- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 31
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 31
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- UID
- 46986
- يازما
- 31
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 31
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- توردا
- 10 سائەت
|
قايسى ئىشلار بىدئەت ئەمەس؟
1.دۇنياۋى ئىشلار ئۈچۈن مەيدانغا چىققان، زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك ئىبادەتكە ۋاسىتە بولىدىغان نەرسىلەر ۋە ئىشلار بىدئەت ئەمەس.
مەسىلەن:
*نامازغا ماشىنا ھەيدەپ بېرىش بىدئەت ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ياكى ساھابىلەر ماشىنا ھەيدەپ نامازغا بارمىغان، دەپ، ماشىنا ھەيدەپ نامازغا بېرىشنى بىدئەت دېيىش ساراڭلىقتۇر. چۈنكى، ماشىنا ھەيدەش ئىبادەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. بەلكى، ئۇ ئىبادەتنى ئورۇنلاشتىكى، قولايلىقلاشتۇرۇشتىكى ۋاسىتىدۇر.
*مىكروفېندا خۇتبە ئوقۇش بىدئەت ئەمەس. چۈنكى، بۇ خاتىبنىڭ ئاۋازىنى باشقىلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن، ئېھتىياج تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان ئىشتۇر.
*ئىسلامدىكى پىرقىلەرنى ئايرىش ئۈچۈن، ئېھتىياج تۈيەلىدىن ئوتتۇرىىغا چىققان ئاتالغۇلار بىدئەت ئەمەس. مەسىلەن، ئەھلى سۈننە- ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي، ھەنبەلى دەپ ئايرىش؛ سەلەفىي دەپ ئايرىشلار بىدئەت ئەمەس.
*كومپيۇتېردا قۇرئان ئوقۇش بىدئەت ئەمەس. چۈنكى، كومپىيۇتېر دۇنياۋى ئىش ئۈچۈن ۋۇجۇدقا چىققان. كومپىيۇتېردا قۇرئان ئوقۇش دۇنياۋى نەرسىنى ئىبادەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئاخىرەتتە بۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرۈشنى كۆزلەشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىراۋ "كومپىيوتېردا قۇرئان ئوقۇشنىڭ ساۋابى قۇرئانغا قاراپ تۇرۇپ ئوقۇشنىڭ ساۋابىدىن چوڭ"دېسە، ئۇ ھالدا بۇ بىدئەت بولىدۇ، باتىل ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ.
*مەسجىدكە گىلەم سېلىش بىدئەت ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مەسجىد گىلەم سېلىقسىز ئىدى. مەسجىدنىڭ تېگى توپا-شېغىل ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە، تۇرمۇش تېخى مەسجىدكە گىلەم سالغۇدەك دەرىجىدە پاراۋانلاشمىغان ئىدى. بۈگۈنكى دەۋردە بۇ جەھەتتە پاراۋانلىق بولدى، شۇڭا مەسجىدكە گىلەم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان سېلىنچىلارنى سېلىش بۈگۈنكى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ قالدى. دېمەك، مەسجىدتىكى سېلىنچا ئىبادەتلەردىكى ۋاسىتە بولۇپ، زۆرۈرىيەت سەۋەبىدىن ئىبادەتلەرگە ۋاسىتە بولغان ئىشلار بىدئەت ھېسابلانمايدۇ. مەسجىدكە سېلىنچا سېلىنمىسىمۇ بولمايدىغان يېرى يوق ئەلۋەتتە.
ۋەھاكازا...
2.ساھابىلەردىن سادىر بولغان ئىشلار بىدئەت ئەمەس.
مەسىلەن:
*قۇرئاننى كىتاب ھالىتىدە بېسىپ تارقىتىش بىدئەت ئەمەس. چۈنكى، بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەۋردە ئەسلى بار ئىش بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇلۇشى، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەشەببۇس قىلىشى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قول تىقىشى بىلەن، شۇنداقلا بارلىق ساھابىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىماستىن، بەلكى بىردەك ئىتتىپاققا كېلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشتۇر. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇرئاننىڭ كىتاب قىلىپ توپلىنىشى، بارلىق ساھابىلەرنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن دۇرۇس چىققان. ساھابە،تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالار ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە بىدئەت ھېسابلانمايدۇ.
*تەراۋىھ نامىزىنى بىدئەت ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يولغا قويغان، ساھابىلەر تەستىقلىغان ئىشتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم»مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى(خۇلافەئى راشىدىنلار)نىڭ سۈننىتىگە ئېسىلىڭلار«دېگەن. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇلافەئى راشىدىنلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، تاراۋىھ نامىزى بارلىق ساھابىلەرنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن دۇرۇس چىققان. ساھابە،تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالار ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە بىدئەت ھېسابلانمايدۇ.
*جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم ئەزان ئوقۇش بىدئەت ئەمەس، بۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىدە، ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇمۇ ساھابىلەرنىڭ ئىتىپاقى بولغان مەسىلە.
*ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇتىدا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت ئەمەس. «چۈنكى بۇ، ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۈننىتىدۇر.»(ئەللامە ئىبىن ئۇسەيمىن«فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام»)
ۋەھاكازا...
|
|