jahanbiwapa يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 09:21 
ھاياجانلانماڭ! ئامىرىكا قۇرۇقلىقىنى كولومبو ئەمەس ئۇ ...
پولاتتەك دەلىلەرگە مەرھەممەت، قېنى بىر تۆكۈۋەتمەمسىز؟ قايسىمىزنىڭ بەكرەك ھاياجانلىغىنىنى بىلىپ بولمايدۇ، ئىلمىي ئەسەر دەپ سىز ماۋۇ تىمىدىكى ئەسەرنى دەۋاتامسىز؟! سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن ئىنسانلانىڭ كىلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىدىغان، مەخسۇس ئىلمىي ژورناللاردا بېسىلغان ھەر خىل تىلدىكى ماقالىلەردىن نەچچە يۈزنى ئوقۇغانمەن، لىكىن ماۋۇ ئاپتۇردەك قاراشلىرىنى بىرمۇ ئارخئىولوگىيلىك، گېنتىكىلىق، ئانتىروپولوگىيلىك دەلىل ئىسپاتلارنى كۆرسەتمەي، خالىغىنىچە «ئىلمىي» قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ماقالىنى تۇنجى كۆرۈشۈم. پولاتتەك ئىسپات بولسا دەلىللەڭ، مەن سىزگە ئىشىنەي.
بىرىنچىسى، ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىگە ئائىت ئارخئىولوگىيلىك، گېنتىكىلىق، ئانتىروپولوگىيلىك ئوتتۇرىغا قويغايسىز.
ئىككىنچىسى، ئامرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغان كىشى كولۇمبۇ بولماستىن بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىمەن.