- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-26
- UID
- 42500
- يازما
- 3
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-26
- توردا
- 2 سائەت
|
تىل ۋە بىز
ئۇزۇندىن بۇيان تىل توغرىسىدا بىرەر يازما يېزىپ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشنى ئويلىغان، لېكىن ئۆزۈمنىڭ تىل توغرىسىدىكى بىلىمىمنىڭ كەمتۈكلۈكى ھەم ياخشىراق يازالماسلىقىمنى ئويلاپ ئىككىلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. بىراق سۇغا كىرمەي تۇرۇپ سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولمىغىنىدەك، يېزىپ باقماي قانداقمۇ ياخشى ياكى ناچار يېزىلغىنىنى بىلگىلى بولسۇن! مانا بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ قىسقىغىنە تىل ئۆگىنىش ھاياتىمدا ھېس قىلغانلىرىم، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى «قوش تىل » مائارىپى، ۋە ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ باشقا تىل ئۆگىنىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىم ھەم شەخسىي كۆز قارىشىم، بىلىمىمنىڭ كەملىكى سەۋەبىدىن ساقلانغان مەسىلىلەرگە ۋە كۆز-قاراشلارغا تەنقىدىي مۇئامىلدە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !
تىل - ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقە قىلىش قورالى ۋە پىكىر قىلىش قورالى. شۇنداق، بىز تۇغۇلۇپ «ئانا» دەپ تىلىمىز چىققاندىن تارتىپ ئانا تىلدىن پايدىلىنىپ ئۆز-ئارا ئالاقە ئېلىپ بارىمىز، تەپەككۇر قىلىمىز. ئەڭ مۇھىمى ئۇلۇغ ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىزلەر ئۈچۈن قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىمىز. بىزنىڭ ئانا تىلىمىز - «ئۇيغۇر تىلى» شۇنداق پاساھەتلىك تىل، ئىپادىلەش كۈچى جەھەتتە دۇنيادىكى ھەرقانداق باشقا بىر تىلدىن ئېشىپ چۇشسە چۈشىدۇكى ھەرگىزمۇ كىيىن قالمايدىغان تىل! ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئاجايىپ مۇرەككەپ ھېسىياتلارنى شۇنداق ياخشى ئىپادىلەشكە بولىدۇ، تارىختا ئۇلۇغ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ تىل ئارقىلىق دۇنياۋىي ئۆچمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ ئۆتكەن، ھازىرمۇ ھەم تىلىمىز ئۆزىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلماقتا ! بۇ ھەقىقەتتىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى ھەرگىزمۇ بىر قىسىم «دەۋىرنىڭ ئالدىدا ماڭغان» نادانلارنىڭ ئېيىتقىنىدەك دەۋىرنىڭ كەينىدە قالغان ياكى «چالا مىن كاۋ خەن» لەرنىڭ ئەبجەش سۆزلەپ، سەۋەبىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ «ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئاجىز» لىقىدىن كۆردىغان ۋە ياكى نەپسى ئۈچۈن كۈچىكلىنىۋاتقان بىر قىسىم باشلىقلارنىڭ دىگىنىدەك ئىشلىتىلمىسىمۇ بولىدىغان تىل ئەمەس!!! بەلكى بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۇ ئارقىلىق ھەرقانداق ئوي-پىكىرىمىزنى، ھېسىياتىمىزنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، مۇشۇ تىلدىن پاريدىلىنىپ ئاتا بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرشىمىزدا زۆرۈر بولغان تىل! ! ! ئۇنداقتا بىز نېمىشقا باشقا ئىككىنچى بىر تىلىنى ئۈگۈنىمىز ؟
شۇنداق ، بىز ئانا تىلىمىزدىن ئىبارەت شۇنداق پاساھەتلىك، ئىپادىلەش كۈچىگە باي بىر تىلغا ئىگە تۇرۇپ نېمىشقا ئىككىنچى بىر تىلنى ئۈگۈنىمىز؟ بۇ ھەرقانداق بىر ئىككىنچى بىر تىلنى ئۈگۈنۈش ئالدىدا تۇرغان ياكى ئۈگۈنىۋاتقان ئادەمنىڭ جاۋاپ بىرىشى زۆرۈر بولغان سۇئالدۇر. مەن تۆۋەندە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ سۇئالغا بېرىلگەن بىر نەچچە خىل جاۋاپ ئۈستىدە توختىلىمەن :
1. «ھازىرقى جەمىيەتتە خەنزۇتىلى بىلمىسە ياشىغىلى بولمايدۇ. خەنزۇتىلى ئىنتاين مۇھىم، ھەم دۆلەت تىلى، ئانا تىلنى بىلمىسىمۇ، پەقەت خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلسىلا ياخشى خىزمەت بىلەن ياخشى ياشىغىلى بولىدۇ.» دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراش. بۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ئېنىق مەيدانى، پەلسەپىۋىي كۆز-قارىشى بولمايدۇ، بىر ئۆمۇر باشقىلارغا ياخشى كۆرنۈش، ئۇلار نىمە دېسە شۇنى توغرا دەپ شۇنى قىلىش، نەپسى ئۈچۈن ياشاشتىن ئىبارەت.
2. «ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىنى ئىنتايىن مۇھىم دەيدۇ، ھەممە ئادەم بۇ تىلنى ئۈگۈنىۋېتىپتۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا مۇشۇنداق قىلىش توغرا ئوخشايدۇ،» بۇ خىل قاراشتىكى ئادەملەردە مىللىي خاسلىقى، مىللىي غورۇرى ۋە ئېتىقادىي بولمايدۇ، باشقا قەۋىمدىكى كىشىلەر نىمىنى قىلسا شۇنى قارۇغۇلارچە دوراپ قىلىدۇ.
3 . «مەن بىر ئوقۇغۇچى، مەكتەپتىكى دەرسلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە ئۆتىلىدۇ، ئۈگەنمەسلىككە نېمە ئامال، ۋەزىيەت شۇنداق تۇرسا، ئانا تىلىمنى شۇنداق ئۈگەنگىم بار، لېكىن ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دە، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا مۇھىم، ئەسقاتىدىغاننى ئۈگۈنەي!» بۇ خىل قاراش بولسا كۆپ قىسىم ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردىكى ئورتاق قاراشتۇر، ئۇلار مۇشۇ خىل ئىددىيە ۋە قاراشنىڭ، بولۇپمۇ خاتا تونۇلغان « قوش تىل » مائارىپ تەربىيىسى ئاستىدا ئۆز ئانا تىلىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ كېتىدۇ ... ...
4 . « ئۇ ئىككى خىل تىل بىلىدىكەن، ئاۋۇ ئۈچ خىل تىل بىلىدىكەن، مەن ئاشۇلاردىن كىيىن قالامدىم! مەنمۇ بىر نەچچە خىل تىلنى ئىگەللەپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام!» بۇ ساندىكى كىشىلەر باشقىلانى كۆرەلمەيدۇ، باشقىلارنى بېسىپ چۈشىپ، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ياقتۇردۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقا تىلى ئۈگۈنىدۇ، بىراق ئۇزۇنغا بارمايدۇ !
يۇقارقىلار بولسا جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ « نېمىشقا ئىككىنچى بىر تىلنى ئۈگۈنىمىز؟» دىگەن سۇئالغا (ئاساسلىقى خەنزۇتىلى ئۈگۈنىۋاتقانلارنىڭ) تولىمۇ بىر تەرەپلىمە ۋە بىمەنە سەپسەتىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار مۇشۇنداق خاتا كۆز-قاراش ۋە چۇشەنچىللەر ئىچىدە تىل ئۈگۈنىدۇ، ئۇلارنىڭ تىل ئۈگۈنىشتىكى مۇددىئاسى توغرا بولمىغاچقا كۆپ قىسىمى تىلنى ياخشى ئۈگۈنەلمەيدۇ، ئۈگەنگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى توغرا ئىشلىتەلمەي، ئۆزىنىڭ «بىر قاچا ئېشى» ئۈچۈن خەلىقنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قالىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، تىلدىن پايدىلىنىپ خەلىقىنى روھىي جەھەتتىن ئېزىدۇ، ئانا تىلنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، تارىخنى بۇرمىلايدۇ... ... بۇنداق كىشلەرنى خەلق تىللايدۇ. قىسقىسى توغرا مەخسەت- مۇددىئا بىلەن قىلىنمىغان ئىش بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇنداقتا نېمىشقا ئىككىنچى بىر تىلنى ئۈگۈنىمىز؟ قانداق مەخسەتتە ئىككىنچى بىر خىل تىلنى ئۈگۈنىمىز؟
ئۇزۇن يىللىق تارىخىي ئاچچىق ساۋاق بىزگە شۇنى تونۇتتىكى« قايسى بىر قەۋىم نادانلىق، بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ، يەنىلا ئويغانماي بىخۇدلۇق بىلەن يۈرىۋەرسە، بۇنداق قەۋىم ھامان بىر كۈنى يوقىلىدۇ! ». يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئوتتۇرا شەرىقتە دەس تۇرغان بىز ئۇيغۇرلار ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ھالىمىز شۇ ھازىرقىدەك! (بۇ توغرىسىدا كۆپ توختالمايمىز، بۇ ئۇزۇن تارىخنى ئاتاقلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزلەر ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغان «باھادىرنامە»، « ئىز »، «ئويغانغان زىمىن»، « ئانا يۇرت» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشىمىز،ھازىرغا بولسا ئەتراپىمىزغا ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.) دېمەك ئانا دىيارىمىز شىنجاڭ ــــ« بىزنىڭ شىنجاڭ » جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ، بىز نۇرغۇنلىغان مىللەتلەر بىلەن بىللە ياشاۋاتىمىز! مۇشۇنداق رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان، بىزگە خىرىسلار ناھايىتى كۆپ جەمىيەتتە ئۆزۇمىزنى ساقلاپ قېلىش ھەم كۈچەيتىش، ئەڭ مۇھىمى ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇشىمىز ئۈچۈن بىزگە كەم بولسا بولمايدىغان كۈچلۇك قورال دەل « تىل»!.
دېمەك تىل ئىگەللەش تولىمۇ مۇھىم، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن ئانا تىلنى ياخشى ئىگەللەش لازىم. بىز پەقەت ئانا تىلمىزنى ياخشى ئۈگەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى تونۇيالايمىز، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكى ۋە نىمە ئىش قىلىشىمىز لازىملىقىنى بىلىمىز، نىشانىمىز كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنىڭدىن قىلچىلىك ئاداشمايمىز. ئەگەر بىز ئانا تىلدىن يىراقلىشىدىكەنمىز ئۇنداقتا بىز ئۆزىمىزدىن يىراقلاشقان بولىمىز، نىشانىمىزدىن ئادىشىمىز! خۇددى ھازىرقى بىر قىسىم ئانا تىلنى ئۇنۇتقان كىشلەرگە ئوخشاش، بىزنىڭ كىملىكىمىزنى باشقىلار دەپ بېرىدۇ! باشقىلار دىگەنگە رەدىيە بېرەلمەيمىز، ئۆزىمىزنىڭ نىشانى، كىملىكىنى ۋە نىمە ئىش قىلىشىمىز لازىملىقىنى ھېس قىلالمايمىز! دېمەك بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ئۇنۇتقىنىمىز دەل بىزنىڭ قۇللىق يولىغا قاراپ ماڭغىنىمىز ! شۇڭا بىز ئانا تىلىمىزنى ئىبارەت بۇ كۈچلۇك « قورال» نى ياخشى ئىگەللىشىمىز لازىم، ئۈگەنەندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياخشى ئۈگۈنىشىمىز كېرەك. پەقەت ئانا تىلنى ئىگەللىگەندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، ئاتا- بوۋلىرىمىزنىڭ شانلىق تارىخىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلالايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نىشانىمىزنى ئېنىق تونۇپ، نىشاندىن ھەرگىز ئاداشمايمىز!!!
بىز ئانا تىلنى ياخشى ئۇگەندۇق-يۇ، يەنە نېمىشقا ئىككىنچى بىر تىلنى ئۈگۈنىمىز؟ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىزلاپ قالدىمۇ؟! ياق ، بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقاتقىنى يوق ! بەلكى بىزدە «قورال» كەملىك قىلىۋاتىدۇ! بىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، قاچاندىن باشلاپ قەيەردە ياشاپ كەلگەنلىكىمىزنى بىلەلەيمىز، بىراق باشقىلارنىڭ كىملىكىنى، نېمىشقا كەلگەنلىكىنى بىلەلمەيمىز! بىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ شانلىق تارىخىمىزىنى بىلەلەيمىز-يۇ، بىراق باشقىلارنىڭ تارىخىنى بىلەلمەيمىز! بىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمۇشىنى، نىشانىنى مەخسىتىمىزنى بىلەلەيمىز-يۇ، باشقىلارنىڭ ئۆتمۇشىنى، نىشانىنى، مەخسىتىنى بىلەلمەيمىز!!! بىز ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ئەقىل-پارسەتلىرىنى ئۈگۈنىمىز، ۋارىسلىق قىلىمىز، ۋە راۋاجلاندۇرالايمىز، بىراق باشقىلارنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى، ئەقىل- پاراسىتىنى ئىگەللىيەلمەيمىز!!!... ... دىمەك بىز يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدى باشقا «قورال»لارغا مۇھتاج بولىمىز، بۇ قوراللار دەل باشقا تىللاردۇر.
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئىككىنچى تىلى ـــ خەنزۇتىلى، بۇ تىل ھەم دۆلەت تىلى. بىز خەنزۇتىلىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈگۈنىمىزكى ـــــ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئىگەللەپ ۋە چۈشىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقىنى ھەقىقىي تۈردە قولغا ئېلىش، باشقىلار بىزگە ئۆز تىلى ئارقىلىق بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئەمەس بەلكى بىز باشقىلارغا ئۆزىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلدۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئىلىغار تەرەپلىرىنى تىرشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۈگۈنىمىز! قىسقىسى خەنزۇ تىلىنى ئۈگۈنىش لازىم دېگەنلىك ھەرگىزمۇ خەنزۇ تىلىنى ئانا تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش دىگەنلىك ئەمەس! بەلكى يەنە بىر «قورال»غا ئىگە بولۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دىگەنلىكتۇر.
ھازىرقى ئىقتىساد يەرشارىلاشقان، ئۇچۇر كۈنسىرى يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا تىلى دەپ قارىلىۋاتقان «ئېنگىلىز تىلى» نى ئۈگۈنىشنىڭ مۇھىملىقى كۈنسايىن گەۋدىلەنمەكتە، چۇنكى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرنىڭ كۆپ قىسىمى ئالدى بىلەن ئېنگىلىز تىلىدا چىقىدۇ، ئىىم-پەن، تېخنىكا بىلىملىرى ئالدى بىلەن يەنىلا ئېنگىلىز تىلىدا چىقىپ ئاندىن باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى دۇنياغا بىلدۇرۇش ئۈچۇن يەنىلا بىزگە « ئېنگىلىز تىلى» دىن ئىبارەت كۈچلۈك قورالغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئېنگىلىز تىلىنىمۇ ئۈگۈنىمىز.
تىل ۋە بىز مەڭگۈ ئايرىلالمايدىغان بىر گەۋدە. مەيلى سىز بىر تىلنىلا بىلىڭ ياكى بىرنەچچە تىلنى بىلىڭ؛ تىل ئۈگىنىۋاتقان بولۇڭ ياكى ئۈگۈنىشنى ئويلاۋاتقان بولۇڭ؛ باشقا تىلنى ئۈگەنمىگەن ياكى ئۈگۈنىشنى ئويلاپ باقمىغان بولۇڭ، سىزدە چوقۇم ئېنىق، توغرا بولغان « تىل قارىشى » ۋە « پوزىتسىيە »سى بولىشى لازىم. « پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ! » بۇ تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان سۆز، سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز ۋە پوزىتسىيىڭىز ئۆزىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىپلاقالماستىن ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ تەسىر قىلىدۇ. «بىز»نىڭ ئانا تىلغا بولغان قارىشىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ تەقدىرى ۋە تەرەققىيەتىنى بەلگىلەيدۇ! «بىز»نىڭ تىللارنى ئۆگىنىشكە بولغان قارىشىمىز، پوزىتسىيىمىز ۋە نىشانىمىز بىزنىڭ قايسى تىلنى ئۈگۈنىشىمىزنى، قانچىلىك ئۈگۈنىشىمىزنى، قانداق پايدىلنىشىمىزنى، قانداق خىزمەت قىلدۇرشىمىزنى بەلگىلەيدۇ! شۇڭا بىز «ئانا تىلنى» چوقۇم ياخشى ئۈگۈنىشىمىز، قەدىرلىشىمىز، ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۇك پايدىلنىشىمىز ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرشىمىز لازىم. ھەم مۇشۇنداق پوزىتسىيە ۋە قاراش بىلەن ئالدىمىزغا قەدەم ئېلىشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا تىللارغا ۋە ئۈگۈنىشكە قارىتا توغرا، ئىنىق پوزىتسىيە، نىشان ۋە قاراشتا بولىشىمىز لازىم. |
|