- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-6-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-19
- UID
- 41621
- يازما
- 6
- تېما
- 5
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-6-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-19
- توردا
- 21 سائەت
|
ئايزىبانىڭ كېيىنكى ھېكايىسى
[ئايزىبانىڭ بۇرۇنقى ھېكايىسى‹‹مېنى قايتا توغۇڭلار ››دىگەن نامدا ئەلكۈيى مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان]
ئاپتورى: خاتىمە مەتنىياز
-ئايزىبا،نەچچىگە كىردىڭىز؟
-تۆت يېرىم ياش .
-سىڭلىڭىزچۇ؟
-بىر ياش.
-ئاكىڭىزچۇ؟
-يەتتە يېرىم ياش.
-ۋاي-ۋۇي نىمىدىگەن ئەقىللىق قىز بۇ،ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ.
بازاردىن قايتىشىمىزدا،ئاپتۇبۇستا ئاپامنىڭ قىشىدا ئولتۇرغان بىر ئاپاش،مىنى ئاپامنىڭ ئېتىكىدىن ئېلىپ يۈزلىرىمگە سۆيۈپ كەتتى.ئاپامغا قارىسام ،شۇنداق خۇشال كۆرۈندى،مەن زوق-شوق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدىم.
-ئاكام مەكتەپكە كەتتى،سىڭلىم ئاتام بىلەن قالدى.ئاپام ماڭا ئاياق ئېلىپ بەرگىلى بازارغا ئەكەلدى.ئايىقىم يىرتىلىپ كەتكەنچۇ مىنىڭ،سىز سىڭلىمنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
-ياق،سىڭلىڭىز سىزگە ئوخشامدۇ؟
- ئوخشىمايدۇ،مەن چوڭ ئۇ كىچىك،ئۇمىنى‹‹ئاچا
››دەيدۇ.ئۇچۇ...شۇنداق چىرايلىق،گۈلنۇرنىڭ كۆزى مۇنداق...مەن قوللىرىم بىلەن كۆزۈمنىڭ قۇيرۇق تەرىپىنى تۆۋەنگە تارتتىم.
-سىزنىڭ سىڭلىڭىزچۇ؟
-سىڭلىم بەك چىرايلىق .كۆزلىرى بۇلاقتەك.-دىدىم،مەن .ئۇ ئاپاش بىلەن جىق پاراڭلاشتۇق.
ئۇنىمىلا دىسەم كۈلۈپ كىتىدىكەن.گەپلىرىمنىمۇ شۇنداق ئەستايدىل ئاڭلايدىكەن. ئەگەر ئۇ چۈشۈ
پ قالمىغان بولسا مومام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەرنى،ئۆگىتىپ قويغان ئايەتلەرنىمۇ ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىم.
سىڭلىمنىڭ ھازىر ئايىقى چىقىپ نەگە بارسام كەينىمدىنلا يۈرىدىغان بولدى .ئابىدە بىلەن ئەقىدە ھازىر مەكتەپكە كەتكەچكە ،ئوينايدىغان دوستلىرىممۇ قالمىغان ئىدى ‹‹مەنمۇ بارىمەن ››دەپ خېلى جىدەل قىلساممۇ ،ئاتام،ئاپاملار ئۇنىمىدى،مۇشۇنداق زېرىكىشلىك كۈنلەردە ئەگەر سىڭلىم بولمىغان بولمىسا قانداق قىلار ئىدىم ھە؟مەن مەكتەپكە كەتكەن بولسام ،سىڭلىم بىچارە كىم بىلەنمۇ ئوينار ئىدىكىن؟ھازىر ئاكاملارنىڭ تاپشۇرۇقلىرى بەك كۆپ ئىدى ،مەكتەپتىن كىلىپ ئىشلىگىلى تۇرسا ‹‹ئوينايمىز››دېسەكمۇ ،‹كارتون كۆرىمىز ›دېسەكمۇ ۋاقىراپ –جاقىراپ بىزنى تىللاپ كېتىدۇ.