ئىگىسى: umidwar

تۇرسۇنجان زۇنۇن ھەققىدە ئەلكۈيى تورىدا زىيارەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15025
يازما
67
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
307
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-11-19
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 14:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئاكامنى بۇرۇن گۇمىگەينىڭ ئېلانىغا چىققاندىن باشلاپ تۇنىغان، بىراق مۇشۇ خېيمەننىڭ ئاۋازنى بەرگەندە باشقا ئەجرىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەگەر سىلەردە ئۇ رول ئالغان ياكى ئۇتۇقلۇق بولغان ئەمەلىي نەتىيجىلىرى بولسا يوللاپ قۇيساڭلار، بۇ ئاكىمىزغا بولغان چۈشەنچىمىز تېخخمۇ ئاشسا دەيمەن !

باشقۇرغۇچى

مەن زادى كىم؟؟

Rank: 8Rank: 8

UID
1929
يازما
1007
تېما
41
نادىر
0
جۇغلانما
34964
تىزىملاتقان
2009-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-4
توردا
144 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 12:34:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇبارەك بولسۇن!
تۇرسۇنجان زۇنۇن ئاكىمىز رول ئالغان نۇرغۇن كىنولارنى كۆرۈپتىكەنمەن. ئۆزى رول ئالغان كىنولاردا ئۆز ئاۋازى بىلەن تېخىمۇ بەك ماسلىشىدۇ. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بەك ياخشى كۆرۈپ كۆرىدىغان خىيمەن دە ئىسكىلىت شاھ خۇددى راستىنلا ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى ماڭا.
مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرىدىكى تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپىلەرنى قاتقان تۇرسۇنجان زۇنۇن ئاكىمىزدەك كىشىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى يورۇتۇش ۋە ئەجرى ئۈچۈن گۈل تۇتۇش ۋەجىدىن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشى بەكمۇ ياخشى ئىش. ئائىلىسى بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ چىقىپ تېخىمۇ مۇھەببەتلىك ھىسلارغا چۆمدۈم.ئاللاھىم ئائىلىدىكىلىرىگە ساقلىق  ۋە بەخىت ئاتا قىلسۇن!
نەق مەيداننى سۈزۈك نۇسخىسى بىلەن بىزگە سۇنۇپ بىزنى بەھىرلەندۈرگەن ئەلكۈيى شېركىتىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!
بەرگىدىكى شەبنەم چىرايلىقمۇ؟

UID
53850
يازما
54
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2013-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-19
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 13:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىسكىلىت شاھنىڭ ئاۋازىدىنلا ئۇنىڭ نەقەدەر كەسىپكە  پىشقان  ئۇستاز ئىكەنلىكىنى  بىلۋالغىلى بولىدۇ ، ئەل سۆيگەن  بۇ ئۇستازىمىزغا ئۇزۇن ئۈمۈر ھەم سالامەتلىك تىلەيمەن . بىزنى بۇ پائاليەت بىلەن تۇنۇشتۇرغان ئۈمۈدۋار ئەپەندىمگىمۇ كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !

باھا سۆز

جېلىليۈزى  بۇ مۇنبەردە سىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،ئەمدى فائىزەمۇ كىرسە بولاتتى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 19:29:19
جېلىليۈزى  بۇ مۇنبەردە سىزنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،ئەمدى فائىزەمۇ كىرسە بولاتتى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 19:29:19

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1000
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42729
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-8
توردا
426 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-22 14:49:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۇرسۇنجان مۇئەللىمنىڭ نازىگۈلنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم، بىراق نازىگۈلنىڭ ئاپىسىنى ئاپرىل سەمەتمىكىن دەپ قاپتىكەنمەن، كېيىنرەك ئەمەسلىكىنى بىلدىم. ئايىمنىسا ئاپپاي ياشلىقىدا تېخىمۇ گۈزەل قىز بولسا كېرەك، شۇ گۈزەللىكىنى تېخىچە يوقاتماپتۇ.

كۆپچىلىككە ئوخشاش مەنمۇ ئىسكىلىتشاھقا ئاۋاز بەرگەنلىكى بىلە ئەڭ دەسلەپتە تۇرسۇنجان مۇئەللىمگە نىسپەتەن تونۇش پەيدا بولغان دېسەممۇ بولغۇدەك. يوقىرىدىكى سۈرەتلىك فىلىمنى كۆرۈپ ئاندىن بىرقەدەر ئەتراپلىق بولغان چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم. تۇرسۇنجان مۇئەللىم ئاكتىيورلۇق قىلىپتۇ، ئاۋاز بەرگۈچى بوپتۇ، دەرسخانىدا دەرس ئۆتۈپتۇ، تۈرلۈك دەرسلىك قوللانمىلىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپتۇ... كۆپ قىرلىق سەنئەتكار دېسەك تامامەن بولغۇدەك. توۋۋا دەيمەن، شۇ يىللاردىمۇ خېلى نوچى دىراممىلار ئوينىلىپتىكەن. بۇ يىغىلىشنى تۇرسۇنجان مۇئەللىمنىڭ پەرزەنتلىرى تولىمۇ مەنىلىك پىلانلاپتۇ، بۇ يىغىلىشقا شۇنچىۋالا كۆپ تاراتقۇ ھەم پىشقەدەم دادا-ئاپىلىرىمىزنىڭ قاتناشقانلىقى تۇرسۇنجان مۇئەللىمگە بولغان قايىللىق ھەم ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئوماق نەۋرىسى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم كىچىك دوستلار...»دېگەن يېرىدە بەك كۈلىۋەتتىم.

مەن ھەرقانداق مائارىپچىنى ھۆرمەت قىلىمەن، ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېگىنىم ھەقىقىي مەنىسى بىلەن مائارىپقا قان- تەر ئاققۇزىۋاتقانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ، ھەرگىزمۇ لۇشۈن ئېيتقانداق «بىر ئىتنىڭ قاۋىشى بىلەن تەڭ قاۋايدىغان يېزا ئىتلىرىغا ئوخشايدىغان»كىشىلەر ئەمەس. 70ياشقا كىرىپمۇ تۇرسۇنجان مۇئەللىم شۇنداق تېمەن تۇرۇپتۇ. بۇمۇ بەلكىم روھى ساغلاملىقىنىڭ تولىمۇ ياخشى ھالەتتە بولغانلىقى، ئائىلىسىنىڭ بەخىت ئىچىدە ئىكەنلىكى، كەسپىنى سۆيگەنىكى، ئەڭ مۇھىمى ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنىڭ ئىجىل-ئىناقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن. مەن تۇرسۇنجان مۇئەللىمنىڭ تېنىنىڭ مۇشۇنداق ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى، ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ بەخىتلىك بولىشىنى، سەنيادا خۇشال-خورام ئويناپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

قوشۇمچە: نازىگۈل كەيگەن كۆينەك نوچىكەن، مەنمۇ شۇنداقتىن تىكتۈرۈپ كىيىمەن.
ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
33738
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-7
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 14:32:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەي ئۇستاز، توغراق يېشىدا ياشاڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر

UID
13878
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1013
تىزىملاتقان
2011-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-9 20:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئىسكىلىت شاھ››ئاكىمىز.

UID
55710
يازما
465
تېما
54
نادىر
0
جۇغلانما
465
تىزىملاتقان
2013-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-18
توردا
152 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-25 18:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلشى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتتە يەنىمۇ بىرقەدەم ئويغانغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى دىيىشكە بولىدۇ. پىشىۋالىرىمىز بارماق بىلەن سانىغۇچىلىك بۇ مىللەتتە ئۆزئارا ئىلھام بىرىش، بىر-بىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش نەقەدەر مۇھىم ئىش ھە، بىز پەقەت بىرتال ئوتۇنغا ئوخشايمىز پەقەت نۇرغۇن ئوتۇنلارنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇپ كۆيۈشىدىن گۈلخان ھاسىل بولىدۇ. ياخشى تىلەك ياخشى ھەركەت ياخشى نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەن ئويلايمەن، تىزلا ئۆتۈپ كىتىدىغان بۇ ھاياتىمىزدا يوقاپ كىتىشتىن ئاۋال قولىمىزدا بار بولغان گۈھەرلەرنى ھەسسىلەپ قەەىرلەيلى! ئاخىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خەلقىمگە مەنىۋى زوق ۋە يېڭى ئۈمۇد، پەخرلىنىش ھىسياتى ئاتا قىلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۇيۇشتۇرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 70يىللىق ئۆمرىنى ئۆزى ياقتۇرغان كەسىپكە بىغىشلاپ، تەر ئاققۇزۇش ئارقىلىق كۆپلەپ مىۋە بەرگەن تۇرسۇنجان زۇنۇنغا سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئۈچۈن يەنىمۇ كۈچ چىقىرىشنى، سەنئەت ئۈچۈن ئاخىرغىچە شامدەك كۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بارىكاللا، يارايسىز!

UID
55710
يازما
465
تېما
54
نادىر
0
جۇغلانما
465
تىزىملاتقان
2013-9-24
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-18
توردا
152 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 01:54:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ تۆھپىكار ئۇستاز،مائارىپچى،پروفېسسور،تالانتلىق سەنئەتكار تۇرسۇنجان زۇنۇن تەۋەللۇتىنىڭ 70يىللىقى،سەنئەت ھاياتىنىڭ 55يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس فىلىمىنى تىزلىكتە خەلقىمىزگە سۇنغانلىقىدىن بەكمۇ سۈيۈندىم، شۇ باسقان ھەربىر قەدىمڭلاردىن گۈل ئۈنگەي، جاپا چەكتىڭلار!

UID
52770
يازما
240
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
240
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-13
توردا
86 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-13 01:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا دەرسىلىكىدە ئىسمىنى بەك كۆپ ئۇچىرتاتتىم،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن

UID
58185
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
44
تىزىملاتقان
2014-1-28
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-8
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-20 17:11:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىسۇن بۇ يىللار
ئۇستاز تېخى ياش !     تۇرسۇنجان زۇنۇن ئاكىمىز  ھېچ بىر 70 ياشقا كىرگەندەك قىلمايدۇ   
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش