تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: xohxohboy

قازاقىستاندا ھىجاب كىيىش مەسىلىسى يەنە تالاش – تارتىش قوزغىماقتا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48598
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 11:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايۇپمىڭ نۇتقى » نى ئوقۇپ ھىس قىلغانلىرىم
     ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

     مەن بۈگۈن مۇسۇلمان دۆلەت ئاتىسى نەزەربايۇپنىڭ نۇتقىنى ئوقۇپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم . چۈنكى بىر مۇسۇلمان دۆلەت ئاتىسى قۇرئان ۋە ھەدىستىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ھالدا ئۆز ھېسىياتاغا تايىنىپ ، چۇۋالچاق ، تايىنى يوق بىر نۇتۇقنى سۆزللىگەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، يەنە بىر تەرەپتىن ، بىر مۇسۇلمان دۆلەت ئاتىسىنىڭ دىنى بىلىم جەھەتتىن مۇسۇلمان دۆلەت ئاتىسى بولۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم . شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : « سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار قېرىندىشىنىڭ ئەينىكىدۇر ، ئەگەر ئۇ قېىرندىشىدا بىرەر زىيانلىق نەرسىنى كۆرىدىكەن ، زىيانلىق نەرسىنى ئۇنىڭدىن نېرى قىلسۇن »دېگەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئاساسەن ، بۇ مۇسۇلمان دۆلەت ئاتىسىنىڭ سەھۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، دىنى مەسىلىلەردە يەڭگىلتەكلىك قىلماسلىقىنى ، دىنى بىلىم جەھەتتىن پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىشنى توغرا تاپتىم . ئەگەر مەن ھىس قىلغىنىمنى ئۆز ۋاقتىدا ئەسكەرتمىسەم ، بۇ دۆلەت ئاتىسى ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك نازۈك مەسىلىلەردە داۋاملىق يەڭگىلتەكلىك قىلىپ ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلالمايلا قالماي ، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزىشىگە ئىشىك ئوچۇق قېلىشى مۇمكىن .
      نۇتۇقتىكى سەھۋەنلىكلەر :    1- ھىجابلىنىش مەسىلىسىنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىنكار قىلىپ ، اللەنىڭ بۇيرىقىغا ئېتىبارسىز قارىغان ( يەنى ھىجابلىنىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ).   2 - ھىجابلانسا ، مەدەنىيەتسىز ، بىلىمسىز بولىدۇ ؛ ھىجابلانمىسا بىلىملىك ، مەدەنىيەتلىك بولۇپ ، تەرەققىياتقا ماسلاشقىلى بولىدۇ _ دېگەن تولىمۇ بىر تەرەپلىمە ( بىمەنە ) كۆزقاراشنى كۈچلەندۈرگەن  .   3-  ئەرەبلەرنىڭ ھىجابلىنىش ئادىتىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئېتىراز بىلدۈرگىنى توغرا ، لېكىن ھىجابنى تۈپتىن ئىنكار قىلغىنى تۈپتىن خاتا ، ئەلۋەتتە .   4 -  ھىجاب مەسىلىسىدە مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىگە لايىق ھالدا ، ئادەمنى سۆيۈندۈرگۈدەك مىللى شەكىلدە ھىجابلىنىش ئارقىلىق ، اللەنىڭ قۇلىغا لايىق شەكىلنى يارىتىپ، ئىيمان - ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئاساسىدا مەدەنىيەت ، مائارىپ ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلىيەلمىگەن .
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئاتىسىنىڭ مۇشۇ سەۋىيىدە نۇتۇق سۆزلىشىنىڭ ئۆزى ، شۇ دۆلەتنىڭ مۇسۇلماندارچىلىقىنىڭ قايسى دەرىقىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، مۇسۇلماندارچىلىقى مۇشۇ ھالدا بولغان ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ ۋە جەمىيەت تەرەققىياتى يەنە قانچىلىك بولماقچىتتى ؟؟؟!!!
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىنى قېرىنداشلار ، مەن بۇ پىكرىمنى نۇتۇق ئىگىسىگە يەتكۈزۈشكە ياردەمدە بولۇشىڭلارنى ، نۇتۇق ئىگىسىنىڭ ئېھتىياتچان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئاتىلىق سالاھىيىتىنى ساقلاشقا تىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . چۈنكى بۇ دۆلەت ئاتىسى بىزنىڭمۇ ، بىزنىڭمۇ ، ھەممىمىزنىڭ  ئاتىمىزدۇر !!! اللە سۇبھانە ۋەتائالا ھەممىمىزگە لاياقەتلىك بولغان دۆلەت ئاتىلىرىنى نىسىپ قىلغاي ، ئامىن !!!  ئى قۇدرەتلىك اللە ! ئىسلام دىنىنى مۇشۇنداق لاياقەتسىز دۆلەت ئاتىلىرىنىڭ قولى ئاستىدا نابۇت بولۇشىدىن ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ، ئامىن !!! ...
     اللەقا ئامانەت .

UID
48598
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 12:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ، بىزنىڭ دۆلىتىمىز جۇڭگۇو غەيرى مۇسۇلمان دۆلىتى تۇرۇپمۇ ، ئاساسى قانۇنۇ\ىدا دىنى ئەركىنلىكنى يولغا قويغان ، لېكىن يەرلىك سىياسەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىجابلىنىشىنى چەكلەيدۇ . بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياغلىق سېلىشىنى چەكلىگەن سىياسەتكە نارازى . جۈملىدىن مەن ئۆزەممۇ قاتتىق نارازى . مېنىڭ نارازىلىقىم پەقەت بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتنىڭ پورمىسىنى كيىشكە مەجبۇرىلىغانلىقىدا . ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار خەنزۇ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ( مەيلى باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بولسۇن ) خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا لايىق پورما كەيگۈزگەن بولسا ، مىللى مەكتەپلەردە بولسا مىللى ئوقۇغۇچىلارغا لايىق پورما لاھىيىلەپ كەيگۈزگەن بولسا ، ھىچكىمنىڭ پىكىرى چىقمايتتى .
      ئەمدى قازىقىستان بىر مۇسۇلمان دۆلىتى تۇرۇپ ، مىللىچە مۇۋاپىق ھىجابلىنىش ھەققىدە ئويلانماي ، خۇددى بالىلارچە ھېسىيات بىلەن ھىجاب مەسىلىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن جەمىيەت خانىم - قىزلىرىنىڭ ھىجابلىنىشىنى ( بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ) قاتتىق چەكلىگەن تۇرسا ، بۇ قايسى مۇسۇلماننىڭ ئەقلىغا سىغىدۇ ؟؟؟!!! بۇ ئىسلام دۆلىتى ھىجابلىنىشنى چەكلىدى دېگەن گەپ ، ھىجابلىنىش ئىسلامدا ئەسلى ئاساسى يوق ، ئويدۇرما ، مۇتىئەسسىپلارنىڭ ، خۇراپىيلارنىڭ ، جەمىيەت تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولغۇچى جەمىيەت داشقاللىرىنىڭ ئىشى _ دېگەن گەپ بولىدۇ ، خالاس . ئۇنداقتا بىر مۇسۇلمان دۆلىتى مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتقان يەردە ، بىزنىڭ غەيرى مۇسۇلمان دۆلىتىمىز ، خىزمەتچىلەرنىڭ ، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىچە كىيىنىشىنى چەكلەپ ، خەنزۇچە پورما كەيگۈزىشىگە نارازى بولۇشقا قىلچىمۇ ئاساسىمىز قالمايدۇ - دېگەن گەپ . ... ؟ ... ! ... . ... ! ... ؟ ... . ... ؟ ... ؟؟؟!!! ... .
      ئەلۋەتتە ، بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولغاندىكىن ، ئەڭ ئالدى بىلەن ئىيمان ، ئىسلامغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكىدى . ئەڭ ئالدى بىلەن ئىسلام قانۇنىنى يېتەكچى قىلىشى كېرەكىدى . بۇنداق قىلىش تۇرماق ، ئەكسىنچە.  ھالا بۈگۈن مۇسۇلمانغا لايىق ، مىللىچە ، ھەممە سۆيۈنىدىغان  ھىجاب شەكلىنى يارىتىشقا قۇربى يەتمەي ، ئەكسىنچە مۇسۇلمانلارنى يەنە بىر يوقىلاڭ زىدىيەتكە سېلىپ ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا پۇتلىكاشاڭ بولغان بۇ دۆلەتنىڭ ھالىغا ۋاي !!! ...

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 14:56:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
buerezat يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 01:04
‹.پاتەمنى باسسا زورا قوپتى››دىگەندەك...ھەجەپ مۇشۇ قازا ...

  ئانا تىل ، دېنى ئېتىقات تېمىلىرى  مەڭگۈلۈك  تېما،  بۇ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇغىنىڭ ئاساسى،  ئۇيغۇرۇم بۇ تېمىلاردىن  زېرىكمەڭ، ئەگەر  چۈشەنگەن بولسىڭىز سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇڭ،  قارشى چىقماڭ.  بۆلۈنۈش، خاتا قاراشلارنىڭ  چىقىپ  قېلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالىسىز.  ئۆز ئىچىمىزدا بۆلگۈنچىلىك قىلمايلى،  سىزگە  رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئامان ئېسەنلىك تىلەيمەن.   خۇدا  ھەممىگە  قادىر....!

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 14:59:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
iminov يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 12:34
بىز پەقەت دىنىي نۇقتىدىن باھا بېرىش ۋە تەكلىپ بېرىش مە ...

   توغرا  دەيسىز،  ئەمما  سىزنىڭ  باش  سۈرىتىڭىز  بىلەن ئسمىڭىزنى  ئۆز  مىللىتىڭىز نامىغا ئالماشتۇرۋېلىشىڭىزنى  رامزاننىڭ  ھەق  ھۆرمىتىدىن  ئۆتۈنسەم  قوبۇل  قىلاسىزمۇ؟؟ئ

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 14:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
royharry يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 13:10
كىشىلىك ھوقۇققا تەسىر يەتكۈزۈش ھەرقانداق دىموكراتىك د ...

توغرا  دەيسىز،  ئەمما  سىزنىڭ  باش  سۈرىتىڭىز  بىلەن ئسمىڭىزنى  ئۆز  مىللىتىڭىز نامىغا ئالماشتۇرۋېلىشىڭىزنى  رامزاننىڭ  ھەق  ھۆرمىتىدىن  ئۆتۈنسەم  قوبۇل  قىلاسىزمۇ؟؟ئ

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 15:09:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
salam234 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-22 16:32
بىزنىڭ گىپىمىزنى قىلىدىغانلارمۇ چىقارمۇ؟

  ئۈمۈتسىزلىك  ئۆلۈم  بىلەن باراۋەر، ئۈمۈتۋار ياشاڭ، جاھاننىڭ  ئېگىسى بار.......

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 15:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
后来。 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 22:30
توغرا گەپ بولدى ، قازاقلار ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى ھەل قى ...

  شۇنداق  توغرا دەيسىز  .  ئەمدى  سىزمۇ  باش  سۈرەت  ۋە  ئىسمىڭىزدىكى  خەتنى  ئالماشتۇرىۋېتەمسىز قانداق؟؟ئ

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 15:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tenharoh يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 15:03
راس راس گىپىڭىز بەكمۇ ئورۇنلۇق ، بىز  نىمىلا دىگەن بىل ...

  بىز  ھەممىمىز  بىر تۈرۈك قەۋمىدىكىلەر،  بەكلا  يىگانە  قالمايلى.....

UID
51713
يازما
99
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
99
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 15:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arginakun يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 22:03
پۈف.....
قىغ پۇراپ كەتتى ما تىما!؟
مۇشۇ قازاقنىڭ گىپىنى ق ...

  ھەممىمىز  بىر دەرتمەن خوشنىلار، ئىجىل ئېناق، ھەمكارلىشىپ  ئۆتكەننىڭ زىيىنى يوق

UID
48598
يازما
16
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2013-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، نەزەربايۇپنىڭ نۇتقى تەسىرى كۈچىنى كۆرسەتتى ، مۇشۇ جۈمە كۈنى ئىدارە - ئورگان ، كوچا دوقمۇچلىرىغىلا ئەمەس ، بەلكى ھەرقايسى مەسچىت ھويلىلىرىغىچە ، ھىجاپنى چەكلەپ ، نامايەندى سەتەڭلەرنىڭ كىيىمىنى كېيىشنى تەشۋىق قىلىش تەشۋىقات رەسىم تاختايلىرى تىكلەندى . ئەلۋەتتە بۇ تەشۋىقاتنىڭمۇ ھەم توغرا ھەم خاتا تەرىپى بار .
      1-    توغرا تەرىپى شۇكى ، ئۇ بولسىمۇ ھىجابنىڭ ھۈرمىتىنى ساقلىماي ، ھەر جەھەتتىن چەكتىن ئاشۇرىۋېتىپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزگۈچى بىر قىسىم كىشىلەرنى  چەكلىگەن .
      2-   خاتا يېرى شۇكى ، ئۇ بولسىمۇ ، (1)   ھۆكۈمەت ھىجابنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ( يەن ئىسلام دىنىنى ) چۈشەنمەي تۇرۇپ ، مۇسۇلمانلارغا كىيىم كىيىشنى ئۆگەتمەكچى بولۇپ ، بىلەرمەنلىك قىلغان .   (2)    ئىسلام دىنىدا رەسىمنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ ، بىر قارىماققىلا ئادەمنىڭ بىر يەرلىرىنىڭ سۈيىنى چىقىرىۋەتكۈدەك دەرىجىدىكى جەلىكار سەتەڭلەرنىڭ رسىملىرىنى مەسچىتنىڭ ھويلىسىغا تىكلەپ قويغان .    (3)     ھىجاب مەسىلىسىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا ، ئۆزگىچە ، ھەممە سۆيۈنىدىغان ھىجاب شەكلىنى يارىتىش ھەم توغرا ئۇسۇلدا تەشۋىق قىلىش ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدەنمىگەن . نەتىجىدە مۇسۇلمنلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى كىيىم كىيىشنىمۇ بىلمەيدۇ - دېگەن تولىمۇ پەس ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان .  
      دىمىسىمۇ راست ، نەزەربايۇپتەك بىر مۇسۇلمان دۆلەت ئاتىسى پوق يىگەن يەردە ، باشقىلارنىڭ ئۇ پوقنى ئىيلەشتۈرۈپ تۇرۇپ يىيىشى تۇرغانلا گەپ .
      ئۇلۇغ قۇدرەتلىك اللە سۇبھانە ۋەتەئالا ئۆزى ياراتقان ھەر بەندىسىگە ئىلاھى ئىنساب تەۋپىق ئاتا قىلغاي ، ئامىن . اللەقا ئامانەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش