- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 345 سائەت
|
ئامما ، ماۋۇ تېما ماڭىلا ئېيتىلغان ۋە ئېيتىلىشقا تېگىشلىك بولغان تېما بوپتۇ . باشتىن ئوقۇپلا مېنىڭ قەلىمىمدىن تازا زىرىككەن بىرى ئوخشايدۇ دەپلا ئويلۇدۇم . ئىش قىلىپ تېمىدا ئېيتىلىۋاتقان ئەھۋال مەندە ئىنتايىن كۈچلۈك . مېنىڭ قەلىمىمنى ئوقۇرمەن ئۆزى بىر تەرەپتىن سۆز قۇرۇپ تۇرۇپ ، ئاندىن باشتىكى جۈملە بىلەن كىيىنكى جۈملىگە كەلگەندە يەنە ئالاھىدە بىر پىكىر قىلغاندىن كىيىن ، ئاندىن بىر - بىرىگە باغلاپ مەنايى جەھەتتىن ئوقۇشقا مەجبۇر بوپ قالىدۇ . بۇ تەرىپىنى ئۆزەممۇ بىلىپ تۇرىمەن . ئەمما ، قۇرئاننى ئوقۇپ باققان بولۇشۇڭلار مۇمكىن . مەن ئۇزۇن بولدى شۇ كىتابتىن باشقا كىتاب ئوقۇپ باقمىغىلى . ئۇنىڭ تىل قۇرۇلمىسى بەكلا كۈچلۈك ۋە ئوقۇغان كىشىنى ئىنتايىن كۈچلۈك تەپەككۇر دولقۇنلار ئارىسىغا ئېلىۋالىدۇ . مەن شۇ دولقۇنغا ئۇزۇن ۋاقىت كىرىشىپ كەتكەچكە ھەم مېنىڭ ئىلگىرى مەكتەپتىكى ئوقۇش دەۋرىم تولۇقسىز ھالىتىدە توختاپ قالغاچقا قەلەمدە ئالاھىدە تەربىيەمۇ ئالمىغان . شۇ ۋەجىدىن مېنىڭ بۇ تەرىپىم ئىنتايىن ئاجىز . ھازىر مۇشۇ خىل ئاجىزلغىمنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى كۆپرەك ۋە توردىكى ياخشى چىققان ئەسەرلەردىن ئوقۇپمۇۋاتىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ تۇتىدىغان تېمام بىر قەدەر زىل ۋە بەكلە كەڭ جەھەتلىك بولغاچ ، تېمىدىكى مەزمۇنلارنى مۇمكىن بولسا باشقىلار بىلەن مۇلاھىزە قىلغاچ جاۋابلاپ ، ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇبتا تامام قىلىشقا قىستىلىنىپ قالىدۇ .
مەنمۇ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ بۇ تەرىپىمگە دىققەت قىلىمەن ھەم مۇمكىن بولسا قىسقا ، ئۇنچە زور ۋە كۆپ مەزمۇنلارنى ئىچىگە ئالمايدىغان تېمىلارنى تۇتقا قىلىشقا تېرىشىمەن . مال ئېگىسىنى دورىمىسا ھارام دەپ ، مېنىڭ مەكتىۋىم تولاراق جۈمەدىكى ئىلىم سۇرىنى بولغاچ ، ئۇ يەردە قەلىمىمگە ئوخشاش بىر مەسىلىنى بىر جۈمەدىلا تۈگىتەلمەي بىر قانچە جۈمەلەرگە ئۇلىشىپ كەتكەنكەندەك ، مېنىڭمۇ قەلىمىم ھەم بىر قانچە بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ كېتىۋاتىدۇ .
بايانلىرىممىغۇ بۇرۇنقىدىن خېلى بەكلا يۇمشىدى ھازىر . چۈنكى مەن ھەممە كىشىنى ئۆزەمگە ئوخشاشلا ۋە نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى ھەممە بىلىدىغاندەكلا تۇيغۇ ئىچىدە يېزىپ كېتىۋاتىمەن . مەندىكى بىر ئاجىزلىقنىڭ بىرى دەل مۇشۇ .
قارىغاندا بۇ تېمىدا مەن تازا بىر ‹‹ پىيپەن ›› قىلىنىدىغان بالا ئىكەنمەنتۇق ھە . |
|