كۆرۈش: 8955|ئىنكاس: 51

ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ ياش دوكتۇر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
37135
يازما
45
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 01:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                           





ئابدۇراخمان   ئابدۇغېنى1985-يىلى   8-ئايدا  كېرىيە   ناھىيىسىنىڭ   شەمبە   بازىرىدا   تۇغۇلغان،  مەركىزى  مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇچۇر  باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئىقتىساد  پەنلىرى دوكتۇرى،  ئېلىكترونلۇق   سودا   كەسپىي  بويىچە  شىنجاڭدىكى  تۇنجى دوكتۇر،  شۇنداقلا   شىنجاڭدىكى  ئاز   سانلىق  مىللەتلەر ئىچىدىكى  ئەڭ    ياش   دوكتۇرنىڭ   بىرى. 27  يېشىدىلا  دوكتۇرلۇق  ئۇنۋانىغا   ئېرىشكەن. جوڭگۇ   ئېلىكترونلۇق   سودا  جەمئىيتىنىڭ   ئەزاسى،  مەركىزى  مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىكترونلۇق  ھۆكۈمەت  ۋە   ئېلىكترونلۇق  سودا  تەتقىقات ئورنىنىڭ  تەتقىقاتچىسى،  شىنجاڭ خۇرۈيتەي ئېلىكترون پەن-تېخنىكا  چەكلىك  شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى،تەتقىقات   بۆلۈمىنىڭ   باش   دېرىكتورى،   مالىيە   باش نازارەتچىسى.  شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى سودا-سانائەت  مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى  ئېلىكترونلۇق سودا كافىدراسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى.  

ئابدۇراخمان ئابدۇغېنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالىي مەكتەپ ئاساسىي مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن، ئىلغار كەسپىي تەربىيە ۋە  ئىقتىدار تەربىيسى ئالغان، چوڭقۇر بولغان كەسپىي نەزەرىيە  ئاساسى  ۋە  ئەمەلىي  تەجرىبىگە  ئىگە، تەتقىقات  ئىقتىدارى كۈچلۈك ياش. ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە تىرىشچان،ئىزدىنىش چان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوبرازىنى  ياراتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە  مەكتەپتە مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىنىڭ،  شىركەتتە بىر قابىل رەھبەرنىڭ،  جەمئىيەتتە   يېتەكچىلىك   رولىنى  ئويناۋاتقان  ئىقتىدارلىق  ياشلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى.

      ئۇ باشلانغۇچ  مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان  ۋاقىتىدىلا  ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە  ياخشى بولۇپ،  ئالىي مەكتەپنى  ھەرخىل سىنىپ كادىرلىق  ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان  مەزگىلدىمۇ   ئۆگىنىش   نەتىجىسى  ئىزچىل  ياخشى   بولغان.  باكلاۋىرلىق   ئوقۇش  مەزگىلدە  ئۇ  ئۆزى  مۇستەقىل  ھالدا  ئۇيغۇرچە  ئىزدەش ماتورى ياسىغان، بۇ ئەينى چاغدا   ئالىي  مەكتەپ   ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. 2003-يىلىدىن 2006- يىلغىچە  ھەر يىلى«ئۈچتە ياخشى  ئوقۇغۇچى »بولۇپ باھالانغان ۋە «ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2006- يىلى ئاسپرانتلىق ئېمتاھاندىكى كەسپىي پەن نەتىجسى مەكتەپ بويىچە بىرىنچى بولغان. شۇ يىلى  ئۇ  بىرلا  ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە  مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد  ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالغان.ئىچكىرى رايونلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىش ۋە تېخىمۇ  ياخشى  بولغان  ئالىي  مائارىپ  تەربىيە مۇھىتىغا ئېرىش ئۈچۈن ئابدۇراخمان ئاخىرىدا مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى قارار قىلغان.

       ئۇ  ئاسپىرانتلىقتا  ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۆز  كەسپىنى ياخشى ئوقۇغاندىن سىرت ھەرخىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن 2009-يىلى مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد  ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنىستىتوتىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيتى بىلەن«2009-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر بېيجىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » غا قاتناشقان .ئۇنىڭ  سەنئەت ۋە تەنتەربىيە   جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىمۇ  كۆرۈنەرلىك  بولۇپ 2009-يىلى  مەركىزى مالىيە-ئىقتىساد    ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  « سەنئەت-تەنتەربىيە ئالاھىدە  مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.شۇ يىلى ئۇ بۇ يەردىكى ئۇقۇشىنىمۇ غەلبىلىك تاماملاپ، مەركىزى   مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

        ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ  مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئويلىغان ئابدۇراخمان يەنە شۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئۇقۇشنى باشلىغان    ھەم 2012-يىلى مەركىزى  مالىيە-ئىقتىسادئۇنىۋېرسىتېتى  ئىقتىساد پەنلىرى  بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغائېرىشكەن. بۇنىڭ  بىلەن  ئۇ   ئېلىكترونلۇق  سودا كەسپىي بويىچە شىنجاڭدىكى تۇنجى دوكتۇر،شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئازسانلىق  مىللەتلەر  ئىچىدىكى  ئەڭ  ياش  دوكتۇرنىڭ  بىرى بولغان.چۈنكى شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 27 ياش ئىدى .

      ئۇنىڭ تەتقىقات جەريانىدا ئېرىشكەن  نەتىجىلىرىمۇ  كۆپ بولۇپ، ئىلگىرى-كېيىن  بولۇپ  دۆلەت  ئىچى  ۋە  سىرتىدا 33 پارچە  ئىلمىي  ماقالە  ئېلان  قىلغان، ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئامېرىكا  ئېلىكتىر  ئۈسكۈنىلىرى  ۋە  ئېلىكترون قۇرۇلۇشى  جەمئىيتىنىڭ  ماقالە  ئامبىرىغا  قوبۇل  قىلىنغان.ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى باھالىغۇچىلارنىڭ  ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.  ئۆلكە  دەرىجىلىك  تەتقىقات  تۈرىدىن بىرگە، توغرا يۆنىلىشلىك تەتقىقات  تۈرىدىن  ئۈچكە يېتەكچىلىك قىلغان،تۆت تۈرلۈك دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان.

     2011-يىلى ئۇ شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن  بۇ مەكتەپكە كېلىپ  خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.  ئۇ ئۆزىنىڭ  ئوقۇغۇچىلارغا  بولغان  يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن  ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. 2011-يىلى  ۋە  2013-يىلى  ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئىلغار تەتقىقاتچى» ۋە «ئىلغار سىنىپ مەسئۇلى» بولۇپ باھالانغان.

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
37135
يازما
45
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 01:12:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان مۇئەللىم مېنىڭ ھازىرقى سىنىپ مەسئۇلۇم. ئوقۇتقۇچىمنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئۇنىڭ چ چ نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويدۇم. ئاسپرانتلىققا ئېمتاھان بەرمەكچى بولغانلار،چەتئەلگە چىقماقچى بولغانلار ۋە ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى توغرىلىق مەسلېھەت سورىماقچى بولغانلار مۇئەللىم بىلەن پىكىرلەشسەڭلار بولىدۇ.
307831401.

UID
51459
يازما
59
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
59
تىزىملاتقان
2013-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-6
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 11:13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كەسىپتە ھەققەتەنمۇ ياخشى ئۇتۇقلارنى قازىنىپتۇ.    مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كىينكى  تەتقىقاتى ۋە  تۇرمىشىغا  ئاللاھدىن ئاسانلق  ۋە بەركەت  تىلەيمەن.    بولسا ئۇيغۇرلارنى  تىخىمۇ پۈتۈن دۇنياغا  تونىتىش ئۈچۈن  ھەسسە قوششىنى ئۈمۈد قىلمەن.     

  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن  . رەھمەت سىزگىمۇ تېما ئىگىسى.

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ قىرىندىشىم نىڭ كۆمۇلۇپ قالماسلىقىنى  ئۇمۇت قىلمەن ،  ھەمدە ئۇتۇق تىلەيمەن .

UID
7538
يازما
37
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2010-11-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:26:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «مەكىزى مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتېتى »مەن شۇنچە كۈچەپ باققان بولساممۇ ئۆتەلمىگەن مەكتەپ ئىدى.مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
  شىنجاڭدىكى ئەڭ ياش دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئادەمنى چىڭخۇا ئۇنۋېرستېتىنى پۇتتۇرگەن ۋە شۇ مەكتەپنىڭ دوكتۇرلىقىنىمۇ پۈتتۇرگەن شەپقەتجان ھۇشۇر دەپ ئاڭلىغان.بۇ ياش 26يېشىدا دوكتۇرلۇقنى تاماملاپتىكەن.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 12:37:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم بۇ ياش ئالىمغا. يارايسىز!

UID
33280
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-3
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 13:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇراخمان ئىشلىرىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولسۇن!~

UID
53227
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2013-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 14:32:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا

UID
48453
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2013-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 14:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ پاھ ... يۇرەكلەر ئويناپ كتتىدۇدە مۇشداق ياخشى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ... ھەم خىجىللىق ھېس قىلدۇردۇ ئادەمنى ....

UID
18486
يازما
292
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
292
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
162 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 15:29:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ  كەسىپداش  ئۇستازىم بولىدىكەن ، بىر  يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن  ، يادىمغا ئالالمىدىم ، بەلكىم  بېيجىڭدا كۆرگەن بولسام كىرەك  ، ئىشلىرىغا ئاللاھتىن نۇسرەت تىلەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش