ئىگىسى: zaparistan

يېڭى ناۋاغا ئىككى كەلىمە سۆز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
53925
يازما
21
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2013-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 19:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىر ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، ئېغىزدا دېمىسىمى ھېچ بولمىسا ناخشىنىڭ ئىسمى چىققاندا بولسىمۇ خەتچە ئەسكەرتىسە ياخشى بولاتتى.

UID
52770
يازما
110
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2013-6-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-16
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-16 20:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پېروگىرامما ياشلارنى ئانچە قوللىمايدغاندەك قىلدۇ

UID
43136
يازما
245
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
245
تىزىملاتقان
2012-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-17 01:14:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurjula يوللىغان ۋاقتى  2013-6-20 11:44
ئىككى قولۇم بىلەن قوللايمەن، ناھايتتى توغرا پىكىر بېر ...

ناھايتى ياخشى گەپ مىنىڭ كۆڭلۇمدىكىسىنى قىپسىز راس تۈزەتمىسە بولمايدۇ بۇ كىسەلنى

UID
17057
يازما
738
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1848
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
156 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 01:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4. سەھنىگە مىڭ بىر جۇرئەت ۋە مۇشەققەت بىلەن چىقىپ، ئۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتامدۇ ياكى ناخشا ئۇنى ئيتىۋاتامدۇ ...دىگەندەك روھى ھالەتتە تۇرۇپ نۇمۇرنى تاماملاپ بولسا، ماھىرنى تۆۋەن كۆرۈش خاھىشى سەل ئېغىر. «سەن» لەشتىن باشقا، كۆزىگە ئازىراق سىغماي قالسا، شۇ سىغمىغان يەرنى دەپلاۋىتىش. مەسىلەن: ھېلىقى بىر قىز ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئىيتقان ئىدى، بىراق دىلشات راھىدىن ئاكىمىز كۆزىڭىزنى بەك چوڭ سىزىۋاپسىز... دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، ئۇ قىزنى ئاسماندىن يەرگىلا تاشلىۋەتتى، ئۇ گەپنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى نەچچە ئون مىليۇن خەلىقنىڭ ئالىدىدا دىگەن تۇرسا، ئۇ قىز بەك غەيرەتلىككەن ھېلىمۇ پۈت دەسسەپ تۇردى.

..............................................
...............................................
...............................................
توغرا دېدىڭىز، ئۇ قىزنىڭ ئورنىدا مەن ئولتۇرالماي قالدىم.

UID
17057
يازما
738
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1848
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
156 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 01:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5. باھالىغۇچىلارنىڭ (بىر قىسىم باھالىغۇچىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) سورۇننى ئۆزىگە قارىغاندا كىچىك كۆرۈپ باھا بېرىشتە سەل قاراپ، مەسئولىيەتسىزلەرچە باھا بېرىشى. گەرچە باھالىغۇچىلار بەك يۈز ئابرۇيلۇق، سورۇن سەل كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ شۇ سورۇندا مىھمانلارنىڭ ئەڭ يۈز ئابرۇيلىقى بولغان باھالىغۇچىلىرىمىزنىڭ ماھىرلارغا بەرگەن بىر ئېغىز باھاسى شۇ ماھىرلارغا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.  مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، نۇمۇرلىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان دىلشات راھىدىن ئاكىمىزنىڭ باھا بېرىپ سۆز قىلغان ھالىتى مەلۇم بىر ھاراق سورۇنىدا تازا تەڭشىلىپ قىلىپ ئاندىن سۆزلىگەندەك بىر تۇيغۇ بېرىدىكەن ئادەمگە،  مۇشۇ ئىشقا سەل كۆڭلۈم بىئارام بولدى...

..................................................
...........................................
............................................
بەكمۇ توغرا ئېيتتىڭىز.

UID
17057
يازما
738
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1848
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-27
توردا
156 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 01:39:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار ئۆزلىرىنى شۇنچە مەدداھ چاغلاپ تەييارلىق قىلمايلا سەھنىگە چىقىدىغان ئوخشايدۇ. نەق مەيدان قىپ كەتكىنىدۇ بۇ، شۇڭا ساپا شۇنداق تۆۋەن چىقىدۇ. ھېچ بولمىسا بىرەر نۆۋەت تەييارلىق بولىشى كېرەك.

UID
54876
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-8-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 12:41:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە شەمسىيە ئەبەيدىللا ناھايىتى ياخشى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ، مەن بەك ياقتۇرىمەن، قالغان رىياسەتچىلەرنىڭ پەقەت قاملاشمىدى. باھالىغۇچىلار  چىقسىلا ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، يا بىر جانلىق ئەمەس، كۆزلىرىنى قىسىشىپ خوشياقمىغاندەكلا، شۇلاردىن باشقا جانلىق باھالىغۇچىلار چىقمىغانمىدۇ دەپ قالىمەن. يەنە ماھىرلار شۇنداق ياخشى نۇمۇر كۆرسەتسە رەھىمسىزلەرچە شاللىنىپ كىتىدۇ. بەزىدە پەقەت ئادىل بولمايدۇ.

