jahankezdi يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 13:52 
ئۇنداقتا بۈگۈن ئۈندىدار ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە بۈگۈ ...
دىيارلىرىمىزدا يۇلتۇز ئىلمىسىنى ئاساس قىلىپ ماڭىدىغان كىشىلىرىمىز شەرىئەت تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئادەملەرنىڭ تازا سالىھلىرى يوق . ھەممە دېگۈدەك ئىشلىرىدا سېھىرنى ئىشلىتىپ قويىدۇ . شۇڭا بىزنىڭ بۇ تەرەپلىك قانىتىمىز سۇنغان .
ئاستورونۇمىيە - مۇنەججىملىكنى تېلىسكۇپتا كۈزىتىشتە بولىدىغان ئالىملار شەرىئەتكە تېخى قېتىلىپ بولالمىدى . ياكى بۇنىڭدەك ئالىملار بىزدە بەكلا ئاز .
بىر مىللەت تولاراق بۆلۈنۈشنىڭ قۇربانىغا كەتكەن ۋە كېتىۋاتقان مىللەت . ئىلىملىكلەر بىرلەشسە ۋە ھەقىقەتكە ئىنتىلسە ھەممە ئىش ئوز يولىدا دەۋىرلىنەتتى .
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئاخشاممۇ مەككىدە سائەت ئون يېرىمغىچە تۇرۇشۇپ ھېچ ئاينى كۆردۇق دېگەنكى مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمەي تەراۋىھ ئوقۇمايلا يېتىشىپ قېلىشىپتۇ . بىزدىمۇ بۇنىڭدەك كىشىلەر بولدى . ئەگەر يېرىم كېچىدە بولسىمۇ ئاي كۆرۈلگەنلىك خەۋىرى بولسىلا كېچە بولسىمۇ تۇرۇپ تەراۋىھنى باشلايدىغانلىق ئۈمۈدىدە يېرىم كېچىگىچە تۇرۇشقانمۇ مەسجىدلەر بولدى . ھەمدە پەرەزگە ئاساسلىنىپلا ئاخشام تەراۋىھنى باشلىغان مەسجىدلەر ھەم بولدى .
بىزمۇ مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بېشىمىزغا كەلگىنىنى كۆرەيلى دەپ ئاخشام قوپقان . ئەمما سائەت يەتتىدە خەۋەر كەلدى . شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ سۇندۇرۇپ ئولتادۇق . ئاخشاملىققا بۇ نۆۋەت چوقۇم توغرا قوپكىتەمىز .