تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 10862|ئىنكاس: 111

تۈركىيەدىكى دەھرى ئىتلار ئەردۇغان ھۆكۈمىتىگە قاۋاشقا باشلىدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
80
تېما
49
نادىر
0
جۇغلانما
80
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركىيەدىكى دەھرى ئىتلار  ئەردۇغان ھۆكۈمىتىگە قاۋاشقا باشلىدى



دۇنيا خەۋەرلەر مۇنبىرى تورى: تۈركىيەدە ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدىكى بىر باغچىدىكى بىر قانچە تۈپ دەرەخنى قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن باشقا يەرگە كۆچۈرۈلىشىنى باھانە قىلىپ ھۆكۈمەتكە نارازلىق بىلدۇرگەن دەھرىيلەرنىڭ 28-ماي كۈنى باشلىغان نامايىشى كېڭىيىپ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە ساقچىلار بىلەن تۇقۇنۇش، ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇش، چېقىش، ئوت قۇيۇش ۋەقەسىگە ئايلىنىپ كەتتى.

بۇ ۋەقەنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ سىياسىي تارىخىقىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: تۈركىيەدە مۇستاپا كامالنىڭ يەھۇدىي ۋە غەرب زالىملىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئوسمانىيە ئىمپىرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ، دەھرىلىكنى ئاساسىي قانۇن قىلغان، دىن بىلەن دۆلەتنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان زالىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن بېرى ئۆتكەن 89 يىل مابەينىدە مۇسۇلمان خەلققە كۆپلىگەن زۇلۇملار قىلىنغان ئىدى. تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنى ئەجدادلىرىدىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان قۇرئان ھەرپلىرىنى ئاساس قىلغان تۈرك يېزىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىشنى مەجبۇرلاش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەزانىنى چەكلەپ، ئورنىغا تۈركچە تەرجىمىسىنى ئوقۇشقا مەجبۇرلاش، مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ دوپپا، سەللىگە ئوخشاش مىللىي ۋە دىنىي باش كىيىملەرنى كېيىشىنى چەكلەپ، ياۋرۇپانىڭ شەپكىسىنى، شىلەپىسىنى كىيىشكە مەجبۇرلاش، ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ جۇمە كۈنىنى دەپ ئېلىش كۈنى قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارنى خىرىستىيانلارغا ئوخشاش يەكشەنبە كۈنىدە دەم ئېلىشقا زورلاپ، جۇمە كۈنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، مەكتەپلەردە رومال ئارتىشىنى مەنئىي قىلىشقا ئوخشاش چەكلىمىلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە چوڭ دەخلى –تەئەرۇز قىلىپ، بىھۆرمەتسىزلىك قىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كورىيە-چاۋشەن ئۇرۇشىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشمىغان ياش تۈركىيەنىڭ خورىمىغان ئەسكىرى كۈچىگە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇ دەۋىردىكى ئادنان مېندىرس ھۆكۈمىتىگە يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق بۇ چەكلىمىلەرنىڭ بەزىلىرى يۇمشىغان بولسىمۇ، دىنىي زۇلۇم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا يەنە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى. 90-يىللاردا ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئېراققا قارشى ئېلىپ بارغان 1-پارس قولتۇقى ئۇرۇشى دەۋرىدە ئېراققا چىگىرداش بولغان تۈركىيە تۇپراقلىرىنى بىمالال ئىشلىتىش ئۈچۈن تۈرغۇت ئۆزال ھۆكۈمىتىگە خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ مەكتەپلەردە رومال بىلەن ئوقۇشىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمە يۇمشىغان ئىدى. ئامېرىكا ئېراقتىكى مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىگە بولغان سىياسىي ياردىمىنى توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى ئۆزى بىۋاستە مۇستەقىل سىياسىي پروگىرامما ھازىرلاپ، پارتىيە قۇرۇپ ھۆكۈمەت قۇرغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم يەھۇدىي، ئامېرىكا باشلىچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قول ئاستىدىن ياردەم بەرگەن تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق بىسىمى ۋە دەھرى پارتىيەلىرى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا بولغان دىنىي زۇلۇم تېخىمۇ ئېغىرلاشقا باشلىدى. تۈركىيەدىن ئىبارەت ياۋرۇپا قىتئەسىگە جايلاشقان بۇ دۆلەتتە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەي تۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن رەجەپ تايىپ ئەردۇغان ۋە ھەمرالىرى يېڭى سىياسەت پروگىرامما تۈزۈپ، پارتىيە قۇردى. بۇ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ئافغانىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي پۈتۈن ئىسلام جۇغراپىيەسىنى ئىشغال قىلىپ، ئىسلامىيەتنىڭ غەربكە ۋە غەرب مەدىنىيىتىگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى كونترول قىلىش سىتىرادىگىيىلىك پىلانىنىڭ 1-باسقۇچى بولغان ئېراق ئىشغالىيەتىگە تەييارلىنىۋاتقان يىللارغا توغرا كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئېراققا قوشنا تۈركىيەدە قۇرۇلغان بۇ پارتىيەنى قوللىدى. رەجەپ تايىپ ئەردوغانمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ رەزىل پىلانىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي نوپوزىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولغان جۇمھۇرىيەتنىڭ دەھرى سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئارمىيەنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن رەجەب تايىپ ئەردوغاننىڭ پارتىيىسى تېخى قۇرۇلغىلى بىر نەچچە يىل بولماي تۇرۇپ، تۈركىيە ئۇمۇمىي سايلامىدا غەلبە قىلىپ ھۆكۈمەت قۇردى، مەتبۇئاتلاردا: «ئاددى بىر مەھەللىنىڭ باشلىقىمۇ بولالمايدۇ» دېيىلگەن ئەردوغان تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ باش مىنىستىرى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىرقاتار سىياسەتلەر ۋە ئارمىيەدىكى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تۈركىيەدىكى دەھرى سىياسىي تۈزۈمنىڭ ۋە ئارمىيىنىڭ مۇسۇلمانلار ھاياتىدىكى بىسىمى كۆرىنەرلىك جەھەتتە يىنىكلىگەن بولدى. ئەمما ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىپ، خورلاپ كەلگەن دەھرىلەر، سولچىللار ۋە كوممۇنىستلار مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسىلىشىگە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچلىنىشىگە چىدىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن 2007-يىلىدا ئابدۇللاھ گۈلنىڭ دۆلەت رەئىسى بولىشىغا قارشى چىقىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزدى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ پاراسەت بىلەن يۈرگۈزگەن سىياسىتى نەتىجىسىدە بۇ نامايىشلار توقۇنۇشقا ئايلانماستىن بىسىقتى. كېيىنكى يىللاردا مۇۋاپىققىيەتلىك ئاخىرلاشقان ئارمىيىدىكى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ئەردوغاننىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كۈچى ۋە نوپوزى تېخىمۇ زورىيىپ خەلقئارالىشىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا دەھرىلەر، سولچىللار ۋە كوممۇنىستلار تېخىمۇ بەك چىدىيالماي قالدى.
ئەمدى بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك: ئىستانبۇلدىكى پاھىشە، قىمار، ھاراق قاتارلىق پۈتۈن ئەخلاقسىزلىقنىڭ مەركىزى، سىتالىن دەۋىردە روس ئىنژېنىرلىرى تەرىپىدىن لاھىيلىنىپ ياسالغان، دەھرىلەرنىڭ، سولچىلارنىڭ ۋە كوممۇنىستلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت ماكانى بولغان تاكسىم مەيدانىنى رەجەپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى تۈرك مىللىتىنىڭ مىللىي ئالاھىيدىلىكىگە ئۇيغۇن، ئۇيەرگە كەلگەن چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە تۈرك مىللىي مەدىنىيىتىنى، ئەخلاق ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى تونۇشتۇردىغان مىللىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى ئاساس قىلغان ھالدا قايتىدىغان ياسىماقچى بولغان ئىدى. ئەمما تاكسىم مەيدانىنى ئۆزىنىڭ ئىبادەتگاھى بىلىدىغان پۈتۈن دەھرىلەر، سولچىللار، كوممۇنىستلار، ھاراقكەشلەر، جەمئىيەت داشقاللىرى ئۇۋىسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك توپىلاڭ چىقىرىشقا باشلىدى.
بۇ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەققىدە تۈركىيەدىكى پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان تەشكىلاتلار تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە مەنسۇپ كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كۆزقارىشىنى سورىدى. ئۇلار كۆزقارىشىنى بايان قىلغان كۈزەتكۈچىلەر پەرقلىق ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويدى. تۆۋندە بىز بۇ مۇلاھىزەلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

1. ئانالىز: بۇ ۋەقە ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى سايلام ئارقىلىق ئاغدۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن دەھرىلەرنىڭ، كوممۇنىستلارنىڭ بەزى ياشلارنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيۇشتۇرغان ئالدىن پىلانلانغان ۋەقەدۇر.


2. ئانالىز: ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشغال پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئەردوغانغا ياردەم قىلغان ئامېرىكىنىڭ، ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىكى ئىسلامىي ھاياتنى جانلاندۇرۇپ، ھاراق سېتىشقا چەكلىمە قويۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە تۇيۇپ، ئۆزىنىڭ دەھرىلەر ئارىسىدىكى قولچۇماقچىلىرىنى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق ئەردوغانغا: «مەن ساڭا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا سىياسىتى ئۈچۈن ياردەم قىلدىم، تۈركىيەدە ئىسلامىي ھاياتنى جانلاندۇرغىن دېمىدىم» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.


3. ئانالىز: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا روسىيە ۋە جۇڭگو سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلسا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئەردوغان ھۆكۈمىتى سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىگە ياردەم قىلماقتا. ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن ياردىمى بىلەن سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرى خېلى زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۈركىيەدىكى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ پۈتۈنلەي كوممۇنىستلاردىن ۋە كوممۇنىست ئىدىيىدىكى دەھرىلەردىن تەركىب تېپىشى روسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ، تۈركىيەنىڭ دىققىتىنى سۈرىيەدىن تارتىش ئۈچۈن پىلانلىغان ئويۇنى ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ.


4. ئانالىز: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئىسلامىيەتنىڭ قارشىلىق كۈچىنى پۈتۈنلەي ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ئىككى ئاساسىي تۆۋرىگى بولغان سۈننىي ۋە شىئە مەزھەبىدىكىلەرنى بىر-بىرىگە قىردۇرۇشنى پىلانلىدى. سۈرىيە ئۇرۇشى بۇ سەۋەبتىن يۈز بەردى ۋە بارغانسېرى سۈننىيلار بىلەن شىئەلەرنىڭ ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ بارماقتا. بۇ ئۇرۇشتا شىئەلەر نىسبەتەن بىرلىك، ئىتتىپاق، شۇنداقلا ئىراننىڭ رەھبەرلىكىگە بىردەك بويسۇنىدۇ. سۈننىيلار بولسا تارقاق، ئىتتىپاقسىز. شۇئان سۈنئىيلارنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان ئەڭ لايىق رەھبەر ئەردوغاندۇر. ھازىر تۈركىيەدىكى مەتبۇئاتلاردا سۈرىيەگە، ئىرانغا نەپرەت پەيدا قىلىدىغان خەۋەر ۋە ماقالىلەر كۆپلەپ بېرىلمەكتە، ھەتتا تۈرك خەلقى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان فىلىملەردىن «بۆرىلەر جىلغىسى- پىستىرما» فىلىمىدىمۇ ئىرانغا نەپرەت پەيدا قىلىدىغان كۆرىنىشلەر ئىشلەنمەكتە. تۈركىيە-ئىران ئۇرۇشى ياكى تۈركىيە-سۈرىيە ئۇرۇشى قوزغاش ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىگە ئەردوغان كېرەك. شۇڭا ئەردوغاننىڭ ئەتراپىغا تۈركىيە نۇپۇسىنىڭ كۆپچىلىگىنى تەشكىل قىلىدىغان سۈننىي مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ زىچ توپلاش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ قورقۇسى بولغان دەھرىلەرنى كۈشكۈرتۈش ئارقىلىق، تۈركىيەدىكى سۈننىي مۇسۇلمانلارغا: «ئەردوغاننىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇڭلار، كوممۇنىستلارنىڭ، دەھرىلەرنىڭ ۋەھشىلىگىدىن سىلەرنى ئەردوغاندىن باشقىسى قوغداپ قالالمايدۇ» ئاگاھلاندۇرۇلىشى بېرىلدى. دەرۋەقە، بۇ ھادىسىدە يۈز بەرگەندىن كېيىن تۈركىيەدىكى facebook قا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە مۇسۇلمانلار ئەردوغاننىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى قوغداش ۋە قوللاش چاقىرىقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە بايان قىلىشقا باشلىدى، ھەتتا سەلەفىيلەر، مىللىي كۆرۈش، مىللەتچىلەرگە ئوخشاش ئەردوغاننى قوللىمايدىغان مۇسۇلمانلارمۇ ئۆز بىلوگىلىرىدا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان، دەھرىلەرگە، كوممۇنىستلەرگە قارشى ئىنكاس ۋە باياناتلارنى ئېلان قىلدى.


5. ئانالىز: 2014 يىلىدا تۈركىيەدە 4 چوڭ سايلام بار، ئەردوغان ھۆكۈمىتى بۇ سايلاملارنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلىشنى خالايدۇ. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەردوغان تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ باغلىماقچى. بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق قورقۇسى بولغان دەھرىلەر ۋە كوممۇنىستلەرنىڭ بۇ ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ مۇسۇلمانلارغا: «ماڭا ئاۋاز بەرمىسەڭ، دەھرىلەرنىڭ قولىدا قالىسەن، قاراڭلار بۇلار تېخى ھۆكۈمەت قۇرماي تۇرۇپ بۇنچىلىك قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، مۇسۇلمانلارنى بىسەرەمجان قىلماقتا، ناۋادا ھۆكۈمەت قۇرۇپ قالسا يەنە نېمە كۈنلەرنى كۆرسەتمەيدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى. مۇسۇلمانلارنىڭ دەھرىلەرگە بولغان ئەندىشىسىنى ئەردوغان بۇرۇنمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ پارتىيىسى دەل مۇشۇ نۇقتىنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلغان ۋە ناھايىتى تېزلا تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.


6. ئانالىز: ئىسلامدا ھاكىمىيەت سايلام بىلەن ئەمەس، جى_ھاد بىلەن قولغا كېلىدۇ، ئەگەر دېموكراتىيە بىلەن، سايلام بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولغان بولسا، سىياسەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئۇستىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت قۇرغان بۇلاتتى. ھەتتا بۇنى مۇشرىكلار ئۆزلىرى تەكلىپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: «ئوڭ قولىمغا قۇياشنى، سول قولىمغا ئاينى بەرسەڭلارمۇ، سىلەر اللەنىڭ ھاكىمىيىتىگە شەرتسىز بويسۇنمىغىچە مەن سىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلمايمەن، ھەمكارلاشمايمەن، سىلەرنىڭ كۆرسەتكەن يولىڭلار بويىچە ئىش تۇتمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئەمما ئەردوغان دەھرىلەرنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سايلام ئارقىلىق ھۆكۈمەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كۇپر يولىنى تاللىدى، بۇ يولدا نۇرغۇنلىغان ئىسلامنىڭ ھارام قىلغان ئەمەللىرىنى ئىشلىدى، شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان ئېتىقادلىق، ئىمانلىق مۇسۇلمانلارنى بۇ كۇپر يولنى ياخشى كۆرىشىگە، «ئىسلامدا جى-ھادنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ، قاراڭلار، ئەنە دىموكىراتىيە بىلەن، سايلام بىلەنمۇ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىكەنغۇ» دېگەندەك خاتا چۈشەنچە ۋە ئېتىقادنىڭ پەيدا بولىشىغا يول ئىچىپ بەردى. مۇسۇلمانلاردىكى ھاكىمىيەت ۋە جى-ھاد روھىنىڭ سۇسلىشىشىنى ۋە يوقىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى دەل بۇنىڭ ئۈچۈن ئەردوغانغا يول قويدى ۋە ياردەم قىلدى. نەتىجىدە تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلار جى-ھاد روھىدىن پۈتۈنلەي ئۇزاقلاشقان بىر ۋاقىتتا دېموكىراتىيەدىن ئىبارەت بۇ ساختا شار پاتلىدى. تۈركىيەدىكى دەھرى سىياسىي تۈزۈممۇ ئەردوغانغا ۋاقتىنچە يول بېرىپ، ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ ۋەيران بولغان ئىقتىسادىنى ئوڭشاتقۇزۋالدى، يېڭىدىن ياسالغان قۇرۇلۇشلار، كۆۋرۈكلەر، يوللار بىلەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىۋالدى، دۆلەتنىڭ تاشقى قەرزىنى تۆلەتكۈزۋالدى.. ئەمدىلىكتە ئىشى تۈگىگەندىن كېيىن بىر قانچە دەرەخنى باھانە قىلىپ ئەردوغاننى ھەيدىۋەتمەكچى بولىۋاتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ بۇ نۇقتىغا كېلىشى تا ئىشنىڭ بېشىدىن بېرى مەلۇم ئىدى، چۈنكى ياخشى نىيەت ھارامنى ھالالغا ئايلاندۇرالمايدۇ، ھارام ئارىلاشقان بىر ئىش كۆڭىلدىكىدەك نەتىجە بەرمەيدۇ، نەتىجە بەرسىمۇ بەرىكىتى بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ غەلبىسى دېموكراتىيەدە ئەمەس، شەرىئەتتىدۇر!


يۇقىرىقى ھەر ساھادىكى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئانالىزلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا ئورتاق بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ سىياسىي ھاياتى يەنە بىر قېتىم جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلدى.
مەنبە: the wall street journal
ئەلجەزىرە تورى مەخسۇس قانىلى
تۈركىيە بۈگۈنكى زامان تارىخى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
13849
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
202
تىزىملاتقان
2011-8-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن ئەردوغان ھۆكۈمىتى!!!

UID
12430
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2011-6-18
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە چوڭ ئىش بولسىمۇ خەقنى ۇنداق تىللاش بىھاجەتتۇر. بەلكىم ئەردوغان ھۆكۆمىتىنىڭمۇ يىتەرسىز تەرەپلىرى باردۇر بەلكىم.

باھا سۆز

uyghari  توغرا دەيسىز.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
25197
يازما
101
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
41 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەر ۋىسال سىتۇدىيىسىدىمۇ تارقالغان.
ئەمما خەلقنىڭ ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ھوقۇقىنى چەكلىمەسلىك كېرەك.
سولچى،كومىنىستلار،ھاراقكەشلەرمۇ تۈركىيەنىڭ ئوبرازىنى قوغداشنى ئۆگىنىشى كېرەك.

UID
52132
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى ئانالىزلار ماھىيەتتە توغرا تەھلىلدەك قىلىدۇ.
لىكىن ئالدىنقى ئىلاۋە بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن يەكۈن.پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى بۇلۇپمۇ تۈرۈكلەرگە يېقىنلىشىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا نىسبەتەن قايمۇقتۇرۇش.بىخۇتلاشتۇرۇش مۇستاپا كامال باشچىلىغىدىكى تۈركىيە يېڭى ھۆكۈمىتىگە قارىتا نەپرەتلىنىش  تۈيغۇسىنى كۈچەيتىۋىتىشى مۇقەرەر.
يۇقارقى مۇستاپا كامالنى سۈكىدىغان ئىلاۋە ئىنكاس يوللۇغۇچىنىڭ كۆزقارشىمۇ ياكى‹‹ئەلجەزىرە تورى مەىسۇس قانىلىنىڭ›› يەكۈنىمۇ؟ئەگەر تېما يوللۇغۇچىنىڭ بىلگىنى بويىچە يېزىلغان بولسا.بۇ مەزمۇننى چىقىرۋىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ھازىر دىيارىمىزدا تۈركىيە ھۆكىمىتىگە مايىللىق تەرەپدارلىرى بىلەن تۈركىيە ھۆكىمىتىنى دەھرى ھاكىميەت دەپ قاراش يۇقۇرى باسقۇچقا يەتتى بۇنىڭ بىلەن تورداشلار ئارىسىدا بۈلۈنۈش.ھەتتا ھاقارەتلىك تىل سېلىشىشلار مۇ كۈچۈيۈپ كەتتى،ھەقىقى تارىق روياپقا چىقىپ چۈشەنچە ھاسىل بولغىچە مۇستاپا كامالنى ھاقارەتلەيدىغان ئۇ قۇرغان ھاكىميەتنى سۈكىدىغان،تۈرۈك مىللەتلىرىنىڭ ئىتىپاقلىغىغا،بىرلىگىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلەتمىسەك دىگەن ئۈمۈتتە.دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھۆكىمىتىگە بولغان ماھىللىغىنى  پارتىيىمىز بىلمەيدۇ ئەمەس،بۇنىڭ كەينىدە قانداق ئۇيۇن.ھىلە -نەيرەڭلەرنىڭ مەۋجۇتلۇغىنى ھىچكىم بىلمىسە كىرەك.بۇ ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش تاكتىكىسى بۇلۇشى مۈمكىن......تېما كۆرگەندە سەزگۈر.سوغاققان بۇلايلى؟!!!!!

باھا سۆز

baxkent  ئەگەشتىم  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
52387
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى مۇنداقلا كۆرۈپ قويساڭلا بولىدۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-5 12:12):
ئاھ، ۋاھ دەپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق.

UID
3722
يازما
147
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4318
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرەپ كۈچۈكلىرى ھەمىشە دەھرىي دەپ قاۋايدۇ..

UID
3722
يازما
147
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4318
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك ۋەتىنى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭلا ئەمەس ،ئالدى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ.   خەلق ئۆزىگە كېرەكلىگىنى تاللايدۇ بۇنىڭغا پەسكەشلەرچە كاشىلا قىلماسلىق كېرەك.   مۇسۇلمانلىقنى تۈركلەر قوبۇل قىپ بولغان، ئەمدى  ئەرەب بولاشنى زورلاپ تېڭىپ مۇسۇلمان بولغىنىغا پۇشايمان قىلىشقا زورلىمايلى ھاماقەت موللىچاقلار...،

باھا سۆز

$vmid$  قاپاقباش  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:58
غالىبجان  سەن چوشقا گۈشى يىمەيلا مۇسۇلمان بۇلمەن دەيدىغاننىڭ بىرمۇ نىمە؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
52387
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




بۇ تېمىدا ئاھ، ۋاھ دەپ ئېزىلىپ ئولتۇرغۇچە ماۋۇ ناخشىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. بەك ياخشى ئىكەن.

باھا سۆز

zilnur  قازاقىستاننى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشا ئىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
surgun4458  ياخشى ناخشىلاردەك قىلىدۇ،قازاق قىرىنداشلاركەن.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
52387
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
22
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
urkesh يوللىغان ۋاقتى  2013-6-5 12:22
تۈرك ۋەتىنى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭلا ئەمەس ،ئالدى بىلەن ...

بىز غېمىنى قىلىشىپ بەرمىسەكمۇ تۈركلەر ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بىزگە ئۆزىمىزنىڭ غېمى يېتەرلىك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش