تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: jahanbiwapa

تۈركىيەدىكى دەھرى ئىتلار ئەردۇغان ھۆكۈمىتىگە قاۋاشقا باشلىدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
52412
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ شۇ ئىپلاسلارنى مۇرادىغا يەتكۈزمىگەي ، ئەردۇغاندەك  يولباشچىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي ،ئامىن

UID
47447
يازما
34
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
34
تىزىملاتقان
2013-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمۇكراتىيە تۈزۈمى- دونيانىڭ ھەرقانداق جايىغا باپ كېلىدىغان ئەڭ ياخشى تۈزۈم.

UID
11145
يازما
91
تېما
21
نادىر
1
جۇغلانما
1086
تىزىملاتقان
2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ پىلتىسى بىر كىچىك پائالىيەتتىن باشلانغان. ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدىكى بىر باغچىدىكى دەرەخلەرنىڭ سۆكۈلۈپ، ئورنىغا يېڭى بىر قۇرۇلۇشىنىڭ كېلىشى سەۋەبلىك، بەزى كىشىلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىش قىلىشىغا قارشى تۇرغان. دەسلەپتە بۇ ھەرىكەت، ئىستانبۇلدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان نامايىشلارغا ئوخشاش مېديادا ئانچە داۋرىڭى بولمىغان ئىدى. لېكىن قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئىشىغا توسقۇنلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ساقچى تەرەپنى ئىشقا سالغان، ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان ئاممىنى تارقىتۋەتمەكچى بولدى ھۆكۈمەت. لېكىن بۇ ئىش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇنىڭغا مەدەت بەردى، توردا چاقىرىقلار قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر نارازىلىق توپىغا قېتىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدىنلا تۈركىيدە كىشىلەردە دائىم ساقچىلارغا نىسبەتەن سەلبى باھا مەۋجۇت بولغاچقا (ساقچىلارنىڭ دائىم قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشى، بولۇپمۇ ھەر يىلى بولۇپ تۇرىدىغان 1-ماي پائالىيتىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ سۇ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، تاياق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن بولسا كېرەك. بولۇپمۇ ياشلار ساقچىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ.)، ساقچىلارنىڭ نامايشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان كۈچلىرى، توردا ۋە سوتسىيال مېدىيا (فېيسبۇك، تۋىتتېر قاتارلىقلاردا) كۆپ تارقىلىپ، ھۆكۈمەتنى ياقىلىمايدىغان ھۆكۈمەتكە قارشى كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ توپلاپ كەلدى مەيدانغا. 3-4- كۈنلىرىگە كەلگەندە، ۋەقە تىنجىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قاتناشقۇچىلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، دائىرىسى كېڭىيىپ كەتتە، ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە، ئىزمىرغا ۋە باشقا شەھەرلەرگىمۇ يېيىلدى. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەتتىن نارازى كىشىلەر، ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئوڭچىلار، سولچىلار، دىنچىلار، كومنىستلار ھەممىسى دېگۈدەك كوچىلارغا چىقىۋالدى. مەيدانغا كەلمىگەنلەر، ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدىن تەلەڭگە، قوشۇقلار بىلەن داقا-دۇمباق چېلىپ مەدەت بەردى. 6-كۈنى بولغاندا، ساقچىلار تاكسىم مەيدانىدىن چېكىندى. نامايشچىلار ئۇ يەرلەرنى تازىلىغاندەك بولدى، ئىشلارنى بېسىقتى دېگەندە، بېشىكتاش مەيدانىدا ۋەقە توختىمىدى، ئەنقەرەدە توختىمىدى...... (قىسقىچە جەريانى موشۇنداق).

كېلىپ چىقىش ۋە تەرەققى قىلىش ھەققىدىكى مېنىڭ (شەخسەن) تەھلىلىم:
1. بۇ خىل تۈردىكى نامايىشلار بەك كۆپ يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ھۆكۈمەت ساقچىلار بىلەن نامايشچىلارنى تارقاقلاشتۇرىۋېتەلەيمىز دەپ ھېسابلىدى ۋە شۇ كۈنىلا ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سالدى. (لېكىن مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىدى. 1-ماي كۈنلىرى ئاساسەن بېسىقىپ بولاتتى.) باغچىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ باغچىنىڭ ئورنىغا نېمە ياسىلىدىغانلىقى توغرىلىق ھۆكۈمەتتىن ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈش كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە بىر سودا-سارىيى سېلىنىدىكەن دېگەن گەپلەر تارقالدى. ئىستانبۇلدا نىمە تولا، سودا سارىيى تولا. ھەر 500 مىتىر يەردە بىر ساراي. ساقچىلارنىڭ تۇنجى كۈنىلا بىر ئاز قاتتىق قول بولۇشى، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى ئۇلغايتىۋەتتى.
2. نامايىشقا بەزى داڭلىق سەنئەتچىلەر، تېلۋىزىيە پروگراممىچىلىرى مەدەت بېرىپ، قېتىلدى. سىياسەتچىلەر چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ دىققەت تارتىپ، بارغانسېرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى. بۇ نامدار كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيىتىنىڭ توغرا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان سىياسىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كۈچىيىپ باردى.
3. ئەزەلدىن ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتە تۇرىدىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەر، پارتىيەلەر، گۇرۇھلارمۇ ئىشنىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. بۇ ئىش ئاددى بىر نارازىلىقتىن، نامايشقا، نامايىشتىن قالايمىقانچىلىققا ئايرىلدى. توربەتلەردە ھەرخىل سۈرەتلەر (راس، يالغان ئارىلاش) يېيىلىشقا باشلىدى. نامايشچىلارنىڭ ئىچىدە، ئوڭچى، سولچى، مىللەتچى، دىنچى، ھەممىسى قېتىلدى. (رەسىملەر ۋە ۋىدىيولاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.) ئۇنىڭدىن سىرت، سوتسىيال مېديالاردىن توختىماي چاقىرىقلار كېلىپ تۇردى.
4. ھۆكۈمەت كەلگەندىن بېرى نۇرغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى، 3 قېتىم ئۈست-ئۈستىگە سايلامدا يەڭدى. بۇ باش مىنىستىرنى بىرئاز ئۆزىنىڭ بىرئاز بىلەلمەي قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى دەپ قارايمەن. 5-كۈنى بولغاندا، يەنىلا نامايشقا چىققان كىشىلەرنى ئەيىپلەپ سۆز قىلدى. بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن كىشىلەرنىمۇ نارازى قىلىشقا باشلىدى.
5. ۋەقە جەريان قىلىپ 5- كۈنىگە كەلگەندە شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقىپ، بىز ئۇ يەرگە سودا ساراي سالمايمىز، بۇنداق ئىش يوق دېدى. (ئەسلىدە بالدۇرراق ئىپادە بىلدۈرگەن بولسا، بۇنچىۋالا چوڭىيىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى).

كىشىلەردە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى:
1. 50% كىشى ئا ك پ نى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بىلەن، يەنە شۇنچىلىك كىشى ھۆكۈمەتنى قوللىمايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتنى قوللىمايدىغان گۇرۇھلارنىڭ بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىنىق ئىدى. بولۇپمۇ، دائىم 1-ماي باھانىسى بىلەن ئىستانبۇلدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىغان گۇرۇپپلار، 3-،4-كۈنلىرى پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى.
2. تۈركىيەدىكى كۆپىنچە كىشىلەر تۈركىيەنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش ئۈچۈن كۈچىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى ھۆكۈمەت بولسا، رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش ئۈچۈن، تاشقى سىياسەتتە بەك ئاكتىپ. سۈرىيە بۇنىڭ بىر مىسالى. خەلق بولسا، سۈرىيە بىلەن ھەپىلىشىدىغان ھالىمىز يوق، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى چاغلىق دەپ قارايدۇ (پ ك ك مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ساڭا نىمە ھال دەيدۇ.) غەرپكە قارشى قاراشتىكىلەر بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالدى دەيدۇ. ئىسلامغا مايىل كىشىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇراشەرققە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگىنىدىن خۇشال بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئىككىلىسى ئوخشاش. بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسىدىن خەلق رازى ئەمەس، ئۆزىمىز ئاچ تۇرۇپ 300مىڭ سۈرىيەلىكنى بېقىۋاتىمىز دېگەندەك. شۇڭا ئەسلىدىن ھۆكۈمەتكە مايىل بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھۆكۈمەتنى قوللىماسلىق تەرىپىگە ئۆتكەندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز سىياسىتىدىن چەتنىمەي مېڭىشى، خەلقتە ئەردوغاننى دېكتاتورلۇق يولىغا مېڭىۋاتىدۇ دېگەن پىكىرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا يول ئاچتى. بۇنىڭسىزمۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە پرېزدىنتلىق سېستىمىسى مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. ئەردوغاننىڭ پرىزېدېنت بولۇش ئويى بارلىقىغا كۆپچىلىك ئىشىنىدۇ.
پرىزدېنتلىق سېستېمىسى
ئىسپىرتلىق ئىچىملىك قانۇنى
پۇل پاخاللىقى نىسبىتى
.....
بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقتە بىر نارازىلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. لېكىن بۇلارغا قارىماي، خەلق يەنىلا ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلدى، چۈنكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىرەر ئىش قىلالايدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەردوغانمۇ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ سىياسەتلىرى بارغانسېرى مۇستەبىتلىككە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ ئانالىزچىلەر. نۇرغۇن يازغۇچى، مۇخبىرلار تۈرمىگە سولاندى، ئارمىيەدىكى گېنېراللار تۈرمىلەرگە تاشلاندى. ئەردوغان بارغانسېرى رەقىپلىرىنى يىقىتىپ ماڭدى. ھەم خەلق مېنى قوللايدۇ دەپ ئىشىنىپ كەلدى، لېكىن بۇ قېتىمقى نامايىش ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.
3. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ بار بولىشىمۇ مۇمكىن.
تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ھېچقايسىسى مۇقىم ئەمەس. شەرقى جەنۇبىدىكى ئەرەپ دۆلەتلىرى ئۇرۇش پاتقىقىنىڭ ئىچىدە، غەرپتىكى گرىتسىيە قاتارلىقلار بولسا ئىقتىسادى كىرزىستا. لېكىن تۈركىيە بولسا 10 يىلدىن بۇيان مۇقىم كېتىپ بارىدۇ، ئىقتىسادى بارغانسېرى كۈچلۈكلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ھەتتا 2008دىكى كىرزىستىمۇ ھېچ زىيانغا ئۇچرىماي سالامەت چىقتى. ياۋروپا مېدياسى بۇنى «تۈرك باھارى» دەپ باھالاشقا ئۈلگۈردى، خاراكتېر جەھەتتىن قەتئىي ئوخشىمىسىمۇ. سۈرىيەگە ئەڭ كۈچلۈك تەھدىت تۈركىيە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوچۇقتىن ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەسات كېتىشى كېرەك دەپ. تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئەردوغان بىلەن ئوباما قوشما بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالسا، ئەلۋەتتە سۈرىيەنىڭ ئومىچى پىشىدۇ. (لېكىن ئەمەلىيەت، سۈرىيەگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك، قالايمىقانچىلىق بولمايدۇ.)

خۇلاسە كالام، كىچىككىنە بىر دەرەخ ۋەقەسى بىلەن باشلىنىپ، خەلقنىڭ ھەرخىل نارازىلىقىنىڭ پارتىلاپ چىققان بىر ۋەقە بولدى. بۇنى ئەردوغان بۇنچىۋالا يوغىناپ كېتىشتىن بۇرۇن توسۇپ قالالايتتى. لېكىن ھېلىمۇ بۇنى كونترول قىلالايدۇ. بۇ تۈركىيە ئۈچۈن بىر كىچىك سىناق بولدى دەپ قارايمەن.

باھا سۆز

uyghari  مانا ماۋۇ ئانالىز خېلى جايىدا بولغاندەك تۇرىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
15736
يازما
31
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركىيەنىڭ سىياسى تۈزۈمىدە، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ رەھبىرى پرېزدېنت (جۇمھۇرباشقىنى)- پرىزدېنتنى پارلامېنتتىن سايلاپ چىقىدۇ، لېكىن ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى ئاكتىپ بولمايدۇ. بىرئاز سىمىۋوللۇق تۈس ئالغان بولىدۇ. ئەمىلى ھوقۇق باش مىنىستېر (باشباقان)نىڭ قولىدا بولىدۇ. لېكىن باشباقاننىڭ ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلىش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
پرىزدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 يىل، بىر نۆۋەت بولىدۇ، پارلامېنت سايلاپ چىقىدۇ. لېكىن ھازىرقى يېڭى قانۇندا، پرىزدېنتنى مۇددىتى 2 قېتىم، 5 يىلدىن قىلىش مەسىلىسى، ۋە پارلامېنت ئەمەس خەلق سايلاپ چىقىش مەسىلىسى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ئىدى. (ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى، تازا ئېنىق ئۇقۇپ بولالمىدىم.)
باش مىنىستېرنى خەلق سايلايدۇ، ھەر قېتىم 4 يىل، ئەڭ كۆپ ئۈچ قېتىم ۋەزىپە ئۆتەلەيدۇ. ئىچكى كابېنتنى باش مىنىستىر تەشكىللەيدۇ. ئەمىلىي ھوقۇق باش مىنىستېرنىڭ قولىدا بولىدۇ.
يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ، ۋىلايەتلەرنىڭ باشلىقىنى شۇ يەرلىك خەلق سايلاپ چىقىدۇ، لېكىن ۋالىنى پرىزدېنت بەلگىلەيدۇ. ناھىيەلەرمۇ شۇ. ۋالى بىلەن ۋىلايەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. (تەپسىلاتىنى تازا ئىنىق بىلىپ كەتمەيمەن، ئىشقىلىپ بىر يەرنى ساتىدىغان ئىش بولسا، ۋالىنىڭ قولىدىن چىقىدۇ. بىر كىنودا بىر ۋىلايەتتە بىر كاننى چەتئەلنىڭ شىركىتىگە ساتىدىغان ئىش چىقىپ قېلىپ، مىنىستىرلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ كەلسىمۇ، ۋالى قول قويماي تۇرىۋېلىپ، ئۇ كاننى ساتالمايدىغان).
ئارمىيە- ئارمىيە بىر ئايرىم ئورگان، پرىزدېنتقا قارايدۇ. لېكىن باش قومانداننى ئارمىيە ئۆزى سايلاپ چىقىدىغۇ دەيمەن. ئىشقىلىپ، باش مىنىستىر ئارمىيەگە چېقىلالمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا قانۇن چىقىرىش ئورگىنى مۇستەقىل بىر ئورگان. ئەگەر بۇ باغچىنىڭ ئىشىنى بىرەرسى سوتقا ئەرز قىلىپ بەرسە، سوت چىقىپ، قۇرۇلۇشنى بېكار قىلىش قارارى چىقارسا، باش مىنىستىېرمۇ چىقىپ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
شۇڭا تۈركىيە دېموكراتىيە خېلىلا تەرەققى قىلغان بىر دۆلەت.
ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى بولسا، قانۇن چىقىرىش ئورگىنىغا ھازىرقى ھۆكۈمەت ھامىيسى بولغان نۇرغۇن كىشىلەر كىرىپ، ئەردوغاننىڭ ھەممە ئىشنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان ۋەزىيەتكە كېلىپ قالدى دېگەن قاراشلار مەۋجۇت.
ئۇنىڭدىن سىرت، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (تۈركىيەدىكى چوڭ كاپىتاللارنىڭ قۇرغان ئورگىنى)نىڭ كۈچىنى ئاجىزلاتتى ئەردوغان. (ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى خاتامۇ ئەمەس، لېكىن يەنە نارازىلىقلارمۇ كۆپ.) چۈنكى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سىياسەتتىكى تەسر كۈچىمۇ بەك چوڭ ئىدى.
نارازىلىقنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ھۆكۈمەت ئۆكتىچى تاراتقۇ ۋاستىلىرىنى بارا-بارا ئاجىزلاشتۇرۇپ، سۆز ئەركىنلىكىنى قىسىپ قويدى. غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تەنقىتلىرى بەك كۆپ. ئۆتكەن يىلى بىر يازغۇچى ھۆكۈمەتكە قارشى بىر كىتاپ يېزىپ، كىتابى نەشىرگە بېرىلمەي تۇرۇپ تۇتۇلۇپ كەتتى. غەرپتە بەك تەنقىتكە ئۇچراپ كەتكەن ئىدى بۇ ھادىسە.

ئومۇمىيۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى ھۆكۈمەت ئىشىنى بەك مۇۋاپپىقىيەتلىك قىلىپ ماڭدى، نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى، خەلققە قولايلىق ئىشلارنى چىقاردى. بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى خەلقنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسى مەسىلىسىنى تامامەن ھەل قىلدى. باج كونترولىنى چىڭايتتى. تۈركىيەنىڭ كرېدىت نومۇرىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نامايىشقا چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھۆكۈمەتنى قوللاپ، ھۆكۈمەتكە ئاۋاز بەرگەنلەر.
بۇ ۋەقەلەردە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تەسىرى بەك كۈچلۈك، ئۆكتىچى پارتىيەلەر كۈشكۈرتتى دېگەن گەپلەر ئاقماس گەپلەر. ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەدەك كۈچلۈك، سىياسىتى توغرا ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئورنىغا چىقالىشىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ.

UID
25197
يازما
104
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
104
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرشارىۋىلىشىۋاتقان جەمئىيەتتە پەقەت ئۆزۈمنىڭ غېمىدە بولىمەن دېيىش تولىمۇ بىمەنىلىك.شۇڭا دۇنيا ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىسىگىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۆزىمىزدە مەسىلە بار دېگەنلىك باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئانالىز قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس.
تۈركىيەدە كۆپ خىل ئىدىيە مەۋجۇت.بىز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس تۈركلەرمۇ غازى نى تىللايدۇ،بەزىلىرى ماختايدۇ.ھەركىمنىڭ قارىشىنى بىربىرىگە تېڭىپ ئېغىز بۇزۇش تولىمۇ بىمەنىلىك.

UID
14685
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ۋىسال سىتۇدىيىسىنىڭ خەۋىرى ئىدى، نېمىشقا مەنبەنى ئېنىق بىلدۇرمىگەندۇ، ھەمدە سۆزلىرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىپتۇ باشقىلارنىڭ خەۋىرىنى خالىغانچە سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا بۇلامدۇ ۋىسالنى ياقتۇرمىسىڭىز مەيلى، ئەمما ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەكتە.

بۇ ۋىسال سىتۇدىيىسدىكى بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلى نۇسخسى:
[url]http://www.wisalstudio.net/uy/readpost.php?id=1293
[/url]

UID
37380
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-5-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azat408 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-5 11:42
كىيىنكى ئانالىزلار ماھىيەتتە توغرا تەھلىلدەك قىلىدۇ.
...

مۇستاپا كامال بىلەن ئەردوغان ھاكىمىيتى ئىككىسى باشقا بىر دۇنيا،ئۇيغۇرلار ھازىرقى تۈركىيگە مايىل،مۇستاپا كامالنى سۆكۈش بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

UID
49694
يازما
88
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
88
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-11
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lutfiye يوللىغان ۋاقتى  2013-6-6 11:11
بۇ ۋىسال سىتۇدىيىسىنىڭ خەۋىرى ئىدى، نېمىشقا مەنبەنى ئ ...

ھېچكىم بۇ خەۋەرنى ئۆزىنىڭ دەۋالمىدى،تۈزىتىشكە تېگىشلىك يەرلىرىنى ئەلۋەتتە تۈزىتىش كېرەك.ۋېسالغا چىقىش پۇرسىتى بولمىغانلار بىلسۇن دەپ يوللىغان مەزمۇن بۇ،كىشىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمىدى ھېچكىم تېخى! مەن ۋېسالنىڭ قوللىغۇچىسى~!خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ!

UID
52403
يازما
44
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
44
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنچىلىك  ئىش  ھىممى  دۇلەتتە   بۇپ  تۇردۇ  ..بۇمۇ  ئەردۇغان  ھۇكۇمتىگە  كەلخەن  سىناقتۇ

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
104
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2714
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن ،ئەردۇغان باش باقان بارلىق تۈركىي ئەللەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۈلگە بولالىغۇدەك ئېسىل رەھبەر . ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېنىچ تۇرۇشىنى تىلەيمەن .چۇنكى ئۇنىڭدىن باشقا قايسى دۆلەت رەھبىرى رەسمىي سورۇندا ئۇيغۇر ئۈچۈن 2 ئېغىز ھەق گەپنى قورقماي دىيەلىدى ؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش