىپىپ يىيەلەيدىغان شەھەر .مىنىڭمۇ ئاجايىپ مىھرىم بار بۇشەھەرگە...

UID
6395
يازما
122
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
3483
تىزىملاتقان
2010-10-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 22:24:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سازەندە سىز  ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەقىقەتەن ھەق، ئەمما سىز ئۈرۈمچىنىلا كۈزىتىپسىز. سىز دىگەن يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ئاپتۇنۇمنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە بار. ھۆكۈمەتتىن ئۇنچە كۆپ مائاش ئالىدىغانلار بەلكىم باردۇ، ھەقىقەتەن ئۈرۈمچىدىمۇ ئالالمايدىغان مائاشنى ئالىدىغاندۇ، ئەمما يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىغا نىسبەتەن سىزنىڭچە قانچىلىك بىرى ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغاندۇ؟ئۆي مەسىلىسى ھەممە شەھەرلەردىكى بويتاقلارنىڭ غېمى ،خىزمەت مەسىلىسىنى دىمەيلى بولدى.بۇ قېتىمقى مەمۇرلۇق ئېمتىھاننىڭ  ئورۇن گىرافىكى كۇپايە،ئۈرۈمچىدىكى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىكى باشقا مەسىلە ئەمەس ، نوپۇس مەسىلىسى خالاس، ئەمەلىيەتتە رايۇنىمىزنىڭ ھەممە يىرى ئوخشاش . ۋاقىت      مەسىلىسى بوپ قالدى خالاس،
بىز ئۈرۈمچىلىكتىن ئاغرىنمايمىز ، ئاغرىنمىدۇق، مەركىزى شەھەردىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئامان-ئىسەنلىك تىلەيمەن.بىزمۇ تولا ئاۋارە قىلىۋەتكەن بولساق سىلەرمۇ ئاغرىنمىغايسىلەر.

UID
11145
يازما
125
تېما
25
نادىر
2
جۇغلانما
1125
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-14
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 23:36:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئاكا ئاغىنىمىز بىلەن خوشلىشىپ قايتار چېغىمدا ماڭا بىر نەرسە كۆرسىتىپ قويىدىغانلىقىنى دەپ ئەتراپقا سىرلىق قاراپ كەتكەنىدى. بىر قىلىچ ئىكەنتۇق، ئۇزۇن ۋە ۋالىلداپ تۇرغان قىلىچ...ماڭا بۇ قىلىچنى كۆرسىتىش ئارقىلىق نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنتىم. بەلكىم ھېچنىمە دېيىش مەقسىتى يوقتۇ، پەقەت كۆرسىتىپ قويغۇسى باردۇ، بەلكىم مەن كۆپ ئويلىۋالغاندىمەن. لېكىن قىلىچنى قولىغا ئېلىپ ئېگىز كۆتۈرگەن چېغىدا چىرايىدا بايىقى سولغۇنلۇق يوقاپ كەتكەندەك بىلىنگەن ئىدى ماڭا.
ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بارغان ئىدى. ئۆيگە كېلىپ بەك بىئارام بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئۆزۈمگە شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى، ئولتۇرالماي قالدىم. قانداق ئىشلىمىگەن كاللا بۇ-ھە، دەيتتىم. خەق كوچىدا ئۇچراپ قالسا، خوش بوپ كەتتىم دەپلا يېپىشىۋالدىڭ، تاماققا شۇنچە زورلىساڭ ئۇنىمىسا، ئىشى باردۇ، ياكى باشقا بىر ئويلىغىنى باردۇ، ياكى بۈگۈن بىئەپتۇ دېمەستىن پېشىنى قويۇۋەتمىدىڭ، تۈزۈت يۈزىسىدىن ئۆيىگە تەكلىپ قىلار-قىلماي ئالدىغا چۈشۈپ ماڭدىڭ. شەھەرنىڭ ئۇ چېتىدە تۇرۇپ سېنى شەھەرنىڭ بۇ چېتىدىكى ئۆيىگە تەكلىپ قىلسا، ئويلاپ باقمامسەن، ھۇ بۇرنى بولمىسا پوق يەيدىغان، ماقۇل دەپلا ماڭىدىغان گەپمۇ؟...
يولدا تونۇش بىلىشلەر (تونۇش بىلىشلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس) ئۇچراپ قالسا قىزغىن كۆرۈشۈپ كېتىمىز، خۇش بولۇپ كېتىمىز، تىللىرىمىز ئۇزۇراپ چاڭىلداپ سۆزلىشىپ كېتىمىز، ھەتتا قوللىرىمىزنى چىڭڭىدە سىقىمداپ، ئۆرە تۇرۇپلا ئاز بولسا ئون-ئونبەش مىنۇت، ئۇزاقراقى يېرىم سائەتلەپ مۇڭدىشىپ، سىردىشىپ كېتىمىز. پۇتلىرىمىز سەل تېلىپ ياكى ئالدىراش ماڭغان يېرىمىز ،ئىشىمىز ئېسىمىزگە كېلىپ گەپنى يىغىمىز. "تاماق يېيشمەيلىمۇ؟"، دېيىشىمىز. كۆپىنچە ۋاقىتتا قارشى تەرەپتىن "خوش ئاداش، تېخى باياتىن تاماق يەپتىكەنمەن، كېيىن بى يېيىشىۋالارمىز"  دېگەن جاۋابنى ئالىمىز. بۇ گەپنىڭ نۇرغۇن مەنسى بار ئەسلىدە. مەنمۇ نۇرغۇن قېتىم شۇ كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىپ باققاچقا ئوبدان بىلەتتىم. لېكىن ئۇ ئاكا ئاغىنىمىزنى تەڭلىكتە قويغانلىقىمدىن بەك خىجىل بولدۇم. ھازىرغىچە ئىچىم ئېچىشىدۇ. كۆرۈشمىگىلى ئونبەش يىل بولدى ھازىر. كېيىن بىر-بىرىدىن ئېچىنىشلىق خەۋەرلەرنى ئالدىم ئۇ توغرۇلۇق. دادىسى بىزنىڭ يېزىدىكى داڭلىق ئۆلىما ئىدى. ئىككى ئاكىسىمۇ يېتىشكەن قارىيلار دەپ ئاجايىپ ھۆرمەتلىنەتتى. دادىسى ۋاپات بوپتۇ. كېيىن ئۆيى مەلۇم بىر گۇمان بىلەن ئاختۇرۇلۇپتۇ، ئىزدەلگەن نەرسىلەر تېپىلمىغاندىن كېيىن، يوغان توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئۆيى تۈپتۈز قىلىنىۋېتىپتۇ...خىزمىتى بار چوڭ ئاكىسى ئىشتىن بوشىتىلىپتۇ، قارىي ئاكىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى يوقكەن، بىر ئائىلە خانىۋەيران بوپتۇ... كېيىن بىلىشىمچە مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان مەزگىل دەل شۇ قارا كۈنلەرگە توغرا كەلگەن ئىكەن. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ماڭا  ئۇ يوغان قىلىچنى نېمىشقا كۆرسىتىپ قويغۇسى كەلگەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولغان ئىدىم. ئىزدىرىكىنى پەقەتلا ئالالمىدىم. بەلكىم بىر يەردە زاغرا بىلەن سۈت ئىچىپ رومان يېزىۋاتقاندۇ، نەشىر قىلغىلى بولمايدىغان رومانلارنى... بەلكىم بىر يەردە قىلىچىغا قاراپ تامىقىنى چاكىلدىتىپ ئولتۇرىدىغاندۇ...  مەيلى قەيەردە بولسۇن، ئاشۇ تىك بېشى يەنىلا تىك بولغاي ئىلاھىم!

UID
31144
يازما
401
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 10:33:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ihlasmen يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 16:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئېزىز قېرىندىشىم!
ئالدى بىلەن ئۇلۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالدى بىلەن بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ روزىنى تەبرىكلەيمەن ! ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۇنلەردە ئاللاھ ھەربىر مۇسۇلمان بەندىسگە ئاسايىشلىق ئاتا قىلسۇن ، ئاللاھنىڭ سەۋىر تاقىتى ،ياخشى سالاملىرى بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا بولسۇن !!
ئۇرۇمچى ھەقىقەتەن جەلىپكار بىر شەھەر ، مەن گەرچە ئۇ شەھەردە ئوقۇمىغان بولساممۇ ياكى چوڭ بولمىغان بولساممۇ چوڭ ئاپامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا كەتكىم كەلمەي قالاتتى ،خىزمەت ،ئۆي دەپ يەنىلا قايتىپ كىلەتتتىم بىر قىتىم بىر ئائىلە كىشىلىرى بازارغا چىقىپ چۆگلەپ كىلىش ئۇچۇن چىرايلىق جاپدۇنۇپ ئۆيدىن چىقىپ ( مەن ئادەتتە ئۇرۇمچگە بارسام بازار چۆگلەشنى ،نەپىس بىزەلگەن تاماقخانلارغا كىرشىنى ياخشى كۆرىمەن )ئۇزاق ماڭمايلا بىر قانچە كىچىك بالىنىڭ ئاياغ مايلايمىز دەپ ئولتۇرغۇننى كۆرۇپ ھەممىمىزنىڭ مايلاتقسى كەلگەن بولسىمۇ بىز قىزلار يازلىق ئاياغ كيگەشكە  ئامالسىز قالدۇق پەقەت داداملا مايلاتسا بولاتتى بىراق ئەپسۇس دادامنىڭمۇ يۇمشاق ئاياغ بۇلۇپ بازار چۆگلەيدىغانغا ئەپلىك بولۇش ئۇچۇن شۇ ئاياقنى كيىۋالغان ئىدى بىراق دادام يەنىلا ئايغنى سۇرتۇش قارارىغا كەلدى بىزمۇ دادامغا ھەمرا بولۇپ تۇردۇق دادام ئەمدى ئايىقىنى سىلىشقا نەدىن پەيدا بولدى ئىككى خەن پەيدا بولۇپ بۇ بالىلارنى قوغلىۋەتتى ئەگەر كەتمىسە نەرسىلىرنى تارتىۋالدىغانلىقنى ئيتى ،بۇ بالىلار يۇگۇرگەنچە قاشىتى ،شۇ ئارلىقتا ئاپام بىر بالىنىڭ قولىغا10 يۇەن بىرىپ ئۇلگۇردى ،ئۇ بالا تىخى ئالغلى ئۇنماي  خەنلەر كىلىپ قالغاچقا تىزدىن يۇگۇرۇپلا كەتتى ،كۆڭلۇم بىر قىسىملا بۇلۇپ قالدى ،شۇ بالىلارنىڭ چوڭى 10ياش كىچىكى 6-7 ياشلارمىكىن .بەزەندە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن ئۇرۇمچى پۇلى بار كىشىلەر ئۇچۇن ھەممە نىمە بار جەننەتتەك شەھەر بولغان بىلەن پۇلى كىشىلەر ئۇچۇن قاتتىق شەھەردەك پۇل بولمسا ھىچنىمە قىلغىلى بولمايدىغاندەكلا !!!

باھا سۆز

ihlasmen  رەھمەت سىزلەرگە! بىزنىڭ بالىلىرىمىز شۇنداق ئېقىللىق ۋە ئەخلاقلىق!  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 02:49:41

UID
50799
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 11:57:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچىلىكنىڭ ھەممىسىنى گاڭگاۋچىمىكىن دەپ قالىمەن بەزىدە

باھا سۆز

ZAKIR126  ئۇيغۇرچە سۆزلىسەڭچۇ ئۇكام ......  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 19:29:44

UID
46971
يازما
14
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2013-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 23:01:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇرۇمچىگە بىر ئىش بىلەن بېرىپ قالدىم ،گەرچە ئۆزەم بەش يىل ئوقىغان شەھەر بولسىمۇ ،ھازىرقى ئۈرۈمچىنى پەقەت قوبۇل قىلالمىدىم ،بىر ئېغىز گەپ ئۈرۈمچى« كونىرارپ »كېتىپتۇ .
شۇنداق بىر ھىسىياتقا كەلدىمكى يەنە ئون نەچچە يلىدىن كېيىن  كىشىلەر بۇ شەھەرنى تاشلاپ قاچىدۇ .پىلانسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يول ،قۇرۇلۇشلار بىرسىگە بىرسى كاشىلا بولىۋاتقان ،بىر يولنى ياسىغىچە بىرسى بۇزۇلىۋاتقان.ئادەملەرنىڭ چىرايىدىكى خاتىرجەمسىزلىك ، ئالدىراشچىلىق مېنى چارچىتىپلا قويدى .
ئەتىگەندە دۆڭ كۆرۈك ئەتىراپىنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ ماشىنا توختاتقىدەك ئورۈن تاپالماي ،ئەتىگەن سائەت 8 لەردىلا ئۈرۈمچىندىن قېچىپ چىقتىم .
بەلكىم بۇ خىل بېسىم ئىچىدە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئالدىراش ياشاشتىن سۆيۈنىدىغانلار ئۈچۈن بۇ شەھەر باشقىچە تۇيۇلسا كېرەك .(شەخسى تەسىرات )

UID
50606
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 23:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى  شۇنداق مىھرى ئىسسىق شەھەر نىمىشقا شۇنداق بولىدۇ ؟ سەۋەبى بىزنىڭ  دىيارىمىز يەنى جەنۇپ شىمالدىكى يۇرت يۇرتلاردىن كەلگەن كىشلەر بۇ يەرگە توپلاشقان، شۇنداقلا قەلبىدىكى ئىللىقلىق، مىھرىبانلىقنىمۇ بۇيۇرتقا بىللە ئېلىپ كەلگەچكىمىكىن شۇنداق ئىللىق. مەن بۇ يەردە 5يىل تۇرغان ھازىرمۇ شۇ كۈنلەرنى سېغىنىمەن، لىكىن ئويلاپ باقسام تۇغۇلغان ماكانىمنى ئۈرۈمچىگە سېلىشتۇرسام يەنىلا تۇغۇلغان ماكانىم ئىللىق بىلىنىدۇ چۈنكى ئۇرۇق تۇققان دوست يارەنلىرىم ھەممىسى دىگۈدەك يۇرتتا

UID
2943
يازما
41
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
781
تىزىملاتقان
2010-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
38 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 13:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇلۇڭ بولسا .ئۈرۈمچى بولمىسا ئۆلۈمچى دىگەننى  ئاڭلىمىغانما ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش