ئەلكۈيى تورىنىڭ چىللە 9-كۈنى رامىزاننىڭ 1-كۈنىدىكى رامىزانلىق ۋاقىت خەۋىرى :7 -ئاينىڭ 9-كۈنى (يەنى بۈگۈن كېچە)دىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامىزان كۈنى باشلاندى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلكۈيى تورى بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك زوھۇرلۇق ۋاقتى ۋە ئىپتارلىق ۋاقتىنى ئەلكۈيى تورى باش بەت ئەڭ ئۈستى تەرەپتە ھەركۈنى يېڭىلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلدى.ئەلكۈيى تورىغا كىرگەن ھامان كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ھەر كۈنلۈك ۋاقىتلارنى ئۆزىڭىز تۇرغان ناھىيە -شەھەرنى تاللاپ زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق ۋاقىتلارنى بىلىۋالسىڭىز،دوست-بۇرادەر،يېقىن -يورۇقلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلسىڭىز بۇلىدۇ.كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى،ھەر كۈنلۈك زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق ۋاقتىنى ئەلكۈيى تورىدىن ۋاقتىدا كۆرۈپ تۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!بىر قانچە يىللاردىن بويان تورىمىز دىيارىمىزدىكى موسۇلمان تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ھەر يىللىق كالىندارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.بارلىق موسۇلمانلارغا رامىزانلىق سالام يوللايمىز!
ئەلكۈيى تورى شۇنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىدۇكى:
1. ئەلكۈيى تورى تەمىنلىگەن بۇ ۋاقىت جەدۋىلى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت ۋاقىت مەركىزى تەمىنلىگەن ۋاقىت ئاساسىدا تۈزۈلۈپ، مىنۇتقىچە ئېنىقلىقتا پۈتۈنلەپ ئېلىندى ھەم پايدىلىنىشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى قوللىنىلدى ۋە چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىن قىلىپ ھېسابلاندى.
2. سەھەر-كەچتە ئاسماننىڭ يورۇق-قاراڭغۇلۇقىنى كۆزەتكەندە، شەھەرلەردە سۈنئىي يورۇتۇشتىن كېلىپ چىققان نۇرنىڭ بۇلغىشى، كەچ كىرگەندە ئاۋات رەستە ۋە مەيدانلاردىكى يورۇتۇلغان ئېلان تاختىلىرى، نېئونلۇق لامپىلار شەھەرنىڭ كېچە ئاسمىنىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋېتىدۇ، مانا بۇلار شەھەر ئاسمىنىنىڭ يورۇق-قاراڭغۇلۇق سېلىشتۇرما دەرىجىسىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، سەھەردە تاڭ بالدۇر يورۇپ كەتكەندەك، كەچتە تېخى قاراڭغۇ چۈشمىگەندەك، كۈن تېخى بالدۇردەك خاتا تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئەتىگەنلىك زوھۇرنىڭ دۇئاسى:
نىيەت قىلدىم اللە نىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئىخلاسىم بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتماققا. سۇبىھى تاڭدىن تا قۇياش پاتقۇچە.
ئامىن!
كېچە زوھورلۇق دۇئاسى-نەۋەيتۇ ئەن ئەسوۋمە سەۋمەفى شەھرى رامزان مىنەل فەجرى ئىلەل مەغرىبى خالىسەن لىللاھۇ تەئەلا ئاللاھۇ ئەكىبەر.
ئىپتار دۇئاسى-ئاللاھۈممە لەكە سونتۇ ۋەبىكە ئامانتۇ،ۋەئەلەيكە تەۋەككەلتۇ ۋەئەلا رىسقىكە ئىپتارتۇ.
ئەتىگەنلىك زوھۇرنىڭ دۇئاسى:
نىيەت قىلدىم اللە نىڭ رىزاسى ئۈچۈن ئىخلاسىم بىلەن رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتماققا. سۇبىھى تاڭدىن تا قۇياش پاتقۇچە.
ئامىن!
كەچلىك ئىفتارنىڭ دۇئاسى
ئېھ، اللە شۇ بۇ روزامنى ئۆزلىرىنىڭ رىزالىرى ئۈچۈن تۇتتۇم، ئۆزلىرىگە ئىمان كەلتۇردۈم، ئۆزلىرىگە تەۋەككۇل قىلدىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ رىزقىلىرى بىلەن ئاغزىمنى ئاچىمەن. ئېھ، گۇناھلارنى ئەپو قىلغۇچى اللە ئەمدى مېنىڭ بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن.
(بارلىق تورداشلارنىڭ ئەرەبچىسىنى ئۆگىنىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز)
ئۈرۈمچىنىڭ 2013-يىل رامىزانلىق ۋاقىت جەدۋىلى رامىزاننىڭ 1-كۈنى
ئورنى: بەيتۇلمەئمۇر جامەسى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق °87.6119، شىمالىي كەڭلىك °43.7748
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °256.23

غۇلجىنىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى
ئورنى: بەيتۇللاھ مەسچىتى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق °81.3198، شىمالىي كەڭلىك °43.9114
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °250.33

تۇرپاننىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى

چۆچەكنىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى
ئورنى: مەدەنىيەت مەيدانى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق °82.9742، شىمالىي كەڭلىك °46.7450
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °249.00

يەكەننىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى
ئورنى: ئالتۇن مەسچىتى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق°77.2544، شىمالىي كەڭلىك°38.4158
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °252.99

شايارنىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى
ئورنى: جەلق يولى بىلەن تېرەك كوچىسىنىڭ كېسىشكەن يېرى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق °82.7778، شىمالىي كەڭلىك °41.2232
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °254.26

چاقىلىقنىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى
ئورنى: خەلق مەيدانى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق °88.1645، شىمالىي كەڭلىك °39.0220
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °261.35

خوتەننىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى
ئورنى: ئىتتىپاقلىق مەيدانى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق °79.9209، شىمالىي كەڭلىك °37.1117
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °256.25

قەشقەرنىڭ 2013-يىل رەمازانلىق ۋاقىت جەدۋىلى
ئورنى: ھېيتگاھ جامەسى، كوردىناتى: شەرقىي ئۇزۇنلۇق °75.9836، شىمالىي كەڭلىك °39.4721
قىبلە يۆنىلىشى: سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە °250.38

باشقا ۋىلايەت ناھىيەلەرنىڭ ۋاقىت جەدىۋىلى قوشۇلىۋاتىدۇ...