<<يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان مەخسۇس زىيارەت فىلىمى

ئەسسالامۇئەلەيكوم تورداشلار قۇتلۇق نەتىجە ،تارىخى چوڭ ئىشلار سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدىغان بۈگۈنكىدەك خۇشاللىنارلىق خەۋەر ئارقىلىق ھەرقايسى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىۋاتقان مۇشۇ مىنۇتلاردا بىز بارلىق تورداشلارغا ئولۇغ ئاللاھتىن ساق -سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىڭلارغا ئامەت تىلەيمىز.
ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز، ئانىمىزنىڭ تىلى! سڭقۇسەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىب، ئەلشىر ناۋايى …. نىڭ تىلى! مۇقاملىرىمىزنىڭ كۈي- چەشمىلىرىگە، مىڭ ئۆيلىرىمىزنىڭ نەقىش-بېزەكلىرىگە، ھەتتا قان-قېنىمىزغا، تومۇر-تومۇرلىرىمىزغا سىڭگەن تىل، ھەمىمىز «ئانا» دەپ تۇنجى ئېغىزلانغان تىل.2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش مەيدانغا كەلدى.يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى دىيارىمىزدىكى ئەڭ ئالى ئوقۇتۇش يۇرتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ۋە "مۇئەللىم" ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان"يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى" شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى . دىيارىمىز ئىچى -سىرتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان تىلشۇناس ئالىملار ئۈرۈمچىگە جەم بولدى.يىغىندا ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتىغا ئائىت 36پارچە ماقالە تاپشۇرۋېلىنىپ، 23پارچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.يىغىن 15-چىسلا ۋە 16-چىسلا ئىككى كۈن داۋاملاشتى.
يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان مەخسۇس زىيارەت فىلىمى
ئەلكۈيى تورى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن مەزكۇر زىيارەت فىلىم يۇقىرى ئېنىقلىقتا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ،مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى 标清 دىگەن خەتنى چىكىش ئارقىلىق رەسىمدىكى 超清نى تاللاش ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتا كۆرسە بۇلىدۇ،تور سۈرئىتىڭىز ئاستا بولسا 标清ھالەتتە كۆرسىڭىز بۇلىدۇ http://v.youku.com/v_show/id_XNTcyNzEwNTg4.html
يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ تىل يېزىق ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى،ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان مۇتەخەسىس ئالىملار، تەتقىقاتچىلار،دىيارىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژورناللار،تاراتقۇلار،ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتىشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دوكتۇر، ماگىستر ئاسپىرانتلىرى، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە خىزمەتچى خادىملار شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.ئەلكۈيى تورى يىغىن نەق مەيدان جەريانىنى بارلىق تورداشلارغا خەۋەردار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىملىرىمىز بىلەن يىغىن نەق مەيدانىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ <<يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>ئەلكۈيى تورى مەخسۇس زىيارەت فىلىمىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.

يىغىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، تارىخ-مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى ، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نۇرشات جۇماش ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇشۈكۈر موللەك ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ، ئەدەبىيات-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ليۇ بىن ، شىنجاڭ «مۇئەللىم» ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەخمەتجان نورۇز قاتارلىق رەھبەرلەر ، پروفېسسور ۋە كارخانىچىلار يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.



يىغىندا يەنە تىلشۇناسلىق ساھەسىدە ھاياتى ۋە ئىجتىھاتىنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ئۈچۈن بېغىشلىغان ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن ، خەلقئارادىكى يېڭى تىلشۇناسلىق نەزەرىيەلىرىنى ، ئۇسۇللىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەدبىقلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مىرسۇلتان ئوسمانوف ، ئامىنە غاپپار ،نەسرۇللا يولبولدى ، چېن زوڭجېن ، رازاق مەتنىياز ، مەترېھىم سايىت ، ئابدۇرەئۇپ پولات ، لېتىپ توختى ، مۇھەببەت قاسىم ، جاۋ مىڭمىڭ ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق 11 نەپەر تىلشۇناس ئالىم مۇتەخەسىسكە «مۇئەللىم » تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى تارقىتىلدى .