UID
54876
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2013-8-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 12:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ناۋا پىرۇگىراممىسىنى ناھايىتى ياخشى كۈرىمەن. بىر سانىنىمۇ قالدۇرماي تۇلۇق كۈرىۋاتىمەن، لىكىن شەمسىيەدىن باشقا ئۈچ رىياسەتچىنى، باھالىغۇچىلارنى پەقەت ياقتۇرمايمەن.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
1006
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
42729
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
426 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 14:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ناۋا بۇرۇنقى كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا مىڭ ياخشى بوپتۇ.

رىياسەتچىلەرگە كەلسەك، ئەمدى ئۇنداقلا بىر يولى ھەممىنى يوق قىلماڭلار. شەمسىيە ئەبەيدۇللاغا گەپ كەتمەيدۇ. شۇنچىلىك قىلالايدىغان ئادەمنى سىلەر تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئالماشتۇرۇپ بېرەي. رېھىم قانمۇ ئۆزىنىڭ كەسپى بولمىسىمۇ ئوبدان قىپتۇ، گەپتە شەمسىيەگە يېتىشەلمەيدۇ-ئەلۋەتتە. بىراق ئاندا-مۇندا چاقچاق قىلىدىغان، دورايدىغان يەرلەردە خېلى قاملاشتۇرىدۇ. ئەمدى ھەممە رىياسەتچى سۆزلەيدىغانلا بوپ كەتسە پروگراممىنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ كېتەمدىكىن. يەنە بىر ئوغۇل بالا بۇرۇن ئەلكۈيىدە رىياسەتچى بولغان، چىراي تۇرقى بولۇپ قالىدۇ، ئاۋازىمۇ يېقىملىق، سەل جانسىزراق لېكىن. بەلكىم يېڭىچە بولغاچقا كۆنۈپ كېتەلمەيۋاتقاندۇ، بىراق ئومۇمەن بولۇپ قالىدۇ، سىلەر بىلمەمتىڭلار، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەر رىياسەتچىلەردىن كۆڭۈل ئېچىش تېپىدىكى پروگراممىلارغا ماس كېلىدىغانلىرى ئاز، ھەممىلا پروگراممىغا قەيسەر ھەبىبۇللا بىلەن نىجاد ۋەلى ياقۇپنى ئەكىلىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ، ئۇلارمۇ ھارمامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئەسلى خىزمىتى ئىكران ئالدىدا ئولتۇرۇپ ياكى تۇرۇپ قىلىدىغان رىياسەتچىلىك خىزمىتى ئەمەس. توۋۋا، بۇنداق دېسەم شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئەر رىياسەتچى قالمىغاندەكلا تۇرىدىكىنا! ئەڭ دەسلىپىدە چىققان زۇمرەت ئىسىملىك قىز بالىغا ئامراقتىم مەن، شۇنداق جانلىق، تومۇچۇقتەكلا سايراپ تۇرىدىغان. شۇنداق جانلىقلىق بەك مۇھىم، ئۇ قىزنىڭ ئاۋاز تۈسى، گېپىگە ماسلىشىپ كەلگەن ھەركەتلىرىمۇ شۇنداق نوچىكەنتۇق، نېمە دەپ ئالماشتۇرىۋەتتىكىن.

باھالىغۇچىلارغا كەلسەك، بىر دۆۋە قۇرۇق گەپ قىلىدۇ دېسەك ئېشىپ كەتمىگۈدەك. بەزىدە دىلشات راھىدىننىڭ كۆزىنى قىيسىق قىلىۋېلىپ دەپ قويغان چاقچاق گەپلىرىگە كۈلگىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا باھالىغۇچىلار گەپ باشلىسىلا جىيەنىمنى سۆيۈشنى باشلاپ كېتىمەن ئۇنى جىلە قىلىپ. ناخشىنى ياخشى ئېيتالىسىلا ياكى مەلۇم نەتىجىلىرى بار بولسىلا ھېساب ئەمەس، ئازراق ناتىقلىق سەنئىتى بار، ئوقۇغان نەرسىسى كۆپرەك سەنئەتچىلەرنى ئەكەلسىمۇ بوپتىكەن. «ئامېرىكا ئاۋازى» ياكى ھېچبولمىغاندا 快乐男声دىكى باھالىغۇچىلار ھەممىسى قارايدىغان بولسا ياشلا ناخشىچىلار، بىراق ئادەم ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك باھا سۆزلىرىنى قىلالايدۇ، ئېنىقى ھەربىر ئېغىز سۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خاراكتىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. يېڭى ناۋادىكى باھالىغۇچىلاردىن ئۇلارنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس، ئادەمنى ھاردۇرىۋېتىدۇ جىلە قىلىپ.

لېكىن نومۇرلارنى ئوبدان تەڭشەپ چىقىرىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ بۇرۇنقىلار بىلەن سېلىشۇرغاندا. مەن ھېلىقى ئەكبەر مۇئەللىمگە ئامراق، ساپلا مەن ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىدىكەن.


ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش