كۆرۈش: 6588|ئىنكاس: 29

قازاقىستاندا ھىجاب كىيىش مەسىلىسى يەنە تالاش – تارتىش قوزغىماقتا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53158
يازما
5
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-25
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 19:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قازاقىستاندا ھىجاب كىيگەنلەرگە نىسبەتەن ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. ھازىر قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى ۋە مەملىكەتنىڭ بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ئوتتۇرىسىدا ئەنە شۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت.
«سېنتىر ئاسىيا» دا ئېلان قىلىنغان گۈلمىرا مەتخالىقوۋانىڭ «ياغلىق شىلتىدى. قازاقىستاندا ئالاھىدە بىر ئەھۋال شەكىللىنىپ، مەكتەپ ۋە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھىجابنى يېشىشتىن قەتئىي باش تارتماقتا» دېگەن ماقالىسىدە دىنىي باشقارمىنىڭ باش مۇپتىسى ئېرجان ھاجى مالغاجى ئوغلى ئېلان قىلغان پەتىۋانىڭ دىققەتتىن سىرت قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، ھىجاب كىيىشنى قوغدايدىغان بۇ پەتىۋا نورۇز بايرىمى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغانلىقتىن ئۇنىڭغا كۆپچىلىك ئېتىبار بەرمىگەن. پەتىۋادا دەرسكە كىرگەن ھەر قانداق بىر كىشىگە ياغلىق ياكى باشقىمۇ باش كىيىم كىيىشنى مەنىي قىلىشنىڭ قانۇنىي دىنىي پائالىيەتنى چەكلىگەنلىك، شەخسىيلەرنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقلىرىنى بۇزغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. بىلىم ئىدارىسىنىڭ ۋەكىلى جانىل جونتايېۋا بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ، «بىلىم توغرىلىق قانۇن» تەلەپلىرى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىدە بەكىتىلگەن مەكتەپ كىيىمىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى مەركىزىي مەسچىتىنىڭ مەخسۇس «ئەزەن كز» تور بېتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياغلىق تېڭىش ھوقۇقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ مەملىكەت قانۇنلىرىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. «تېنگرىنيۇس ئاگېنتلىقى» بۇ ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا كۆپلىگەن تەشكىلاتلارنىڭ ئۆتۈنىشىگە بېنائەن مەزكۇر پەتىۋانىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا مۇسۇلمان ئايال كىشىلەرنىڭ كىيىم كىيىش قائىدىلىرى چۈشەندۈرۈلگەن. دىنىي باشقارما شەرىئەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان نىقابسىز كىيىم كىيىشنى توغرا دەپ تېپىپ، ئەرەب، پاكىستان ئىستىلىدىكى كىيىمنى تەكرارلاشنىڭ شەرت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن، ئەڭ ئالدى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى ياپىدىغان ئەنئەنىۋىي كىيىملەرنى كىيىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدا شۇنداقلا ياغلىق تېڭىش ھوقۇقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ شەخسىيلەرنىڭ دىنغا بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدىغان گراژدانلىق ھوقۇقى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي باشقارمىسى ئىشخانىلار ۋە ئوقۇش ئورۇنلىرى رەھبەرلىرى تەرىپىدىن كۆرسىتىلىۋاتقان مۇنداق چەكلىمىلەرنى قانۇنسىز دەپ ھېسابلىدى.
مەنبەسى:http://www.parixta.com/forum.php?mod=viewthread&tid=167

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
48750
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 23:32:40 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  قازاقىستانلىقلاغا تازا ھەيرانمەن  .   بىزنىڭ مەكتەپتە قازاقىستاندىن كەلگەن بىرە يۇزچە قازاق . ئۇيغۇر .يەنە روسمۇ بارمىكىن  ئىشقىلىپ جىق قازاقىستانلىق ئوقۇيدۇ . ئۇلانىڭ كىيىنىشى . قەتئىي مۇسۇلمانغا ئوخشىمايدۇ . تاماقنىمۇ مۇسۇلمانچە تاماقخاندىن يىمەيدۇ . مەيلى قازاق بولسۇن .ياكى ئۇيغۇر  .ئوزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۇقمايدىكەن .ياكى بەك ئاز بىلىدىكەن . ماندا قارىسام ئۇلادا روسلىشىش بەكلا ئىغىر . بىز ئۇلا بىلەن بەك ئانچە مۇناسىۋەت قىپ كەمەيمىز . لىكىن ئۇلا . بىربىرىنى قازاق ئۇيغۇر دىمەي بەكمۇ ياخشى ئوتىدۇ . مۇشۇلا ھڭكۇمەت  ئىسلام دىنىنى چەكلىمىگەندىكىن . ھەمدە قوللايدىكەن .   ھوكۇمەتمۇ ئىسلامغا كىرىشنى ۋە ئىسلامچە كىيىنىشنى تەشۋىق قىپتۇ .   مۇشۇلا ئىسلام دىنىغا تازا يىقىن بولىشى كىرەك ئىدى . لىكىن  ئەمىلىيەت ئۇنداق ئەمەستەك قىلىدۇ

UID
51326
يازما
132
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-28
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-21 23:39:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tenharoh يوللىغان ۋاقتى  2013-6-21 23:32
مۇشۇ  قازاقىستانلىقلاغا تازا ھەيرانمەن  .   بىزنىڭ مەكت ...

ئۇلاردا قوش تىل 1930-يىللاردا يولغا قۇيۇلغان... ئۇلاردا دىنسىزلاشتۇرۇش ، قۇرئان ئەمەس چاغاتاي يېزىقىدامۇ بىر نەرسە ئۇقۇغىلى قويماسلەقتەك بېسىم ساق 70 نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن... ئەمما بىزگە قوش تىل قوللانغىل 10 يىل بولمىدى ، ئەمدى سېلىشتۇرۇڭ ، بىزدە خەنلىشىش تىزمىكەن ياكى ئۇلاردا روسلىشىشمۇ ....

باھا سۆز

باشقۇرغۇچى  بىزگىمۇ ھازىر شۇ كۇن...  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 14:20:15
nazi  ياخىشى پىكىر  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 19:35:09

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 01:00:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭمۇ گىپىمىزنى قىلىدىغانلار چىقارمۇ ؟

UID
52770
يازما
110
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 01:04:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹.پاتەمنى باسسا زورا قوپتى››دىگەندەك...ھەجەپ مۇشۇ قازاقىستانلىقلانىڭ گىپى ئاۋۇپ قالدى ئالدىنقى ھېلق نۇتۇقمۇ بۇلتۇر سۆزلەنگەن نۇتۇقكەن ....خالايىق ماندا سەزگۇر، ‹‹كەلگۇندى››تىمالارغا ئالدىراپ ئىنكاس يازمايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

باھا سۆز

باشقۇرغۇچى  ئۇكۇلدەك گەپ !!!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 14:21:24
deyarem  راست دەيسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 01:47:43

UID
52794
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-26
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 11:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركاللىدا ھەر خىيال. ھەركىم ئۆز مەيدانىدا ئۆزىنى سۆزلەيدۇ.شۇڭا دىنى دىن نۇقتىسىدا ،پەننى پەن نۇقتىسىدا،مىللەتنى مىللەت نۇقتىسىدا چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ.ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى چۈشىنىسىز. بىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزى بىلەن ئۆزىمىزنى باھالايدىغان بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرىمىز بىزنىڭ مۇشۇنداق سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىراق ئىنچىكە تەتقىق قىلماي خۇلاسە چىقىرىشىمىزغا سەۋەپ بۇلۇپ قالدى.
بۇ ھىجاپلىنىش مەسىلىسىنى دىن نۇقتىسىدا ئىلمىي كۆزىتىشى كىرەك.دىنىمىز نىمە دەۋاتىدۇ؟ دىن مۇنداق خۇلاسە چىقاردى‹‹ئى پەيغەمبەر مۆئمىن ئەرلەرگە ئىيتقىنكى نامەھرەلەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن،ئەۋرەتلىرىنى زىنادىن ساقلىسۇن،مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر،ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تۇلۇق خەۋەرداردۇر.ۋە مۆئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن.ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن،تاشقى زىننەتلەردىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارە قىلمىسۇن لىچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن›› سۈرە نۇر 31-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
‹‹ئى پەيغەمبەر!ئاياللىرىڭغا،قىزلىرىڭغا ۋە مۆئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئىيتقىنكى،پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن،بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى )ئەڭ ئوڭاي تۇنىلىدۇ_دە،باشقىلار ئۇلارغا چقىلمايدۇ(ئاللاھ بەندىلىرىگە )ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر،ناھايىتى مېھرىباندۇر››سۈرە ئەھزابنىڭ 59_ئايەت
دىمەك ھىجاپلىنىش بۈگۈن مەيدانغا چىقىپ قالغان ھادىسە ئەمەس،ئۇنىڭ كەينىدە قۇرئاننىڭ ھۆكمى بار. قۇرئاننىڭ ئۆچمەس نۇرى مىڭ يىللارچە ئىنسانىيەتكە سۇلماس قۇياش بولغانلىقىنى كىممۇ ئىنكار قىلالىسۇن؟ تۈرۈكلەر ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن مەدەنىيتى مۇكەممەللەشتى. بۇنىڭغا كۆز يۇمالامسىز؟
مەن قاراشلىرىمنى سىلەرگە تاڭماقچى ئەمەسمەن.پەقەت پىكىر يۈرگۈزىۋاتقان تىرىك ئادەم بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ سۆزلەرنى دەپ قويدۇم. مىللەت ۋە مىللىيەت مەسىلىسى توغرىسىدا بىلىمىم كەمچىل بولغاچقا كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمۇدۇم.

UID
26338
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-25
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 12:29:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياغلىقنى چەكلەش بىر ئادەمنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق،مەن ئويلايمە ياغلىق جانسىز نەرسە ئۇنى باشقا ئارىتقاندىن كىيىن جانلىقلىققا ئىگە بۇلدۇ ،

UID
25197
يازما
119
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
119
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-2
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 12:34:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز پەقەت دىنىي نۇقتىدىن باھا بېرىش ۋە تەكلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز ۋە ھوقوقىمىز بار.
ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كۆپ سۆزلەش بىز ئۈچۈن ئارتۇقچە،قازاقىستاننىڭ مەسىلىسىنى قازاقىستانلىقلار ھەل قىلسۇن.

UID
50382
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-5-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
45 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 13:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك ھوقۇققا تەسىر يەتكۈزۈش ھەرقانداق دىموكراتىك دۆلەتتە قانۇنغا ،ئىنسانىيەتكە خىلاپ !!ياغلىق ئارتىش يۈزىنى يىپىش شۇ دۆلەتتىكى مۇسۇلمان پۇقرالارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ئارتسا ئارتمىسا باشقۇرۇپ يۈرسە قىنى ئۇ دىموكراتىك؟قىنى ئۇ دىنىي ئەركىنلىك!!؟!؟!؟!

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-7
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-22 13:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قىرىنداش بېز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش