خارۋارد ئونىۋېرستېتى كۇتۇپخانىسى ئەقلىيە سۆزلىرى
1.ھازىر ئۇخلىسىڭىز چۈش كۆرىسىز، ھازىر كىتاب كۆرسىڭىز چۈشىڭىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرالايسىز.
2. سىز بىكار ئۆتكۈزىۋەتكەن بۈگۈن تۈنۈگۈن قۇربان بولغانلارنىڭ زارىقىپ كۈتكەن ئەتىسى.
3. بەزى ئىشلاردا كېچىكىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭىز شۇ ئىشنىڭ دەل ۋاقتى سائىتىدۇر.
4. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماڭ.
5. ئۆگىنىش قىلغاندىكى ئازاب ۋاقىتلىق، ئۆگىنەلمىگەندىكى ئازاب ئۆمۈرلۈك.
6. ئۆگىنىشتە ۋاقىت كەمچىللىك قىلمايدۇ، كەم بولغىنى تىرىشچانلىق.
7. بەخت دەرىجىگە تىزىلمايدۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت دەرىجىگە تىزىلمەي قالمايدۇ.
8. ئۆگىنىش ھاياتنىڭ بارلىقى ئەمەس، لېكىن ھاياتنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئۆگىنىشنىمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەن ئادەمنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلمەكچىدى؟!
9. باشقىلاردىن بۇرۇن، باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تەمىنى تېتىماي قالمايسىز.
10. ھېچكىم مۇنداقلا ئۇتۇق قازىنىپ قالغان ئەمەس، ئۇ ئۆزۈل-كېسىل ئۆزىنى باشقۇرۇش ۋە مۇستەھكەم ئىرادىدىن كەلگەن.
11. ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ.
12. بۈگۈن ماڭمىسىڭىز، ئەتە يۈگۈرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.
13. كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغان ئادەم رېئاللىققا سادىق ئادەمدۇر.
14. تەربىيەلىنىش دەرىجىسى كىرىمىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
15. بىر كۈن ئۆتۈپ كەتسە قايتىپ كەلمەيدۇ.
16. ھازىرنىڭ ئۆزىدە رەقىبىڭىزنىڭ قوللىرى توختىماي كىتاب ۋاراقلايدۇ.