كۆرۈش: 3366|ئىنكاس: 20

ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 12:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھونلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلار – ھاجى قۇتلۇق قادىرى



ھونلار مىلادىدىن 1500 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىنىڭ5 ئەسىرلىرىگىچە (ئىككى مىڭ يىل) بولغان ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخى مەزگىلدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىنىڭ سەھنىسىدە ئىنسانىيەت ئەۋلادىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان چوڭقۇر تەسىرلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن باشلاپ تارىختا 500 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 207- يىلدىن مىلادىنىڭ 216- يىلىغىچە)، 170 يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي ھون ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن 46- 216- يىللار)، 95 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى (375-469) قاتارلىق ئۇلۇغ ئۈچ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپا تارىخىدا ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ئاجايىپ خاتىرىلەر قالدۇرغان.

تۈركىي خەلقلەر ئەجدادلىرىنىڭ بىرى بولغان ھونلار ئەڭ قەدىمكى چاغدىن باشلاپ ئورخۇن دەرياسى بويلىرىدا، چوغاي تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا، ئالتاي، تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ياشىغان. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە <<ھون<< سۆزى كۈن سۆزىدىن چىققانلىقى مەلۇم.

قەدىمكى چاغلاردا ھونلارمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا قامان (شامان) دىنىغا ئىتىقات قىلغان. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك قامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ، قامان دىنى بويىچە «كۈن» تەڭرىگە ئىتىقات قىلىش مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. شۇڭا قەدىمكى چاغلاردا ھونلار ئۆزلىرىنى «كۈنلەر» دەپ ئاتاشقان ئىكەن. «كۈن» سۆزى كېيىنكى كۈنلەرگە كېلىپ «ھون» سۆزىگە ئايلىنىپ كەتكەن.

تۈركىيىلىك پروفېسسور ئا. زەكى ۋەلىد توغانمۇ «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» دەپ يازىدۇ. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئېيتىلىدۇ. قەدىمكى چاغدا ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنى شۇ دەريانىڭ نامى بىلەن ئاتاپ، «ھون» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن.

مىلادى 5- ئەسىرنىڭ بېشىدا (420- يىلى) ئارال كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالى تەرىپىدىن كەلگەن ئاق ھونلار باكتېرىيىنى ئىشغال قىلىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى قىسمىغا بېسىپ كىرىپ، كۇشانلارنىڭ كۈچلىرىنى يوقاتقان. ئاق ھونلار ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چىرايى ئاق سۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن روما تارىخچىسى فروكوفىيس ئۇلارنى «ئاق ھونلار» دەپ يازغان.

5- ئەسىردە ياشىغان ئەرمەن تارىخچىلىرى كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلارنى (ئاق ھونلار) بىر بىرىدىن پەرق قىلمايدۇ دېگەن . چۈنكى، كۇشانلار بىلەن ئىفتالىتلار (ئاق ھونلار) ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن ئىدى. بۇنى «تاڭ سۇلالىسى يىلنامىسى . ئىفتالىتلار ھەققىدە قىسسە» دىكى مەلۇماتمۇ ئىسپاتلايدۇ. يىلنامىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىفتالىتلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلاردىن كېلىپ چىققان». تارىختا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇلۇغ ياۋچىلار ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، جەڭگىۋارلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تۇخارىستان، كۇشان ئىمپېرىيىسى، ئاق ھونلار (ئىفتالىتلار) ئىمپېرىيىسى قاتارلىق قۇدرەتلىق دۆلەتلەرنى قۇرغانلىقى، يۈكسەك، باي مەدەنىيەت ياراتقانلىقى بىلەنمۇ مەشھۇر.

تۈركىي خەلقلەر قەدىمكى چاغلاردا دۈشمەننى (بۇ سۆز پارسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن) «ياۋ» دەپ ئاتايتتى. «ياۋچى» دېگەن ئىسىم ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ ئۇرۇشقاق، ئۆز قوشنىلىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ تۇرىدىغانلىقىغا ھەم ناھايىتى جەڭگىۋارلىقىغا قاراپ قويۇلغان ئىكەن.

ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا «ئاخۇن» قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى تاسادىپىي ھادىسە بولماستىن بەلكى «ئاق ھون» سۆزىنىڭ «ئاخۇن» سۆزىگە ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ .

چۈنكى ئۇيغۇرلار ئاق ھونلارنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇنتۇلماس بۈيۈك نەسەبىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ ئىشلىتىشنى لايىق كۆرگەن. مەسىلەن: مەمەت ئاخۇن، ساۋۇت ئاخۇن دەپ قوللانغان. ئەسلى بۇ ئىسىملار مەمەت ئاق ھون، ساۋۇت ئاق ھون بولۇپ «ئاق ھون» سۆزى «ئاخۇن» غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۆزبېك خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى «ئاخۇنجان ئاكا» دەپ ئاتىشىمۇ ئەسلى «ئاق ھون جان ئاكا» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ ئېيتىلىشىدۇر.

ئەمدى بىز ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىۋاتقان «ياپون» سۆزى ئەسلى «ياۋا ھون» سۆزىنىڭ ئۆزگىرىشى بۇلىشى مۇمكىن دەپ قاراشقا بولىدۇ . چۈنكى ياپونلار ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنى ياپون تىلىدا (日本 NIPPON) بولۇپ ، سۆزنىڭ ئوقۇلۇشى ئادەتتە ئېغىز تىلىدا «نىپون»، ئەدەبىي يېزىقتا «نىخون» دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «كۈن كۆتۈرۈلگەن جاي» دېگەنلىك بولىدۇ .

بۇنىڭدىن «كۈن» دەل بىز يۇقىرىدا ئېيتقان «ھون» سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى بولۇپ ، بۇ يەردىكى «ھون» ئورخۇن دەرياسى ۋادىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ياپون تىلىدىكى ئۈچ چوڭ شىۋىنىڭ بىرسى يەنى خوككايدۇ شېۋىسى ئالتاي تىلىغا مۇناسىۋەتلىك شىۋە بولۇپ ، ياپون تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق فورمىسىدا ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن بولغان ئوخشاشلىق بار.

مەسىلەن: جۈملىدىكى ئىگە، خەۋەر، تولدۇرغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى، شۇنداقلا كېلىش قۇشۇمچىلىرىدا مەلۇم ئورتاقلىق بار. ياپونلارمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. خوككايدۇ ئارىلىدا ياشاۋاتقان ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى مىللىتى شۇنداقلا ياپون مىللىتىنىڭ يىلتىزى بولغان ئەينۇ (Ainu ) لار بولۇپ ، ئۇلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ھازىرقى ئېلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلارنى موڭغۇلىيە دالاسىدىن كەلگەن دېسە، بەزىلەر ئۇلارنى ئوكياندىن كەلگەن دەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئۇلارنى قەدىمكى ئاسىيالىقلار دەپ قارايدۇ.

بىز ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ، كىيىم-كېچىكى، مۇقەددەس ئۇسۇللىرى، ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈرۈپ كۆرۈدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيە دالاسىدىن بولسۇن ياكى ئوكيان ئادىمى بولسۇن بىردەكلا ھونلار بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. چۈنكى ياپونلار تا ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت بايرىقىغا «كۈن» نى چۈشۈرۈپ ئالغان.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇلار «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى يەنى «قۇياش ئىمپېرىيىسى» بىلەن موڭغۇلىيە دالاسىدىكى قەدىمكى ھونلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ھۆكۈم قىلساق خاتا بولماس. چۈنكى قۇياشقا ئىتىقات قىلىدىغان «مۇ» قۇرۇقلۇقىدىكى قۇياش ئىمپېرىيىسى ۋولقان پارتلاش ۋە يەر تەۋرەش سەۋەبىمدىن ھالاكەتكە ئۇچرىغاندا 64 مىليون ئاھالە قۇربان بولغان ئىدى. ھايات قالغان ئاھالىلەر ئۆزلىرىگە نىجاتلىق ئىزلەپ، ئەتراپتىكى باشقا ئاراللارغا ماكانلىشىشقا مەجبۇر بولغان. ھازىرقى زامان تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ قىياسىچە تىنچ ئوكياندىكى بۇ يوقالغان قۇرۇقلۇق 2050- يىلى يەنە قايتىدىن بارلىققا كېلىش مۇمكىن دەپ قىياس قىلماقتا.

يەنە بۇ يەردە شۇنى يۈرەكلىك بىلەن قەيت قىلىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل تەتقىقاتىدا كىتابى دەستۇر بولغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا ياپونىيە خەرىتىسىنىڭ سېزىلىشى ۋە يەر شارى مىقياسىدا تۇنجى قېتىم خەرىتىگە چۈشۈرۈلۈپ «جابىرقا» دەپ ئىسىم قويۇلىشىمۇ مېنىڭچە تاسادىپىيلىق بولمىسا كېرەك دەپ قارايمەن.

   ياپونلار خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يىپەك يولى تەتقىقاتىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ياپونىيە كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنۋېرستىتلاردا، شۇنداقلا ياپونىيەدە كەڭ-كۆلەمدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىلىپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان بۇنداق قىزغىنلىقلار مېنىڭچە ئاساسسىز بولمىسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

قان تىپى جەھەتتىنمۇ تەتقىق قىلغاندا ئارىيانلار شۇنداقلا نېمىسلار، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ A قان تىپىغا كىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ھازىرقى زامان ئارىيان شۇناس ئالىملار ئارىيانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ئورتاق بولغان مۇنداق بىر پىكىرگە كەلدى. يەنى «ئارىيانلار ھونلار بىلەن بىردۇر، تۈركلەر ھونلارنىڭ قېرىندىشىدۇر» دېگەن يەكۈننى فورمۇلالاشتۇرۇپ مۇنداق تەڭلىمە چىقاردى:
ئارىيان  ھون  تۈرك  ئۇيغۇر ئەمدى مەن ئۈزۈمنىڭ يۇقىرىدىكى بىر قاتار ئىسپاتلارغا ئاساسەن بۇ تەڭلىمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بوش قالغان ئورۇنغا ياپونلارنى قۇيۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم. يەنى:
ئارىيان = ھون = تۈرك = ئۇيغۇر = ياپون

ئەگەر پۇرسەت بولسا بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرىقى تەڭلىمىنىڭ بوش ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن.

ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ «بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. كىتاب «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» تەرىپىدىن 2001- يىلى 2- ئايدا نەشىر قىلىنغان.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
48305
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 19:47:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى ،چۈشىنىشلىك قىلىپ يىزىلغان تارىخكەن.

مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن . خارەكتىر جەھەتتىن ياپونلار بىلەن يىقىنكەنمىز،خىتايلارغا باققاندا.

UID
39347
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
32
تىزىملاتقان
2012-6-9
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 20:00:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق    كەڭ  جەھەتتىكى  ماتىرىياللار    بولسا كۆپرەك  يوللاپ   تۇرشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن

UID
29307
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 21:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسمۇيا!!!!چاقچاقمۇبۇ؟؟

UID
29307
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 21:39:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسمۇيا!!!!چاقچاقمۇبۇ؟؟

UID
50606
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
52
تىزىملاتقان
2013-5-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-10
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 23:03:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن راست دەپ بىلىمەن،  ئەڭ قەدىمقى قۇرۇقلۇق «مۇ ئىمپىرىيىسى» توغرىسىدا خەنزۇچە چىقىرىلدىغان سىر ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىلى 2-نەشىرىدە بۇ توغرىسىدا ماقالە يېزىلغان، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2006-يىلى ياكى 2005-يىلىدىكى سانى ئىكلەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ ، بۇ مۇ قۇرۇقلۇقى توغرىسدىكى مەلۇماتلار ماقالە قىلىپ يېزىلغان يەنى تەرجىمىگە بىرلەشتۈرۈپ يېزىلغان، ئېنىق تەپسىلاتى بار ، بۇ ماقالىدە مايا ، مىسىر، ئەرەپ ۋە باشقا مەدىنىيەت ئارقا كۈرۈنۈشلىرى ئېنىق يېزىلغان، بۇنىڭدا يەنە ئۇيغۇر نامى كىلىپ چىققانلىقى توغرىسدا ئېنىق مەلۇمات بار،  بۇ ماقالىدە ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى 18000يىل (ئون سەككىز مىڭ) يىل دەپ  دەلىل ئىسپات ۋە پاكىتلارغا بىرلەشتۈرۈپ يازغان. ئاپتورى بىر خەنزۇ  تارىخشۇناس ،تەرجىمە قىلغۇچىسى ئېسىمدە قالماپتۇ.  ئەگەر قىزىقساڭلار 2004-يىلىدىن 207-يىلىغىچە بولغان شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنى تېپىپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

UID
46475
يازما
124
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
124
تىزىملاتقان
2012-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
94 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 10:28:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق تارىخ توغرىسىدا يىزىلغان يازمىلارنى كۈرۈشكە قىزىقىمەن ،  تارىخ توغرىسىدا بىزنى ئېسىل ئەسەرلەر بىلەن  تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ،  ياخشى كۈنلەرنىڭ تىزرەك كىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن .

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 13:36:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق تۇرۇك قەۋمى بىر ئايىلە دۇر  مەن بارلىق تۇرۇك قەۋمىنىڭ  بىر تۇرۇك دىگەن نامغىلا مۇجەسسەم بۇلشىنى
ئۇمۇت قىلمەن

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-31
توردا
107 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 13:44:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەن تەرەپتە بەكلا كۆپ قۇللىندۇ ،بۇ ئاخۇننى مەسلەن مەترۇزى ئاخۇن ئابدىجىلا ئاخۇن  دىگەندەك كۆپ

UID
48411
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-6
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-2 14:19:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇقسىزدىكى چېغىمدا  مۇئەللىمىمنىڭ  «بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق مۇشۇ كىتابىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ  ، مەندىمۇ قاتتىق ئوقۇپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلغان . ئەمما 2 ئايغىچە كىتابخانىدىن ئىزدەپ تاپالماي، ئاخىرى شەھەرگە كىرىپ ناھايتى تەستە (گەرچە ئوتتۇرسى ئاجراپ،كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ) بۇ كىتابقا ئېرىشكەن ئىدىم. بۇ كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن ، بۇ كىتابنىڭ ھەقىقەتەن ئېسىل كىتاب ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم... بۇ كىتابنى  ھازىرغىچە ناھايتى ئاۋايلاپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن .
ھاجى قۇتلۇق قادىر ئەپەندىنىڭ «بار ئىكەنمەن يادىڭدا دۇنيا» ناملىق بۇ كىتابى  بىر ئوقۇپ بېقىشقا تېگىشلىك ئېسىل كىتاب....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش