- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 294
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 294
- تىزىملاتقان
- 2013-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- UID
- 47513
- يازما
- 294
- تېما
- 40
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 294
- تىزىملاتقان
- 2013-3-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- توردا
- 267 سائەت
|
ئەلكۈيىدىكى قېرىنداشلارغا بىر نەچچە تۈرلۈك پىكىر-تەكلىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلكۈيى تورىدىكى قېرىنداشلار ، پېقىر مۇھەممەدتۇرسۇن ئوغلانى ،تورغا ئەسەر يېزىشقا ،شۇنداقلا توردىكى ئۇيغۇرچە بىلىملەردىن پايدىلنىشقا باشلىغىنىمغا ئىككى ئاي ئەتراپىدا بولدى ،لىكىن ئاز بولمىغان ياخشى تەرەپلەرنى بايقىدىم شۇنداقلا بىر قىسىم ياخشى بولمىغان تەرەپلىرىنىمۇ ئاز -تولا بايقىدىم . بىلىم، تەجىرىبە كەمچىل بولسىمۇ ،ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
1. ئەسەر ئەۋەتكەن ئاپتورلىرىمىزغا
تور بىر تۈگىمەس بىلىم دۇنياسى بولۇپ كىشىلىرىمىزنىڭ دۇنياسىغا يەنە بىر مەۋھۇم دۇنيانى قوشۇپ تۇرمۇشىىمىزنى سەرخىللاشتۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چوڭ -كىچىك ،قېرى-ياش ھەممىمىز كومپىيوتىرنى ئاز-تولا بىلسەكلا توردا ئالاقە قىلىش مەقسىدىگە يىتەلەيمىز ، ئۇيغۇرچە تورنىڭ بولغانلىقى ئۇيغۇرچە خەتنى بىلسەك ئاز- تولا ئىلھام كەلسە مۇشۇنداق ئەلكۈيىدەك تورلاردا ئەركىن ھالدا ئاپتور بولۇپ پىكىر بايان قىلالايمىز دىگەن گەپ . مىنىڭ شۇنداقلا يېقىندىن توردىكى بەزى ئەسەرلەرنى ئوقۇش ۋە كۆزىتىش نەتىجىسىدە شۇنى بايقىدىمكى ، تور يازغۇچىلىرىمىزدا ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى قوغلاشماسلىق ،دورامچىلىق ،قۇرۇق گەپ ۋە قۇرۇق سۆلەت تالىشىش بىر قەدەر ئېغىر . سىزنىڭ ئەسىرىڭىز تورغا چىقتى دىگەن گەپ ، سىز دەك ،سىزدىن كىچىك شۇنداقلا سىزدىن چوڭ بولغان نۇرغۇنلىغان تورداشلىرىڭىز ئەسىرىڭىزدىن ھوزۇرلىنىدۇ دىگەن گەپ .ياخشى بىر ئەسەر سۈرئەت ئەمەس سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ . ئەسەر تىز پۈتتۈرىدىغان ياكى ھەرگىزمۇ خالىغاننى يېزىپ قويىدىغان كوچىدىكى گەپ ئەمەس ، ئۇنى چوقۇم ئالدى بىلەن ئەدەبىي بەدئىيلىككە ،كىشلىك ئەخلاققا ،شۇنداقلا ئەجىرگە تويۇندۇرۇپ ، ئەسەرنى ئۆز قەلىمىڭىز شۇنداقلا ئۆز كاللىڭىزدىن چىقىۋاتقان گەپلەردىن سەرخللىرىنى قايتا-قايتا تاللاش ئارقىلىق بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغاندىن كىيىن ، قايتا ئوقۇپ كۆرۈپ بېقىپ ،كۆڭلىڭىزگە ياراپ ،يەنە كەم يەرلىرىنى تولۇقلاپ ئاندىن يوللاڭ . بىر مىسال ئالساق ، سىز ئەگەر زىققا كىسىلى بولغان بىر كىشىنى ئەسىرىڭىزدە يازماقچى بولسىڭز ، ئالدى بىىلەن زىققا كىسىلى توغۇرلۇق مەلۇماتقا ئىگە بولىشىڭىز كىرەك ،مەلۇماتقا ئىگە بولمىسىڭىز ئىزدىنىڭ ، توردىن ،ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن ماتىريال توپلاڭ .مەلۇماتقا ئىگە بولغاندىن كىيىن ئۇنى ئىپادىلەش جەريانىدا ئەدەبىي بەدئىيلىك ،يەنى گەپنى نىمە بولسا شۇنى دېيىش ئەمەس ،بەلكى شۇ توغۇرلۇق ئادەمنى قىزىقتۇرالايدىغان ،مەزمۇنلۇق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلشىڭىز موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . ( بۇ سۆزلەرنى ئەلۋەتتە _ ئۆزۈمگىمۇ دىمەكچى )
ھەرگىز توردا ئەسەر يېزىشنى سەل چاغلىماڭ ، سىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىدىڭىز تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئەسىرىڭىزدىن ئاز-تولا بولسىمۇ نەپكە ئېرىشتۈرۈش ،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ سىزنى قوللىشىنى ،ئىتراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش .بۇنىڭدىن بۆلەك مەقسىدىڭىز بولسا ئۇ باشقا گەپ . سىز بەزىدە بىر ئەسەرنى ژورنالدا ئېلان قىلسىڭىز بەزى چاغدا مىڭ كىشى كۆرۈشى ناتايىن ،لىكىن توردا ياخشىراق يازسىڭىز ئوقۇرمەن چوقۇم مىڭدىن ئاشىدۇ .توردا يەنە ھەرخىل كىشىلەر مەۋجۇت ،ئۇلار مەشھۇرلار ، ئاددي كىشىلەر ،ئوقۇغۇچىلار غا ئوخشاش ھەرخىل كىشىلەر بار ،بۇلار سىزگە پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىپ ،ئىلگىرلىشىڭىزنى تېخىمۇ تىزلىتىدۇ ، سىزنى ئاستا -ئاستا ئىتراپ قىلىدۇ ، شۇ ئارقىلىقمۇ سىز يازغۇچىلىق مەقسىدىگە يىتەلەيسىز ،ھەتتا سىز سەۋەبلىك بۇ تورنىڭ ئىناۋىتىمۇ ئېشىپ بېرىشى مومكىن ،بۇنىڭ بىر تىپىك مىساللىرى ،گۈلەن ،بەرگىيە قاتارلىقلار .
ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل قاراش شۇنداقلا ئۇسلۇبىڭىز بولسۇن . مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىڭ . بالزاك :«تەپەككۇرى قىلالىغان ئادەم كۈچى چەكسىز ئادەمدۇر » دىگەن . ئۇنىڭ ھاياتىمۇ مۇشۇنداق مۇستەقىل تەپەككۇر بىلەن ئۆتكەن ، ئۆزىمۇ قەلەم بىلەن «ناپالىئون ئىمپىراتورغا ئايلىنىمەن »دىگەن ئارزۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە ،نۇرغۇن مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرسىمۇ ،كۈچلۈك تەپەككۇرى بىلەن دۇنيا ئادەبىياتىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان .سىزمۇ ،مەنمۇ ئۇنىڭدەك ئادەم ،ئۆز كاللىمىزنى .پىكرىمىزنى ئوتتۇرغا قويساق ،ئىزدەنسەك ،تور دۇنياسىدىكى ئەسەرلەر چوقۇم سەرخىللىشىپ ،نۇرغۇن كىشىلەر ئەسەرلەردىن سۆيۈنىدۇ ،ئوقۇيدۇ ،روھى ئوزۇق تاپىدۇ .
2. ئەسەر ئوقۇغان ئوقۇرمەنلىرىمىزگە
يېقىندا توردا ئەسەر يازىدىغان بىر بۇرادىرىم بىلەن پىكىرلىشىپ قالدىم ، ئۇ : «ئاداش ،چۈشكەن ئىنكاسلاردىن بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندىم ، قارىسام ھەممىسى شۇ ياخشى يېزىپسىز ،ياكى بولمىسا ئىنكار قىلغان سۆزلەر ، دىگەندەك سۆزلەر ،بىر قاراپ ئەسىرىمنى ئوقۇمىدىمىكىن دەيمەن ،بىر قاراپ ئىنكاسقا قاراپ ئىنكاس يازدىمىكىن دەيمەن ، بۇنداق قارىغۇلارچە ماختاپ ۋە تىللاش كىشىنى غەلىتە قىلىپ قويىدىكەن »دېدى . بىر كىشى جاپالارنى تارتىپ ئويلىنىپ سىزگە بىر ئەسەرنى پۈتتۈرۈپ بەردى ، مەن ھەرگىز ھەممە ئەسەرنى مەجبۇرىي ئوقۇپ ،ياكى ئىنكاس يازىسەن دىگىنىم يوق ۋە ياكى ئاپتورنى قىلغىنىنى چوڭايتىپ كۆرسىتىش مەقسىدىم يوق ،بۇنداق قىلىشمۇ ئەقىلغا مۇۋاپىق ئەمەس . سىز« ئوقۇشقا بولىدىكەن » دەپ قارىغان ئەسىرىڭىزنى باشتىن -ئاخىر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ ، ئىنكاس يازغىڭىز بولسا ئالدى بىلەن :«ئاپتور نىمە دەيدۇ ؟ مەن قانداق چۈشەندىم ؟ ئاپتور نىڭ ئىددىيسى مىنىڭ ئىددىيەم بىلەن ئەسەر ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرالىدىمۇ ؟مىنىڭ ئاپتورنىڭ ئوتتۇغا قويغان ئىددىيسىگە قانداق پىكىر -تەكلىۋىم بار ؟ » دىگەن مەسىلە ھەققىدە كىچىككىنە باش قاتۇرۇپ بېقىڭ . شىكىسپىرنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بار :« پارقىراق نەرسىلەرنىڭ ئالتۇن بولۇشى ناتايىن ،تەسىرلىك سۆزلەرنىڭ ياخشى سۆز بولۇشى ناتايىن » دەپ ،ئاپتور ئەگەر پىسخىكىسىدا چاتاق بولمىسىلا چوقۇم ئىلگىرلەشنى ئويلايدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن راست،ھەقىقى سۆز ئىنتايىن موھىم . خۇددى ئوبزورچىمىز يالقۇن روزى ئاكىمىزنىڭ دىگىنىدەك جەمىيەت سىپايە تەنقىد قىلىدىغان كىشىلەرگىلا ئەمەس بەلكى قوپال بولسىمۇ ھەقىقى گەپ قىلالايدىغان كىشىلەرگىمۇ مۇھتاج ،دىگەن ،شۇڭلاشقا ئىنكاس يازغاندا قورقماي يۈرەك سۆزىڭىزنى ئەسەرنى ئوقۇپ چۈشەنگەن ئاساستا ،ئەخلاقسىز گەپ قىلمىغان ئاساستا يېزىڭ ،باشقىلارنى دورىماڭ ،نىمىلا بولمىسۇن سىز باشقىلار بىلەن قوشكىزەك ئەمەس ،يۈرىكىڭىزدىن ھەقىقى سۆز چىقسۇن ،مەيلى ئۇ ماختاش ياكى تەنقىد بولسۇن .
سىز ئۆز ئۆيىڭىزنىڭ تەرەققىي تېپىشى ئۈچۈن تېرىشىپ ئىشلەۋاتىسىز -ئەلۋەتتە ، ئەلكۈيى بىر ئائىلە ،سىز بىر ئەزاسى ،مىنىڭ مۇنداق دىيىشىم ھەرگىز مەلۇم كىشىنىڭ تاپىلىشى بىلەن ئەمەس ، توردا نۇرغۇن بىلىملەر بار ، بۇلارنى دىمسەممۇ مەندىن ئېنىق بىلىسىز ،ئەلكۈيى تورىغا كىردىڭىز دىگەن گەپ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە مۇشۇ تورنىڭ ئورنى بار دىگەن گەپ ، بۇ ئورۇن قەيەردىن كەلگەن ؟ مۇشۇ توردىكى سەھىپىلەر ئارقىلىق تونۇلىشىدىن كەلگەن ،بۇ سەھىپىلەر دەل مەمەتجان ئاكىمىزدەك بىر قاتار كىشىلىرىمىزنىڭ تىنىم تاپماي تېرىشچانلىقى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن .ئۇلار سىزدىن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدۇ ،پەقەت سىزنىڭ قوللىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ .سىزنىڭ شۇ سەھىپىلەرنى كۆرىشىڭىز ئۇلارغا نىسبەتەن مەدەت ،ئۇلارنى ئەمگىكىگە نىسبەتەن ھۆرمەت قىلغانلىق ،قوللىغانلىق .
3. ئەسەر تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىللىرىمىزغا
مەن بۇ مۇنبەرگە تېخى يېڭى بولغاچقا باشقۇرغۇچىلارغا ئۇنداق ياكى مۇنداق دەپ پىكىر بىرەلمەيمەن ،لىكىن ئاز بولسىمۇ ئۆزۈم بايقىغان مەسىلە شۇنداقلا تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى توغرا تاپتىم ، باشقۇرغۇچىلار ئالدىراشمۇ ،ئەسەر كۆپمۇ ياكى نىمە سەۋەبتىنكىن ، بەزى ئەسەرلەردە ئىملا خاتالىقى خېلى ئېغىر ،ئەسەرلەرگە قويۇلغان تەلەپ كۈچلۈك ئەمەس ، ھەتتا بەزى توردا خېلى نامى بار ئاپتورلىرىمىزمۇ يېرىم-ياتا ئەسەرلەرنى يوللاپ قويغىنىدا ، ئۇنى تەستىقلاش ئەھۋالى بار . سىز بولسىڭىز بىر باشقۇرغۇچى ،بۇ تورنىڭ قارشى ئېلىش ئېلىنماسلىقى ، ئەسەرلەرنىڭ كىشىلەرنى جەلىب قىلىش قىلماسلىقى سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ،سىزنى بىر مۇھەررىر دىسە ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ .ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا بىر مۇھەررىرنىڭ قانداقلقى مۇشۇ ژورنالنىڭ قانچىلىك سېتىلىشى ، قانچىلىك كىشى تەرىپىدىن ئوقۇلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ . مۇشۇنداق بولغان ئىكەن ، بۇ مەسئۇلىيەت سىزنى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇشقا ، ئەسەرلەرگە نىسبەتەن تەلەپنى يۇقرى قويۇشقا ئۈندەيدۇ . ئەگەر بەزى ياخشى ئەسەرلەر ياخشى تەھرىرلەنمىسە ،چىكىت -پەشلەر مۇۋاپىق بولمىسا ،كىشىلەر تەرىپىدىن قارشى ئېلىنمايدۇ ، ئەگەر مەسىلە ئېغىر بولمىسا ، ئازىراق تەھرىرلەپ قويسىڭىز بۇمۇ سىزنىڭ قولىڭىزدىن كىلىدۇ . ئەگەر ئەسەرلەر ياخشى چىقمىسا مەيلى ،لىكىن ياخشى چىقىشتىن ئۈمىد بار ئەسەر بولسا ،كىچىككىنە ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇچۇر يوللاپ ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ،بۇمۇ ئاپتورغا نىسبەتەن چوڭ ئىلھام ھەم مەدەت .
مەن بىر دوستۇمدىن بۇ تورنىڭ ئەسەر سۈپتىگە قويۇلغا تەلىپىنىڭ يۇقىرلىقى ، خاسلىقى بىلەن نامى بارلىقىنى ئاڭلاپ ،مۇنبەرگە قەدەم قويغان ئىدىم .مىنىڭچە مۇنداق نامنى ئاڭلاپ كىلىدىغانلار مەنلا ئەمەس ،شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئەمگىكىڭلار تېخىمۇ كۆپ ئەلكۈيى ئائىلسىنىڭ ئەزالىرىنى چاقىرىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئاز -تولا بولسىمۇ كۈچىمىزنى چىقىرىپ ، ئۇيغۇر تورچىلقىنىڭ راۋاجلىنىپ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن .
2013.05.23(تىيەنجىن) |
|