تۆھپىكار ئۇستاز،مائارىپچى،پروفېسسور،تالانتلىق سەنئەتكار تۇرسۇنجان زۇنۇن تەۋەللۇتىنىڭ 70يىللىقى،سەنئەت ھاياتىنىڭ 55يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس فىلىمى 
ئەسسالامۇئەلەيكوم ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ۋە بارلىق تورداشلار ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارغا ئولۇغ ئاللاھتىن بەرىكەت ۋە زور نەتىجە تىلەيمىز.ئەزىز تېنىڭلار ھەرۋاقىت ئامان بولسۇن!
ئەجىر -مېھنەت،مىھىر مۇھاببەت،تىرىشچانلىق ۋە خەلق ئالدىدىكى يۈكسەك بۇرچنى ئادا قىلىش يولىدا تېنىمسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشىلەرنى خەلقىمىز تارىختىن بويان ھۆرمەت تەختىدە كۆتۈرۈپ،ئۇلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىراملارنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.بۈگۈن بىز ئەنە شۇنداق بىر كاتتا ئىش ھەققىدە بارلىق تورداشلارغا خەۋەر بىرىش مەقسىتىدە ئۈشبۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمىز. 
2013-يىلى چىللە ئېيىنىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئىلىم پەن بېغىدىكى ھارماس باغۋەن،مائارىپ تەربىيەسىدە يۈرىكى ئوت بولۇپ يانغان تۆھپىكار مائارىپچى،ئۇستاز پروفېسسور،ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدىكى تالانتلىق سەنئەتكار تۇرسۇنجان زونۇن تەۋەللۇتىنىڭ 70 يىللىقى،سەنئەت ھاياتىنىڭ 55يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.مائارىپ،ئەدەبىيات سەنئەت يولىدا ھارماس تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتۈن دىيارىمىز خەلقىنى تەسىرلەندۈرگەن بۇ ھارماس ئۇستاز،تۆھپىكار باغۋەت،تالانتلىق سەنئەتكارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تېخىمۇ كەڭرى تۈردە تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ئەلكۈيى تورى يىغىن جەريانىدا يىغىننىڭ تولۇق تەپسىلاتىنى سۈرەتكە ئېلىپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق. تۇرسۇنجان زۇنۇن تەۋەللۇتىنىڭ 70يىللىقى،سەنئەت ھاياتىنىڭ 55يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تولۇق جەريانى ئەلكۈيى تورى مەخسۇس فىلىمى
ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن بۇ فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نەشرىياتى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تياتىرچىلار جەمئىيتى،شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى تۆھپىكار ئۇستاز،مائارىپچى پروفېسسور،تالانتلىق سەنئەتكار تۇرسۇنجان زۇنۇننىڭ كەسپىي ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كۈنلىرىگە تېخىمۇ زور ئوتۇقلارنى تىلەش ۋە ئەۋلاتلارغا تىرىشچانلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەت بولسىلا ھەرقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بولۇپ،پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي كومتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى مىجىت ناسىر،ماھىنۇر قاسىم قاتارلىق رەھبەرلەر،شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى،شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ، شىنجاڭ ئوپىرا تىياتىرى،شىنجاڭ تىياتىرچىلار جەمئىيتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى،تۇرسۇنجان زونۇننىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىدا تۇنجى قارار ئوقۇشقا بارغان ساۋاقداشلىرى،دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى جامائەت ئەربابلىرى،تۇرسۇنجان زۇنۇن تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان نۆۋەتتە جەمئىيتىمىزدە خەلقنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان ئەل سۆيگەن سەنئەتكار ئوقۇغۇچىلىرى شۇنداقلا ئورۇق-تۇغقان ۋە يېقىن يورۇقلىرى ھەمدە دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ۋە بىر قىسىم گېزىت ژورناللارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
پائالىيەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر 

يىغىنغا تۇرسۇنجان زۇنۇن مۇئەللىمنىڭ قىزى،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى نازىگۈل تۇرسۇنجان ۋە شىنجاڭ تياتىرچىلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى،تۇرسۇنجان زۇنۇننىڭ كەسىپدىشى مەخمۇت ھامىت رىياسەتچىلىك قىلدى 











































پائالىيەتتە ئالدى بىلەن تۇرسۇنجان زۇنۇننىڭ كەسپىي ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن بىر قىسىم مۇھىم تۆھپىلىرى ئېكرانلىق ھالدا ئەسلەپ ئۈتۈلدى،پائالىيەتكە كەلگەن ئەزىز مېھمانلار تونۇشتۇرۇلغاندىن كىيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى،شىنجاڭ ئوپىرا تىياتىرى،شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ تۇرسۇنجان زۇنۇننىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،مائارىپ،ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ ئۆزىنىڭ سوۋغىسىنى تەقدىم ئەتتى.ئارقىدىن تۇرسۇنجان زۇنۇننىڭ ساۋاقداشلىرى،كەسىپداشلىرى ۋە دوست - بۇرادەرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ ئەجىر -مېھنەتلىك ھاياتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتى ۋە كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىلدۈردى.پائالىيەت جەريانىدا يەنە ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرى تۇرسۇنجان زۇنۇن مۇئەللىمگە ئۆزگىچە سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق تەبرىكلەش پائالىيتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.يىغىن جەريانىدا تۇرسۇنجان زۇنۇن سەنئەت ساھەسىدە تەربىيلەش يىتىشتۈرگەن داڭلىق سەنئەت ئوقۇغۇچىلىرى ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ئۇستازىغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.
















ئەلكۈيى تورى مائارىپ بېغىدىكى ھارماس باغۋەن،ئۇستاز پروفېسسور،تالانتلىق سەنئەت تۇرسۇنجان زۇنۇن ئەپەندىمنىڭ قۇتلۇق 70 يىللىق ھاياتىنى تەبرىكەش شۇنداقلا كەسپى ھاياتىدىكى 55يىللىق نەتىجىسىنى خەلقىمىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈشكە سونۇش مەقسىتىدە بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى باشتىن ئاخىرى سۈرەتكە ئېلىپ ، پائالىيەت جەريانىدا ھەرقايسى شەخىسلەر بىلەن زىيارەت ئىشلەپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.




ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئاشۇ مىنۇتلاردا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى تەسىرلىك كۆز ياشلار بىلەن تولدى.خۇشاللىق،ئەسلىمە ۋە ھاياجان ئىچىگە تولغان بۇ قېتىملىق يىغىلىش قانداقتۇر بىر قېتىملىق تەبرىكلەش بىلەنلا توختاپ قالماستىن ئىلىم پەن بېغىدىكى بۇ ھارماس ئۇستازنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن ئۈگىنىش،ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتەك ..خەيرلىك ئىشلار بىلەن داۋام ئەتتى.ئاخىرىدا بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن تۆھپىكار ئۇستاز،مائارىپچى ،پروفېسسور،تالانتلىق سەنئەتكار تۇرسۇنجان زۇنۇن ئەپەندىمنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتىنى تېخىمۇ زور نەتىجىلەرگە ئىگە ھايات بولىشىنى،ئوزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى شۇنداقلا نەتىجە ۋە بەختكە تولغان ئائىلىسىنىڭ مەڭگۈ خۇشال _خۇراملىق ئىچىدە ئۈتىشىنى ھەممىگە قادىر ئولۇغ ئاللاھتىن تىلەيمىز ! كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى چىللە ئېيىنىڭ 26-كۈنى (6-ئاينىڭ 26-كۈنى) |