بۈگۈندىكى مەن 
تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزامدىن يىراق جايلارغا بېرىپ بېقىش، جاھان كۆرۈش ئىستىكىم 17-18 ياشلىرىمدا بەك كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى. مەھەللە – كويلاردىن ئۆيدىكى قويلاردىن بىر-ئىككىنى بازاردا ئېلىشىغا بېرىپلا، كېۋەز سېتىپ ھۆكۈمەتكە قەرز تۆلەشكە تەييارلاپ قويۇلغان پۇللارنى يانچۇققا سېلىپلا باشقا يۇرتلارغا، كۆپىنچىسى ئۈرۈمچىگە قاچىدىغان بالىلارنىڭ چىقىپ تۇرىشى...مېنى تېخىمۇ ھەۋەسلەندۈرەتتى. "ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسەم قاچىمەن" دەپ خىيال سۈرەتتىم. چاتاق يېرى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قالدىم. ئۈرۈمچىگە كەلدىم. ئۈرۈمچىگە كېلىپلا بۇ شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم. خىيالىمدىكى مەن بېرىشنى، ياشاشنى ئارزۇ قىلغان شەھەر دەل بۇ شەھەر ئىدى. بەش يىل ئۆتتى، ئوقۇش پۈتتى، ساۋاقداشلار كەتتى، مەن قالدىم. "بالىلىرىمنىڭ مۇشۇ شەھەردە چوڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن" دەپلا قالدىم. باشقا ئۈرۈمچىدە قالغانلاردەك بىرەر تۇغقىنىم، بىرەر ئىدارە، مەكتەپ ياكى بىرەر شىركەت مېنى "تالىشىپ" ئېلىپ قالمىدى. ئۆزۈم قالدىم.
قالغان چېغىمدا نە يانچۇقۇمدا بىرەر مىڭ كوي پۇل، نە يېتىپ قوپقۇدەك ئۆي، نە بىر خىزمەت ياكى ئېغىرىمنى سالسام كۆتۈرەلەيدىغان، قول-ئىلكىدە بار ئاتا-ئانام يوقتى. دېھقان دادام ماڭا بۇ شەھەردىن ئۆي ياكى خوتۇن ئېلىپ بېرەلمەيتتى، خىزمەت تېپىپ بېرەلمەيتتى. لېكىن مەن "ئۈرۈمچىدە قالىمەن" دەپلا قالغان ئىدىم. ئىككى نەرسە بار ئىكەن ئويلاپ باقسام مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمغا سەۋەب بولغان: بىرى ھازىرقى ئايالىم،شۇچاغدىكى يارىم، يەنە بىرى "ئۈرۈمچىدە قالىمەن" دېگەن خىيالىم، ئارزۇيۇم، غايەم، نىشانىم ...
ھازىر ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان ئۆيۈم، ئايالىم ۋە ئىككى بالام بار. لېكىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا جىق پۇلۇم يوق، خىزمىتىم يوق، يا مەن، يا ئاتا –ئانام بېيىپ كەتمىدۇق، جىق پەرق يوق...لېكىن مېنىڭ يەنىلا ئۈرۈمچىدە قالغۇم بار، يۇرتۇمغا قايتىپ كەتكۈم يوق، چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈم يوق، ئۈرۈمچىدە ياشىغۇم بار، بالىلىرىم ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇۋاتىدۇ، مەن قېرىۋاتىمەن...
بىر قېتىم تۈركىيەلىك بىر سودىگەرگە ئۈرۈمچى توغرۇلۇق بەك جىق سۆزلەپ كېتىپتىمەن، ئۇ ماڭا " بىلەمسەن، مەن ياش چېغىمدا ئىستانبۇلنى خۇددى سەن ئۈرۈمچىنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرەتتىم، كەتكۈم، ئىستانبۇلدا ياشىغۇم كېلەتتى، شۈكۈرلەر بولسۇن، مەن 25 يىلدىن بېرى ئىستانبۇلدا ياشاپ كېلىۋاتىمەن" دېگەن ئىدى. مەن " ئابى، مەن جىق گەپ قىلىپ كېتىپتىمەن، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، ئۈرۈمچى بىزنىڭ ئىستانبۇلىمىزدۇر." دېگەن ئىدىم.
ئۈرۈمچى مۇڭلىنىشقا بەك مۇۋاپىق بىر شەھەر. پىغانىم ئۆرلەپ،غەم بېسىپ ياكى يۈرەك ئېچىشىپ قالغان كۈنلەردە كوچىغا چىقىپ ئايلىنىمەن، ئارقا كوچىلارنى، قىستا-قىستاڭ مەھەللىلەرنى، يۈز-كۆزىنى توپا-تەرەت بېسىپ كەتكەن بالىلار قوغلىشىپ ئويناۋاتقان ھويلىلارنى ئايلىنىمەن. تىلەمچىلەر، ئوسما، خالتا، ئويۇنچۇق، گېزىت، قەغەز سېتىپ يۈرگەن بالىلار، ھارۋىلاردا مېۋە-چېۋە، كۆك، چامغۇر، جىگدە، گازىر-پۇرچاق... سېتىپ يۈرۈشكەن ياش بالىلار، ساقاللىق بوۋايلار ھەتتا قىز-چوكانلاردىن ئازدۇر-كۆپتۇر بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالىمەن... "ئاكا ئايىقىڭنى مايلاپ قوياي"، دەپ توۋلىشىدۇ، ئولتۇرىمەن، "ئاكا، خۇرۇم ئاياق ئەمەسكەنغۇ، قانداق مايلايمەن..." دەيدۇ. " سۈرتۈپ قويساڭمۇ ھېساپ" دەيمەن. بىر سوم تەڭلەيمەن، ئالغىلى ئۇنىمايدۇ، خىجىل بولۇپ كېتىدۇ، زورلاپ بېرىمەن، ئوڭايسىزلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى خىجىللىقىنى، ئوڭايسىزلىنىشىنى دۇنياغا تەڭ قىلمايمەن، مۇڭ ئەۋجىگە چىقىدۇ...

ئالى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلگەندە، تاغامنىڭ بۇرۇن بىر قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ باققان ئوغلى ماڭا ئۈرۈمچى توغرۇلۇق بىر ئاخشام سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر ئېغىزمۇ ياخشى گەپ قىلمىغان ئىدى: ئۈرۈمچىدە ئوغرى-يالغان بەك كۆپمىش، كېچىسى بۇلاڭچىلار قاينايمىش، تاماكا سۇنۇشقاندا ھېچكىم بىر تال سۇنمايمىش، بىر قاپ-بىر قاپ سۇنارمىش، ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوقمىش، سىيەمسەن، چىچامسەن، ياتامسەن، قوپامسەن ھېچكىم بىر نېمە دېمەسمىش...كوچىدا بىرەرسى يېتىپ قالسىمۇ كارى بولمايمىش... بىر ئېغىز گېپىڭدىنلا سېنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋالارمىش ۋە بوزەك قىلارمىش، سەينى خام يەيمىش، قورۇغان سەيلىرى گىرىچ-گىرىچمىش ۋە يەپ قالساڭ كېچىچە قوسقۇڭ ئاغرىيمىش...
تولۇق ئوتتۇرىدىكى مۇئەللىمىم بىر كۈن ئالاھىدە چاقىرتىپ پاراڭلاشقانىدى. ئۈرۈمچىگە بارغان چاغلىرىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن ماڭا مۇنۇلارنى دېگەنلىكى ئېسىمدە:
ئۈرۈمچى چوڭ بىر شەھەرمىش، يوللىرى كەڭرى، پاكىز، كىشىلىرى مەدەنىيەتلىك، ئاڭلىق ۋە رەتلىكمىش. مەن ئۈرۈمچىگە بارغاندا يالغۇز ئۆزۈمگىلا ئەمەس، يۇرتۇمغىمۇ ۋەكىللىك قىلىدىكەنمىشمەن، شۇڭا يۇرتۇمنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشلارنى قىلسام بولماسمىش، كىتابخانىلىرى جىقمىش، بىلىم ئالاي دېسەڭ، قانچىلىك لازىم بولسا توشاق بارمىش، لېكىن ئۈرۈمچى شۇنداق بىر يەرمىشكى، ئوغرى بولىمەن دېسەممۇ، توغرا بولىمەن دېسەممۇ، ئالىم بولىمەن دېسەممۇ، كاززاپ بولىمەن دېسەممۇ، ئىشقىلىپ نىيىتىمگە ماس كېلىدىغان ھەرقانداق شەرت-شارائىت ۋە مۇھىت تەييارمىش، شۇڭا، قارىماققا رەڭگارەڭ كۆرىنىدىغان چىراقلارغا ئالدىنىپ كەتمەي،مەكتەپتە، كۇتۇبخانا، ئاشخانا ۋە ياتاقتىن ئىبارەت ئالتۇن ئۈچبۇرجەكتىن يىراقلاپ كەتمەي ياشىشىم كېرەكمىش...
دادام مېنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېتەر چاغدا مۇنداق دېگەن ئىدى:
ئۈرۈمچىدە پۇلسىز ھېچ ئىش قىلغىلى بولماسمىش، كۈندە ئۈچ ۋاخ يۇيۇنساممۇ، ئەگەر شۇنداق پۇلۇم قالمىسا، يۈزۈمدىن شۇئان توپا ئۆرلەپ كېتەرمىش...

مەن ئۈرۈمچى توغرۇلۇق يۇقىرىدا دېيىلگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان چېغىمدا ئازراقمۇ قورقۇنچ ھېس قىلمىغاندەك قىلغان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە خۇددى بىر كېنونىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا، يېنىمىزدا ئولتۇرغان بىرسى بۇ كىنودىكى ۋەقەلەرنى سۆزلەشكە باشلىسا، ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلقىمىزغا كىرمەي، پۈتۈن خىيالىمىز كىنودا قالغاندەك، تاغامنىڭ ئوغلى، مۇئەللىمىم، دادام ئۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا قورقۇش، ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا ھاياجان ۋە بىر خىل خۇشاللىق قاپلىۋالغان ئىدى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى. تەلەيلىك ھېس قىلاتتىم ئۆزۈمنى.
قىسقىسى، قەشقەردىن كەلدۇق، ئۈرۈمچىدە قالدۇق. لېكىن نە قەشقەردىن پۈتۈنلەي كېتەلمىدۇق، نە ئۈرۈمچىدە تولۇق قالالمىدۇق. بۇ ئاجايىپ تۇيغۇ ئىكەن. ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قەشقەرنى سېغىنىمىز، قەشقەرگە بېرىپ ئۈرۈمچىنى. قېنى ياشاپ باقايلى، ئاخىرى قانداق بولىدىكىن...
گەپنى سەل باشتىن باشلىساق، مەن ئۈرۈمچىنى كۆرمەي ،كەلمەي تۇرۇپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسام كېرەك. ئەڭ باشتا "ئۈرۈمچى" دېگەن ئىسىمگە ئامراق بولۇپ قالغان چېغىم بار،كېيىن ئۈرۈمچىگە قاچماقچى بولدۇق، چاقىرىق ئۈرۈمچىدىن كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى بىلەن ئالاقەم تېخىمۇ قويۇق بولۇشقا باشلىدى، ئۈرۈمچىدە ئوقۇشتىن بەكرەك ئۈرۈمچىنى خىيال قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يولغا چىققان كۈنگىچە ھەر كۈنۈم ئاجايىپ كۈچلۈك ھاياجان ئىچىدە ئۆتكەن ئىكەن ئويلاپ باقسام. "ياخشى كۆرۈش" كەلىمىسىنى ئىشلىتىشتىنمۇ مەقسىدىم شۇ ئىدى.مەندىكىسى، ئۈرۈمچىگە ھەۋەس قىلىش، قىزىقىش، ياكى چوڭ بىلىش ئەمەس ئىدى، پۈتۈن بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياخشى كۆرۈش ئىدى! 18 يىل ياشىغان يېزامدىن ئايرىلىدىغان كۈنى ئەتىگەندە ئەڭ يېقىن ئاغىنەم مېنى ئۇزاتقىلى كېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم. ئۇرۇق-تۇققانلار بىرەر قۇر كۆز-يېشى قىلىشتى،ئۇكام تۇنجى قېتىم يالغۇز قېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئىسىلىپ، قىزىرىپ ئارانلا تۇراتتى، قىسقىسى، ئايرىلىش ئەتراپىمدىكىلەرگە ئېغىر كەلگەن ئىدى، ئېغىر كەلدى دېيىش سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولار بەلكىم، لېكىن ھېچبولمىغاندا مەندىن باشقا ھېچكىم خوش بولمىغاندەك قىلاتتى. يۈك-تاقامنى ماشىنىغا باستۇق ۋە يۈرۈپ كەتتۇق. شەھەردە ئانام تولا يىغلاپ ھېچ ھالى قالمىدى، ئاپتوبۇس قوزغالغاندا بولسا بىچارە ئانام ئوغلىنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ئاپتوبۇستىن دەردىنى ئالماقچى بولغاندەك ئاپتوبۇسنى مۇشتلاپ كەتكەن ئىدى... مەنچۇ؟ قاپىقىمنى تۈرۈۋالغان ئىدىم، ئانامغا، دادامغا تۈزۈك ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشقا يارىمىدى بۇ ئادەتتە كاسىلداپ توختىمايدىغان تىلىم، كىتاب ئوقۇسام، كىنو كۆرسەم شۇنچىكى تەسىرلىك كۆرىنىشلەرگە ئېقىپ سەل بولۇپ كېتىدىغان يارىماس كۆزلىرىم گويا قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى بۈگۈن...18 يىل ياشىغان مەھەللەم، يېزام،ئۇرۇق-تۇققانلىرىم،دوست-يار، بۇرادەرلىرىم، قوي باققان جاڭگاللار، توشقان قوغلىغان سازلىقلار، توغراقلىقلار، سۇغا چۆمۈلگەن ئۆستەڭلەر، سۇ ئامبارلىرى، تۈلكە قوغلىغان مازارلىقلار، ئورمانلار، قۇملۇقلار، ئۇن تارتىشنى باھانە قىلىپ كەچكىچە سۇغا چۆمۈلىدىغان تۈگمەنلەر، ئېتىز-ئېرىقلار، باغلار، قوغۇن-تاۋۇزلۇقلار، بالىلىقنىڭ ئەڭ خۇشال پەيتلىرىنى ياشىغان خامانلار ۋە رامىزان توۋلاشلار، قاپاق كۆيدۈرۈشلەر، يالىڭاياق قىزىق توپا يولدا ماڭغاندا پۇتقا كىرگەن تىكەنلەر، يېگەن پەشۋالار، ھەر يىلى روزا ۋە قۇربان ھېيتتا قايناپ كېتىدىغان جامەنىڭ ئالدىدىكى مەيدان ۋە كۆل...پۈتۈن بۇلار ئارقامدا قېلىۋاتاتتى ۋە مېنىڭ پەرۋايىمدا يوق ئىدى، ئۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ بىر كۈنلەردە بۇلارنى سېغىنىپ، يۈرىكىمنىڭ ئاچچىق ئۈرۈك ئوتۇنىنىڭ چوغىدا پىژىلدىغان كاۋاپتەك بولۇپ كېتىشىنى نەدىن بىلەتتىم؟

ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتىمەن، خىيالىم بالىلىقىمدىكى جاڭگالدا توشقان قوغلايدۇ. ئۈرۈمچىدە جان باقىمەن، خىيالىم قەشقەردە قوي باقىدۇ. باققالدىن ئۈرۈك ئالسام، قولۇم بېغىمىزدىكى ئۈرۈككە سوزۇلىدۇ؛ ھويلىمىزدىكى چىملىققا سۇ چېچىلسا، يېزامدا ئېچىق كۆمىمەن؛ قول ھارۋىسىدا جىگدە سېتىپ يۈرگەن بوۋايدىن جىگدە ئېلىۋېتىپ قوللىرىمغا تىكەن كىرىپ كېتىدۇ، دۆڭكۆۋرۈكتە ئاياق سېتىۋالسام، يېزامدا پۇتۇمغا كىرىپ كەتكەن تىكەننى سېغىنىپ كېتىمەن...ئەي مەن يامىشىپ ئوينىغان دەرەخلەر، ئارتىلىپ ئوينىغان تاملار،ئۆمىلەپ ئۆتكەن سۈڭگۈچلەر، ئوغۇرلۇققا كىرگەن باغلار، يامغۇردا پاتقاق، قاردا تېيىلغاق بولۇپ كېتىدىغان يوللار، كۆزى تېڭىقلىق جۇۋاز كالىسى، ئاۋازى سەت ئاچىماق تراكتور، تاغامنىڭ خۇيى ئەسكى ئېشىكى، ھاممامنىڭ ھەمىشە ئاچچىق بولۇپ قالىدىغان زاغرىسى، يەنە بىر تاغام چارشەنبە بازاردىن ئالغاچ كېلىدىغان سامسىلار،ھويلىمىزغا سەۋزە يېگىلى كىرىدىغان توشقانلار، كېچىسى چاشقان تۇتۇپ كۈندۈزى پۈتۈن كۈن ئۇخلايدىغان سېمىز مۈشۈك...بۈگۈنكى مەن سېلەرنى سېغىنغان، سېغىنىۋاتقان ۋە ھەمىشە سېغىنىدىغان مەن!
ئۈرۈمچىنىڭ نېمىسىنى ياخشى كۆرىسەن؟" دەپ سورىغان ئىدى بىر قېتىم بىر ئاغىنەم. ئۇ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بىر ئىش بىلەن چىققان ئىدى. بىز بىرگە ئايلاندۇق، ئۇنىڭ ئىشىنى پۈتتۈردۇق، كەچتە مۇڭداشقاچ تاماق يېيىش ئۈچۈن ئولتۇرغان ئىدۇق. ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى تەسىراتلىرىنى ئۇ سۆزلىدى. تۇنجى كېلىشى ئىدى، ئۇنىڭغا جىق نەرسە غەيرى كۆرۈنگەن ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە سىغمىغان ئىدى. گەپ-سۆزلىرىدىن " ھېلىمۇ ياخشى ئۈرۈمچىدە ياشىمايدىكەنمەن" دېگەندەك كەيپىيات چىقىپ تۇراتتى. ۋە گېپىنىڭ ئاخىرىدا بۇ سۇئالنى سورىدى. مەن "ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەر جىققۇ." دەپلا تۈگەتكەن ئىدىم گېپىمنى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاغزىدىن جىقراق گەپ ئاڭلىغۇم كېلىپ جىق گەپ قىلمىغان ئىدىم. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئىشلارنى ئەسلەشتۇق، ئاغىنەم مېنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلىيەلىگەنلىكىمدىن بەك ھەيران قالدى. ئۇ كەتتى، سۇئالى مەن بىلەن قالدى. ئۈرۈمچىنىڭ نېمىسىنى ياخشى كۆرىمەن؟ بىرەر سەۋەب بولىشى كېرەكتە...
ئۈرۈمچىدە ئوقۇغانلىقىم ۋە كۆنۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ياخشى كۆرەمدىمەن؟
شەھەردە نۇرغۇن ئىشلار يېزىغا قارىغاندا قولايلىق ۋە جاننى قىينىمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
بۇ يەردە بىر كىمنىڭ بىر كىم بىلەن كارى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
مىدىرلاپلا تۇرسا رىسقىنى تېپىپ يېيىش ئۇنچىۋېلا تەس بولمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
مەركىزىي شەھەردە ياشاش كىشىلەر ھەۋەس قىلىدىغان بىر ئىش بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
خىزمىتىم، ئىشىم، نان تېپىپ يەيدىغان كەسپىم مۇشۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
ماڭا داۋاملىق يېقىندىن كۆز-قۇلاق بولىدىغان ئۇرۇق-تۇققان، خۇلۇم-خوشنا، ئەل-مەھەللە،تونۇش-بىلىشلەر يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزۈمنى سەل ئەركىن ھېس قىلغانلىقىم ئۈچۈنمۇ؟
قىز دوستۇم مۇشۇ شەھەردە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
بىلىم مۇھىتىنىڭ قويۇق بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
سىياسىي بېسىم نىسبەتەن ئازراق بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟
مەسچىتلەر ئازادە، پاكىز ۋە ئاساسەن دەخلى تەرۇزسىز بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟
دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى يۇرتلىرىدىن خىلمۇ-خىل سەۋەبلەر، كۆپىنچىسى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ماڭا ئوخشاش "ئۈرۈمچىدە قالغۇسى" كېلىپ قېپقالغان ئەل-ئاغىنە بۇرادەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك سۆھبەتلەر، قىززىق پاراڭلار، ئېغىزنى قۇلاققا يېقىپ بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزۈشكەن خىلمۇ-خىل ئۇچۇرلار، كەلگۈسىمىز ھەققىدىكى خىلمۇ-خىل تەسەۋۋۇر ۋە قىياسلار، سىياسىي، قىزلار ۋە مىللەت ھەققىدىكى تۈگىمەس تالاش-تارتىشلار...بۇلارغا تارتىشىپمۇ _يا؟
بۇلاقبېشى، دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپلىرىدىكى ئازغىنە پۇلغا تويغۇدەك تاماق بېرىدىغان ئاشخانىلار، كىتابخانىسىغا كىرىپ كەچ كىرگىچە كىتاب ئوقۇۋالساڭمۇ گەپ قىلمايدىغان ئاقكۆڭۈل كىتابچى، ساڭا شۇنداق يېقىملىق ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان ئۈرۈمچىلىك قىز ساۋاقداشلىرىڭ، ئىزدەپ بارساڭ ئۆزى باشقا كارۋاتتا قىستىلىپ يېتىپ، ئۆز كارۋېتىنى ساڭا بوشىتىپ بېرىدىغان مىھماندوست يۇرتدېشىڭ، پۇلۇڭ قالمىسا سەن بىلەن بىر يۇرتلۇق، ئۇرۇق-تۇققان بولمىسىمۇ بار پۇلنى تەڭ خەجلەيدىغان تونۇشۇڭ... ئۈچۈنمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-15 12:01
|