بۇ قېتىملىق <<ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>> يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىنى مەركەز قىلغان بىر قاتار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئىلمىي ھالدا ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بىر ئۆمۈر يۈرەك قىنىنى سەرپ ئەتكەن ئالىم -تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئەڭ ئالىي ئىھتىرام-تەشەككۈرلەرنى بىلدۈرۈش ۋە "مۇئەللىم" تىلشۇناسلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر سۆز قىلىپ <<يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>نىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.ئارقىدىن ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ھەققىدە ماقالىلەر ئوقۇپ ئۈتۈلگەندىن كىيىن <<مۇئەللىم تىلشۇناسلىق >>مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 11نەپەر تىلشۇناس ئالىمىمىزنىڭ تولۇق تەرجىمھالى ۋە ئىش -ئىزلىرى يىغىن ئەھلىگە سۆزلەپ چىقىلدى.

بۇ قېتىملىق تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ ئىنچىكە تاللىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلشۇناسلىق ساھەسىدە تۆھپىسى ئالاھىدە كۆرىنەرلىك بولغان،ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتىدا مۇھىم ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرىۋاتقان، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولغان مىرسۇلتان ئوسمانوف ، ئامىنە غاپپار ،نەسرۇللا يولبولدى ، چېن زوڭجېن ، رازاق مەتنىياز ، مەترېھىم سايىت ، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي ، لېتىپ توختى ، مۇھەببەت قاسىم ، جاۋ مىڭمىڭ ، ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق 11نەپەر تىلشۇناس ئالىملىرىمىزغا تارقىتىلدى.مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ھاياجانلىق ئىلكىدە ئېلىپ بېرىلدى .ھەر بىر يىغىن ئەھلى تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى بۇ تۆھپىكار ئۇستازلارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىغا قوشقان ئەجىر-مىھنەت دوكلاتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، خاتىرە قالدۇرۇپ، ئۇستازلارغا چىن يۈرىكىدىن ئەڭ ئالىي تەشەككۈر ۋە ئېھتىراملىرىنى بىلدۈرۈشتى. گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىنى توختىماي چالدى.







يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەرگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلۈپ،ئۇيغۇرتىلى تەتقىقات مىتودى،تىل تەركىبى قىسمى،ئوقۇتۇشى ....قاتارلىق ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.ھەرقايسى تىلشۇناس ئالىملار،تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتىشى ۋە تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،يىغىن ئىشتىراكچىلىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىغا سۇندى.تىلشۇناس ئالىملار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى ھەققىدە سۇئال-جاۋابلار،مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن ئىنتايىن داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.ئەلكۈيى تورى بۇ قېتىملىق يىغىن ئەھۋالىنى بارلىق تورداشلارغا خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە يىغىن مەزگىلىدە ھەرقايسى تىلشۇناس ئالىملار،ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتىشى بىلەن بىلەن شوغۇللانغۇچى ئۇستازلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تورداشلارنىڭ ھوزرىغا سۇندۇق.
بۇ قېتىملىق <<يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>نىڭ ئېچىلىشى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى ئۈچۈن تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولۇپ،ئۇيغۇرتىلى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بىر تارىخى چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ.بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىملىق <<يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى>>نىڭ ئۈرۈمچىدە غەلبىلىك ھالدا ئېچىلغانلىقىنى چىن دىلىمىزدىن مۇبارەكلەيمىز شۇنداقلا بارلىق ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۈگىنىشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتىشىنى ،ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان ھەر بىر تۆھپىكار تىلشۇناس ئالىمغا،بارلىق تەتقىقاتچى ئۇستازلارغا سەمىمىي ئېھتىرام ۋە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز.
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2013-يىلى چىللە ئېيىنىڭ 19-كۈنى (سەيشەنبە)
|