مەنغۇ بۇنداق چاغلاردا يېنىغا ھەرگىز بارمايمەن.سىڭلىم تولا بېرىپ ،تولا تاياق يەپ كەتتى .قاراپ بېقىپ بەزىدە ‹ھېلىمۇ مەكتەپكە بارماپتىمەن .بولمىسا تاپشۇرۇق،تاپشۇرۇق دەپ ئويۇنمۇ ئوينىيالماس ئىكەنمەن›دەپ ئويلاپ قالىمەن.ئەممازە سىڭلىمغا قاراش يالغۇز ماڭىلا قالدى .ئويغاقلا بولسا مېنى ئەگەشكەن،يالغۇز قالغاندا نېمىلا دېسەم ئاڭلايدۇ.لېكىن ئاتام-ئاپاملار بار يەردە نېمە تۇتسام تالىشىپ ،يىغلاپ يۈزلىرىمنى مورلاپ كېتىدۇ،تېخى يېقىندا چېچىمنى چۈشۈرۋەتمەك بولغاندا ‹مەن تاقىرباشلارغا ئۆچ›دەپ جىدەل قىلىپ يۈرۈپ ساقلاپ قالغان ،ھازىر ئەمدى چازا قىسقۇدەك بولغان چېچىمنى چاڭگاللىۋالىدىغان بولسا قوللىرىنى ئاجرىتالماي يىغلاپ كېتىمەن.شۇنداق چاغلاردا ئۇ كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كېتىدۇ،‹ئادەم سەتى ،سەن بىلەن ئىككىنچى ئوينىمايمەن›دەپ ۋاقىرايمەن ،ئۇ بولسا سۆزلىيەلمىسىمۇ ،كۆزلىرىنى ئالايتىپ ،قوشۇمىلىرىنى تۈرۈپ ،مېنىڭ تەلەپپۇزۇمنى دوراپ چۈشىنىكسىز بىر نەرسىلەرنى دەپ مېنى تېخىمۇ جىلە قىلىدۇ.‹‹بۇ ئەسكى سېسىقنى ئاپام توغمىسىمۇ بوپتىكەن ئەتىدىن كەچكىچە مېنىلا بوزەك قىلغان›› دەيتتىم ئىچىمدە.
بىزنىڭ ئۆيدە تاماق ۋاقتىدا جىق گەپ بولۇنمايدۇ.ئەمما باشقا چاغدا گېپىنى ئاڭلاشقا چولىسى تەگمەيدىغان ئاتام-ئاپاملارغا دەل شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ دەيدىغان گەپلرىم دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ.ئۇلار بولسا دائىمقىدەك تىز تاماق يېيىشىمنى ،‹‹بىسمىللاھ ››دېيىشىمنى ئېيتىپ ئاچچىقلايدۇ.‹‹تاماق يېمىسەڭ چىق››دېيىشىدۇ،نەگە چىقىمەن يا مېنىڭ باشقا يەردە ئۆيۈم بولمىسا . –چىقمايمەن ،ئۆزۈڭ چىق- دېدىم مەنمۇ.
-ئادەم سەتى ئېتىزدا تولا گەپ قىلغىنى ،پۇتلاشقىنى ئاز كەلگەندەك تاماق ۋاقتىدىمۇ ئارام بەرمىگەن –دېدى ئاتام.
-تايىقى كەم بۇ نېمىنىڭ ،ئۇزۇن بولدى ئەمەسمۇ تاياق يېمىگىلى –دېدى ئاپام . –سىلەرنىڭ تايىقىڭلار كەم ،سىلەر مېنىڭ گېپىمنى نېمىشقا ئاڭلاپ باقمايسىلەر ؟ -بۇ دېگەن گەپ قىلىشىدىغان چاغ ئەمەس،تاماق يەيدىغان چاغ.تاماق ۋاقتىدا تولا گەپ قىلسا،‹بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم ›› دېمىسە تاماققا شەيتان شېرىك بولىدۇ. –شېرىك دېگەن نېمە؟ -بىللە يېيىشىپ بېرىدۇ دېگىنى،جىق تاماق يىسەڭمۇ قورسىقىڭ تويمايدۇ.-دېدى ئاپام
-شەيتاننى مەن كۆرمىدىمغۇ ئەمىسە؟ -ئەلۋەتتە كۆرەلمەيسەن، چۈنكى ئاللاھ ئۇنى بىز كۆرەلمەيدىغان قىلىپ ياراتقان .
-شەيتان سىلەرگە شېرىك بولىدۇ ،ئۆتكەندە مومام ‹‹ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.ئاچچىق دېگەن شەيتاندىن بولىدۇ››دېگەن .سىلەر ماڭا تولا ئاچچىقلاپ ،تولا تېرىكىدىغان بولغاچقا ،سىلەرنى شەيتان ئازدۇرىدۇ.-بەك توغرا گەپ قىلىۋەتتىممىكىن ئۇلار بىر –بىرىگە قارىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. –موماڭ يەنە نېمە دېدى –دېدى ئاتام. –باشقىلارنى بوزەك قىلسا يامان بولىدۇ،باللىرىنىلا ئەمەس ،ھايۋانلارنى ئۇرسىمۇ گۇناھ بولىدۇ دېدى،سىلەر مېنى دائىم يىغلىتىسىلەر سىلەرگە گۇناھ بولىدۇئەمدى –دېدىممەن . –گەپ ئاڭلايدىغان ياخشى بالىلارغا ھېچكىم تېرىكمەيدۇ –دېدى ئاپام . –ياخشى ئاتىسى ،ياخشى ئاپىسى بولسا بالىلىرىمۇگەپ ئاڭلايدۇ –دېدىم مەنمۇ.
-بىز سېنىڭچە ياخشى ئاتا ،ياخشى ئاپا ئەمەسمۇ؟
-ئەمەس،سىلەر بىز بىلەن پاراڭلاشمايسىلەر،گېپىمىزگە قولاق سالمايسىلەر . –ھە يەنىچۇ؟
-يەنەمېنى تاتلىق قىزىم،چىرايلىق قىزىم دەپ چاقىرىپ باقمايسىلەر،چۆچەك ئېيتىپ بېرەي دېسەممۇ ئاڭلاپ باقمايسىلەر.
-ۋۇۇي.دەردى خېلى باركەن ماۋۇ قىزنىڭ- دېدى ئاتام
تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلشتۇق.ئاتام چاقىردى .
-ئايزىباگۈل،ئېيتە چىرايلىق قىزىم چۆچىكىڭنى،بۈگۈن بىر ئاڭلايلى –دېدى ئاتام كۈلۈپ.
مەن ئاپامنىمۇ چاقىردىم،سىڭلىم ئوخلاپ قالغاچقا مەن ئاتامنىڭ ئېتىكىگە چىقىۋىلىپ ،چۆچەكنى باشلىدىم:
-بىر بالا باكەنتۇق،تاغدا قوي باقىدىكەنتۇق،زېركىپ كەتتىمغۇ دەپ ئويلاپ ‹‹بۆرە كەلدى ››دەپ ۋاقىراپتىكەنتۇق،جىق داداش-ئاناشلار كەپتىكەنتۇق،‹‹قېنى بۆرە ››دەپتىكەنتۇق .ھا،ھا،ھا سىلەرنى ئالدىۋەتتىم دەپتۇ.
-كېيىنچۇ ،ھە؟.
كېيىن ئۇ بۆرە راستتىنلا كەپتىكەنتۇق ،ئۇ بالا قورقۇپ‹‹بۆرە كەلدى ››دەپتىكەنتۇق،داداش،ئاناشلار ‹ئۇ دىگەن يالغانچى بالا ›دەپ كەلمەپتىكەنتۇق،بۆرە يالغانچى بالىنىمۇ،قويلارنىمۇ يەپ كېتىپتۇ.سىلەرمۇ يالغان ئېيتماڭلار جۇمۇ ،بولمىسا سىلەرگىمۇ ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ-دېدىممەن.
ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىشتى،بولۇپمۇ ئاپامنىڭ كۈلكىسىدىن قولىقىم پاڭ بولايلا دېدى. بۈگۈن ئاتام-ئاپاملار تەكنى ئوغۇتلىدى.بىز سىڭلىم ئىككىمىز بىردەم ئويناپ بېقىپ ،سوغۇق شامالدا چىدىيالماي يەرگە سېلىپ بەرگەن ئەدىيالدىكى كۆرپىنى يېپىنىپ يېتىۋالدۇق،‹‹ھەي ي،دەرەخلەرگە يوپۇرماق چىققان بولسا ،ھاۋا ئىسسىق بولۇپ قالاتتى ،بىزمۇ توڭلاپ كەتمەي نېپىز كىيىملەر بىلەن ئوينايتتۇق››دەپ ئويلىدىم. بىرچاغدا ھاۋا خېلى ئىسسىپ ،بىزمۇ قوپۇپ ئوينىدۇق ،يېقىنلا يەردىكى ئېرىقتا سۇ ئېقىۋاتاتتى،سىڭلىم ئىككىمىز چىنىلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئەتراپقا سۇ چېچىپ ئوينىدۇق.تۇرۇپلا چېچىمنى يۇيىۋالغۇم كەلدى .مۇشۇ چېچىم ئۇزۇن ئۈسۈپ كەتسە چوڭ ئاپاملار جىققىدە ئۆرۈپ قويسا،مەن قانداق چىرايلىق بولۇپ كېتەرمەن-ھە؟ سۇغا چۈشۈپلا يۈزلىرىمنى،چاچلىرىمنى يۇيدۇم، قارىسام سىڭلىمنىڭ يۈزلىرى شۇنداق مەينەت ئىدى،
قىززىق،بايا ئەجەپ دىققەت قىلماپتىمەن دېسە،‹يۇيۇپ قويايچۇ ›-سىڭلىم زادىلا ئۇنىمىدى،ئۇنى تارتىپ ،ئىتتىرىپ يۈرۈپ ئاخىر سۇغا چۈشۈردۈم،بېشىغا چىنە بىلەن سۇ قويۇپ ،چاچلىرىنى،يۈزلىرىنى يۇيۇپ قويدۇم،ئۇ يىغلاپ كەتتى.
‹‹قورقۇنچاق ھوشۇققا كىلىدىغان سۇدىنمۇ قورققان بارمۇ؟››.ئۇنى ياخشى گەپلەر بىلەن خېلى بەزلەپ باققان بولساممۇ توختىمىدى،قارىسام ئىشتىنىغا سېيىپ قويۇپتۇ.ئاپامنى چاقىراي دىسەم ئىش قىلىۋاتقان چاغدا چاقىرسام ئاپاممۇ،ئاتاممۇ بەكلا خاپا بولىدۇ،شۇڭائۆزۈم ئامال قىلاي.
سىڭلىمنىڭ ئېشتىنىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە،توپىغا مىلىنىپ،تېخىمۇ مەينەت بولۇپ كەتتى.مەينەت پىتى قۇرۇتقاندىن يۇيۇپلا قۇرۇتايچۇ-دەپلا ئىشتاننى ئېرىقتىكى سۇغا باستىم،سىڭلىم يىغلاۋەردى ھەم توختىماي چۈشكۈرۈپ تېخى ھىلىلا يۇيغان يۈزلىرى ياش ھەم ماڭقىدا تېخىمۇسەتلىشىپ كەتتى.
-ئايزىبا، سىڭلىڭنى يىغلاتما!-ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ،سىڭلىم تېخىمۇ بەك يىغلىدى.ئىشتاننى يۇيۇپ بولۇپ ئەمدى دەرەخنىڭ ئاچىسىغا ئېسىپ تۇرۇشۇمغا ئاپام كىلىپ قالدى،ھەم يۈگرۈپ بېرىپ سىڭلىمنى كۆتۈرۈپ چاپىنىغا يۆگىگەچ مىنى تىللاپ كەتتى:كىم ئۈچىنچى ئايدا سۇغا چۈشىدۇ؟ئادەم سەتى ، كىم سىنى ئىشتان يۇي دىدى؟
-ئۇ سىيۋىتىپتىكەن...
ئاپام سىڭلىمنى كۆتۈرگەن پېتى كىلىپلا كاسامغا بىرنى تەپتى:-قىشلىق ئاياق،ئىشتان چاپان بىلەن يۈرگۈنۈڭنى بىلمىدىڭمۇ شۇم؟ ھېلىمۇ مەن كېلىپ قاپتىمەن،بولمىسا...ـ ئاپام سىڭلىمنى ئەدىيالغا يۆگىدى.مەنمۇ جاقىلداپ تىتىرەپ كىتىۋاتاتتىم.ئەـ مما تېرىكىشىدىن قورقۇپ دىيەلمىدىم.ئاتاممۇ مىنىڭ ئاياقلىرىمنى،ئىشتانلىرىمنى سالدۇرغاچ بېشىمغا خېلى بەكلا بىر شاپىلاق ئۇردى، مەن يىغلىۋەتتىم.‹‹مىنىلائۇرامدۇ ھەممىسى،-سىڭلىمنى ئۆيدە ئۆزىلىرى يۇيۇپ قويسا بولمامدۇ-ئەمىسە،قاچانلا قارىسا يۈز كۆزى قاسماق يۈرگەن....››
ئاپام مىنىمۇ قوشۇپ ئەدىيالغا يۆگىدى،بىز ئۆيگە ماڭدۇق.
يەنە بىر سائەت تېنىچ ئويناپ بەرگەن بولسا،ئىشىمىز تۈگەپ كىتەتتى.-دىدى ئاتام،ئاپاممۇ قاقشاپ كوتۇلداپ يۈرۈپ كىيممىمىزنى يۆتكىدى ھەم دورا ئىچۈردى.ئىسسىق كاڭ،ئىسسىق يوتقان ئۇيقۇمنى كەلتۈرۋەتتى...
كەچتە ئاتام-ئاپاملار يەسلىگە بېرىشنىڭ گېپىنى قىلىشتى.
يېقىنلا يەردە بىر يەسلى ئېچىلىپتۇدەك ،قارىغاندا سىڭلىمغا ياخشى قارىماي كىسەل قىلىپ قويغاچقا ،ئاتام-ئاپاملار مېنى ئۆيدىن كەتكۈزۋەتمەكچى بوپتۇدە.
مەن قوشۇلمۇدۇم ،مېنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئاپىرۋەتسە ،قايتىپ كېلەلمىسەم قانداق قىلىمەن؟ياكى ...ئۇلار مېنى ئالداپ راستىنلا بىرسىگە بېرىۋەتمەكچى بولغانمىدۇ؟...نېمىلا قىلسۇن،ئىشقىلىپ قەتئى بارماسلىقنى ئويلىدىم. بۈگۈن ئاپام چىرايلىق كىيىملىرىمنى ساندۇقتىن چىقاردى.ئۇنىڭ دېيىشىچە ،ئاتام مېنى بازارغا ئېلىپ بارغۇدەك،نېمە دېسەم شۇنى ئېلىپ بەرگۈدەك.
خۇشلۇقۇمدا كىيىملىرىمنى ئۆزۈم كىيىپ تەييار بولدۇم ئاتام مېنى توكموتۇت بىلەن ئىلىپ ماڭدى ،لېكىن بازارغا ئەمەس،دوختۇرخانىغا كەلدۇق،ئاتامدىن سورىدىم:
-دوختۇرخانىدا نېمە قىلىمىز ئاتا؟ -دورا ئالىمىز قىزىم.
ھە ،سىڭلىمغا دورا ئېلىۋىلىپ ئاندىن بازارغا بارىدىكەنمىز –دە...ئاتام مېنى دوختۇرنىڭ قىشىغا ئېلىپ كىردى .دوختۇر يېشىمنى،ئىسمىمنى سوراپ بىر نېمىلەرنى يازدى ،قەغەزنى ئاتامغا بېرىپ ،‹‹خايەنشې غا كىرىڭ››دىدى. نىمە دىگەنلىكىنى مەن بىلمىدىم.ئاتام مىنى يىتىلەپ ،باشقا ئىشخانىغا كىردى.
-قولۇڭدىكى خىنەڭنى دوختۇر ئاچاڭ كۆرۈپ باققۇدەك قىزىم-دىدى ئاتام.
قولۇمنى سۇندۇم .دوختۇر قوللىرىمنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ بىقىپ ،يەڭلىرىمنى ئۈستىگە تۈردى. ھەم بىر نەرسە بىلەن ئۈستۈنكى بىلىكىمنى چىڭ چەگدى .
-بۇ نېمە؟-دېدىم مەن قورقۇپراق.
-قولىڭىزدىكى خېنىڭىزنى تېخىمۇ ئىنىق كۆرسىتىدىغان نەرسە،- دېدى دوختۇر كۈلۈپ.خاتىرجەم بولدۇم ، قولۇمغا قارىسام خېنە يېقىلغان تىرناقلىرىم تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنگەندەك بولدى،توساتتىن بىر قول كۆزلىرىمنى ئېتىۋالدى ،بىلىكىم يىڭنە سانجىلغاندەك بولدى .ئاتام پۇتلىرىمنى باشتىلا پۇتلىرىغا قىسىۋالغاچقا قىمىرلىيالمىدىم،قورققىنىمدىن يىغلاشقىمۇ پېتىنالمىدىم...كۆزۈم ئېچىلدى،دوختۇر قولىدىكى ئۇكۇلدىكى قىزىل سۇيۇقلۇقنى باشقا نەرسىگە يۆتكەۋاتاتتى.ئاتاممۇ مېنى قويۇپ ئۆرە تۇردى، ئالدانغانلىقىمنى بىلىپ قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ،كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم تۆكۈلدى ،بۈگۈن مېنى ئاپاممۇ ،ئاتاممۇ ،دوختۇرمۇ ئالدىغان ئىدى،مومام بولغان بولسا بۇلار ھەرگىز يالغان ئېيتىشقا پېتىنالمايتتى .ئاتامنى چاقىردىم ،ئەمما ئۇ ئاڭلىمىدى،بەك ۋاقىراپ چاقىراي دېسەم دوختۇردىن قورقتۇم ،شۇڭا ئاتامنىڭ پېشىنى تارتتىم،ئاتام ماڭا قارىدى،مەن:-قولىقىڭغا بىر گېپىم بار –دېدىم پەس ئاۋازدا،ئۇ قىلمىشىغا خىجىل بولغاندەك ئېڭىشىپ ماڭا قولىقىنى تەڭلىدى ،مەن ھەممە ئاچچىقىمنى قولۇمغان يېغىپ ئۇنىڭ يۈزىگە ‹چاڭڭىدە››بىرنى ئۇردۇم ۋە-سېنى ئاتا دېمەيمەن،مەن ساڭا ئۆچ دېدىم.
بازارغا بېرىپمۇ نېمىلا دېسە گەپ قىلماي تۇرىۋالدىم ،ئۇ جىق نەرسىلەرنى ئالدى،نېمە ئالغىنىغىمۇ قىزىقمىدىم،ئۆيگە كەلسەك ئاپام بىلەن مومام ئۆلتۇرۇپتۇ،مومامنىڭ قوچىقىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم ۋە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم.
-موما، مەن يەسلىگە بارمايمەن ،ئۇلار مېنى ئالدىدى ،يەنە ئالدايدۇ ،مەن ئەمدى ئۇلارغا ئىشەنمەيمەن،ئۇلارنى ئاتا-ئاپا دېمەيمەن ،مېنى ئېلىپ كىتىڭ موما ،مەن سىز بىلەن تۇرىمەن.-مومام تۇختىماي باشلىرىمنى ،دۈمبىلىرىمنى سىلايتتى،مېنى بەزلەيتتى :-جېنىم بالام، مەن ئاغرىقچان تۇرسام ،سىزگە قاراپ بولالمايمەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەسلى دېگەنمۇ ياىشى يەر ،ئۆيدە بولسىڭىزمۇ،تەككە بارسىڭىزمۇ سىڭلىڭىزغا قاراپ بەك ھېرىپ كىتىسىز ،يەسلىگە بارسىڭىز جىق دوستلىرىڭىز بار بولىدۇ،بىللە ئويناپ ،بىللە تاماق يەپ پەقەت زېرىكمەيسىز ،مۇئەللىملەر دائىم سىلەرنى ئوينىتىدۇ،جىق نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ بالام...
-بارمايمەن ،ئۇلار دېگەن يالغانچى، مېنى يەسلىگە ئاپىرىمەن دەپ مېنى ئكيدىن يوق قىلماقچى،مەن ھېچيەرگە بارمايمەن...
مومام ئاتام-ئاپامغىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى جىق سۆزلىدى،‹‹يالغان ئېيتىش يامان بولىدىغان ئىش ،ئۇنى پەيغەمبىرىمىز چەكلىگەن ،مانا قاراڭلار،كىچىككىنە بالاڭلارنىڭ نەزەرىدىنمۇ چۈشۈپ كەتتىڭلار،مۇشۇنداق قىلساڭلار ،بالىلار سىلەرگە قانداق ئىشىنىدۇ؟ئەگەر بىر كۈنلەر كىلىپ ئۇلارمۇ سىلەرنى ئالدىسا قانداق قىلىسىلەر..؟››دېگىنىلا ئېسىمدە قاپتۇ.
ئەتىسى خالىمساممۇ يەسلىگە ماڭدىم،رەسمىيەتلەر تۈگەپ ئاپام سىرتقا ماڭدى ،مەنمۇ كەينىدىن يۈگۈردۈم ،مۇئەللىم ئىشىكنى تاقىۋىلىپ مېنى كۆتۈرۋالدى.مەن تىپچەكلەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئاپامغا ۋاقىردىم:
-ئاپا ،مېنى ئەكەتكىن .مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن،ئەمدى سىڭلىمنى ئۇرمايمەن،سۇغىمۇ چۈشۈرمەيمەن ئاپا...-ئاپام كېتىۋەردى.مېنىڭ يىغلىغىنىمنى بىلمىگەندەك ،ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغاندەك كىتىپ قالدى .مۇئەللىم مېنى بەزلىدى،ئاۋازى شۇنداق مۇلايىم،يېقىملىق ئىدى،چىرايىغا قارىسام شۇنداق چىرايلىق ئاچاش ئىكەن،ھەي،بۇ ئاچاشنى ئاپامغا تىگىشۋالغىلى بولسا- ھە؟ئۇنىڭ باشلىرىمنى سىلىغان قوللىرىمۇ شۇنداق يۇمشاق ئىدى ،ئۇ مېنى بالىلارغا تونۇشتۇرۇپ قويدى،ئۇلارمېنى قارىشى ئېلىپ چاۋاك چالدى،كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى،يېڭى دوستلارنى تېپىۋالدىم ،شۇنداق خۇشال ئوينىدۇق،تاماقلارنىمۇ ،مىۋىلەرنىمۇ ياقتۇرۇپ يىدىم،يەسلى دېگەن مومام ئېيتقاندەك راستىنلا كۆڭۈللۈك جايكەن ئەمەسمۇ؟ ئەممازە،سىڭلىمنى سېغىنىپ قالدىم،يەسلىدىن قايتىدىغان چاغ بولدى.نۇرغۇن بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى ئېلىپ كەتتى.مېنى ھېچكىم ئالغىلى كەلمىدى،ئاتام- ئاپاملارنىڭ مېنى راستىنلا بۇ يەرگە تاشلىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىغلاشقا باشلىدىم.ئەگەر مۇئەللىم ئۆيىگە كەتسە قانداق قىلارمەن؟‹‹مېنى ئەكىتىڭ،مەن سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن››دەپ باقايمۇ يە؟ئاتا-ئاپا مېنى تىللىساڭلارمۇ،ئۇرساڭلارمۇ مەيلى ،مېنى ئالغىلى كېلىڭلارچۇ...
-ئايزىبا،سىزنى ئالغىلى كەپتۇ.-دېدى مۇئەللىم .قارىسام دەرۋازىدىن ئاتام كۆرۈندى،ئۇنىڭ ئالدىدا سىڭلىم يۈگۈرۈپ كىلۋاتاتتى،بەك خۇش بولۇپ كەتتىم ۋە ئوقتەك يۈگۈردۈم، ‹‹-ئۇلار مېنى تاشلىۋەتمەپتۇ›› ..........................
2013-يىل 26-مارت
|
|