uyghuryar يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 03:03 
بىز ئەگەر نوقسانلىرىمىزنى ئېزدەپ تىپىپ ئۇنى تۈزەتمىسە ...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ، رەنجىمىسىڭىز ماڭا قايتۇرغان ئىنكاس بولغىنىكەن توككىدە گەپ باشلىماي ئاللاھنىڭ سالاملىرى بىلەن گەپ باشلاشنى ئادەت قىلىڭ ، شۇندا ئاللاھ پىكىر يولىمىزنى ئوچۇق ، روھىمىزنى نۇرلۇق قىلغاي .ئۇلۇغ ئاي كۈنلەر كىلىۋاتىدۇ ، ئاللاھ ھەربىر ياخشى سۆز ، باشقىلارنىڭ دىلىغا بەرگەن ھوزۇرىمىزدىن بىزگە ساۋاپ بەرگۈسى .
مەن شىنجاڭدا ئەمەس ، لىكىن ئۇيغۇر دىيارىغا ئەڭ ئېشىپ كەتسە يىلدا بولمىسا يېرىم يىلدا بىر بېرىپ ئاي ئەتراپىدا تۇرىمەن ، شۇڭا سىز ئارتۇقچە گۇمان قىلماڭ ، گۇمان ئىمانىڭىزنى قاچۇرىدۇ خالاس ، ھىلىمۇ ئاز بولمىغان سۇسلاشقان ئىمانلار يىتەر ، سىزمۇ بۇ قاينامغا سەكرىمەڭ ، ئاندىن يەنە بىرسى ئۇ يەردىن بۇ يەردىن ئىككى جۈملە تۆت جۈملە پاراڭ قىلىپ قويماي پىكرىڭىزنى دەلىل ئاساس بىلەن قايىل قىلارلىق ئوتتۇرغا قويۇڭ ، بولمىسا بۇ مۇنازىرە ئەمەس پاراڭ بولىدۇ .ئىنكاس قايتۇرماي دىسەم تېخى بولمايدىكەن .
سىز ئۇنداق ئىشلارنى كۆرمەيسىز دەپسىز ، سىز دائىم كۆرىسىز شۇنداقمۇ ؟ئەمسە شۇنداق دەيمەنكى سىزمۇ كۆرمەڭ ، قاقشاپ تۇرىدىكەنسىزيۇ يەنەشۇنى كۆرىدىغان يەرگە دىباغا ، تار ئىشتانلىق قىزلار يىغىلغان يەرگە نىم دەپ باردىڭىز ، بارمىسىڭىز كۆرمەيسىز ، ئىنى- سىڭىزللىرىڭىزغا تەربىيە قىلىپ ئىشنى ئۆزىڭىزدىن باشلىسىڭىز كۆرمەيسىز ، ھەممە كىشى قاقشاپلا يۈرمەي ئىشنى ئۆزىدىن باشلىسا سىزمۇ كۆرمەيسىز ، مەنمۇ كۆرمەيمەن ، ئاستا ئاستا تۈزىلىدۇ ، ئازلايدۇ ، مەن بۇنىڭ پايدا زىينىنى ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئوتتۇرغا قويدۇم ، شۇنى پەرىق قىلغۇدەك ئىدراكنى ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەنلىكىگە ئىشىنىمەن .
يەنە دەيمەنكى بۇنداق تىمىلارنىڭ چۈشكۈنلۈك قاينىمىغا ، ئۆمىدسزلىك قاينىمىغا باشلاشقا پايدىسى بولسا باركى ، قىلچىلىك ياخشى تەرەپتىن پايدىسى يوق ، ئەگەر پايدىسى بولسا مۇشۇنداق مىللەتتىن زارلاپ قاقشاپ يېزىلغان تىمىنى كۆرۈپ روھى ئۇرغۇپ ، دىلى ئۆمىد - ئىشەنچكە تولۇپ مۇۋەپپىقىيەت يولىغا ماڭغان بىراۋنى ۋە ئىش - ئىزلىرىنى مىسال كەلتۈرۈڭ ، مىسال كەلتۈرەلمەيسىز ، چۈنكى بۇنداق تىمىلارنىڭ قولىدىن ئۇنداق ئىش كەلمەيدۇ ،ئەكىسچە مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تىلغا ئالغانلىرىمغا مىسال دىگەن تولۇپ يېتىپتۇ ، بىز نىمىشقا شۇنى كۆرمەيمىز ، شۇنى دەپ قويايكى بۇنداق تىمىلاردىكى تىللىنىۋاتقان ، يېزىلىۋاتقىنى يالغۇز بىر ئۇيغۇردىلا ساقلىنىۋاتقان مەسلە ئەمەس ، سەئۇدىي ئەرەبىستاندىمۇ شۇنداق مەسىللەر بار ، تۈركىيەدىمۇ بار ، ئىراندىمۇ بار ، دۇبەيدىمۇ بار ، ياۋرۇپا ، ئامرىكا ....دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتە بار ، دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتە بار ئىللەتنىڭ ھەممىنى بىر يالغۇز ئۇيغۇرغا يۈكلەپ تىللاۋەرمەيلى ،ئاللاھ ئىنساننى كەمچىلىك بىلەن ياراتقان ھەم شۇنى تونۇيىدىغان ھەم تۈزىتىدىغان ئەقىلنىمۇ قوشۇپ ياراتقان ، ئاللاھ مۇھەممەت سەللەللاھ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كىيىن دۇنياغا كەمچىلكى يوق ئىنسان يارىتىپ باققان ئەمەس ، كەمچىلىكى يوق مىللەت ئەسلا ياراتقان ئەمەس ، ئۆمىدسلىك - شەيتان ، چۈشكۈنلۈك - شەيتان ، زارلاش- شەيتان ، مىللەتتىن ۋايساش - شەيتان . شەيتان (ئىبلىس)شۇنداق بىر ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنكى ئۇ ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئىنسانلارنى ئاللاھ بەرگەن ھاياتتىن زىرىكتۈرىدىغان ، ئۆمىدسىزلىك قاينىمىغا باشلاپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەيىش - ئىشرەت ، قىلىقسىزلىق قاتارلىق قايناملىرىغا ئىنسانلارنى سەكىرتىدىغان . چۈشكۈنلەشكەنلەرنى ، زارلاپ - قاقشايدىغانلارنى ، ئۆزارا تىللىشىپ ، تىللىنىشىپ ،ئەكىسچە ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئۆمىدۋار ،غەييۇرلۇق بىلەن ئالدىغا بىر قەدەم بولسىمۇ مېڭىشنى نىشان قىلمىغانلارنى بىلىپ - بىلمەي شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كىتىۋاتقانلار دەپ قارايمەن خالاس ، چۈنكى بۇ يولدىن ئاللاھ كۆرسەتكەن نۇرلۇق ھىدايەت يولى بارغانچە يىراقلاپ بارىدۇ .
ئۇيغۇر مىللەت بولغانغا سازايى تولاپ كەتمىسۇن ، كىتاپ ئوقۇشقا ئىقتىسادىڭىز يار بەرمىسە توردىن گۈلەننىڭ ‹تۈركىيدە شۇنداق ، ئۇيغۇردىمۇ شۇ ›قاتارلىق ماقالىررىنى ، ۋە باشقا ماقالىلىرىنى تېپىپ ئوقۇڭ .
ئالدىنقى ئىنكاسىمدا ئوتتۇرغا قويغانلارنى مەن ئېنىق قىلىپ بەش مەزمۇنغا بۆلۈپ ئوتتۇرغا قويدۇم ، پىكرىڭىز بولسا بۆلەكلەر بويچە تېتىملىق ، قايىل قىلارلىق ئىنكاس بىلەن تىللاشنىڭ پايدىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز ، ئەتىدىن باشلاپ مەنمۇ گۇناھىمغا تۆۋە قىلىپ تاھارەت ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇيغۇرنى تىللايمەن .
ھەقىقەت دەپسىز ؟ سوراپ باقاي سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقەت دىگەن نىمە ؟
ھەقىقەت دىمەك ئاللاھ كۆرسەتكەن نۇرلۇق يول دىگەن گەپ ، ئاللاھ بىزنى ئۆمىد ، ئىشەنچ بىلەن ياشاشقا ، ئۆمىدۋار بولۇشقا ، ئۆزى بىزگە نىسىپ قىلغان جاننى ئەھمىيەتلىك ، قىممىتى بار ئىشلارغا سەرىپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ ، ھەرگىزمۇ چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىشقا ، ئەتىدىن كەچكىچە زارلاپ قاقشاشقا ، ئۆمىدسىزلىك ئىچىدە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئۈندىگەن ئەمەس ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن مانا بۇ ھەقىقەت .
رەھمەت سىزگە ، ھەرھالدا ‹بىلىمىڭلارغا تايىنىپ سۆزلەيسىلەر ›دەپسىز ، ئاللاھ بىزگە ئەقل -ئىدىراكنى تولۇق بىلەن بىرىدۇ ، ھەم شۇ ئەقىل ئىدىراك بىلەن ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ، ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە بۆلۈپ بىرىلگەن رىسىققا ئىگە بولىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ ، ھەم بىزگە شۇ خىل ئىمتىياز ھەم ھوقۇقنى تولۇق بەرگەن ، ئەمما بىز مۇشۇنداق ئايىغى تۈگىمەس چۈشكۈنلۈك ، ئۆمىدسىزلىكلەر تۈپەيلى شۇ رىسىقىمىزنى ، ئاللاھ بىزگە ھالاللاپ ، ئانىمىزنىڭ سۈتىدىنمۇ ھالال قىلىپ بىرىۋاتقان رىسىققا ئىگە بولالماي قېلىۋاتىمىز ، مانا بۇ ھەقىقەت .