كۆرۈش: 4109|ئىنكاس: 28

يېڭى ناۋاغا ئىككى كەلىمە سۆز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11179
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
162
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-10
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 18:19:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

  ھەممىمىزگە مەلۇم،يېڭى ناۋا پروگراممىسى يولغا قويۇلۇپ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 6 سان بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى.يېڭى ناۋا پروگراممىسى خەلقىمىزنىڭ سەنئەتخۇمار خاراكتېرىگە ئۇيغۇن ھەم  ناخشا مۇزىكا ئۇسۇل قاتارلىق كۆپ ژانىرلىرى ئارقىلىق ماھىرلارنىڭ ئىقتىدارى ئىپادىلىنىدىغان،شەكلى رەڭدار،مەزمۇنى مول جەلپكار پروگرامما ھالەتتە مەيدانغا چىقتى.مەيلى  سەھنە لايىھىسى،رىياسەتچىلەر تاللىنىشى،مۇسابىقە قائىدىسى،ماھىرلار ساپاسى،باھالىغۇچىلار باھاسى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە كۆرۈرمەنلەرنى ئاساسەن رازى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى پىلانلىغۇچىلار ۋە رېژىسورنىڭ تەر تۆكۈپ ئەجر سىڭدۈرۈشىنىڭ  مېۋىسى ،ئەلۋەتتە. بىراق،كەم - كۈتىسىز ئىش يوق بولغاندەك،بۇ پروگراممىدىمۇ بەزى ئەجەللىك نۇقسانلار ساقلانغان ۋە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە،ئۇنىڭ بىرىنچىسى-ئەسەرلەرنىڭ ئىجاىيەتچىلىرى ئەسكەرتىلمەسلىكتىن ئىبارەت.

مەن 1-2-سان ناۋا پروگراممىلىرىنى كۆرگەندىلا يۇقىرىقى  يارقىن نۇقتىلاردىن ھوزۇرلىنىشتىن باشقا،ھېچقايسى ناخشىنىڭ شېئىرى،مۇزىكىسى،ئاكوردلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئۇسۇللارنىڭ ئۇسۇل ئىشلىگۈچىلىرى دېگەندەك ئىجادىيەتلەرنىڭ ئىگىسى ئەسكەرتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ،قاتتىق ئەپسۇسلانغانتىم،شۇنداقتىمۇ كېيىنكى سانلىرىدا تۈزۈلۈپ كېتەر دېگەن ئۈمىدتە بولغان ئىدىم،بىراق بۇ ئەجەللىك نۇقسان تۈزىتىلمەكتە يوق،ئىزچىل ساقلىنىپ كەلمەكتە.ئەگەر« ئاپتورنى ئەسكەرتمەسلىك-پروگراممىنىڭ شەرتى » دېيىلسە،بۇنداق قۇدۇق قازغۇچىنى بىر چەتكە ئىتتىرىپ قويىدىغان پروگراممىدىن كېچىشكە بىز تامامەن رازى.

ئەجەبا پىلانلىغۇچىلار،رېژىسورلار بۇنى ئويلىمىغانمىدۇ؟بۇنىسى ناتايىن.مەيلى قانداقلا سەۋەبتىن بولسۇن،بۇ نۇقساننى كەچۈرۈۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىش شەرتلىرى دېگەن تېمىدا مەن « ھەر بىر ماھىر ئۆزى ئېلىپ چىقىدىغان نومۇرغا ئىگە بولۇشى كېرەك،شۇ ماھىرنىڭ شۇ ناخشىنى سەھنىگە ئېلىپ چىققانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان نەشىر ھوقۇقى مەسلىسىگە ناۋا پروگراممىسى ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ»دېگەن شەرتنى كۆرگىنىم ئېسىمدە.ئەجەبا ئاپتورنى ئەسكەرتمەسلىك نەشىر ھوقۇقى مەسلىسىنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ؟ شۇنداقمۇ دەيلى،بىر ماھىر ئاپتورنى ئەسكەرتمەي بىر ناخشىنى ئېيتىپ يۈز يىللىق چىمپىيون بولۇپ،پۈتۈن دۇنيانى ھەقسىز ساياھەت قىلىپ كەتسىمۇ،بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى؟شۇ ناخشىنى ئىجادىيەتچى ئىجاد قىلمىسا،نەدە تۇرغان شەرەپ ئۇ ماھىرغا؟
  ئەمەلىيەتتە،بۇ قانداقتۇر بىر ناۋا پروگراممىسىدىلا مەۋجۇت ئىش ئەمەس،بەلكى نۇرغۇن ساھەلىرىمىزدە بولۇپمۇ ناخشا مۇزىكا ساھەسىدە ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مەرەز كېسەل.ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى،ئىجادىيەت بولمىسا ئىجرا نەدە؟ سىز ئېيتىۋاتقان ناخشا ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالغانمۇ؟ بىر ياخشى ناخشىنىڭ شېئىرى شائىرنىڭ قايناق ئىلھامى ،ئۆتكۈر تەپەككۈرى ۋە رەڭدار تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئاممىباپ،ئىخچام،چۈشىنىشلىك ۋە مەنىسى چوڭقۇر بولۇش دېگەندەك بىر قاتار ئۆلچەملەرنىڭ ئەگلىكىدە قايتا قايتا تاسقىلىق ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان نەرسە،مۇزىكا ئىشلەشمۇ ئوخشاشلا ئىلھام ۋە جۇغلانمىنىڭ مەھسۇلى،بۈگۈنكى كۈندە خېلى مول سەنئەت ئېڭى بولمىسا ياخشى ئاھاڭ ئىجاد قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس.ئاندىن ئۇ ناخشىنى ئاكوردلاشتۇرغۇچى كومپىيوتېر ۋە رويال ئالدىدا كېچە - كېچىلەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئاكوردلاشتۇرۇپ چىقىدۇ.ئاندىن ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدە ئۈنگە ئالىدۇ.ئۈن ئېلىشمۇ ئەسلىدىلا جاپالىق خىزمەت،بىراق ئۈنگە ئالغۇچى دېگەن ئىسىمنىغۇ بىز ئوڭايلىقچە ئۇچرىتالمايمىز.
  دېمەك بىر ناخشا شۇنچە جاپادا روياپقا چىقسۇن،سىز ھاي ھاي ياسىنىپ رەڭدار سەھنىدە ئالدىن ئۈنگە ئېلىپ قويغان ناخشىغا ئاغزىڭىزنى مىدىرىتىپلا «چولپان»بولۇڭ ، يەنە كېلىپ سىز سەھنىدە ئىچكەن « سۇ » قايسى «قۇدۇق»تىن چىققان،بۇنى خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپمۇ قويماڭ.بەللى،بۇنداق كاتتا ئىش پەقەت ۋە پەقەت بىزدىلا بارمىكىن دەيمەن...
  ئىزچىل باھالىغۇچى بولۇپ كېلىۋاتقان ئابلىز رېھىم ئەركال ئەينى زامانىسىدا نۇرغۇن ئېسىل كۈيلەرنى ئىجاد قىلغان،بۇ ناخشىلارنىڭ تولىسى خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىپ بولاي دېدى،بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىرى ، يېقىندىلا تۈركلەر ئورۇنلىغان «گۈلچىمەن»ئىسىملىك ناخشا. بىزدەل دەل مۇشۇنداق ئىجادىيەتچىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان مەرەز كېسەل بولغاچقا،ئابلىز ئەپەندىمۇ بۇ ھالغا ئېچىنىپ،بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا « بۇ ناخشىلارنىڭ ئىگىسى بار»سەرلەۋھىدە ماقالە يېزىپ،نۇرغۇن ناخشىلارنىڭ ئىجادىيەتچىلىرىنى ئاشكارىلاپ ئۆتكەن ۋە « ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇنتۇمايلى،ئۇلارنى قەدىرلەيلى»دەپ ئۆتكەن.بىلىنىپ تۇرۇپتىكى،بۇنداق نىدالار پەقەت ژۇرنال يۈزىدە 2000تىراژدىن ئاران ئاشىدىغان شۇ ژۇرنال يۈزلىرىدىلا قېلىپ قالغان،بۇ نىدالار يا ساپاسىز ناخشىچىلار يا ساپاسىز دەيچىلەرنىڭ قۇلىقىغا يەتمىگەن ياكى يەتسىمۇ قۇلاقنى يوپۇرۇۋالغان.بىراق يېڭى ناۋا پروگراممىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.ئۇنى ئۇزۇن يىللىق سەنئەت ئەھلىلىرى يولغا قويغان ۋە پىلانلاپ رېژىسورلۇق قىلغان.يەنە كېلىپ بۇ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدىغان كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان جەلپكار پروگرامما.بۇنداق شارائىتتا ئىجادىيەتچىلەرنى ئەسكەرتىش تېخىمۇ زۆرۈر.
  ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان ناخشا ياكى مۇزىكا يوق.ناخشىنى ئېيتىدىغان ناخشىچىغا ئەسەر ئاپتورلىرىنى تولۇق تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.ئۇلار سەھنىدە قانداق ياسىنىشنىلا ئەمەس،ئېيتىۋاتقان ناخشىسىنىڭ قايسى شائىر قايسى كومپۇزىتورنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىشى،شۇ ئاپتورلارغا ھۆرمەت نەزىرىدە بولۇشى كېرەك.ئۇلار پەقەت بىلەلمىگەندە ئابلىز رېھىم ئەركالدەك ئۇستازلاردىن سوراش كېرەك.قىسقىسى،ئىجادىيەتچىنى ئەسكەرتمىسەك بولمايدۇ،ئۇلارغا ھۆرمەت قىلمىساق بولمايدۇ دېگەن روھلا بولىدىكەن،پۈتۈن شىنجاڭنى كېزىپ بولسىمۇ،ئەسەر ئاپتورلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلغىلى بولىدۇ.ئىجادىيەتچىنى ئەسكەرتمەيدىغان ئىش بولسا،بۇنداق ناخشا ئېكرانغا چىقمايلا قويسۇن!!!
....
يەنە بىر نۇقسان،مەيلى رىياسەتچى ياكى باھالىغۇچىلارنىڭ ماھىرلارنى «سەنلەش»مەسىلسى.بۇمۇ ئېغىر نۇقسان.
ھازىرقى ياشلار ئەنئەنىنىڭ گېپى چىقىپ بولغۇچە «دەۋر ئۆزگەردى»دەپ گەپنى بۆلۈشكە تەييار تۇرىدۇ.دەۋر ئۆزگەرسىمۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ ھەم ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك.بىز ئۇيغۇرلار قاچاندىن باشلاپ،ناتونۇش ئادەمنى «سەنلەيدىغان»قىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇۋالدۇق؟ بىز تونۇمايدىغان ئادەمنى سەنلەيدىغان خەقمىتۇق ئەزەلدىن؟ توۋۋا،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!
  رىياسەتچىلەر ۋە باھالىغۇچىلارغا شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى،سىزئەمەلىي تۇرمۇشتا مەيلى قانداقلا بوپكېتىڭ،سىز ناۋا پروگراممىسىدا مەدەنىيەتنى ئىپادىلىگۈچى بىر ئۇيغۇرسىز. شۇ ناخشا ئۇسۇل پروگراممىسىدا بىزنىڭ ناخشا ئۇسۇل مەدەنىيىتىمىزلا ئەمەس،كىيىم كېچەك ۋە تىل مەدەنىيىتىمىز ساقلىنىپ قالىدۇ،بۇنى ھازىرقىلالا ئەمەس كېينكىلەرمۇ كۆرىدۇ.بەلكىم«زامانغا لايىق ئەركىن بولسۇن»دەپ «تۇرمۇشتا قانداق بولساق شۇنداق قىلايلى»دەپ سەنلەيدىغانسىلەر،بىراق شۇنىمۇ بىلىپ قويۇش كېرەككى،بۇ دۇنيادا سىزلىگەندە خاپا بولىدىغان ئادەم يوق.سىلەر بولسا سەھنىگە چىققان ئادەمنىڭ ھەممىنى قانداق ئويلاپ قالار دېمەي سەنلەۋېرىدىكەنسىلەر.ئەجەبا بىر ئادەمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى بىر ناخشا ئۇسۇل پروگراممىسىدىنمۇ مۇھىمما؟ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس.قارىسا ، ئەر رىياسەتچىلەر ئەر ماھىرلارنىلا ئەمەس،ھەتتا (ئىسمىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدىم)ئايال باھالىغۇچىلارمۇ ئەر ماھىرلارنى سەنلەپ سۆزلەۋاتىدۇ.ھەتتا ئايال رىياسەتچىمۇ ئەر ماھىرنى سەنلەۋاتىدۇ.توۋۋا...
ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقانلارغا ھەممە ئادەمنىڭ تونۇش ناتونۇش دېمەي سەنلەپ گەپ قىلىدىغانلىقى سىر ئەمەس،ھازىر سەنلەشنىڭ قانچىلىك ئومۇملىشىپ كەتكىنىنى باشقا يۇرتتىكىلەر ھېس قىلىپ بولالمايدۇ.جەمىيەتتىغۇ شۇنداق،شۇ سەھنىلەرگە چىقىۋاتقان ئارتىسلىرىمىزمۇ ئۆزىنى سىزلىگەن ناتونۇشلارنىمۇ ئاساسەن سەنلەپ گەپ قىلىدۇ.بۇنىغۇ بىر تېما يېزىش بىلەن ئوڭشاپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس،لېكىن مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسى بولىمىش بىر پروگراممىدا بۇنىڭغا دىققەت قىلغىلى بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ،بۇ پۈتۈنلەي رېژىسورنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىغا باغلىق...

تۈگىدى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
555
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
593 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 20:24:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ پىكىرلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن. دەل كۆڭلىمىزدىكىنى دەپسىز. سىز دېگەن بۇ تەكلىپلەر قەتئىي ئويلانمىسا بولمايدىغان، تۈزەتمىسە قەتئىي بولمايدىغان ئىشلار. ش ج ت ۋ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ نوپوزلۇق تاراتقۇ. مۇشۇنداق ئورۇننىڭ ئاخبارات قانۇنى (ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى ۋەھاكازالار) ۋە ئاخبارات ئەخلاقىغا خىلاپ ھالدا تا مۇشۇ كەمگىچە ئەسەر ئاپتورىنى، كومپوزىتورىنى ئەسكەرتمەي كەلگەنلىكى ئېغىر ھالدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك. مەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىپ كەلدىم. قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ كونسىرتلىرى ۋە قازاقىستاندىكى باشقا كونسىرتلارنىڭ رىياسەتچىلىرى نومۇر ئېلان قىلغاندا دائىم سۆزى پالانچىنىڭ، مۇزىكىسى پۇستانچىنىڭ، ئىجرادا پوكۇنچى دەيدىكەن. بۇ يېرىنى ئاڭلىسام بەك سۆيۈنۈپ كېتىمەن. خەنزۇچە پروگراممىلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئاپتورلا ئەمەس، شۇ نومۇرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا قاتناشقان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىسمىنى ئاتايدىكەن. بىزنىڭكىلەرنىڭ ھالى بولسا مانا مۇشۇ.
يەنە بىر پىكىر سەنلەش مەسىلىسىگە كەلسەك. بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز باشقىچە بولغان. شەمسىيە ئەبەيدۇللا، بولۇپمۇ ئابدۇرېھىم راخمان ئىككىلەنمەي سەنلەيدۇ. ئىشقىلىپ ئۇلار ھەر قېتىم سەنلىگەندە بىر قېتىم ئىچىم باشقىچە بولىدۇ. ئۇلار ئەجەب بىر سەنلەپ كەتتى دېسە دەپ. ئۇلار ئادەتتىكى ئىش ياكى يېقىنلىق دەپ چۈشەنسۇن دەپ تۇرايلى. ماھىرلار ئۇلارنى نېمىشقا سەنلىمەيدۇ؟ سەنلىيەلمەيدۇ؟ ئابلېز ئاكىمىز چېغىدا بىرەر ماھىرنى سەنلىگىنىنى كۆرمىدىم ياكى ئاڭلىمىدىم. دىلشات راھىدىن، مەۋلان، ھەتتا رەنا روزى ئايال كىشى تۇرۇپمۇ يېڭىلىپ قالماي سەنلەپ گەپ قىلىدۇ. ئۆيدىكىلەرغۇ ئۇلارنىڭ شۇنداق گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىسا: «ھۇ ساپاسىزلار، بىر كاتتا پروگراممىنى لاۋزىلاشتۇردىغۇ بۇ تەربىيە كۆرمىگەن باھالىغۇچىلار» دەپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ سەل ئاشۇرىۋېتىلگەن گەپ بولسىمۇ، ھەممىمىز ياخشى كۆرگەن بۇ ناۋا پروگراممىسىدا بۇنداق گەپ قىلمىسا بولاتتى.

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 21:06:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ياشلار ئەنئەنىنىڭ گېپى چىقىپ بولغۇچە «دەۋر ئۆزگەردى»دەپ گەپنى بۆلۈشكە تەييار تۇرىدۇ.دەۋر ئۆزگەرسىمۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ ھەم ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى كېرەك.بىز ئۇيغۇرلار قاچاندىن باشلاپ،ناتونۇش ئادەمنى «سەنلەيدىغان»قىلىقنى ئومۇملاشتۇرۇۋالدۇق؟ بىز تونۇمايدىغان ئادەمنى سەنلەيدىغان خەقمىتۇق ئەزەلدىن؟ توۋۋا،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس!
بۇ گىپىڭز ماڭا ياقتى ،يەنىلا «سىلى ،ئۆزلىرى»نى قەشقەرلىكلەر دەپلا ئۈتۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ .قەشقەرلىكلەر مەيلى چوڭ ،مەيلى كىچىك سىلى ،ئۆزلىرى دەپ چاقىرشىدۇ .

باھا سۆز

akram811  كۇچادىمۇ ‹‹ سىلى ، ئۆزلىرى ›› دەيدۇ ، قېرىندىشىم .  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 11:56:21

UID
52533
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2013-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-19 21:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى ئىنكاسنى جان -قەھلىم بىلەن قوللايمەن!


داداڭ بولغاچقا ئاپاڭ بار،
ئاپاڭ بولغاچقا داداڭ بار.
بىرگە  بولغاچ ئۈچۈڭلار،
مۇھاببەتلىك ئۆيۈڭ   بار.


پەردە ئارقىسىدىكى قەخىرمانلار نى  يەنى ((ئىجادىيەتچىنى)) ئۇنۇتساخ ئۇلامۇ ئۇنتۇشنى بىلىدۇ.



سەن،سەن دىمە سەن مىنىڭ تونۇشۇم ئەمەس،
سەنلەيدىغان يا مىنىڭ سەن غوجام ئەمەس.
قوپاللىقىڭ قۇلاققا تەگدى مۇشتۇمدەك.
سەللىمىگىن سىزلىگەنگە ئابروي چۈپ كەتمەس.!


تۇرمۇشتا  : سەن   دىگن سۆز بىلەن سىز دىگەن سۆزنىڭ ئاجايىپ،ئاجايىپ  چوڭ رولى بار  ئەلۋەتتە!



UID
12811
يازما
235
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3535
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 10:05:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەنمۇ بۇ ھەقتە  بىر  نمە دىيىشنى ئويلاپ  ئازراق يازسسام  خەت نۇسخسى  ئوزگىرىۋىلىپ  يازغىلى بولمىغان  . مانا بۇتىمىنى كورۇپ  ئويلىغانلىرىمنى ئىنكاس شەكىلدە  يېزىۋالاي .
     1. ماھىرلارنىڭ  ماھارىتى  رىياسەتچىلەردىن ،باھالىغۇچىلاردىن   ئېشىپ كەتكەن .
     2. ماھىرلارنىڭ تەييارلىقى  ناھاتىيى پۇقتا  ياخشى بولغان .ئەمما رىياسەتچى ھەم باھالىغۇچىلارنىڭ  (ئابلىز رېھىمدىن باشقا ) ھىچقانداق تەييارلىقى يوق .  ئۇلارنىڭ باھالاش سوزلىرى  كىچىك بالىلارنىڭ تىلىدىنمۇ گۇدەك .ھىچقانداق كەسىپچانلىقى ،مەسئۇلىيەتچانلىقى يوق .  مەسىلەن : بىر  ماھىر  تەرلەپ -پىشىپ بىر ئوبدان  نومۇر ئورۇنلىسا  ، ئۇنىبڭغا خوش ياقمىغاندەك  : ئوزىڭىز چىرايلقكەنسىز ، ناخشىنىمۇ  ياخشى ئېيتتىڭ ،  ئۇسۇلنىمۇ ياخشى ئوينۇدۇڭ ،دەپ گەپنى توگەتكەن  بۇ  كىچىك بالىنىڭ گېپى بولماي نىمە ؟
    3. بەزى باھالىغۇچىلارنىڭ ھەم رىئا سەتچىلەرنىڭ  سەھنىدىكى  سەت قىلىقلىرى ،لاۋزا چاقچاقلىرى  ماھىرلارغا قىلىنغان بىر ھاقارەت . كورورمەنلەر ئۇچۇن   ئازاپ .  بىلىشىڭ كىرەككى ( مەنمۇ سەنلەردەك سەنلەپ قوياي)  سەنلەرنىڭ  تۇرۋاتقىنىڭ رايۇنىمىزدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق  تاراتقۇلارنىڭ  سەھنىسى  .سەنلەرنىڭ ئويۇڭ ئەمەس  .  سەھنە مۇلازىمىتىنى  ئەستايىدىل ، ياخشى  ،تەلەپ بۇيىچە قىلساڭ  قىل بولمىسا  سەھنىلىرىمىزنى پاخاللاشتۇرماي  دەرھال يوقۇلۇش .
    4. باھالىغۇچىلارنىڭ خىزمەت پۇزۇتسىيىسى  كوڭلىمىزنى بەكمۇ غەش قىلدى .  بىر نومۇرنى سەھنىگە  ئېلىپ چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس . يەنە كىلىپ ماھىرلارنىڭ كوپ قىسمى كەسىپ ئەھلى ئەمەس  . ئۇلار ئۇزىنىڭ قىزىقىشى بۇيىچە  نۇمۇر تەييارلىغان .شۇڭا سەھنىدە مەسخىرلىك قاراپ ئولتۇرۇشىڭ ئورنىدا ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشترۇپ ،يىتەرسىزلىگىنى  كورسىتىپ بىرىش كىرەك . ئەگەر بۇنى قىلالمىساڭ  مەن بۇئىشنى قىلالمايمەن دە . چۇنكى بىزدە ئىش قىلالايدىغانلار ساماندەك .
    5. باشتىكى باھالىغۇچى نىمە دىسە  كىيىنكىلەرمۇ شۇ سوزنى ھېجىرلاش .  ئوزنىىڭ باھاسىنى ئوتتۇرغا قويماسلق . نىمە دىگەن بىمەنە ؟ خۇددى  ئىشەكچى  چەۋەندازنى  باھالىغاندەك .
   6.  قىسقىسى مەن ماھىرلاردىن ،باھالىغۇچى ئابلىز رېھىم ئەپەندىدىن  باشقا  بارلق  خىزمەتچىلەردىن قاتتق نارازى  . پائالىيەتنى تەشكىللۇگىچىلەردىن ،  مۇلازىمەتچىلەرنى قايتا تەشكىللىشىنى  تەلەپ قىلىمەن .

باھا سۆز

ئەرتېكىن  ئاۋۇ ئۇرۇق، سىمىز رىياسەتچىلەرنىڭغۇ ھىچنىمىسى ماس كەلمەپتۇ بۇ پىروگى  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 11:49:16

UID
18331
يازما
81
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
81
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-2
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 10:13:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىياسەتچىلەر ۋە باھالىغۇچىلارغا شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى،سىزئەمەلىي تۇرمۇشتا مەيلى قانداقلا بوپكېتىڭ،سىز ناۋا پروگراممىسىدا مەدەنىيەتنى ئىپادىلىگۈچى بىر ئۇيغۇرسىز. شۇ ناخشا ئۇسۇل پروگراممىسىدا بىزنىڭ ناخشا ئۇسۇل مەدەنىيىتىمىزلا ئەمەس،كىيىم كېچەك ۋە تىل مەدەنىيىتىمىز ساقلىنىپ قالىدۇ،بۇنى ھازىرقىلالا ئەمەس كېينكىلەرمۇ كۆرىدۇ.بەلكىم«زامانغا لايىق ئەركىن بولسۇن»دەپ «تۇرمۇشتا قانداق بولساق شۇنداق قىلايلى»دەپ سەنلەيدىغانسىلەر،بىراق شۇنىمۇ بىلىپ قويۇش كېرەككى،بۇ دۇنيادا سىزلىگەندە خاپا بولىدىغان ئادەم يوق.سىلەر بولسا سەھنىگە چىققان ئادەمنىڭ ھەممىنى قانداق ئويلاپ قالار دېمەي سەنلەۋېرىدىكەنسىلەر.ئەجەبا بىر ئادەمنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى بىر ناخشا ئۇسۇل پروگراممىسىدىنمۇ مۇھىمما ؟ مەنمۇ قوللايمەن !

UID
53164
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 11:01:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ھەققىقەتەن ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسدىكى خادىملارنىڭ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلۇنۇپ بېقىشىغا تىلەكداشمەن.    ھوي .... شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى سەن  مەركىزى تېلىۋىزىيەئىستانسسىلىرىنى دوراشقا خۇشتاركەنسەنغۇ، پىروگراممىلىرىڭنىڭ تەرتىپى،رىياسەتچىلەرنىڭ سۆزلەش ئۇسلۇبى، خاراكتىرى قاتارلىق تەرەپلەردىن تارتىپ دوراپ كېلىۋاتىسەن. داداڭنى دورىغىنىڭغىغو ئارتۇقچە پىكرىم يوق لېكىن دوراشقا تىگىشلىك يەرلىرىنى چوقۇم دورىغىن، تېما ئىگىسى دەپ ئۆتتى قۇدۇق قازغۇچىلارنى ئۇنۇتمايلى دەپ. يەنە كېلىپ سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ، سېنىڭ خەلقىڭنىڭمۇ ھېچ قايسى بىر ئەل خەلقىدىن چانىدىغان يېرى يوق ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار خەلق شۇڭا خەلقنىڭ نىداسىغا قۇلاق سال، خاتالىقىڭنى تونۇ، كەمچىللىكىڭنى تۈزۈتۈپ ئۆز ئالدىڭغا ئۇسلۇپ يارات.بىز ئۇيغۇر مىللىتى ناخشا ئۇسسولغا ئۇستا مىللەت ئەمەسمىدۇق، ھە... شۇڭا مۇشۇ سەھنىدە بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ باقمامدۇق، مەن يېڭى ناۋا پىروگىراممىسىنى چىن دىلىمدىن قوللايمەن ھەمدە يوقۇرقى تېمىدەك نادىر تېمىلارنىڭ تۈرتكىسىدە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە تىلەكداشمەن.

باھا سۆز

ئەرتېكىن  ئۇقاما؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 11:51:06

UID
31144
يازما
405
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
405
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-6
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 11:33:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن راست گەپنى قىلسام باھالىغۇچىلار بىلەن رىياسەتچىلەر ماڭا پەقەت ياقمىدى !نىمىشقا دىگەندە باھالىغۇچىلارنىڭ سەۋيىسى سەل توۋەن كىلپ قالدى بۇنى ئۇلارنىڭ دىگەن گەپلىرىدىنلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ ،ئابىلىز رىيىھم ئەپەندىمدىن باشقىسى ،سىلەر بەلكىم «中国梦之声»نى كۆرۇۋاتقانسىلەر باھالىغۇچى دىگەن مانا شۇنداق بولىدۇ ،باھالىغۇچىلارنى قانداق تاللاپ ئەكەلدىكىن بىلمدىم ،رىياسەتچىلەر نىمىنى ئويلىدىكىن سەھندە بەكلا ئاشۇرۋەتكەن ،گەپلىرى قوپال ،بەلكىم تەبىئرەك بولسۇنمىكىن دىگەن بولۇشى مۇمكىن بىراق سىز باشقىلارنىڭ رىياسەتچىلىرىنى كۆرۇپ باققانمۇ ؟ئۇلار سەھندە قانداق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ؟ئەڭ ئاددىسى “开门大吉”پىروگراممسىنى نىغمەت رىياسەتچىلىك قىلدۇ شۇنچىلىك تەبىئي شۇنچىلىك يىقىشلىك ؟سىلەر نىمشقا شۇنداق بولالمايسلەر ؟سىلەرمۇ بولمسىا ئۇستا ئاكتىيور ئاناخان فىلىمدە رولنى ۋايىغا يەتكۇزگەن ئارتىسلاتىڭلارغۇ ؟شەمسىيەنىڭ ئەتراپىمىزدىكي ئىشلار پىروگىراممسىنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتم ،شۇ پىرۇگراممنى ياخشى يىقىشلىق سۆزلەيتىڭىزغۇ ؟قالغان ئىككىسى يىڭى كەلگەن بولسا كىرەك ،مەن ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىنى ،ئىش ھەركەتلىرىنى پەقەتلا ياقتۇرۇمۇدۇم بولسا بۇ ئىككىسى رىياسەتچىلىكنى ياخشى مەشىق قىلىپ سەھنگە چققاي،تىلۋىزىيە ئىستانىسنىڭ بىر كەمچىلىكى بار بولۇپ ئۇرۇمچىدىمۇ ئۇقمايمەن قارمايدا شۇنداق ئاپىس ياكى داداىىس تىلۋىزىيە ئستانىسىدا بولسا بالىلىرنى ئۆزنىڭ ئورنىغا ئالىدۇ ،جەميەتتىن ئاشكارا ئەڭ ياخشىسىنى ئالمغاچقا شۇنداق بۇلۇپ قالغان ھازىر قارىسام تىلۋوزوردىن ھە دەپ رىياسەتچى قوبۇل قىلدىغان ئىلاننى بەرگىلى تۇرۇپتۇ .نىغمەتمۇ نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۆتۇپ شۇ كۇنگە ئىرىشكەن،بىزنىڭ ئىدارىدىكى خەنلەر ئۇنىڭغا ھەيران قالدى ۋە قول  قويدى ھەر ماڭا ئۇنىڭ بىلمەيدىغان نىمىس يوقكەن ،شۇنداق چو ڭ جۇڭگۇدا مەركىزى تىلۋىزىيە ئستانىسدا ھازىر شۇلا پۇتۇن پىرۇگىراممىنى ئىگەنلەپلا بولاي دىدى دەپ كۆڭلى يىرىم .سىلەردىن كۇتۇدىغىنىم سەھنىگە ئنتايىن پۇختا تەييارلىق بىلەن چىقىڭلار ،بۇنداق دىسەم سىنىڭ نىمە ھەققىڭ بار بىزنى بۇنداق دەيدىغان دىيشڭلار مۇمىكىن ،مۇمكىن بولسا ئۆيگە قايقاندا ئۆزەڭلار رىياسەتچىلىك قىلغان پىرۇگراممىنى كۆرۇپ بىقىڭلار ،مەن سەنئەتنىڭ ئەھلى ئەمەس ھەم سەنئەتنىمۇ چۇشەنمەيمەن مەن پەقەپ كۆرگەن سەزگۇمگە تايىنىپلا شۇنداق دەۋاتىمەن ،ئەگەر ئارتۇق كەتكەن  يەرلىرى بولسا كەچۇرۇڭلار !!!

باھا سۆز

altuntarim09  ياشاڭ!!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-8-23 01:29:38

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 11:37:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خىزمەت، تۇرمۇش سەۋەبلىك بۇ ناۋا پىروگىراممىسىنى بەك تۇلۇق كۆرۈپ بولالمىدىم، ئاندا-مۇندا كۇرەپ قالىمەن شۇ.  يۇقارقى تىما ۋە ئىنكاسلار بەكمۇ ئوبدان بوپتۇ.  ئەمما مىنىڭ بىر نەرسىنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ..
بۇ ناۋا پىروگىراممىسى شۇ ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزگىلا قارتىلغانمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ تاراتقۇلىرىمىز ئۆز سەھنىلىرىنى ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەنلا چەكلىنىدۇ؟ بىزدە ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيۇشتۇرغۇدەك ياكى تەشكىللۈگۈدەك باشقا نەرسە يوقمۇ؟ پەن-تېخنىكىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش، زېھىن سىناش، ياكى پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس پىروگىراممىلارنى ئۇيۇشتۇرساق بولمامدۇ؟ بۇ ئارقىلىق ھېچ بولمىسا خەلقىمىزنىڭ سەنئەت خۇمارىنى پەسەيتىپ پەن-تېخنىكا، ئۆگۈنۈش، دۇنيانى تەتقىق قىلىش خۇمارىغا ئالماشتۇرشىمىزغا پايدىسى تىگىپ قالاتتى.
بەلكىم نۇرغۇن ياشلىرىمىز شۇ ناۋا پىروئەىراممىسىغا چىقىپ ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن قانچىلىغان ۋاقتىنى تەييارلىق قىلىشقا سەرىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇنچە ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ تارتقان جاپاسىنى رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ يۇقۇردا دىيىلگەندەك «سەن»لىشى ياكى «گۆدەكلەرچە»  باھىلىشى بىلەنلا ئاياقلىشىدۇ.
ئەمدى باشقا بىر نۇقتىدا تۇرۇپ شۇنى ئويلاپ باقساق ماھىرلىرىمىزنىڭ شۇنچە ۋاقىتنى سەرىپ  قىلىپ تەييارلىغان نۇمۇرىنىڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتلارنى سەرىپ قىلىشىغا ئەرزىدىمۇ يوق؟  ئەگەر بىز مۇ شۇ ۋاقىتنى باشقا بىر ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلساقچۇ؟ (مەن ھەر گىزمۇ بۇ يەردە ماھىرلىرىمىزغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەس، ۋە ئۇلارنى ئەيىپلىمەكچىمۇ ئەمەس.  چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى، ۋە دۇنيا قارىشى ئۆزى بىلەن بىللە. )

باھا سۆز

abdusamejan  ما گەپنىڭ جېنى بار . قوللايمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 14:20:57
مالىك  بىرق ناۋامۇ بىر بوشلۇقنى تولدۇردى ،كۆپرەك تىرىشايلى !  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:47:41
مالىك  مەن سىزنى قوللايمەن !ياشلارنىڭ پەن تىخنىكا جەھەتتكى پىروگرممىسى يوق !  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 12:47:10

UID
4880
يازما
122
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
452
تىزىملاتقان
2010-8-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-25
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 11:44:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قولۇم بىلەن قوللايمەن، ناھايتتى توغرا پىكىر بېرىلىپتۇ، مىنىڭ بايقىشىمچىمۇ ناۋا پىرۇگىراممىسىدا يۇقاردا تىلغا ئىلىپ ئۆتۈلگەن ئىككى مەسىلىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك مەسىلە ساقلانغان:

1. ناۋا سانىنىڭ بىرىنجى، ئىككىنجى سانلىرىنىڭ سۈپىتى ناھايتى ياخشى بولغان، بىراق كىيىنكى سانلىرىنىڭ سۈپىتى ئالدىنقى سانلىرىنىڭكىگە يەتمەيدۇ، ئالدىنقى سانلىرىدا ئىجادى نۇمۇرلار كۆپ ئىدى ھەم سۈپەتمۇ يۇقىرى ئىدى، كىيىنكى سانلىرىدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى دوراپ ئېيتىش ئەۋج ئىلىپ كەتتى، يۇقارقى تورداش دىگەندەك كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيلا قالماستىن، ئېيتىلغان كونا ناخشىلار يەنىلا ئەسلى ئىگىسى ئېيىتقانغا يەتمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ئەيتالىغان بولسا ئىدى، دوراپ ئەيتىپ چىقسا بولاتتى.

2. سەھنىدە بىر  ماھىر بىر قانچە تېما بويىچە نۇمۇر ئورونلايدۇ، بىراق ئۇ نۇمۇرلارغا قويۇلغان تەلەپلەر يۇقىرى ئەمەس، مەسىلەن، ھېلىقى تاجىكچىراي ناخشا ئېيتىدىغان ئاكىمىز بۇرنىدا سۇناي چەپ بەرسە ھە دەپ ئاڭلاپ ئولتۇرغىنى قىززىق، كەينىگە بېرىپ بىر مۇنچە تاپا- تەنىگە قالدى. ئاكىمىزمۇ ئوڭايسىزلاندى...

3. يېڭىلىق يوق، ھەممىسى ئاتام ئەيىتقان بايىقى....لار،(ئاز تولا يېڭىلىقلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا) مۇشۇنداق كېتىۋەرسە نەدىكى  بىر ئىككىنى توۋلىيالايدىغانلارمۇ ۋۇي... بىزمۇ قاتناشساق بولىدىكەن دەپ يەنە شۇ كونا ناخشىلارغا توۋلاپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياشلاردىكى يېڭىلىق يارتىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،  ئىجادى ناخشا توۋلىغانلارغىمۇ شۇ باھا، كونا ناخشىلارنى توۋلىغانلارغىمۇ شۇ باھا... بۇنداق بولسا بولمايدۇ دە!

4. سەھنىگە مىڭ بىر جۇرئەت ۋە مۇشەققەت بىلەن چىقىپ، ئۇ ناخشىنى ئېيتىۋاتامدۇ ياكى ناخشا ئۇنى ئيتىۋاتامدۇ ...دىگەندەك روھى ھالەتتە تۇرۇپ نۇمۇرنى تاماملاپ بولسا، ماھىرنى تۆۋەن كۆرۈش خاھىشى سەل ئېغىر. «سەن» لەشتىن باشقا، كۆزىگە ئازىراق سىغماي قالسا، شۇ سىغمىغان يەرنى دەپلاۋىتىش. مەسىلەن: ھېلىقى بىر قىز ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئىيتقان ئىدى، بىراق دىلشات راھىدىن ئاكىمىز كۆزىڭىزنى بەك چوڭ سىزىۋاپسىز... دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، ئۇ قىزنى ئاسماندىن يەرگىلا تاشلىۋەتتى، ئۇ گەپنى پۈتۈن شىنجاڭدىكى نەچچە ئون مىليۇن خەلىقنىڭ ئالىدىدا دىگەن تۇرسا، ئۇ قىز بەك غەيرەتلىككەن ھېلىمۇ پۈت دەسسەپ تۇردى.

5. باھالىغۇچىلارنىڭ (بىر قىسىم باھالىغۇچىلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) سورۇننى ئۆزىگە قارىغاندا كىچىك كۆرۈپ باھا بېرىشتە سەل قاراپ، مەسئولىيەتسىزلەرچە باھا بېرىشى. گەرچە باھالىغۇچىلار بەك يۈز ئابرۇيلۇق، سورۇن سەل كىچىك بولغان تەقدىردىمۇ شۇ سورۇندا مىھمانلارنىڭ ئەڭ يۈز ئابرۇيلىقى بولغان باھالىغۇچىلىرىمىزنىڭ ماھىرلارغا بەرگەن بىر ئېغىز باھاسى شۇ ماھىرلارغا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى.  مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، نۇمۇرلىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان دىلشات راھىدىن ئاكىمىزنىڭ باھا بېرىپ سۆز قىلغان ھالىتى مەلۇم بىر ھاراق سورۇنىدا تازا تەڭشىلىپ قىلىپ ئاندىن سۆزلىگەندەك بىر تۇيغۇ بېرىدىكەن ئادەمگە،  مۇشۇ ئىشقا سەل كۆڭلۈم بىئارام بولدى...

بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، باھالىغۇچىلارنى ئەدەپلەپ، ناۋا پىرۇگىراممىسىنى قامچىلاپ، ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۋىتىش مەقسىتىمىز يوق، ناۋا پىرۇگىراممىسى خەلىقىمىزگە ئۇسسىغاندا تۇتۇلغان بىر پىيالە مۇزدەك بۇلاق سۈيى بولدى دەپ باھا بېرىمەن. چۈنكى ناۋا پىرۇگىراممىسى يېڭىلىقلىرى بىلەن ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلسا، تالانىتلىق، قابىليەتلىك ياش ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆزنى كۆرسىتىش، تالانتىنى نامايەن قىلىپ تونۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. چۈنكى بىزنىڭ شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانىسىسى سۆرەتكە ئالغان تۈرلۈك، تۈمەن سەنئەت كېچىلىكىمىزگە ئىشتىراك قىلغۇچىلار دائىملا بىزنىڭ داڭلىق كونا ئارتىسلىرىمىز بولۇپ كەلدى.(بۇنىڭغا ئەلۋەتتە قارىشى ئەمەسمەن) يىڭى  ماھىرلارنىڭ ئۇنداق چوڭ سەھنىگە چىقىشقا «سالاھىيىتى »توشمىغان، كونا ئارتىسلىرىمىز يەنە شۇ «كونا مۇقام» لارنى توۋلىغان... بۇنىڭ بىلەن بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئارتىسلىرىمىزنىڭ باشقىلىرىنى تونۇمايدىغانلا بولۇپ كەتتۇق. ياشلارنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە بولمىغاچقا، تونۇلۇش ئىمكانىيتى بولمىدى، ... گەپنى قوپال قىلغاندا سەھنىدىن يېڭىياچىلارغا ئورون بېرىلمىدى...ۋاھاكازالار

دىمەك ناۋا پىرۇگراممىسىنىڭ بۇ خىل شەكىلدە يولغا قويۇلىشى ئىنتايىن ئاقلانە قارار بولغان. شۇڭا بىز مەڭگۇ بۇ پىرۇگىراممىنى قوللايمىز، بىراق قانداقلا بوپ قالسا مەيلى دىيەلمەيمىز، «دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەت كۈلدۈرۈپ...» دىگەندەك ساقلانغان مەسىللەرنى بىزدەك پۇقرالار كۆرسۈتۈپ ئۆتۈپ، ناۋا پىرۇگىراممىسىنىڭ يەنىمۇ تاكامۇللىشىغا چوقۇم كۈچ قوشىشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا ناۋا پىرۇگىراممىسىدىكىلەرنىڭ كىچىك پىئىللىق بىلەن ، بىزنىڭ سەمىمى پىكىر- تەكلىپلىرىنى قوبۇل كۆرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقىتدا تۈزىتىپ، تېخىمۇ مەزمۇنلۇق، تېخىمۇ رەڭدار، يېڭلىققا تويۇنغان، يۇقىرى سۈپەتلىك... پىرۇگىراممىسنى ئۆز خەلقىغە سۇنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن!

كەچۈرۈڭلار، ئىنكاسىم تېمىدىنمۇ بەك ئۇزىراپ كەتتى، خۇددى ئاران تۇرغاندەك...

باھا سۆز

khan  ئاجايىپ ئېسىل پىكىر بوپتۇ. ھەقىقىي نۇرجۇلا دە سىز.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-20 23:10:36
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش