ئىگىسى: ahatadiljan

ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15718
يازما
48
تېما
5
نادىر
1
جۇغلانما
113
تىزىملاتقان
2011-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 05:06:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurataksu يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 22:41
ئادەتتە دوكتۇر ئاسپىرانتلار ئاخىرقى يىللىرىدا خىزمەت  ...

بۇ جۇڭگودا شۇنداق. چەتئەللەردە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇغاچ خىزمەتكە چۈشۈش دەيدىغان گەپ يوق. ئەمەليەتتە دوكتۇرلۇقنىڭ ئاخىرقى يىلى ئەڭ ئالدىراش، ئەڭ كۆپ تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىت. ئۇنىڭ ئۈستىگە 3 يىل ئوقۇش بىلەن دوكتۇرلۇق ئىلىشمۇ يەنە شۇ جۇڭگو قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە بارمىكىن. بۇمۇ جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپىنىڭ ئەبگالىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى، شۇڭا جۇڭگونىڭ دوكتۇرلىرى بارغانسىرى سامان نەرقى...

باھا سۆز

بوزتورغاي  @faruh193، ساپاسىز!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 14:03:54
faruh193  ماڭا ۋا لاتا  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 11:31:30

ئۈمىدلىك ئەزا

كىتابۇللاھ

UID
3489
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
287
تىزىملاتقان
2010-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-8
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 06:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilge يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 05:06
بۇ جۇڭگودا شۇنداق. چەتئەللەردە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇغاچ خ ...

جۇڭگوچىلىقتا ئامال يوق ھازىر. پۇل بولسا جاھان! مۇناسىۋەت ماھىرلىقىمۇ بىر بىلىم ھازىر!

بۇ يىگىتنىڭ ئوقۇشىغا ئاپىرىن، قېنى ئۇنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەتقىقات نەتىجىلىىرىگە قارايمىز. مۇمكىنقەدەر چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا تېخىمۇ قىممەتلىك ماقالە ئېلان قىلىشىغا، رايونىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىغا سەمىمىي تىلەكداشمىز.
بېيجىڭ پەنلەر ئاكادىمىيەسىدە لازىر نۇر،X نۇر تېخنىكىسى بىلەن دوكتۇرلۇقىنى پۈتۈرگەن مەمتىمىن ئابباس، ئىتالىيەدە خىزمىتىنى تۈگىتىپ، فرانسىيە بوغدو ئۈنۋېرسىتىتىغا ئورۇنلاشقاندان كىيىن، تېخى ئىككى ھەپتە ئالدىدىلا ئۇنىڭ فرانسىيە غوللۇق تەتقىقاتچىلىرى قاتارىغا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.بۇ ئۇيغۇر تۇرماق ھەتتا فرانسىيەنىڭ ئۆز تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر خىل تەس ئىش! مانا شۇنداق تاتقىقاتچىلىرىمىزمۇ بار ئەتراپىمىزدا.
قېرىنداشلىرىمدىن ئۈمىدىم، دوكتۇرلۇقنى مەمۇرىي خىزمەت، ۋە ياكى قانداقتۇر مۇكاپات شەرەپنىڭ دەستۇرى قىلىۋالماستىن، بەلكى، ھەقىقىي ئىلىم-پەن ئىشقىدا بولۇش تەتقىقاتچى دوكتۇرلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئارىمىزدا يېڭىدىن يىتىلىىۋاتقان دوكتۇرلار ئاز ئەمەس، بەلكى بۇندىن كىيىن بۇنىڭدىنمۇ ياش دوكتۇرلار مەيدانغا كىلىشى مۇمكىن، ئەمما مەسىلە، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىنىڭ سالمىقى، تەتقىقاتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردىمۇ ياكى دوكتۇرلۇقنى ئېلىۋىلىپلا باشقا ئىشقا كىرىشىپ كەتكەنلىكىمۇ مەسىلىسى...
مىللەتنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرنىڭ نامىنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن، بىز تېخىمۇ كۆپلىگەن چىن ئالىملارغا مۇھتاجمىز.

UID
15718
يازما
48
تېما
5
نادىر
1
جۇغلانما
113
تىزىملاتقان
2011-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 07:50:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dostum يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 06:45
جۇڭگوچىلىقتا ئامال يوق ھازىر. پۇل بولسا جاھان! مۇناسى ...

دىگەنلىرىڭىزگە قوشۇلىمەن. دوكتۇر مەمەتئىمىن ئابباس كۆكتارىمنىڭ فىرانسىيە غوللۇق تەتقىقاتچىلىرى قاتارىغا كىرگەنلىك خەۋىرىنى مەنمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى فېيىس بۇكتىكى ئۆز يازمىسىدىن بىلگەن ئىدىم ھەم ئۇنى تەبرىكلىگەن ئىدىم. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن بەكلا خۇشال بولدۇم. ئۇ ئامرىكا ۋە ياۋروپانىڭ داڭلىق ئىلمىي ژورناللىرىدىلا 35 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانكەن، بۇنى گۇگىلدىن ئىزدىسىلا چىقىدىكەن. ئۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي ئالىملرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

UID
33738
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-11
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 14:57:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2013-6-24 12:26
«مەكىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتېتى »مەن شۇنچە كۈچ ...

شەپقەتجان ھازىر كۇچا ناھىيىسىدە مۇئاۋۋىن ھاكىم.
ھە راست، ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ ھەيئىتى دېگەن ئەمىلىمۇ بار!

UID
13927
يازما
53
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
563
تىزىملاتقان
2011-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 15:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jasurogul يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 16:47
ئىشلىرىڭزغا ئۇتۇق تىلەيمەن .سىز بىلەن يۇرتتداش بولغى ...

ما يۇرتۋاز نىم دەيدىغاندۇ، مۇشۇندا گىرى ئادەملىمۇ باركىنا ھازىر

UID
9179
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
590
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 15:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جۇڭگودا شۇنداق. چەتئەللەردە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇغاچ خىزمەتكە چۈشۈش دەيدىغان گەپ يوق. ئەمەليەتتە دوكتۇرلۇقنىڭ ئاخىرقى يىلى ئەڭ ئالدىراش، ئەڭ كۆپ تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىت. ئۇنىڭ ئۈستىگە 3 يىل ئوقۇش بىلەن دوكتۇرلۇق ئىلىشمۇ يەنە شۇ جۇڭگو قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە بارمىكىن. بۇمۇ جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپىنىڭ ئەبگالىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلى، شۇڭا جۇڭگونىڭ دوكتۇرلىرى بارغانسىرى سامان نەرقى...


ئەگەر جۇڭگۇدا ئوقۇپ دوكتۇرلۇقنى ئالغان ھەم   ئامرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ئىلمىي ژورناللىرىدا ماقا ئىلان قىلغان بولسا يەنىلا سامان نەرقى دوكتۇر ھىسابلىنامدۇ؟ سىز قايسى دۆلەتتە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىسىز قاندا ماقالىلەرنى ئىلان قىلدىڭىز ئۇچۇر بىرىشكە بولامدۇ؟ رەھمەت.

UID
13423
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
273
تىزىملاتقان
2011-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 16:36:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق ئولغاي،،،

UID
34584
يازما
69
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
69
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-25
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 18:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۇيغۇر قىز- يىگىتلىرىمىز بەكلا تالانتلىق. مەن تورلاردىن بۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرسەم بەكلا خوشال بولۇپ كىتىمەن چۇنكى ئۇ بىزنىڭ قىرىندىشىمىز. بۇندىن كىيىنكى نەتىجىلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

UID
15718
يازما
48
تېما
5
نادىر
1
جۇغلانما
113
تىزىملاتقان
2011-10-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-26
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 23:41:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
relax يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 15:43
ئەگەر جۇڭگۇدا ئوقۇپ دوكتۇرلۇقنى ئالغان ھەم   ئامرىكا  ...

بارغانسىرى دىگەن گەپنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز. بۇ گەپ بۇ تىمىدىكى كىشىگە قارىتا ئەمەس بىر تورداشنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا دىيلگەن. جۇڭگودا دوكتۇرلۇق ئوقۇشنىڭ ئامرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا كۆپ ئاسانلىقىنى سىز بىلمىسىڭىز مەيلى، لىكىن بۇنى خەلقىئارادا ھەممە ئادەم ئوبدان بىلىدۇ. دەل شۇنداق بولغاچقا يىلدىن يىلغا «بىكار تۇرغۇچە ئىشلىگەچ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئىلىپ قويىدىغانلار» كۆپيىپ كىتۋاتقىنىمۇ ھەم ئەمەليەت. بۇ جۇڭگودىكى بىر ئومۈميۈزلۈك يۈزلىنىش ھەرگىزمۇ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم شۇنداق  قىلىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. دوكتۇر مەمەتئىمىن ئابباس پوستدوكتۇرلقتا ياۋروپادا تەربىيەلەنگەن ھەم تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ياۋروپادىكى ئىلغار تېخنىكا-بىلملەرنى ئىگەللەپ ئىستىداتلىق ئالىم بولۇپ يىتىشپ چىققان. ئۇ جۇڭگودىلا تۇرغان بولسا ھازىرقى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرەلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى سەل تۆۋەنرەك بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا، مىنىڭ شەخسىيتىمگە قارىتا گەپ قىلماي، دىيىلگەن گەپنى چۈشىنىپ شۇنىڭغا قارىتا پىكىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. ئەگەر سىزنىڭ مىنى باھالاشقا سالاھىيتىڭىز توشسا مەن سىزگە شەخسىي ئۇچۇرلىرىمنى دەپ بىرىشكە تەييار، ئەلۋەتتە.

UID
9179
يازما
19
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
590
تىزىملاتقان
2011-2-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 08:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bilge يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 23:41
بارغانسىرى دىگەن گەپنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز. بۇ گەپ بۇ تى ...

@bilge  سىز بەك ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىپسىز، مەن سىز نىڭ شەخسىيىتىڭىزگە قارىتا گەپ قىلمىغان ئىدىم. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن سىزنىڭ چەتئەلدە ئىكەنلىكىڭىزنى پەرەز قىلىپ شۇڭا سوراپ باققان ئىدىم. شۇڭا مەن ‹‹سىز قايسى دۆلەتتە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىسىز قاندا ماقالىلەرنى ئېلان قىلدىڭىز ئۇچۇر بېرىشكە بولامدۇ؟›› دەپ سۇئال تەرىقىسىدە سورىدىم، خالىمىسىڭىز ياق دېسىڭىزلا بولىدىغۇ، بۇنىڭ مېنىڭ سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى باھالاش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. تەتقىقات نەتىجىسىنى ماقالە قىلىپ ئېلان قىلىشتىن مەقسەتنىڭ بىرى ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈندۇ، پەقەت سالاھىيەت بەلگىلەش ئۈچۈن ئەمەستۇ.  چەتئەللەردە ئىلىم ئېلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن قايىللىق تۇيغۇمىز بولغاچقا بىلىپ باققۇمىز كېلىدىكەن، سوراپ ساپتىمەن ئۆزرە سورايمەن، كەچۈرۈڭ. تەتقىقاتلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىسۇن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش