كۆرۈش: 4702|ئىنكاس: 27

نەزىر دېگەن نېمە، ئۇنىڭ ماھىيىتى نېمە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
134
تېما
58
نادىر
0
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2015-4-22
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-30 18:55:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزىر دېگەن نېمە ؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ پايدا - زىيىنى قەيەردىن قەيەرگىچە ؟ بۇ توغرىسىدا تەپسىلى توختۇلىشىمىز لازىم بولىدۇ ، ئەلۋەتتە .

ئاللاھ تائالا نەزىر توغرىسىدا قانداق بولىشىنى بىزلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئاشكارا ماھىيىتى بىلەن بايان قىلىدۇ . يەنى :
ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن قورسىقىمدىكى پەرزەنتىمنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن) ئازاد قىلىنغان ھالدا چوقۇم سېنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم، (بۇ نەزرەمنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن» [35].ئال ئىمران
ئېيتىلغاندەك ، ‹‹ نەزىر ›› چوقۇم قولىدا ئەسلى ئۆزىگە تەئۇللۇق بولغان ۋە تەئەللۇق بولماقچى بولغان ئىشەنچىلىك نېمىتى ئوغلى ياكى قىزىنىڭ كىيىنكى ئەھۋالاتلىرىنى ، ۋە ياكى پۇل – مېلىنى ، ئاش - تامىقىنى ، ۋاقتىنى ، ئەمەل – ئىبادىتىنى ،  ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قانداق بىر تەرەپ قىلسا شۇ جەھەتلىك ئىختىيارى  ئاتىۋېتىش كۆزدە تۇتىلىدۇ . ئەمما بۇ خىل ئاتىۋېتىشلار پەقەت ئاللاھنڭ رىزالىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ئاستىدا بولماستىن ، بەلكى ئۆلۈكلەرنىڭ ، جىن – شەيتانلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئىنساندىن بولغان قېرىندىشى باخشى – داخانلارنىڭ ، تىرىك بولغان زالىملارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاتاش بولغاندا ، بۇ خىل ئاتاش ئىسلامىي نەزىر بولماستىن ،بەلكى ھەققە قارشى ، بىدئەت ۋە ئۆزلىرىگە زىيىنى بار بولغان نەزىر بولۇپ قالغۇسىدۇر . چۈنكى بۇ خىل ئاتاشلار قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىغا ، كەچۈرىمى ۋە مەغپىرىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ ئالاھىدە كۆز قاراپ قويۇشى ، ئۆزىنى ئاسرىشى ۋە قوغدىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان بولغاچقا ، نەزىردە چوقۇم بىردىن بىر مەبۇد ، بىردىن بىر ئىلاھ ، بىردىن بىر ياراتقۇچى ، جىمى شەيئىلەرنى تەسەررۇپ قىلىپ تۇرغۇچى بىردىن بىر پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ھىدايىتىگە يەتمەكلىكنى ئىشتمەك لازىمدۇر . ئەگەر ئۇنداق بولماي ، مەخلۇقاتنىڭ ، زالىملارنىڭ ، روھ – ئەرۋاھلارنىڭ رازىلىقىغا يەتمەكلىك ئۈچۈن قىلىنسا ، بۇ ئىسلامىي نەزىر بولماي بەلكى پايدىسى زىيىنىدىن كۆپ بولغان نەزىر بولغۇسى ! چۈنكى ئاللاھ ئايىتىدە شۇنداق جاكارلايدۇكى :
كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى اﷲ قا مەنسۇپ (ئۇنى اﷲ تىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز اﷲ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (ھەقىقەت ۋە خەيرىلىك ئىشلار ئۈستىدىكىلەرگە قارشى) ھىيلە - مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ [10]. فاتىر
ئېيتىلغاندەك ، ئاللاھ ئەسلى ھەر قانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئىگىسى ، بەرپا قىلغۇچىسى ، مۇلاقات قىلغۇچىسى ۋە بىرلىرىنى يەنە بىرلىرىگە ئۇرۇپ تۇرۇپ بەزى تەقدىرلەرنى كەشىپ قىلغۇچىسى بولغانلىقتىن ، ئەسلى بولغان شاھىنشاھ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتمەكلىكنى تىلىمەك ئەڭ توغرىسى ۋە ئەڭ ئاقىلانىسىدۇر . ھەمدە ئاللاھنىڭلا رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر بىر ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرىۋېتىش ئەڭ ئاقىلانىلىق نوقتىدۇر . ئەمما ، كۆپىنچە كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتلىك ئېتىقادى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا نەپسىنىڭ قاندۇرىلىشىغا ئەگىشىپ ھېچ ۋاستە تاللىماستىن باشقىلارغا ئارقى ئىشىك ، پارا بېرىش ۋە ئالاھىدە سۇرۇن تۈزەش .... دېگەندەك ئۆز يېنىدىكى نەرسىلەرنى شۇلارنىڭ مەمنۇن بولىشى ۋە ئۇلارنىڭ رازى بولىشى ۋە ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغۇسىدۇر .
مۆئمىنلەر بولسا ھەمىشە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇلارغا قايسى بىر ئىشلارنى تەقدىر قىلمىسۇن ، ئۇلار ھەمىشە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئەمەللەر ئۈستىدە بولغۇسىدۇر . شۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا دۇچ كېلىدىغان قىسمەتلىرى باشقا خىل كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ .بۇ خىل كىشىلەر ئاللاھىنىڭ ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان شەيئىلەرنى ئۆزلىرىگە نېسىپ قىلىپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ۋە زىيانلىق نەرسىلەرنى ئۆزىدىن دەپئىي قىلىۋېتىپ ئۇنىڭدىن يېتىدىغان زىيان – زەخمەتلەردىن ساقلىنىشنى تىلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ، ئۇلارغا بىرەر نەرسىلەر تاللىشىغا قارىتا ئۇدۇل قىلىنمىسۇن ، شۇ نەرسىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆزلىرىگە زىيانلىق يېتىدىغان بولسا ئۇنى ئۆزىدىن دەپئىي قىلىۋېتىشىنى ، ئەمما پايدىلىق بولغا نېسىپ قىلىپ بېرىشىنى تىلىگۈسىدۇر . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى شۇنىڭدەك تىلەكلەردە ئاللاھنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قويىۋەتكەنلىكتىن ، نېمىلەر ئاسانلاشتۇرۇلسا شۇنىڭغا مېڭىش ، نېمىلەر تەسلەشكەن بولسا ۋە ھارامنى تەمە قىلغان بولسا ، ئۇنىڭدىن يېنىش بىلەن ‹‹ ئەسلى ئاللاھ بۇنى ماڭا ئىرادە قىلمىغان ئىكەن ›› دەپ چۈشىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۆئمىنلەرگە قارىتا ئاللاھ شۇنداق ئېيتىدۇ :
«پەرۋەردىگارىمىز اﷲ دۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر [13]. ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، (بۇ) ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر [14].ئەھقاف
ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ۋە ئېتىقادى سەۋەبتىن ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى جەننەتنىڭ يولىغا يېتەكلەنگەن ۋە توغرا يولدا بولغانلاردۇر . ئەنە شۇلارغا خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ . شۇنىڭدەك ، ئاللاھ شۇ خىل كىشىلەرنى باشقىلارغا مىللەتداش ، قېرىنداش ، دىنداش ، قوشنا – خۇلۇم .... قىلىشلار بىلەن باشقىلارغا مەدەت بېرىدۇ . پىكىر قىلىدىغانلارغا تەقدىرنىڭ ھەر بىر كىشىنىڭ نېمىلەرنى تىلىگەنلىكلىرىگە قارىتا بولىدىغانلىق توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەنە شۇ بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى دىنغا ۋە ھەقىقەت ئىسلامغا ۋە ئۇنىڭ ئەقىدە – ئېتىقاد بولغان ئەھكاملىرىغا يېتەكلەشنى تىلەيدۇ . ئەمما ، ئۆزلىرىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلغۇچىلارلا بۇ خىل تىلەشلەرنى ، باشقىلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا تەرك ئېتىش بىلەن نادامەتكە يول ئالىدۇ .

مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، ( ئەگەر چۈشەنسەڭلەر ) سىلەر پەقەت اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير - ئېھسان قىلىسىلەر (يەنى خەير - ئېھسانىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار)، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلارنىڭ ساۋابى كېمەيتىلمەيدۇ) [272]. بەقەر
ئاللاھ ئۈستىدىكى ئايىتىدە ئېيتقاندەك ، ‹‹ ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ ›› دەپ ئېيتىش بىلەن ، كىشىلەرنى ئۆز رەببىگە دۇئا قىلدۇرۇپ ئەمەللىرىنىڭ مەقبۇل قىلىنىشىنى تىلەشنى ، ھەمدە ككپىنچە كىشىلەرنىڭ قەيەردىلا بولمىسۇن دۇئادا ئاللاھقا يۈزلىنىش قىلالمايدىغانلىقتەك ھالىنى بىلگەچكە ، ئاللاھقا قىلغان دۇئاسىنىڭ كۈچىيىپ ئۆرلىشى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ . ھەمدە بۇ ئايىتىنىڭ داۋامىغا ئۇلاپلا قايى خىل كىشىلەرگە قىلىنغان خەيرى – ئېھساننىڭ ساۋابىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ :
ئۆزىنى اﷲ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير - ئېھسان قىلىنىشى كېرەك. ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير - ئېھسان قىلماڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر [273].بەقەر
ئېيتىلغاندەك ، بىز باشقىلار ئۈچۈن ئىشتقان دۇئاغا ئەمەس ، بەلكى ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ دۇئايىنىڭ مەقبۇل بولىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇمكى ، ئاللاھ ساۋابى كۆپ بولغانكى كۆرسەتمە بەرگەنكى ئىشلارغا ، ئورۇنلارغا كۆپرەك تۇتۇش قىلىقىمىز لازىمدۇر . چۈنكى ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى ئۈچۈن چوقۇمكى كۈچلۈك قۇۋۋەت ، ئېنىرگىيەگە مۇھتاج بولىدۇ . ئەمما قارشى تەرەپ شۇ خىل ئەسلى بولغان تېگىشلىك رەۋىشتە ئېنىرگىيەگە ئىگە بولالمىسا ، ئايرۇپىلاننىڭ بېلىزىن ئارقىلىق كۆتۈرۈلەلمىگىنىگە ئوخشاشلا ئەسلى تېگىشلىك بولغان ئارزۇ – ئۈمىدلىرىدىن يېتەلمەي ئۈزۈلگۈسىدۇر . بىر ساھابە رەسۇللاھدىن ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ تېگىشلىك كىشىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا سورالغاندا ، ‹‹ ئاناڭ ›› دېگەن . ‹‹ ئاندىن قالسىچۇ ›› دېگەندە ، يەنە ‹‹ ئاناڭ ›› دېگەن . يەنە ‹‹ ئاندىن قالسىچۇ ›› دېگەندە ، يەنە ‹‹ ئاناڭ ›› دېگەن . ھېلىقى ساۋابە توختىماي بۇ نۆۋەتتىمۇ ‹‹ ئاندىن قالسىچۇ ›› دېگەندە ئاندىن ‹‹ ئاتاڭ ›› دەپ كۆرسەتمە بەرگەن .  بۇنىڭدىن ، ئەڭ ئاۋۋال ئانىغا ، ئانا بىھاجەت بولسا ئانىنىڭ مۇسۇلمان تۇغقانلىرىدىكى يېتىم – يېسىرلارغا ۋە ئاجىز – ئورۇقلارغا ، ئاندىن ئاتىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ئارىسىغا قارشى كېرەكلىكىنى كۆرۈپ ئالالايمىز .ئەلۋەتتە ، ھاجەتسىز يېقىنلارغا بېرىلگەن خەير – ئېھساندىن ھەقىقىي مۇھتاج بولغان دىنىي قېرىنداشلارغا ياكى دىنغا مايىل قىلىنىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا بېرىلگىنى ئەڭ ئەۋزەلدۇر . رەسۇللاھدىن سەدىقىنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقى سورالغاندا ، ئۇ ‹‹ ئېھتىياجىڭدىن ئاشقىنىنى ›› دېگەن . شۇنىڭدەك، ئېھتىياجىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى ئاتىغاندا ھەقىقىي مېھنەت بىلەن ۋە چىن خالىس بىلەن ئوڭ قولى بەرگەننى  سول قولى تۇنىمىغان ھالەتتە بولغۇسىدۇر – ھەقىقىي رازىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغۇسىدۇر .
چۈنكى ئاللاھ شۇنداق دېگەن :
...........كىمكى ( نېمىلەرنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ) ياخشى ئىش قىلسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ (197)بەقەر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << كىمكى ئاللاھ تائالا يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى جابدۇتسا ، ئۇنىڭغىمۇ جىھاد قىلغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ ..... >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بىرەر ھاجەتمەن كەلسە ، ئۇ بىللە ئولتۇرغان كىشىلەرگە قاراپ : << شاپائەت قىلىڭلار ، ساۋاب تاپىسىلەر ، ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ تىلى بىلەن ئۆزى ياقتۇرغاننى ھۆكۈم قىلدۇرىدۇ >> دەيتتى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << كىشىلەرگە رەھىم قىلمايدىغان ئادەمگە ئاللاھ تائالامۇ رەھىم قىلمايدۇ >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << مۆئمىن مۆئمىن ئۈچۈن بۆلەكلىرى بىر - بىرىنى چىڭىتىپ تۇرغان بىناغا ئوخشايدۇ >> دەپ بارماقلىرىنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتتى .  بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << مۇسۇلمانلار ئۆز ئارا قېرىنداش ، بىر - بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە بىر - بىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ . كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقسا ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ . كىمكى مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرىۋەتسە ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرىۋېتىدۇ . ..... >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .
يەنە ئاللاھ تائالا ھەر تەرەپلىمىلىك ياخشىلىق قىلىشقا ئۈندەپ شۇنداق دەيدۇ :
كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بولىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بولىدۇ،.............. ( 32 ) مائىد

ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز [114].نىسا
بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈپ ئالىمىزكى ، بىر كىشىنىڭ تىرىكلىكى پەقەت قورسىقىنىڭ تۇيىشى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ئەڭ ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ توغرا بولىشى ۋە دىنىي قىممىتى پاكلىنىشى ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىنسان ۋە مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى تونۇشتا بولالىشىغا قارىتا ئەجىر قىلىشقا قارىتا چىقارغان ‹‹ ئاتا ، ئاتىغان ›› لىرى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە . بىر بەندىنىڭ تەقۋادار بولىشى ۋە شۇ خىل ماھىيىتىنى تاكى سەكراتقا ئېلىپ بېرىشى پەقەت ئۆزىنىڭلا تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ، ئۇنىڭ شۇ تەرىپىگە قارىتا ھەر جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ، ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھاللاردا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر بىلەن ئورتاقتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇمكى نېمىلەرنىڭ قايسى ۋاقىتتا كىملەرگە قانچىلىك قىممىتى بارلىقىغا قارىتا ئىش كۆرۈش ، دەل ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋابنى ئاشۇرىدۇ . ئۇنداق بولماي شۇنچە كۈچىسىمۇ گۇمراھلىقنى ۋە غاپىللىقنى تىلەش بىلەن تىرىلىشنى خالىمايدىغانلارغا قانچە خەير – ئېھسان قىلىش بولسا ، ئەمەللەر بىھۇدىلىكتە ئىسراپ بولۇپ كەتكۈسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن نەزىر دەپ ئاتالغان پۇللار ۋە باشقا يېمەك – ئىچمەكلەر چوقۇم تېگىشلىك قىممىتىنى تېپىش كېرەكتۇر .
ئەلۋەتتە ، نەزىرگە ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى يېمەك – ئىچمەككە ئاجىرتىشنى يامان كۆرگەن ۋە باشقىلارغا يامان كۆرسۈتۈپ ئۇنى ھارام بىلگەنلەر ، ھەقىقەتتە زالىمدۇر . چۈنكى بىر كىشى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسا ، ياكى بىر جامائەتنى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى ياكى دوستلىرىنى يىغىشنى ئۈمىد قىلغان بولسا ، ئەلۋەتتە ئۇ مەقسەت قىلغىنىنى ئورۇنلىسۇن . ئەمما كىشىلەرنى چاقىرغان ئىكەن ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە تېگىشلىك ۋاقتىغا بىنائەن تاماق ، يەل – يېمىش ۋە باشقا نەرسىلەردىن داستىرخان ئۈستىگە تارتىشى زۆرۈردۇر .
بۇنىڭدەك يىغىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىر دەپ ئاتىمىسىمۇ ، ئۇنى ئىچىدە بىلىپ ئەمەلىنى خالىس قىلسىلا ، ئەنە شۇ يەنىلا نەزىر بولىۋەرگۈسىدۇر . بۇ خىل يىغىلىقتا كۆپ بولسا جامائەتلەر  ، قېرىنداشلار ياكى دوستلار ئارا يىغىلىشلار ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ۋە بەزىلىرىدە ئاداۋەت بولۇپ قېلىشلار سەۋەبلىك ئارلىق سەل سۇسلىشىپ قالغۇسىدۇر . بۇلارنىڭ ئارىسىنى چىڭىتىش ھەم كۆزدە تۇتۇلغۇسىدۇر . بۇ خىل يىغىلىقنى تېخىمۇ چوڭراق قىلىش ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك مۇساپىرلار ۋە يۇرتىدىكى قىسىنچىلىقلار سەۋەبلىك يۇرتىدىن دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ھىجرەت قىلىپ چىققانلار ..... بىرەر مەسجىدتە كۆپرەك بولغان بولسا ، ئىرادە قىلغان نەزىرىنى ئىقتىسادىغا قاراپ شۇ يەردىلا ياكى شۇ يەرگە يېقىن يىغىنچىلىقتا ياكى ئۆيىدە قىلىش بىلەن  سەل چوڭراق قىلسىمۇ ياخشىدۇر . شۇ خىل يىغىلىقلارغا نۇرغۇنلىغان خەيرىيەتلەر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ . چۈنكى بىر يۇرتتىكى قارىي – قۇرئانلارنى ، ۋە باشقا جامائەتچىلىكلەرنى يىغىشمۇ ، شۇ يىغىلىقنىڭ دىنىي ماھىيىتىنى ئۈستۈن كۆتۈرىدۇ ۋە شۇ يۇرتنىڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تىلىگەن بولىدۇ . قورسىقى ئاچلار قورسىقىنى تويدۇرىدۇ . بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك جامائەتچىلىكتىن قېلىپ قېلىۋاتقان ، ئەمما جامائەتچىلىككە بولغان مۇھەببىتى بارلارنىڭ مەنىۋىيىتى قاندۇرىلىدۇ . شۇ ئارقىلىق ھەم دىنىي قىممىتى بىر ئاز يۈكسىلىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار ئارا بىر – بىرىگە بولغان مۇھەببىتى كۈچىيىشىگە ھەم پايدىسى بار . شۇنىڭ ئۈچۈن نەزىرنى بۇ خىل يىغىلىقلارغا ئاتاشنىڭمۇ تېگىشلىك خەيرىيەتلىك تەرىپى باردۇر .
ئەلۋەتتە ، ھەر كىشىنىڭ دۇچ كېلىدىغان ساۋابلىق ئىشلارغا قارىتا ئوخشاشماسلىقلار مەۋجۇتتۇر . بەزىلەر مەكتەپ قۇرۇلىشىدىكى بەزى نوقساننى كۆرىدۇ . يەنە بەزىلەر شۇ مەكتەپتىكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنى كۆرىدۇ – يەنى مۇلاقات قىلىنىدۇ . يەنە بەزىلەر بىرەر مەھەللىنىڭ يولىنىڭ ئەسكىرەپ كەتكەنلىكىنى ، سۈيىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ، ئاللاھنىڭ ئۆيىدىن ئىبارەت مەسجىدنىڭ قىش كۈنلىرى سوغۇق ، ئىنسانلارنىڭ ئۆيىدىن بېزىلىشتە تۆۋەن ئورۇندا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ ( ئىنساننىڭ ئۆيىنىڭ مەسجىدتىن ئالاھىدە بولۇپ كېتىشى شۇ كىشىنىڭ قەلبىنىڭ قېتىشىغا سەۋەب بولىدۇ . بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ ھەم ساۋابلىق ئىشلارنىڭ بۆيۈكلىرىدىندۇر ) . بەزىلەر ياكى شۇ مەسجىدنىڭ جامائەتلىرى ئوقۇيدىغان قۇرئان كەرىم ۋە باشقا پايدىلىق ھەدىس ۋە تەرجىمە كىتابلارنىڭ يوقلىقىنى كۆرىدۇ . يەنە بەزىلەر بولسا جەمەتى ئارىسىدىن ياكى مەھەللىسىدىن بەزىلەرنىڭ ئۆيلىنەلمەي قالغانلىقىنى ياكى بىرەر ياخشى تۇرمۇشقا چىققۇدەك ئېھتىياجىنىڭ يوقلىقىنى كۆرىدۇ . يەنە بەزىلەر دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردە سىلجىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ مەلۇم ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىكىدىن توختاپ قالغانلىقلىرىنى كۆرىدۇ ......... ھەممە مانا بۇ بۈگۈنىمىزدىكى پەقەت ۋە پەقەت ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولىنىۋاتقان ۋە ساۋابلىق ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپلىكىدىن كىشىلەرنىڭ شۈكرى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا كۇفرانە نېمەت قىلىپ بايلىقىنى نەدىكى ئۆيىنى زىيادە بېزەش ، قىممەت باھالىق ماشىنىلارنى ئېلىش ( ئەگەر يۇرتتا پەتىۋا بېرىش ھوقۇقى مەندە بولغان بولسا ، باھاسى ئىككى يۈز مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن ماشىنا ئالغانلارغا ، شۇ قىممەتنىڭ ئۈستىدىكى باھاسىغا قارىتا زاكات بېرىشىنى ئېيتاتتىم . كۆپىنچە كىشىلەر چوقۇم زاكات بېرىشتىن قورقۇپلا مىلىيۇنلاپ باھالىق ماشىنىنى ئېلىۋېلىشى مۇمكىن ) ، خوتۇننى كۆپەيتىش ( راستىنى دېسەم ، شەھۋەت ئۈچۈن خوتۇن ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلار پەقەت ۋە پەقەت ئۆمۈر بويى باللىرى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ پوق – سۈيدىكىنى ئادالاپلا ئۆتۈپ كەتسە ياخشىمىكىن دەيمەن . تېخى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى كۆپەيتىمىز دەپ قويىدىكەن . شەھۋەت ئۈستىدە تۇغۇلغان باللا قانداقمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە لايىق كېلەلىسۇن ؟ چوقۇمكى ئەۋلات ، ئىبادەت ئۈستىدە ھەم تەقۋالىق ئۈستىدە تېپىلىشى كېرەك . شۇنچە ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدە خوتۇنلىرىنىڭ رازىلىقىنى تىلەش ئۈچۈن ، خوتۇنلىرىنىڭ بىر – بىرلىرىگە بىڭسى قىلىشىپ چوڭچىلىق قىلىشلىرىنىڭ قۇربانىغا قېلىۋاتقانلىقلىرىدىن غەپلەتتە يۈرىۋاتقانلار تولا بىزدە ) ، يەنە بىرمۇنچە بەدخەجلىك قىلىش بىلەن كۆڭلى ئارام تاپىدىغان كىشىلرىمىز نۇرغۇنكى ، ئاخىرەت ئۈچۈن ۋە مۇشۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن خەيرىيىتى كۆپ بولغان ئىشلارغا كۈچ چىقىرىدىغان ئىشلارغا غودۇرايدىغان . ئەمما كۇفرىلىقلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ياكى خوتۇن – بالىلىرى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسا ، ساقىيىش ئۈچۈن قوش – قوللاپ تۇرۇپ دوختۇرغا تۇتقۇزىدىغانلار . بۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلايدىغىنىمىز شۇكى ، ھېلىما پىلىمىز بار ئىكەنتۇق . بولمىسا قانداق قىلارمىزتۇق ؟!  ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايىتىگە قارشى ئېتىقادتا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشمايدۇ .
(ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) اﷲ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر......( 79 ) نىسا
ھەتتا شۇ ئاقىۋەتكە قېلىشلىرىغا ئىلگىركى كۇفرىلىرى سەۋەب بولغانلىقلىرىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل سەرىپ قىلىشنى ئىبادەت ، ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىرى – قىسمەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ . ئۇلار شۇنىڭغا رازىكى :
ئۇ كۈندە ئۇ ئالتۇن - كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى اﷲ نىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن - كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ [35].تەۋبە

دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [1] ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر [2ـ3]، شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ئوقۇيدۇ [4ـ5]. نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ [6]. ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ [7].مائۇن

كىمكى (كىشىلەر ئارىسىدا) ياخشى (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى ياخشى ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ؛ كىمكى بىر يامان (ئىش ئۈچۈن) شاپائەت قىلسا، ئۇنىڭدىن (يەنى يامان ئىشتىن) ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. اﷲ ھەممە ئىشقا قادىردۇر [85].نىسا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << تۇل خوتۇنلارغا ۋە مىسكىنلەرگە خەيرى - ئېھسان قىلغۇچىغا ئاللاھ تائالانىڭ يولدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ياكى كېچىسى ئىبادەت قىلىپ ، كۈندۈزى روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابى بولىدۇ >> دېگەن . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئىد ئىبنى ئۇبادە نىڭكىگە كەلدى . ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا نان ۋە زەيتۇن مېيى كەلتۈردى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن يېدى ، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << روزا تۇتقۇچىلار سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلاردا ئىپتار قىلدى ، تامىقىڭلارنى ياخشىلار يېدى ، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلدى >> دېدى .   ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان .

تىرمىزىنىڭ رىۋايىتدە : كىمكى روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرسا روزا تۇتقۇچىنىڭ ساۋابىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا بېرىلگەن ساۋابقا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىدۇ >> دېيىلگەن .
مانا بۇ شاپائەتنىڭ قىممىتى ۋە مېھنىتىنىڭ نەتىجىسى . ھالبۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بىزلەرنڭ پۇل مېلىمىزنى ئىسراپ قىلىپ بۇزۇپ - چېچىۋېتىشىمىزدىن نارازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەمما بىزلەرنىڭ كۆپچىلىكىمىز بۇ خىل ئىبادىي ئەمەللەردىن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن غەپلەتتە ئۆتمەكتىمىز .شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ خىل تاماق بەرگەنكى خەيرىيەتلەر ئۈستىدە ئازرق توختىلىمىز . چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر نەزىر دېگەن يېتىم يېسىرنىڭ دەپلا ، توقلارغا بىردەك ھارام قىلىۋالىدۇ دە ، مۇشىنىڭدەك ئىپتارلىقتىكى نەزىرلەرنى يەپ قېلىۋاتقانلىقلىرىنى ھىس قىلالماي قالىدۇ . كىشى ئاۋۋال ھارام دەپ ئېتىقاد قىلغاندىن كىيىن ئۇ خىل تائامنى يىسە ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقىدىسى نېمە بولىدۇ ؟ ياكى بىرەر قۇدۇق نەزىرگە ئاتالغان بولۇپ ، ئۇنى باي ھالەتتە ياكى بەك مۇھتاج ئەمەس تۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ، ئۇ ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭ ئەقىدىسى نېمە بولىدۇ ؟ شۇڭا ھەر كىشى نەزىرنى توغرا چۈشىنىشى ۋە توغرا ئىستىمال قىلىشى زۆرۈردۇر . ئاللاھ تائالا تەقۋادار بولماسلىققا قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن ، ئۆزىنىڭ تەقۋالىققا خاس شەكىللەندۈرۈپ بېرىدىغان نېمەتلەردىن توسقۇنلۇق قىلىپ قويىشىنى چەكلىگەن . شۇڭا كىشى ئۆزىگە بىر نەرسىنى ھارام قىلىۋېلىپ ، شۇ جەھەتتىن بەزى ئىشلارنىڭ تەقدىرىدە ئوڭۇشلۇق يۈز بەرمىگەنلىرىدىن ئاغرىنسا ، ئۇ ۋاقىتتا تەقدىرگە ئىشىنىشتىن ۋە ئۇنىڭغا چىن بويسۇنۇپ يەنىمۇ داۋاملىق تەقۋادار بولۇشتىن توسۇلۇشتا بولۇپ قالىدۇ . ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا ھەقىقىي ئىشىنىشتە بولالماي قالىدۇ . ئاللاھنىڭ بىزلەرگە قانداق تەقدىر يارىتىش – ياراتماسلىقى دەل بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بىلەن باغلىقتۇر .
سەدىقىنىڭ ماھىيىتى خۇددى ئايالىمىز ئەتكەن تاماق ئېشىپ قالغان بولسا ، بۇنى ئىسراپ بولۇپ كەتمىسۇن دەپ خوشنىلىرىغا ئەچىقىپ بەرسە ، ياكى بىرەر نەرسىنى بېرىشكە قىستىلىنىپ قالسا ھەمدە ئۇنى بەرسە ، بۇ سەدىقە بولىدۇ .
ئەگەر تاماق ئېتىشتىن ئىلگىرى خوشنىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ، تاماقنى كۆپرەك ئېتىشنى مەقسەت قىلىپ بىر قاچا ئەچىقىپ بەرسىڭىز ، بۇ ھالدا بۇ سىلە – رەھىم بولىدۇ .
نەزىر توغرىسىدا ئېيتىلغاندەك ، نەزىرنىڭ تامىقى ئالاھىدە كۆڭۈلدىن مېھنەت بىلەن چىقىرىپ بەرگەنكى خۇسۇسىيەتتە تەييارلانغان بولىدۇ . بۇ خىل ئاتالغان نېمەتلەرگە قارىتا قايسى ئىش ئىگىسى ( يەنى شۇ سۇرۇننى تۈزگۈچى ) ، ئىچىدە بولسىمۇ نارازىلىقتا مىننەت قىلىپ غودۇرايدىكەن ، ئۇ دىنسىز ۋە ئاغزىدىكى نەزىر دېگەنكى ئاتىقىغا ئاسىيدۇر . چۈنكى كۆڭلىدە ئازراق بولسىمۇ نارازىلىق بولغانلىق ، ھەتتا سەدىقىگىمۇ كىرمەيدۇ . ئۇنداق ئادەمنىڭ بۇنچە چوڭ سۆزنى قىلىۋېلىشى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ ۋە ئەقلى ھۇشى جايىدا مېھمانغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ .
بىر مىللەتتە قانچىكى نەزىر بېرىدىغانلار كۆپ بولسا ، شۇ مىللەتنىڭ ئەتىسى شۇنچە تىز تەرەققىي قىلىدۇ ۋە ھەر جەھەتتىن يۈكسىلىشتە بولىدۇ .چۈنكى بۇلار دىنىي جەھەتتىن نەرىز بەرگۈچىلەر دەپ ئاتىلىدۇ . ئەمما مىللەت ئۇقۇمىدا خەيرى – ساخاۋەتچىلەر دېيىلىدۇ . ئەمما بۇلار چوقۇم توغرا يولىدا ، توغرا جايىدا مەبلەغلىرىنى ، كۈچلىرىنى چىقىرىشى كېرەكتۇر ۋە خالىس ئىش – ھەركەتلەردە بولمىقى لازىمدۇر .
يەنە بىر جەھەتتىن كىشىلەرگە نەزىر ئاتىقى بىلەن كۆپ كىشىلەرگە تائام بەرگەنلەر سەمىگە شۇنى سالىمىزكى ، سىلەرنىڭمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردا نۇرغۇنلىغان خەيرىيەتلەر بار . چۈنكى بىر مۆئمىن بىر بۆلۈك سۈپەتلەرگە ئىگە بولالمىسا ، ئۇنىڭ مۆئمىن بولۇش ئويى خىيالىۋى بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى مۆئمىن مۇنداق بولىشى كېرەك ، ئانداق بولىشى كېرەك دەپ نەزىيىۋى شۇئار توۋلايدىغانلارنىڭ روھىيىتى دىنغا ھەقىقىي باغلانمىغان . ئۇلار ھەم قانداق يول تۇتسا ئاندىن دىنى قۇۋۋەتكە كېلىدىغانلىقلىرىنى ۋە تېخىمۇ يۈكسىلىدىغانلىقىنى بىلىشمەيدۇ ۋە بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ . چۈنكى ئۇلار ئەقىدىسىدە ھارام قىلىۋەتكەن يولغا ماڭمايدۇ ئەمەسمۇ . شۇڭا ئىنساننىڭ روھىيىتى دىنغا باغلىنىش ئۈچۈن چوقۇم دىنىي مۇراسىملارغا قاتنىشىشى ۋە سۇرۇننىڭ ئالاھىدە دىنىي قىممىتىنى كۈچەيتىشى ۋە شۇ خىل مەۋقەدە روھىيىتى زىلزىلىگە كېلىشى كېرەك .
ھەمدە نۇرغۇنلىغان زىيالىيلار بار ۋە ئۇنىڭ بالا – چاقىلىرى بار . ئۇلار دىنىي ماھىيەتتىن بەكلا سۇس . ئۇلار گەرچە نەچچە يۈزمىڭ سومنىڭ ۋە مىلىيۇننىڭ ئىگىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ چوقۇمكى دىنىي مۇراسىملارغا قەتئىيلىكتە مۇھتاجدۇر . ئۇلار دىنغا بولغان روھىيەتلىك مەنىۋىيەتلەردىن يېتىم – يېسىردۇر . گەرچە ئۇلار تاماقنى بەك يەپ كەتمىسىمۇ ، چوقۇم جامائەتنىڭ ئارىسىدا بولىشى لازىمدۇر . ئۇلار ئاستا – ئاستا جامائەتچىلىككە چۆكمىسە ، قاچان ئۇلارنىڭ دىنى يۈكسىلىپ ئىسلامغا مۇشەررەپ بولالايدۇ ؟ ئۆلگەندىما ؟ جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆئمىندە بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ تېخى روياپقا چىقمىغانلىقىنى بايقايمىز . يەنى :

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ : سالامنى ئىلىك ئېلىش ، كېسەلنى يوقلاش ، جىنازىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىش ، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرگەن كىشى ئەلھەمدۇلىللاھ ( جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر ) دېسە ، يەرھەمۇكەللا ( ئاللاھ تائالا ساڭا رەھمەت قىلسۇن ) دېيىش >>

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن : << مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ئالتە تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ : ئۇچىراشساڭ سالام بەرگىن ، چاقىرغان يەرگە بارغىن ، ئەگەر سەندىن نەسىھەت تەلەپ قىلسا ، نەسىھەت قىلىپ قويغىن ، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇلىللاھ دېسە ، يەرھەمۇكەللاھ دەپ جاۋاپ قايتۇرغىن ، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلىغىن ، ئۆلۈپ كەتسە جىنازىسىغا ئەگەشكىن >> دېيىلگەن .
يەنە بۇنىڭدەك ئەھلى مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتكە ئالاقىدار ئىشلار نۇرغۇن . ئەمما مۇسۇلماندارچىلىق ئاستا – ئاستا دەپ ، نۇرغۇنلىغان دىنىي جەھەتتىن سۇس كىشىلەر يىغىلىقلارغا مۇھتاج . ئەمما يىغىلىقلاردا شۇ خىل كىشىلەرنىڭ چاقىرىلمىغىنى ئەڭ يامان يىغىلىقتۇركى ، ئۇلارنى نامرات ، ئاجىز كۆرۈش بىلەن ئۇلارنى يامان ، پەس كۆرۈشتىن ئىبارەت . رەسۇللاھ شۇندا كۆزدىكى بىرىگە ئەمەلىي دەرس بېرىپ شۇنداق رىۋايەت كەلگەن :
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتتى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىدا تۇرغان ئادەمگە : << بۇ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەمگە قانداق قارايسەن ؟ >> دەپ سورىدى . ئۇ : << بۇ بىر ئېسىلزادە ئادەم . ئاللاھ تائالاغا قەسەم قىلىمەنكى ، ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا ، ئەلۋەتتە خوتۇن ئالالايدۇ ، ئەگەر شاپائەت قىلسا ، ئەلۋەتتە شاپائىتى قۇبۇل قىلىنىدۇ >> دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقۇرقى گەپنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلدى . ئۇنىڭغىچە ئۇنىڭ ئالدىدىن يەنە بىر ئادەم ئۆتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى يېنىدا ئولتۇرغان ئادەمدىن : << بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن ؟ >> دەپ سورىۋېدى ، ئۇ : << ئى رەسۇللاھ ! بۇ مۇسۇلمانلاردىن بىر پېقىر ئادەم . ئەگەر ئۇ ئۆيلەنمەكچى بولسا ، ئەلۋەتتە خوتۇن ئالالمايدۇ . ئەگەر شاپائەت قىلسا ، ئەلۋەتتە شاپائىتى قۇبۇل قىلىنمايدۇ . ئەگەر سۆزلىسە ، ئەلۋەتتە باشقىلار ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ >> دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << بۇ پېقىر ئادەم ھېلىقىدەك سان - ساناقسىز ئېسىلزادە ئادەمدىن ياخشى >> دېدى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلىنغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : مەن سىلەرگە ئەھلى جەننەتنى دەپ بېرەيمۇ ؟ ئۇلار ئاجىز ، بوزەك كىشىلەردۇر . ئەگەر ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مەرھەمىتىنى ئۈمىد قىلىپ قەسەم قىلسا ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دېگىنىنى بېرىدۇ . مەن سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنى دەپ بېرەيمۇ ؟ ئۇلار قوپال ، كۆرەڭلەپ ماڭىدىغان ، ھاكاۋۇر كىشىلەردۇر >> بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

ئۇلار ( يەنى نام – ئاتاقنى ، ھەمدە كىشىلەر ئارىسىدا مەنمەنچىلىك قىلماقنى مەقسەت قىلىدىغانلارنىڭ ) نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر ( يەنى ئاللاھ ئۇنداقلارنىڭ سۇرۇنىدا ياخشىلىقنى ئىرادە قىلمايدۇ ). پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى اﷲ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز [114].نىسا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : { كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۇلۇغلىسا ، بۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر ( 30 ) ھەج

كىمكى دىنىي ئىشلارنى ئۇلۇغلايدىكەن ، بۇ دىللارنىڭ تەقۋادارلىقىدۇر ( 32 ) ھەج

يەنە بەزى ياخشى سۇرۇنلار باركى :
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << بىر قەۋم مەسجىدلەردىن بىرىگە يىغىلىپ ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشسا ۋە قۇرئان ئۈستىدە توختۇلۇپ ، ئۇنى ئۆز ئارا ئۆگەنسە ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا خاتىرجەملىك بېغىشلايدۇ . ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئورايدۇ ، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ ئەتىراپىغا جەم بولىدۇ . ئاللاھ تائالا ئۆز ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەرگە ئۇلاردىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ >>
ئەلۋەتتە بۇنىڭدەك يىغىلىق پەقەت پەقەت مەسجىدلەردىلا بولماستىن بەلكى ئۆيلەردىمۇ بولغۇسىدۇر . ھەر قانداق يىغىلىق گۇپپاڭچىلار بىلەن تولغان ياكى شۇنداقراق پاراڭلار بىلەن دىنىي مۇھىيىتى بوغۇزلانغان بولسا ، بۇنىڭدەك يىغىلىقنىو پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدۇ . چۈنكى دىنىي سۇرۇندا گۇپپاق سوقۇش قەلىبنى قېتىتىۋېتىدۇ . ئەمما ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ كۆرسەتمىسى ئەھلى دىنىي مۇھىت بولۇپ ، چوقۇم مۇمكىن بولسا كىشىلەر ھۆرمەتلەيدىغان دىنىي ئۆلىما ۋە تەقۋادار كىشىلەرمۇ ھەم بولسۇن . شۇندىلا ئاللاھدىن قورقۇشنى بىلمەيدىغان بەزىلەردە شۈكلىنىش بولىدۇ . ئاللاھ بۇ تەرەپلىك يامانلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇ :
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن [28]. كەھف


ئاللاھ تائالا قەبرىدىكىلەرگە قارىتا ئېيتىدۇ :
اﷲ نىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى اﷲ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ [4]. اﷲ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ [5].مۇھەممەد

ﷲ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى [45]. ئۇلار ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ) [46].غافىر
شۇنىڭدەك ، قەبرە ھاياتىنىڭمۇ ياخشىسى ۋە يامىنىمۇ بولىدۇ . ئاللاھ خالىغان كىشىلەرنى قەبرىلىدىن ھېكمەتلىرى ئارقىلىق چىقىرىپ داڭغان ، قازانلارنىڭ ، مەشلەرنىڭ ئارىسىغا قېتىش بىلەنمۇ ئوتقا دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ئازابلاشقا قادىر .
رەسۇللاھ قەبرە ھاياتى توغرىسىدا توختۇلۇپ مۇنداق ئېتىقادىي ھەدىسلەرنى ئېيتقان .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە قەبرىستانلىقىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، قەبرىستانلىققا يۈز كەلتۈرۈپ : << ئى قەبرە ئەھلى ! سىلەرگە سالام ! ئاللاھ تائالا بىزنى ۋە سىلەرنى ئەپۇ قىلغاي ، سىلەر بىزدىن بۇرۇن كەلگۈچىلەر ، پات يېقىندا بىزمۇ سىلەرگە ئەگىشىپ كېلىمىز >> دېدى .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << بىرەر مۇسۇلمان ئادەم ۋاپات بولۇپ ، ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان 40 كىشى قاتناشسا ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شۇ مىيىت ھەققىدىكى شاپائىتىنى قۇبۇل قىلماي قالمايدۇ >> دېگەن . مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ جىنازا نامىزىدا مۇنداق دېگەن : << ئى ئاللاھ ! سەن بۇ مىيىتنىڭ پەرۋەردىگارىدۇرسەن ، سەن ئۇنى ياراتتىڭ ، سەن ئۇنى ئىسلام دىنىغا مۇشەررەپ قىلدىڭ ، ئۇنىڭ جېنىنى قەبزى روھ قىلدىڭ ، ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالىتىنى ياخشى بىلىسەن ، سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئۇنىڭغا شاپائەت تىلەپ كەلدۇق ، ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغىن >> ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان .

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، مەسجىدنى سۈپۈرىدىغان بىر قارا تەنلىك ئايال بار ئىدى ياكى بىر ياش بالا بار ئىدى ( قايسىسى ئىكەنلىكىدە رىۋايەت قىلغۇچىنىڭ ئېسىدە يوق ) . ئۇ يوقاپ كېتىۋېدى ، رەسۇللاھ ئۇ ئايالنى ياكى ياش بالىنى سورىدى . كىشىلەر : << ئۇ ئۆلۈپ كەتتى >> دېۋىدى ، رەسۇللاھ << سىلەر نېمىشقا مېنى خەۋەردار قىلىپ قويمىدىڭلار ؟ >> دېدى . كىشىلەر ئۇنى كىچىك ئىش سانىغاندەك قىلاتتى . رەسۇللاھ : << مېنى ئۇنىڭ تۇپرىقىغا باشلاپ بېرىڭلار >> دېدى . كىشىلەر رەسۇللاھنى باشلاپ ئاپاردى . رەسۇللاھ ئۇنىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇدى . ئاندىن كىيىن : << ھەقىقەتەن بۇ قەبرىلەر ياتقانلار ئۈچۈن قاراڭغۇلۇق بىلەن توشۇپ كەتكەندۇر . شۈبھىسىزكى ، ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۇلارغا ئوقۇغان نامىزىمنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇلارنىڭ قەبلىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ >> دېدى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، ئۇ مۇنداق دېگەن : << مېنى دەپنە قىلغان چېغىڭلاردا قەبرەم ئۈستىدە بىر تۆگە سويۇلۇپ ، گۆشى تەقسىم قىلىنىپ بولغۇدەك ۋاقىت تۇرۇڭلار ، مەن يالغۇرسىراپ قالمىغايمەن ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىشىمنى بىلىۋالغايمەن >> دېدى .  مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دېگەن : << ئۆلگۈچىنىڭ قەبرە بېشىدا ئاز - تولا قۇرئان ئوقۇلغىنى ياخشى ، ئەگەردە قۇرئان باشتىن - ئاخىر ئوقۇلۇپ دەپنە قىلىنسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ >>

مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقاتىدا ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام سەكرەتتا جاننى ئالغاندىن تارتىپ ، ئۇنىڭ مىيىتى گۆرلۈككە ئەكىرىلىپ تاكى گۆرلۈكنىڭ ئاغزى ئېتىلىپ يەتتە كەتمەن توپا تاشلانغانغا قەدەر مىيىتتە تاشقى دۇنيا بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ھالەتتە بولىدۇ . يەتتە كەتمەن توپا تاشلانغاندا ئاندىن مىيىتكە جاننى قايتا سېلىپ سۇئال سوراققا قارىتا تەييارلىقتا بولىدۇ . يەنە بىر ھەدىستە تاكى كىشىلەرنىڭ ئاياق تىۋىشى تۈگەپ تېنچلانغاندا ئاندىن مۇنكىر – نەكىرنىڭ كىرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان . شۇڭلاشقا بەزى مەزھەپلەردە مۇشۇ خىل ۋاقىتلاردا قېرىندىشىغا قارىتا قەبرىدە ياخشى جاۋاب بېرىۋالسۇن ئۈچۈن ، شاپائەتلىك ئەمەللەرنى قولىدىن كېلىشىچە كۆپرەك قىلىشنى تىلەيدۇ . دېمەك ، بىز بۇ ئايەت – ھەدىسلەردىن ئۆلۈكلەرنىڭمۇ قەبرە ھاياتىدا تېگىشلىك ئېنىرگىيەلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . شۇ ۋەجىدىن مۇنۇ ھەدىسنىڭ رولى بۇيىچە ئۇلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىقلارنى قىلىشنى تىلەيمىز .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << ئەگەر ئىنسان ئۆلسە ، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ . پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي نامۇ ئەمەلىگە يېزىلىپ تۇرىدۇ : بىرىنچى ، ساۋابى ئۈزۈلمەي تۇرىدىغان سەدىقە ، ئىككىنچى ، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم . ئۈچىنچى ، ئارقىسىدىن ئاتا- ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت >>

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، بىر ئادەم رەسۇللاھقا : << ئانام تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتتى ، مېنىڭچە ئەگەر ئۇ سۆزلىيەلىگەن بولسا ، بىرەر سەدىقە بەرگەن بولاتتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە قىلسام ، ئۇنىڭغا ساۋابى بولامدۇ ؟ >> دەپ سورىدى . رەسۇللاھ : << ھەئە >> دەپ جاۋاب بەردى . بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان .

شۇنىڭدەك ، كىشى ئىلگىرىكى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى كۆرگۈسىدۇركى ، ئۈزۈلۈپ قالماي يېتىپ تۇرىدىغان ئەمەللەر كۆپ بولۇپ ، مەسجىدكە ، يوللارغا ، كۆۋرۈكلەرگە ۋە زېمىننى ، باغلارنى ھەمدە مېۋىلىك جىرىملەرنى پايدىلىق رەۋىشتە بەرپا قىلىپ قويغاندىكى ھەمدە ئۇنىڭ قانچە ئىشلىتىلىنىپ تۇرىلىشىغا قارىتا ئېھسان قىلىشتەك پايدىلىق نەرسىلەر ..... ، كىتاب يېزىپ قالدۇرغان بولسا ۋە پەرزەنتلىرى چوڭ – كىچىك ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنى ھەدىيە قىلىشلار بىلەن دۇئا – تىلاۋەت قىلغان بولسا ..... بۇلارنىڭ قەبرە ھاياتىدىكى جانغا قارىتا پايدىسى باردۇر . چۈنكى ئۇمۇ قانچە شاپائىتىي يورۇقلۇققا ئىگە بولسا ، شۇنچە خۇشھال ئۇيقۇ ئىچىدە شىرىنلىكتە ياتقۇسىدۇر . ئەمما قەبرە قانچىكى قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتكە تولسا ، ئۇمۇ خارابلاشقۇسىدۇر . بۇ ۋاقىتتا ئۇلار باشقىلارنىڭ دۇئاسىغا مۇھتاج بولغۇسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار مازىرىملارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە ئۇ زېمىندىكى شاپائەت قىلىنىش ئىمتىيازى بار بولغان مۇسۇلمانلارغا قارىتا شاپائەت تىلەپ دۇئا قىلغۇسىدۇر ۋە بەزىلىرى ئايەت ئوقۇش بىلەن تېخىمۇ كۆپلەپ ساۋاب ھەدىيە قىلغۇسىدۇر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، سۈرە ئىخلاس شۈبھىسىزكى ، قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ >>

بىزدە نەزىر دېسىلا ، شۇ نەرسىنى ئۆلۈكلەرگە ، روھ – ئەرۋاھلارغا ئاتالغان يىمەكلىك ، ئىچمەكلىك دەپ چۈشىنىپ قېلىنىدىغان ئەقىدىسى كۈچلۈك . ئەمەلىيەتتە ، بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار . بەزى كىشىلەر ، پەرزەنتلەر ئاتىلىرىنىڭ چۈشىدە تولىمۇ غېرىبانە يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ . بۇ دەل ئۇلارنىڭ قەبرىسىنىڭ نۇرسىز ، ئۇلارنىڭ تېگىشلىك ئېنىرگىيەسىز قالغانلىقلىرىنى بىلدۈرىدۇ . گەرچە ئۆلۈكلەر ئەۋلاتلىرىنىڭ روھىغا بىۋاستە تەسىر قىلالمىسىمۇ ، ئەمما ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋەت ، قېرىنداشلىق مۇھەببەتلىرى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ روھىي رادارلىرىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىلگىركى تىلىگەنلىكلىرىگە قارىتا بۈگۈنىدە شۇ خىل چۈشلەر ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ ئۇلارغا ساۋاب ھەدىيە قىلىشىنى ئىرادە قىلىدۇ .
<< ئىنسان ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ >> ئايەت )
شۇنىڭدەك ، مىيىت كىيىنكى ئاللاھنىڭ شۇ خىل رەھمىتىگە لايىق رەۋىشتە ئەمەللەردە ، ئىمتىيازلاردا بولغانلىقتىن ، كىيىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى شۇ خىل ھېكمەت بىلەن ياخشىلىماقنى تىلەيدۇ . ئەمما ، بۇ خىل ھېكمەتنى چۈشەنمىگەن كىشىلەر قانداق قىلىدۇ دېسە ھېلىقى باخشى ، داخانلىرىدىن ئىبارەت يول كۆرسەتكۈچى ۋە شۇنىڭدەك خاتالىقنى ئىرادە قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئىسلام تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۆلۈكلەرگە بىۋاستە نەزىر قىلماققا قارىتا ئىش كۆرۈشنى ئېيتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى روھلارنى بىۋاستە خۇش قىلىش ۋە ئۇلارغا بىۋاستە ياردەم قىلىدىغانلىقتەك ئۇلار بۇيرىغان ئىشلار بىلەن ئەسلا قۇبۇل قىلىنمايدىغان ، خۇددى ماۋۇ خەقلەرنىڭ ( شۇ تاپتا مۇشۇ پۇلنى خەجلەۋاتىدۇ دېگەنكى ئويدا ) پۇل كۆيدۈرگىنىگە ئوخشاش بىمەنە ئىشلانى قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ . ئاقىۋەتتە دۇئالاردا ئاللاھدىن باشقا نەرسىلەرگە ، ئىش – ھەركەتلەرگە قارىلىپ قالىدۇ ياكى ئاللاھدىن ھەجەتسىزلا ئىش قىلىدۇ دە ، ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسى بىر تىپىكتە يوق بولىدۇ . ئەمما ، ئۇلار شۇ ھالىتىدە ياخشى ئىش قىلدۇق دەپ ئويلايدۇ ، ئەمما ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىشالمايدۇ . ھەتتا ئىلگىركى ئاللاھنىڭ شۇ خىل مۇناسىۋەتلىك چۈشلەرنىڭ بىلدۈرگەنكى ئىمتىيازىنى كۇفرىلىقلارغا بېرىلىش بىلەن تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپ ، ئاقىۋەتتە شۇ خىل قىممىتىنى ھەم ئۆلتۈرىدۇ ۋە كىيىنكى ئاللاھنىڭ شۇ خىل بىلدۈرۈشتىكى رەھمىتىنى كېسىۋېتىدۇ . ئۇلار ئاقىۋەتتە نەزىر دەپ روھلارغىلا ئاتايدىغان ، ئۇلارنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەيدىغان ئەقىدىگە بېرىپ قالىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ شۇ ئەقىدىسىدە ئۆلتۈرگەن جاندارلارمۇ بۇد – يەنى باخشىلىرىنىڭ ، ئەجداتلىرىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىنغان ھېلىقى شامان دىندىكى نەزىرگە ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ئۇ گۇناھ مال بولۇش بىلەن مۇسۇلمانلارنى زەھەرلەيدىغان تاماق بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئەقىدىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم .
ئاخىرىدا مۇنداق بىر ھەدىس بىلەن ئايىقىنى چۈشۈرۈشتە بولىمىز . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەسلى ئىرادە مەقسىدىنى چۈشەندۈرۈشتە بولىدۇ . يەنى ، بىر كىشى بولۇپ ، ئۇ بىر كۈنى يانچۇقىغا بىر پۇلنى سېلىپ ، ‹‹مەن بۇنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن دەپ چىقىپتۇ ۋە سەدىقىسىنى بىر ئوغرىغا بېرىپتۇ›› .  بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى ئوغرىغا بەرگەنلىكىنى ئېيتىشىپ مازاق قىپتۇ . ئۇ دەپتۇكى ‹‹ مەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دەپ چىقىپ سەدىقەمنى ئوغرىغا بەرگەنلىكىم ئۈچۈن شۈكرى ئېيتىمەن ›› .


ئۇ ئەتىسى يەنە بىر پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ << مەن بۇ پۇلنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن >، دەپ چىقىپتۇ ۋە ئۇ سەدىقىسىنى بىر بايغا بېرىپتۇ . بۇنى كۆرگەن باشقىلار ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى بايغا بەرگەنلىكىنى ئېيتىشىپتۇ . ئۇ يەنە تۈنۈگۈنكىدەكلا << سەدىقەمنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بايغا بەرگەنلىكىمگە شۈكرى ئېيتىمەن >> دەپتۇ .
ئۇ يەنە ئەتىسى يەنە بىر پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ << مەن بۇ پۇلنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن سەدىقە قىلىمەن >> دەپ چىقىپتۇ ۋە سەدىقىسىنى بىر پاھىشىگە بېرىپتۇ . بۇنى ككرگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى پاھىشىگە بەرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . ئەمما ئۇ يەنىلا << سەدىقەمنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن پاھىشىگە بەرگەنلىكىمگە شۈكرى ئېيتىمەن >> دەپتۇ . ئۇ كىشى شۇ كۈنى بىر چۈش كۆرۈپتۇ . چۈشىدە بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ۋە دەپتۇكى : << ئاللاھ سېنىڭ شۇ سەدىقەڭ ئارقىلىق ئوغرىنى ئوغۇرلۇقتىن ، باينى بېخىللىقتىن ۋە پاھىشىنى يامان يولدىن توسۇشى مۇمكىن ! >>
رەسۇللاھ شۇنداق دېگەنكى : << ئىنساندا بىر پارچە گۆش بار . ئۇ بۇزۇلسا ئىنسان بۇزىلىدۇ . ئەگەر ئۇ تۈزەلسە ئىنسانمۇ تۈزۈلىدۇ . ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتىن ئىبارەت >> . شۇنداق ، ئەگەر ئاللاھ بىر كىشىنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ياكى يامان يولدىن توسماقچى بولسا ، ئەنە شۇنىڭدەك ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىنىڭ تائاملىرىنى ، لوقمىلىرىنى ۋە باشقا پۇل - دۇنيالىرىنى سەرىپ قىلغانكى ماھىيەتكە يەتكۈزۈپ تۇرۇپ ھىدايەتكە ئىگە قىلىدۇ . چۈنكى يۈرەك ھىس قىلىدۇ . كىشى پۇشايمان قىلسا يۈرەكتىن قىلىدۇ . كىشى خۇشاللانسىمۇ ھەم يۈرەكتىن قىلىدۇ . كىشى ئازابلانسىمۇ يەنىلا يۈرەكتىن بولىدۇ . شۇڭا ئاللاھ بىر كىشىنى ھىدايەتكە ئىرادە قىلغان بولسا ، ئاۋۋال ياخشى بىر نېمەتنى يىگۈزۈپ يۈرەككە ئاپىرىدۇ . ئاندىن يۈرەكتىن تەسىرلەندۈرگۈزۈپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى سەت كۆرسىتدۇ . ئاندىن ئۇ ئىلگىرى قىلىۋاتقان يامان ئەمەللىرىدىن باشقا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئشتىلىدۇ . بۇ ئىشتىش دەل يۈرەكنىڭ قوماندانلىقى بىلەن بولىدۇ . شۇڭا نەزىر بەرسە يىغىلىق راستلاپ تاماقتىن بېرەمدۇ ياكى باشقا تەرەپتىنمۇ ۋە ياكى كىملەر مەيلى قايسى بىر ئىشنى قىلمىسۇن ، ئاۋۋال شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتسۇن ۋە قەلبىدە ، ئېتىقاتىدا مۇستەھكەم قىلسۇن . گەرچە ئۇنى كۆپىنچە كىشىلەر خالىمىغان بولسىمۇ ، ئول كىشى دەل شۇ خىل خالىس نىيەتتىلا بەرگەنلا بولسا ، ئۇلارنىڭ تاپا - تەنىلىرىگە پەرۋا قىلمىسۇن.
بەندە خاتالىقتىن خالىي ئەمەس،خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا،تۈزىتىش بەرسەڭلار،ئاللاھ  بەندىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى جەزمەن بىلگۈچىدۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-4 15:10  

UID
6367
يازما
81
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2015-4-15
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 00:29:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بىر قېتىم يوللىنىپ بۇلۇنغان...ئەسلى مەنبەسى مانا:/thread-32865-1-1.html

UID
49694
يازما
134
تېما
58
نادىر
0
جۇغلانما
134
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2015-4-22
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-3 19:27:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 00:29
بۇ تېما بىر قېتىم يوللىنىپ بۇلۇنغان...ئەسلى مەنبەسى مان ...

ماقالىنىڭ نەچچە قېتىم يوللىنىشى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس،بۇ نەشىر ھوقۇقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان ماقالە،ئۇنى ئەسكەرتىپ دانىشلىك قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر! ياخشى ماقالىنى 10000000000000000000000000000000000000000000000000000قېتىم يوللىسىمۇ بولىدۇ. مەقسەت: تەپەككۇرنى بېيىتىش،كۆرمىگنلەر كۆرۈۋېلىش!

UID
6367
يازما
81
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2015-4-15
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 11:25:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jahanbiwapa يوللىغان ۋاقتى  2013-6-3 19:27
ماقالىنىڭ نەچچە قېتىم يوللىنىشى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس،بۇ ...

ئۈزىىڭىزنى بېسۋىلىڭ بۇرادەر....مەن نەشىر ھۇقۇقىنى سۈرۈشتە قىلمىدىم....ئىنكاسىڭىزدا دىگەندەكلا نىيتىڭىز بولسا..ئاشۇ ئەسلى تېمىغا تېتىملىق ئىنكاستىن بىرنى قالدۇرسىڭىزلا..ئۇ تىما باشبەتكە چىقىپ يەنىلا باشقىلارنىڭ نەزىرىگە چېلىقاتتى...بىر تېمىدىكى بايانلار بىر تىمىدىلا بايان ئىتىلسا ياخشى بولمامدۇ،مىنىڭ ئاشۇ ئىنكاسىم بىلەن تېمامغا ئىنكاس چۈشمەپتۇ دەپقالدىڭىزمۇ قانداق؟

UID
46749
يازما
162
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2013-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-4 20:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزىر (يەنىي ھازىرقى بىز قىلىۋاتقىنىمىز) باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن بولسا،ياكى قەرىز ئىلىپ قىلىنسا بۇنداق نەزىر ھارام، ئادەتتىكىلىرى بىدئەت دەپ ئاڭلىغان، ئەمما مەن كىرىدىغان بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى نەزىرنى ھارام دىگەننىڭ ھەممىسى كاپىر دەيدۇ،
    ئۇ بۇنى كاپىر دەيدۇ،بۇ ئۇنى كاپىر دەيدۇ،،،مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ ياشاپ كىتىۋاتىمىز.

باھا سۆز

kokterek  ئىمام بىرنىمە بىلسە، ھىچقانداق كەسىپسىز ئىلمىسىنى سېتىپ جان باقماستى.  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 17:44:45

UID
14934
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
149
تىزىملاتقان
2011-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-5
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 19:03:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

UID
51683
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-26
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 14:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،  بەك ياخشى تىما يوللاپسىز، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

UID
51683
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2013-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-12-26
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 15:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!  مەن بۇ تىمىنى ساقلىۋالاي دىگەن  بىراق،  خاتالىق ئۇچۇرى دىگەن خەت چىقىۋاتىدۇ؟  ھەم بۇ  مۇنبەرنىڭ  ساقلانمىلارنى كۆرىدىغان يېرىنىمۇ بىلەلمىدىم؟ بىلىدىغان  قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى  سورايمەن؟

مەن بۇ مۇنبەرگە تىزىملاتقاندا  مۇشۇ باش سۈرەت  تەيياركەن،  لېكىن مەن بۇ باش سۈرەتنى  ئالماشتۇراي دىسەم  ئالماشتۇرغىنى بولمىدى؟  بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ  بۇنىڭغىمۇ  ياردەم قىلپ، ماڭا دەپ بىرشىڭلارنى سورايمەن؟!

UID
48414
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
20
تىزىملاتقان
2013-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2014-4-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 11:42:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-4 11:25
ئۈزىىڭىزنى بېسۋىلىڭ بۇرادەر....مەن نەشىر ھۇقۇقىنى سۈر ...

ياخشى نىيەتتتە قىلىنغان ھەرقانداق ئىش ھالال، يامان نىيەتتە قىلغان ھەرقانداق ئىش ھارام.

باھا سۆز

kokterek  سىز ياخشى نىيەتتە ھېيت كۈنى روزا تۇتسىڭىز گۇناھ بۇلىدۇ بۇرادەر..  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 17:46:17

كۆيۈمچان ئەزا

توخو  يىگەن تۈل

UID
2605
يازما
85
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2340
تىزىملاتقان
2010-6-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-9
توردا
20 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 18:05:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahaderhan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-13 11:42
ياخشى نىيەتتتە قىلىنغان ھەرقانداق ئىش ھالال، يامان ن ...

ھەرگىز سىز دىگەندەك بولمايدۇ  بۇرادەر ..مۇسۇلمان  ياخشى ئىش ساناپ ، ساۋاپ ئۈمۈت قىلىپ
ئېلىپ بارغان. ھەرقانداق بىر  پائالىيەت،  چوقۇم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسولى كۆرسۈتۈپ بەرگەن
شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى شەرت قىلىنىدۇ..
مەلۇم بىر مۇسۇلمان ،مەلۇم بىر ئىشنى ،ياخشى نىيەتتە ، ساۋاپ ئۈمۈت قىلىپ، خالىس نىيەتتە ئېلىپ
بارغان بولسا، ئۇئىش قۇرئانى كەمدە ياكى ھەدىسى رەسۇلۇللاھتا،  ئاشۇ شەكىلدە قىلىش  بويرۇلمىغان
بولسا..ئاشۇ ئەمەلنى ئىسلامدا بىدئەت دىيىلىدۇ..
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

葡京赌场 游戏赌博平台 那个网上娱乐城最好 万达国际tt娱乐城 欧洲杯球衣正品专卖 永利博网上娱乐城 超级大玩家下载 爱博彩社区论坛 云鼎娱乐场 信誉最好的娱乐城 博彩网址导航 苏州国际影视娱乐城 金盛国际娱乐城 九龙国际娱乐城 澳门赌场玩法 五湖四海是什么意思 娱乐城 88娱乐城 盈丰时时彩平台 欧洲杯澳门足球盘 永利博网上娱乐城 水经注软件 澳门威尼斯人 娱乐城哪家好 胜负彩比分 qq欢乐斗地主下载 永利博网上娱乐城 网上娱乐城排行榜 英皇娱乐城英皇国际 永利博网上娱乐城 在线娱乐城天上人间 利澳娱乐城天上人间 欧洲杯决赛专题 哪家网上花店最好 欧洲杯澳门即时盘 澳门新葡京官网 422488 鱼雨大乐透13036 88娱乐城 信誉最好的娱乐城 哪家网上药店最好 澳门威尼斯官网 乾讯网网址 国际十大博彩娱乐城 娱乐城天上人间 百家乐玩法 京城娱乐城 金沙国际娱乐城 血洗唐人街 皇冠假日 高尔夫网球频道 bet365官方网站 网上现金棋牌 菲律宾太阳城娱乐网 银河娱乐场 利来国际娱乐 网上娱乐城排行榜 球探网比分 澳门赌场有那些玩法 喜达博彩真钱娱乐 百利宫影城 娱乐城去澳门 a8娱乐城看天上人间 今晚欧洲杯 红桃k说明书 脉动棋牌 真龙香烟价格英皇国际 网上娱乐城哪家最好 澳门利澳娱乐城 圣淘沙娱乐天上人间 金山海上皇宫 德甲球队队徽 太阳城娱乐城管理网 2012最新电影网址 娱乐城内部管理制度 太阳城集团 鸿运国际娱乐城 竞彩篮球比分直播 百博国际娱乐城 澳门金沙娱乐场 22555官方网 鸿运国际娱乐城 百利宫娱乐城 永利博网上娱乐城 88娱乐城 苏州国际影视娱乐城 中华娱乐城影讯 娱乐城哪家好 娱乐城天上人间 韩国华克山庄赌场 网上娱乐城排行榜 澳门永利 网上娱乐城 必赢国际 鸿利会娱乐城 澳门巴比伦娱乐城 娱乐城 京城国际娱乐城 吟唱新乐园 网上娱乐城排行榜 太阳城娱乐城管理网 菲律宾欢乐谷娱乐城 娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 淘金盈娱乐城 kk娱乐城天上人间 亿博国际娱乐城 新浪娱乐首页 明升娱乐城 88娱乐城 88娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 欧洲篮球比分直播 九龙国际娱乐城 kk娱乐城天上人间 360大乐透胆拖 tt娱乐城官网 苏州国际娱乐城 tt娱乐城 博九网娱乐城 在线娱乐城天上人间 德国比利时 皇冠娱乐城开户 百乐娱乐新澳博 皇冠即时水位 皇冠足球论坛 篮球即时比分 体彩投注站 网上娱乐城哪家最好 博彩通评级 环球娱乐城天上人间 澳门博彩网上投注 博久娱乐城 娱乐城去澳门 88娱乐城代理tlyd 2012欧洲杯pptv直播 皇冠开户网 博坊娱乐城天上人间 五湖四海指什么 博坊娱乐城天上人间 国际十大博彩娱乐城 kk娱乐城天上人间 美国大西洋城 0点直播吧 2012年欧洲杯qq直播 88娱乐城 国际足球新闻 娱乐城天上人间 京城国际娱乐城 皇冠网址 欧洲杯决赛博彩开盘 街拍 微博 澳门星际 美女斗地主 娱乐城内部管理制度 88娱乐城天上人间 永利高平台 至尊国际娱乐城 越豪门之娱乐后宫 利来国际娱乐城 娱乐城去澳门 tt娱乐城 新加坡圣淘沙度假村 威尼斯人赌场 澳门金沙娱乐场网址 尊龙国际娱乐城 e世博官方网站 博e百娱乐 e世博yjsol 足彩网 大乐透那个台开奖 赢钱专家粤语 澳门威尼斯人官方网 娱乐城天上人间 湖北棋牌游戏平台 北京天上人间后台 宝马会国际娱乐会所 红桃k集团 网上最大娱乐城 英国布莱顿天体海滩 博彩通首页 新加坡圣淘沙 网上棋牌室 星际娱乐场 网上娱乐城 网上娱乐城哪家最好 今天有没有欧洲杯 讯盈比分 娱乐城天上人间 大发888娱乐场下载英皇国际 浙江体彩网11选5 优博娱乐城天上人间 乐百家国际娱乐城英皇国际 足球 大西洋城赌场 希尔顿酒店集团 360大乐透杀号定胆 tt娱乐城 百丽宫影城 富国天合基金净值 九龙国际娱乐城 澳门金沙官网 澳门葡京赌侠诗 新豪娱乐城天上人间 足球小将国语版全集 北京太阳城医院 网上娱乐城哪家最好 bet365备用主页器 宝马会全讯网 玩老虎机技巧 利来国际娱乐城 太阳城管理娱乐网 bet365备用网站 京城国际娱乐城 皇冠代理25900 波恩利vs诺丁汉森林 甘肃云鼎集团 利澳娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城哪家最好 皇冠足球 tt威龙电源怎么样英皇国际 88娱乐城天上人间 皇冠开户网址 网上最好药店 九龙国际娱乐城 网上赌城@黄金城 东方太阳城 88娱乐城天上人间 天朝博彩论坛 爱博彩论坛 邯郸市 金赞娱乐到天上人间 新澳门娱乐城 网络赌博 澳门新葡京娱乐城 欧洲最大的博彩公司 棋牌游戏网站 舟山星空棋牌 娱乐城哪家好 博彩论坛bozhidao 金宝博会不要给钱 赛尔号谱尼在哪 圣淘沙娱乐天上人间 娱乐城天上人间 百博娱乐城 娱乐城天上人间 娱乐城 新乐园娱乐城 a8娱乐城看天上人间 网上娱乐城 国际赌场 上海电视台劲爆体育 利澳娱乐城天上人间 福建大乐透开奖结果 2012澳门葡京赌场 大乐透专家预测单注 三国志网页游戏 万达国际tt娱乐城 上海中超地板 博彩网推百拉好吗 太阳城 网上娱乐城 海上皇宫大酒店菜单 百丽宫影城 国贸店 万达国际tt娱乐城 粤海之星 娱乐城 环球娱乐城天上人间 开彩票投注站 网页版足球游戏 tt娱乐城 阳城贴吧 环球娱乐城天上人间 欧冠足球吧 利澳娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 人气最高的棋牌 吧吧在线 欧洲杯决赛亚洲指数 澳门哪个赌场好 澳门赌场娱乐城视频 沙龙国际娱乐城网站 澳门赌场新葡京 皇冠足球论坛 环球娱乐城天上人间 在线娱乐城天上人间 百家博 立即博娱乐城 棋牌游戏注册送10元 尊龙国际娱乐城 葡京国际娱乐城 现金流游戏 球探篮球即时比分 新宝投注 威尼斯人多少钱一晚 bet365去澳门娱乐城 bet007篮球 澳门彩票 皇冠足球投注平台 红9娱乐城 娱乐城注册送体验金 博彩网去澳门 必博娱乐城 宋代足球小将2全集1 御龙在天群英会喝酒 博彩网 网上娱乐城排行榜 苏州国际影视娱乐城 明星斗地主官网 球探篮球即时比分 斯科尔斯告别赛 最新皇冠网址 宜昌海上皇宫 利澳娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 狮威亚洲娱乐城 娱乐城哪家好 百博娱乐城

娱乐城博彩
娱乐城博彩网站排名
娱乐城代理
娱乐城鼎盛
娱乐城管理
娱乐城管理制度
娱乐城金沙国际权威
娱乐城金赞
娱乐城开户
娱乐城开户送
娱乐城开户送彩金
娱乐城开户送钱新澳博
娱乐城开户送钱英皇国际
娱乐城乐放
娱乐城哪家好
娱乐城内部管理制度
娱乐城排行榜
娱乐城棋牌
娱乐城去澳门
娱乐城去澳门
娱乐城去英皇开户吧新澳博
娱乐城去英皇开户吧英皇国际
娱乐城体验金
娱乐城天上人间
娱乐城网址
娱乐城韦德亚洲
娱乐城新澳博
娱乐城新澳博好
娱乐城新锦江6544
娱乐城新锦江xjj665
娱乐城信息资讯网
娱乐城信誉排行榜
娱乐城英皇国际
娱乐城英皇国际在线
娱乐城游戏机
娱乐城云鼎好
娱乐城注册
娱乐城注册送
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
天上人间国际娱乐城
天上人间娱乐城
天天乐娱乐城
天天乐娱乐城新澳博
天天乐娱乐城英皇国际
万博88娱乐城
万博娱乐城
万达国际tt娱乐城
万达娱乐城
万豪娱乐城
万豪娱乐城怎么样
网络娱乐城
网上 娱乐城
网上澳门赌场
网上博彩娱乐城
网上欢乐谷娱乐城
网上信誉最好娱乐城
网上娱乐城
网上娱乐城代理
网上娱乐城老虎机
网上娱乐城老虎机新澳博
网上娱乐城老虎机英皇国际
网上娱乐城哪个好新澳博
网上娱乐城哪个好英皇国际
网上娱乐城哪家最好
网上娱乐城哪家最好新澳博
网上娱乐城哪家最好英皇国际
网上娱乐城那个最好
网上娱乐城排行榜
网上娱乐城排名
网上娱乐城是真的吗
网上娱乐城是真的吗新澳博
网上娱乐城是真的吗英皇国际
网上娱乐城网站
网上娱乐城新澳博
网上娱乐城英皇国际
网上娱乐城注册
网上真钱娱乐城
网上最大娱乐城
百家乐必赢法
百家乐必赢法视频
百家乐彩
百家乐策略
百家乐策略技巧
百家乐大小技巧
百家乐代理
百家乐代理加盟
百家乐代理开户
百家乐代理哪里好
百家乐的玩法
百家乐的下注技巧
百家乐斗地主
百家乐改单
百家乐高手打法
百家乐高手看路
百家乐高手论坛
百家乐合作
百家乐会员开户
百家乐技巧策略
百家乐技巧打法赌博技巧
百家乐技巧大全
百家乐技巧公式论坛
百家乐技巧在那里
百家乐技巧之写路
百家乐交流群
百家乐开户
百家乐开户就送现金
百家乐看路
百家乐路
百家乐路单软件
百家乐路纸
百家乐论坛
百家乐论坛在线
百家乐论坛在线提供
百家乐免费试玩
百家乐免费在线开户
百家乐哪家好
百家乐哪里开户
百家乐牌技群
百家乐平台
百家乐破解
百家乐破解的方法
百家乐破解方法
百家乐破解秘籍
百家乐棋牌
百家乐群
百家乐试玩
百家乐试玩得真钱优惠
百家乐太阳城开户
百家乐投注技巧
百家乐投注开户在哪里比较好
百家乐玩法
百家乐玩法百科
百家乐玩法技巧
百家乐玩法揭秘
百家乐玩法介绍
百家乐玩法秘诀
百家乐玩法与规则
百家乐网
百家乐网上真钱娱乐城
百家乐下注策略
百家乐线上开户
百家乐线上游戏
百家乐赢钱的秘籍
百家乐赢钱技巧
百家乐用品
百家乐游戏的致胜玩法
百家乐游戏攻略
百家乐游戏规则
百家乐游戏规则是怎么样的
百家乐游戏机
百家乐游戏机破解
百家乐游戏技巧
百家乐游戏哪里比较好
百家乐游戏哪里玩好
百家乐游戏哪里有
百家乐游戏平台
百家乐游戏破解-皇冠投注
百家乐游戏软件
百家乐游戏下载
百家乐游戏有技巧吗
百家乐游戏有什么技巧
百家乐游戏真人真娱
百家乐游戏桌租赁
百家乐有什么必赢的绝技
百家乐娱乐城
百家乐娱乐城真钱游戏
百家乐娱乐官方网
百家乐园
百家乐怎么作弊
百家乐真人游戏娱乐城
百家乐注码法
百家乐庄闲必胜打法
百家乐最高概率打法
百家乐作弊
百家乐怎么玩
百家乐怎么玩才能赢钱

چوققىغا قايتىش