مېنى قايتا تۇغۇڭلار
(بالىلار ھېكايىسى)
خاتىمە مەتنىياز
-ئايزىبا سىز نەچچە ياش؟
-9 .
-سىڭلىڭىزچۇ؟
-7.
-ئاكىڭىزچۇ؟
-5 ياش.
-ھە، ئاكىسى ئۇكىلىرىدىن كىچىك بولامدۇ؟
ئۇلار كۈلۈشۈپ كېتىشتى. مەنمۇ كۈلدۈم. ئەمما ئاپامنىڭ ئالايغىنىنى كۆرۈپ توختاپ قالدىم.
-ئاپا، مەن نەچچە ياش؟
-4 ياش.
-سىڭلىمچۇ؟
-ئۇ يىشىغا توشمىدى، 7 ئايلىق بولدى.
-ئاكامچۇ؟
-7 ياش،بۇنىڭدىن كېيىن ئاغزىڭغا كەلگەنچە جۆيلىمە جۇمۇ،بولمىسا خەق سېنى ساراڭكەن دەپ قالىدۇ.
-ئاپا،ساراڭ دېگەن نېمە؟
-ساراڭ دېگەن ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان دۆت دېگىنى...
ھە... ئەمدى بىلدىم. ئەسلىدە ھېلقى ئاچاشلار مېنى ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان دۆت دەپ ئويلاپ كۈلۈپتىكەندە!. ئەمدى يېشىمنى ئىنىق بىلىۋالسام بولغۇدەك.
ئەمىليەتتە مەن ئۆيىمىزدىكى ھەممەيلەننىڭ ئىسمىنى بىلىمەن. ئاتامنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنىمۇ بىلىمەن. شۇنچە يىراقتىكى ئېتىزلارغا ئاپاملارنى ئىزدەپ بېرىپ -كېلەلەيمەن.جىق بالىلار ناخشىلىرىنى چۆچەكلەرنى ئېيتالايمەن.تېخى ئايەتلەرنىمۇ بىلىمەن.ئابىدە ‹‹مەھ-مەھ›› دەپ قوينى كۆرسىتىدۇ. مەن ‹‹مەھ-مەھ›› ئەمەس،قوي! دەيمەن. ئۇ يەنە مۈشۈكنى ‹‹مىياڭ›› ،كالىنى ‹‹ھۆمبۈ›› دەيدىكەن. كەيگەن كىيىمىنىڭ رەڭگىنىمۇ بىلمەيدىكەن. باشقىلار :‹‹چىچى قارا ئىكەن›› دېسىمۇ، ‹‹مېنىڭ چىچىم ئاق!›› دەپ يىغلايدۇ.مەن چاچ-قاشلارنىڭ قارا بولدىغانلىقىنى ،يۈزىمىزنىڭ كىر بولمىسىلا،ئاپئاق ئىكەنلىگىنى بىلىمەن.ئەجىبا بۇ ھېچنېمىنى بىلمىگىنىممۇ؟
بىر كۈنى ئابىدەدىن سورىدىم:
-سىز نەچچە ياش؟
-11 ياش.
-ئاپىڭىزچۇ؟
-5ياش.
-ئاتىڭىزچۇ؟
-3 ياش...
مەن ئۇنى توغرا دېگەن ئوخشايدۇ،دەپ ئويناۋەردىم.ئەمما ئۆيگە كېلىپ ئاپاملارغا دېسەم:
-5 ياشتىن ئېشىپمۇ،ئۆزىنىڭمۇ يېشىنى بىلمەيدىكەنغۇ-دېيىشىپ كەتتى.
ئەسلىدە مەنلا ئەمەس ،مەندىن چوڭلارمۇ يېشىنى بىلمەيدىكىەن ئەمەسمۇ؟ مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ 4ياش ،سىڭلىمنىڭ 7ئايلىق، ئاكامنىڭ7ياش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم.
سىلەرگە دېسەم،مەن ئۆيىمىزگە بەكلا ئۆچ.ئەمما بۇ گەپنى ھېچكىمگە ئېيتالمايمەن.ئۇنىڭسىزمۇ ئاتام-ئاپاملار ھە دېسە،‹‹بىرسىگە بېرىۋېتىمىز››، ‹‹بېرىۋەتسەك بولغۇدەك››، ‹‹بېرىۋەتسەك بوپتىكەن›› دېگەن گەپلەرنى تولا قىلىدۇ،سىڭلىم تۇغۇلمىغان چاغلاردا ھەممسى ماڭا بەك ئامراق ئىدى.ئەمدى نېمىلا دېسەم ،نېمىلا قىلسام خاپا بولۇپلا تۇرغان!نېمىشقا ئاكامنى ياكى سىڭلىمنى بېرىۋەتمەي مېنى بېرىۋەتمەكچى بولىدۇ؟مەن بۇنى بىلمەيمەن.ئەسلىدە مېنى تولا ئۇرۇپ، تولا تىللايدىغان ئاتام بىلەن ئاپامنى مەن باشقىلارغا بېرىۋەتسەم بولاتتى!
ئۇلارنىڭ كۈندە دەيدىغىنى :
-ئايزىبا ئۇنداق قىلما،ئايزىبا بۇنداق قىلما، ئاستا گەپ قىل، ئاغزىڭنى يۇم،يىغلىما،يۈگۈرمە...شۇلا،ئىسمىمغىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىم.ھەتتا ئۇلار گاھىدا خۇددى ئىسمىمنى بىلمەيدىغاندەك :‹‹ئادەم سەتى!›› دەپ چاقىرىشىدۇ.
نېمىشقا ئاكامنى دېمەيدۇ؟ ئۇ ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ، بۇزۇپ-چىقىپ يۈرۈيدىغۇ؟ نېمىشقا سىڭلىمنى دېمەيدۇ؟ ئۇ دائىم يىغلايدىغۇ؟
قارىغاندا ئۇلار ماڭا بەكلا ئۆچ ئوخشىمامدۇ؟ مەن ئاكام بىلەن سىڭلىمغاقارغاندا سەت بولغاچقىمۇ؟ئۆچمىكىن دېسەم ،شۇنداق چىرايلىق كىيىملەرنى،ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ.ئامراقمىكىن دېسەم ھەممىسىلا تېرىكىدۇ،مېنى ئۇرىدۇ.
سىڭلىمنى سۆيۈپ قوياي دەپ سۆيسەممۇ،قوشۇقتا چاي بەرسەممۇ،ناننى ئاغزىمدا يۇمشىتىپ بەرسەممۇ تېرىكىدۇ:‹‹سىڭلىڭدىن نېرى تۇر ،يېقىتىۋېتىسەن، يىغلىتىسەن›› دېيىشىدۇ.
ئاكامنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە قاراپ ئولتۇراي دەپ بارساممۇ:‹‹ئۇنىڭ دەپتەر-قەلىمىنى تۇتما!›› دەپ ۋاقىرايدۇ...
سىرتتىن كىرسەم،ئاكام رەسىم سىزىۋېتىپتىكەن،كۆرەي دەپ ئەمدى يېنىغا بېرىشىمغا،ئاكام:‹‹دەپتىرىمنى يىرتماقچىمۇ؟››دەپلا ئىتتىرىپ يېقىتىۋەتتى. دەپتەر دېگەن قارىغانغىمۇ يىرتىلامدۇ؟يۈگۈرۈپ قوپۇپلا ئىككى قولۇم بىلەن ئۇنىڭ دەپتىرىنى چاڭگاللاپ يىرتىۋەتتىم. ئۇ مېنى ئۇرۇپ كەتتى.مەن چۈشەندۈرەلمەيتتىم.ۋارقىراپ يىغلىدىم. ئاكام ئاپاملارغا چاقتى.ئاپاممۇ مېنى ئۇردى...
سىڭلىم يەۋاتقان كەمپۈتۈمگە قاراپ قولىنى سۇندى. ئەمدى قولىغا بېرىشىمگە،ئاتام ۋارقىرىدى:
-كانىيىغا تۈرۈپ قالىدۇ،ئادەم سەتى! ئۆزۈڭ يە...
سىڭلىمنىڭ قولىدىن دەرھال كەمپۈتنى ئېلۋالدىم.ئۇ يىغلىدى.ئاتام يەنە ماڭا ۋارقىراپ بېشمغا نوقىدى:
-نېمانداق ئادەمنى بىزار قىلىدىغاندۇ بۇ شۇم!
مەنمۇ يىغلاپ تۇرۇپ سىڭلىمنى بىرنى ئۇردۇم. بەرسەممۇ تېرىكسە،ئېلىۋالساممۇ تېرىكسە...ئاتام مېنى بىرنى تىپىپ يىقىتىۋەتتى.ۋارقىراپ يىغلىغان ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇپلا،يەنە سىڭلىمنى بىرنى ئۇردۇم.كۆڭلۈمدە ئۇ بولمىغان بولسا مەنمۇ تاياق يىمەيتتىم، دەپ ئويلىدىم. ئاپام كېلىپ،بىر قولۇمدىن سۆرەپلا،بىر ئۆيگە ئەكىرىپ سىرتتىن تاقىۋەتتى.قورقۇپ تېخىمۇ بەك يىغلىدىم. كۆڭلۈمدە ئاكام بولسىمۇ ماڭا ياردەم قىلىدۇ،دەپ ئويلىدىم.ئەمما ئۇمۇ مېنى چىقىرىۋالمىدى...
ئاپامنىڭ دوستى بالىسىنى ئېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى.ئەقىدە بىلەن ياخشى ئوينايتتىم. شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم.ئۇنىڭ بىلەن ئويناي دەپ ئويۇنچۇقلىرىمنى ئېلىپ چىقسام، ئاكام تارتىۋېلىپ قاچتى. خاپىلىقتا يىغلاپ قوغلاشتىم.ئۇ ئاپاملارنى ئايلىنىپ قاچتى.ئاپام مېنى تۇتىۋېلىپ،ئاغزىمغا نەچچىنى سالدى.مەن يېقىلىپ كەتتىم. نېمىشقا مېنى ئۇرىدۇ؟يەنە كېلىپ دوستۇم بار يەردە؟ نېمىشقا ئاكامنى ئۇرمايدۇ؟ئويۇنچۇقلارنى ئۇ ئېلىپ قاچقان تۇرسا؟
كەچتە مومام بىزنىڭكىدە قونۇپ قالدى.ئاتام-ئاپاملار مېنىڭلا گېپىمنى قىلىشتى:‹‹جاھىل،تەتۈر،ئەسكى›› دەپ،ئاكامنى گەپ ئاڭلايدۇ،سىڭلىسغا قارايدۇ،بىرئىشلارغا ئەسقاتىدۇ.››دەپ،سڭلىمنى:‹‹پەقەت جاپاسى يوق››دەپ ماختاشتى.
مومام:-ئۇنداق دەپلا كەتمەڭلار،كەينىدىن ئۇكىسى تۇغۇلۇپ قالسىلا،چوڭ بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلۇۋاتامدۇ؟ ئۇكىسى بولمىغان بولسا ،مۇشۇ يېشىدا ئۇنى كۆتۈرۈپ،ئەركىلىتىپ يۈرەر ئىدىڭلار.ھېلىمۇ نەۋاقلار بولغاندۇ سىلەر ئۇنى بىرەر قېتىم كۆتۈرۈپ قويمىغىلى.قاراڭلار ئاۋۇ ئابىدە بىلەن ئەقىدەگە،بەش-ئالتە ياشقا كىرسىمۇ يەنە قەغىشلىك قىلىپ يۈرمەمدۇ،ئۇلارغا قارىغاندا ئايزىبا چوڭلاردەكلا،ئۇنىڭغىمۇ ئۇۋال ئۇ ئۆزى خالاپ ئاچا بولىۋالمىسا يا...دېدى مومام.
شۇ كېچە مومامنىڭ قوينىدا يېتىپ كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دەپ راسا يىغلىۋالدىم:
-ئاتامغىمۇ ئۆچ بولدۇم،ئاپامغىمۇ ئۆچ بولدۇم.ئاكامنىمۇ ،سىڭلىمنىمۇ چىرايلىق تۇغۇپتۇ،مېنى ئۆزلىرى سەت تۇغۇپ
سەت-سەت دەپلا تۇرغان...
مومام مېنى بەزلىدى:
-سىز سەت ئەمەس،گەپ ئاڭلىمسا،جاھىل بولسا چىرايلىق بولسىمۇ سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
-مەن ئاپامغا ئۆچ،ئۇ ئاكامنى ئۇرماي مېنى ئۇردى،يەنە ئەقىدە بار يەردە ئۇردى.
-بالام،ئاپاڭلارنىڭمۇ ئىشى ئېغىر.ئېتىزغا بارمىسا تېخى،ئۆيدىكى نۇرغۇن ئىشلارمۇ شۇلارغا قاراشلىق.سىڭلىڭ كىچىك بولغاچقا ئۇلار چارچاپ قالغان گەپ ،ئۇلار ھەرگىز ساڭا ئۆچ ئەمەس.
مومام مېنى باغرىغا تېڭىپ جىق گەپلەرنى قىلدى ،ئەمما مەن يىغلاپ -يىغلاپ ئۇخلاپ قالدىممىكىن ،ئېسىمدە قالماپتۇ.
كۈن ئۆتكەنسىرى مېنىڭ بۇ ئۆيدە تۇرغۇم كەلمەس بوپكەتتى .مېنىڭ جىق چوڭ ئاپىلىرىم بار ،ئۇلار كەلگەندە ،ئەگىشىپ
ئۇلارنىڭكىگە كېتىمەن،نەچچە كۈنلەر تۇرساممۇ زېرىكمەيمەن،ئۇلارمۇ ،ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ ماڭا ئامراق.ماڭا تېرىكمەيدۇ،
مېنى ئۇرمايدۇ،تېخى مەن بىلەن جىق پاراڭلىشىدۇ،گەپلىرىمگە كۈلۈشۈپ ،مېنى ئەركىلىتىپ سۆيۈپ كېتىدۇ.
بۈگۈن تاماقنى ئۆزۈم يىمەكچى بولدۇم ،باشقا چاغلاردا ئاكام يىگۈزۈپ قوياتتى .لەغمەننى ھەرقانچە قىلساممۇ
چوكىغا كىلىشتۈرۈپ قىسالماي كاڭغا چېچىۋەتتىم .يەنە دەككە... چوكامنى يەرگە زەردە بىلەن تاشلىۋېتىپ قوپۇپ كەتتىم،باتناپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقانلارغا قارىدىم .
كىچىك ئاپام ئاتام بىلەن تەڭ ئوغلىغا تاماقنى يىگۈزۈپ قويىۋاتاتتى.نېمىشقا شۇنچە چوڭ بالىغىمۇ تاماق يىگۈزۈپ قويىدۇ؟ئۇنىڭ كەينىدە تۇغۇلغان ئۇكىسى يوق بولغاچقىمۇ؟بۆشۈكتىكى سىڭلىمنىڭ قېشىغا ئەمدى بېرىپ ئولتۇرۇشۇمغا
ئاتام ۋاقىردى:
-بۆشۈكتىن نېرى تۇر ،ئويغىتىۋېتسەن!
ئورنۇمدىن تۇرۇپلا بۆشۈكنى ئىتتىرىپ ئۆرىۋەتتىم .ئاپام مېنى نەچچە شاپىلاق ئۇردى.مەن سىڭلىمنى ئويغاتماقچى ئەمەس ئىدىم ،پەقەت ئۇخلىغان ۋاقتىنى كۆرىۋالماقچى ئىدىم...
ئەقىدەدىن سورىدىم:
-ئاپىڭىز سىزنى ئۇرامدۇ؟
-ياق،ئاپامنى مەن ئۇرىمەن.
-ئاتىڭىز ئۇرامدۇ؟
-ياق ،ئاتام مەن نېمە دىسەم ئاڭلايدۇ.
ئابىدەدىنمۇ سورىدىم:
-ئاتىڭىز سىزگە تېرىكەمدۇ؟
-ياق،ئاتام ماڭا ئامراق نەگە بارسا كۆتۈرۈپ ئاپىرىدۇ،نېمە دېسەم شۇنى ئەپ بېرىدۇ.
-ئاپىڭىزچۇ؟
-ئاپاممۇ ئامراق،بىردانە گۈلۈم دەپ ئەركىلىتىدۇ...
بۈگۈن ئاكام مەكتەپكە كەتتى،ئاپاملار مېنى (سىڭلىڭغا قارايسەن) دەپ تەككە ئاپاردى.ئۇلارنىڭ ئىشى بەك مۇھىممىش.
ئاپام سىڭلىمنى بۆشۈككە بۆلەپ ئېمىتىپ ئۇخلىتىپ قويدى ۋە ئىشقا كەتتى.مەن بۆشۈكنىڭ يېنىدىن يىراق كەتمەي
يەرگە ياغاچتا رەسىم سىزىپ ئوينىدىم ،مەن سىڭلىمغا چېقىلمىدىم ،ئاۋازمۇ چىقارمىدىم ،ئەمما ئۇ تۇيۇقسىز ئاچچىق يىغلاپ كەتتى.مەن ئاپامنى چاقىردىم.ئاپام يۈگۈرۈپ كېلىپ ماڭا تېرىكىپ ،سىڭلىمنى بەزلەپ ،ئېمىتتى . ئۇ يىغلىسىمۇ ماڭا تېرىكەمدۇ؟
سىڭلىم يەنە ئۇخلاپ قالدى.ئاپام ماڭا جىق گەپلەرنى دەپ ئىشقا كەتتى.ئەمدى سىڭلىم يىغلىسا مېنى خەنزۇلارغا بېرىۋەتكۈدەك،قۇلىقىمنىمۇ ئۈزۈۋالغۇدەك. قۇلىقىمنى تۇتۇپ بېقىپ قورقۇپ كەتتىم.قۇلىقىم بولمىسا مەن تېخىمۇ سەت
بولۇپ قالمامدىمەن.خەنزۇلارغا بېرىۋەتسە ئۇلارنىڭ گېپىنى بىلەلمىسەم قانداق قىلىمەن؟
سىڭلىمغا پىچىرلىدىم:
-ئەمدى ئويغانما جۇمۇ!سەن يىغلاپ ئويغانساڭلا ئۇلار مېنى يەنە ئۇرۇپ-تىللايدۇ.ئۇزاق ئۇخلا...
تۇساتتىن كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى ،ئۇ كۆزىنى ئاچمىسا ،ئويغانمايدۇ.ئاغزىنى ئاچمىسىلا يېغىسى ئاڭلانمايدۇ. يەردىن ئىككى قولۇم بىلەن يۇمشاق توپىنى ئېلىپ ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئۈستىگە قۇيدۇم.ئۇ قىمىرلاپ كەتتى :‹‹تىز بولاي،يىغلىسا ئىش چاتاق›› سىڭلىم ئاغزىنى ئېچىشىغىلا ئاغزىغىمۇ توپا قۇيدۇم .ئۇ قېقىلىپ يۆتەلمەكچى بولۇپ يۆتۈلەلمەي قالدى .مەن يەنە نەچچە چاڭگال توپىنى قۇيىۋەتتىم.سىڭلىم بېشىنى چايقاپ كەتتى.نېمە قىلارىمنى بىلمەي
تۇرۇپلا يەنە ئاپامنى چاقىردىم.ئاپام يۈگۈرۈپ كەلدى ۋە چىرايى شۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتى ،ۋە مېنى تىللىغاچ سىڭلىمنى تىز يېشىپ ،ۋارقىراپ ئاتامنى چاقىردى.ئاتاممۇ يۈگۈرۈپ كەلدى.ئىككىسى سوغۇق چاي بىلەن سىڭلىمنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇشتى.سىڭلىم ئاخرى قېقىراپ يىغلىدى.ئۇلاردىن بەكلا قورققان ئىدىم .مېنى راسا ئۇرۇپ،قۇلىقىمنى ئۈزىۋېلىپ باشقىلارغا بېرىۋېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ئىدىم.
ئاپام سىڭلىمنى باغرىغا بېسىپ يىغلاپ كەتتى.ئاتام گەپ-سۆز قىلمىدى.شۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقىكىن ئۇلار مېنى ھېچكىمگە بېرىۋەتمىدى.ھەم تولا تېرىكمەيدىغان ،ئۇرمايدىغان بولدى.مومامدىن ئاڭلىسام ،ئەگەر شۇ چاغدا ئۇلار ئازراقلا كېچىكسە سىڭلىمدىن ئايرىلىپ قالاركەنمىز.ئاپاملارنىڭ نېمىشقا ئالاق-جالاق بولۇپ كەتكىىنىنى ئەمدى بىلدىم .مەن ئەسلىدە سىڭلىمنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟
ئەمدى ئۇلار مېنى ئۇرۇپ -تىللىمايدىغان بولۇپ قالغاندىكىن ،مەنمۇ ئۇلاردىن سوراپ باقماقچى بولغان گەپنى ئۇنتۇپ كەتسەم بولغۇدەك.
ئەسلىدە ئۇلاردىن:
-ئاتا ،ئاپا ،مېنىڭ ئاچا بولغۇم يوق.ئاچا بولسا ،بەكرەك كۈلسىمۇ بولمايدىكەن.خاپا بولغاندا يىغلىسىمۇ بولمايدىكەن،ئۇكىسىنىڭ يېىندا سەكرىسىمۇ،يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلسىمۇ بولمايدىكەن .مەن ئاچا بولۇشقا ئۆچ.
مېنى قورسىقىڭلارغا تىقىۋېلىپ باشقىدىن تۇغۇڭلار بولامدۇ؟-دەپ سورىماقچى ئىدىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 20:12
|