كۆرۈش: 1662|ئىنكاس: 10

ئىنسانلار تارىخىدىكى100 مەشھۇر شەخىس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-19 17:01:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنسانلار تارىخىدىكى100 مەشھۇر شەخىس


مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (س.ئە.ۋ)


ئاپتورى: مېخائىل . خ . خارت (ئامىرىكا)




(مىلادىيە 570_ 632 )
مىنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى دۇنيا تارىخىدىكى100 مەشھۇر كىشىنىڭ بىرىنجىسى قىلىپ تىزىشىمدىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ھەيران قىلىشى مۆمكىن ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قارشى بار ، ئلۋەتتە . لىكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنيا تارىخىدا دىن ۋە ئىجتىمائى تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋەپپىقىيەن قازانغان بىردىن بىر ئۇلۇغ شەخىس .

تۆۋەن تەبىقىن كىلىپ چىققان مۇھەممەت ئەليھىسسالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىنلارنىڭ بىرى _ بولغان ئىسلام دىنىنى تارقىتىپ ئەڭ كۈچلۈك سىياسى داھىغا ئايلاندى . ئۇ ئالەمدىن ئۆتۇپ 13 ئەسىردىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا شۇنداق زور بولماقتا.

مەن بۇ كىتاپتا تاللاپ كىرگۈزگەن شەخىسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ، قۇيۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان  ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى . ئۇ مىلادىيە 570 _ يىلى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى مەككىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان . ئۇچاغلاردا بۇ جاي سودا ، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن يىراق ، ئارقىدا قالغان رايۇن ئىدى .

مۇھەممەد ئەلەيھىسسسالام 6 ياش ۋاقتىدا قارا يىتىم بۇلۇپ قالغان . ئۇ ناھايىتى جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان ،
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇ ساۋاتسىز ئىكەن . 25 ياشقا كىرگەن يىلى بىر باي سودىگەردىن تۇل قالغان خەدىچە بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشىلانغان . 40 ياشقا كەلگەندە ھەرخىل بىشارەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالانىڭ ھەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى .

ئەينى ۋاقىتتا  كۆپلىگەن ئەرەپلەر ئەنئەنىۋى قەبىلە ئىلاھلىرىغا ئىتىقات قىلاتتى ، لىكىن مەككىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر يەھۇدى دىنى ۋە خىرىستىيان دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 40 ياشقا كىرگەندە
جىمى ئالەمنى ئىدارە قىلىدىغان ھەممىگە قادىر بىرلا ئاللاھنىڭ بارلىقىنى چۇشەندى . 40 ياشقا كىرگەندە ئاللاھنىڭ ئۇنى بۇ دۇنياغا دىن تارقاتسۇن دەپ ، رەسۇل قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە ھەقىقى ئىشەندى .

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەسلەپكى ئۈچ يىل ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە ئەل ئاغىنىلىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلدق . مىلادىيە613_ يىلى ئىسلام دىنىنى تەرغىپ قىلىشنى ئاشكارا ئېلىپ باردى . شۇنداق قىلىپ ، بىر قىسىم كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشتى . مەككىدىكى قەبىلە ئاق سۆڭەكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆزلىرى ئۈچۇن بىرخىل تەھدىت دەپ قارىدى ، شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ھەر جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى . مىلادىيە 622 _ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى مەككىدىن 200 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى مەدىنىگە مەجبۇرى كۆچۈپ كەتتى ھەمدە ئۇيەرنى دىنى ھاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۇكتى.

ئىسلام دىنىدا بۇ تارىخى ۋەقە << ھىجرەت>> دەپ ئاتالدى. مەدىنىگە ھىجرەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش ھىساپلىنىدۇ . مەككىدىكى چېغىدا ، ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىكىرى ئاز ئىدى ، مەدىنىگە كەلگەندىن كىيىن تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى ، ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىمۇ تەرەققى قىلىپ يىتىلدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ، مەككىدىكى مۇشرىكلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلدى . ئاخىرى مىلادىيە 630 _ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ، مەككىگە كىردى ، مەككىدىكى مۇشرىكلار ئىسلام دىنىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلدى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتتا نوپۇزىنى ئىتىراپ قىلدى . مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋاپات بۇلۇش ئالدىدىكى ئىككى يىل ئىچىدە ، كۈر مىڭلىغان كىشىلەر ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى .632 _ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ۋاپات بولغاندا ، پۇتكۈل ئەرەپ يېرىم ئارىلى ئومۇمەن بىرلىككە كىلىپ بولغان ئىدى .
ئەرەپ يېرىم ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بەدەۋەلەر باتۇر ھەم جەڭگە ماھىرلىقى بىلەن تۇنۇلغان خەلق بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار بۆلۈنۇپ كەتكەن ئىدى . شۇڭلاشقا ئۇلار شىمال تەرەپتىكى دېھقانچىلىق رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەپلەرنىڭ رەقىبى بولالمايتتى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئاللاھنىڭ بەرھەقلىكىگە ئىشەندۈردى ،شۇڭا سانى ئاز بولغان مۇسۇلمانلار قۇشۇنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى
ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارالىدى . ساسانيىلار دەۋرىدىكى پىرسىيە ئىمپىرىيىسى ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمال قىسىمىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، ئادەم سانى جەھەتتىن مۇسۇلمان قۇشۇنى ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيتتى . لېكىن مۇسۇلمان قوشۇنى جەڭلەردە كارامەت باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ، مېسوپوتامىيە ، سۈرىيە ۋە پەلەستىنلەرنى بېسىقتۇردى ، مىلادىيە642 _ يىلى مىسىرنى ۋىزانتىيە ئىمپىريىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازات قىلدى ھەمدە 637 _يىلىدىكى كادىسىيە ئۇرۇشى ۋە642 _ يىلىدىكى نىنىۋى ئۇرۇشلىرىدا پىرسىيە قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى .
بۇ ھالقىلىق غەلىبىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرى ھەم ۋارىسلىرى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر بىن خەتتاپتىن ئىبارەت ئىككى خەلىپە سەۋرىدە قولغا كەلتۇرۈلدى ، لېكىن ھەرگىزمۇ ئەرەپلەرنىڭ غازاتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىن دېرەك بەرمەيتتى . 711 _ يىلى ئەرەپ قوشۇنلىرى شىمالى ئافرىقىغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بىسىپ كەلدى . كىيىن شىمالغا يۇرۇش قىلىپ ، جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۇپ ئىسپانىيىنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى .

ئەھۋالدىن قارىغاندا ، ئىسلام قوشۇنلىرى پۇتكۈل خىرىستىئان دىنى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ياۋرۇپانى ئىگىلپ كىتىدىغاندەكلام تۇراتتى . بىراق 732 _ يىلى فىرانسىيىنىڭ مەركىزىگىچە بىسىپ كەلگەن مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى تۇر ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولدى . شۇنداقتىمۇ بەدەۋىلەر ئۆز زىمىنىنى شەرىقتە ھىندىستان چىگرىسىدىن تارتىپ ، غەرىپتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كىڭەيتتى .بۇھازىرغا قەدەر بولغان تارىختىكى ئەڭ زور ئىمپىرىيە ئىدى . ئىسلام قۇشۇنلىرى بارغانلىكى يېرىدە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى.

ناھايىتى روشەنكى 7 _ ئەسىردىكى ئەرەپلەرنىڭ << غازات>> ئۇرۇشى تاھازىرغىچە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە.ئىسلام دۇنياسىدا دىن بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرسىدا شۇنداق زىچ باغلىنىشنىڭ بۇلۇشى مىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسسىرى ئەڭ زور شەخىس ئىكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئىشەندۇردى.

مەنبە :دۇنيا تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 مەشھۇر شەخىس

مەشھۇر سەخىسلەرنىڭ رەتتەرتىۋى.1. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 2. نيۇتون 3. ئىسا ئەلەيھىسسالام 4 . ساكيامونى 5. كۇڭزى 6. پائول 7. سەي لۇن 8 . گۇتېنبېرگ 9 . كولومبو 10 . ئېينىشتىيىن 11 . پاستېر 12 . گالىلى 13 . ئارىستوتىل 14 . ئېۋكلىد 15 . مۇسا ئەلەيھىسسالام 16 . دارۋىن 17 . چىن شىخۇاڭ 18 . ئاۋگۇست 19 . كوپىرنىك 20 . لاۋازېر 21 . ئىمپىراتور كونىستانتىن 22 . ۋات 23 .مىخائېل فارادىي 24 . ماكسۋېل 25 . ليۇتېر 26 . گىئورگى ۋاشىنگىتون 27 .كارل ماركىس 38 . ئاكا ئۇكا رايىتلار 29 . چىڭگىزخان 30 . ئادام سىمىت 31 . ئېدۋارد دې ۋېر (شېكىسپىر نامى بىلەن تېخىمۇ داڭلىق) 32 . جون دالتون 33 . ئىمپىراتور ئالىكساندىر 34 . ناپالىئون بوناپارت 35 . توماس ئىدىسون 36 . ئانتونى لېۋېنخوك 37 . ۋىليام مورتون 38 . ماركونى 39 . گىتلېر 40 . پلاتون 41 . كرومۋېل 42 . ئالىكساندېر بېل 43 . ئالىكساندېر فلمېنىگ 44 . لوك 45 . بىتخوۋىن 46 . ھېيزىنبېرگ 47 . لوئىس داگېر 48 . سىمون بولىۋار 49 . دېكارت 50 . مىكلانجىلو 51 . ئۇربان (2) 52 . ئۆمەر (1) 53 . ئاسوكا 54 . ئاۋگوستىن 55 . ۋىليام خارۋېي 56 . ئېرنېست رېزېر فرد 57 . جون كالۋىن 58 . مېندېل 59 . ماكىس پلانك 60 . لىستېر 61 . ئوتتو 62 . پىزاررو 63 . كورتېس 64 . تماس جېففېرسون 65 . ئىزابىللا (1) 66 . ستالىن 67 . كايزا 68 . ۋىليام (1) 69 . فرېيد 70 . ئىدۋارد جېننېر . 71 . رېنتگېن 72 باخ 73 . لاۋزى 74 . ۋولتايرې 75 كېپلېر 76 . فېرمى 77 . ئېتلېر 78 . رۇسسو 79 . ماكيا ۋېللى 80 . مالتوس 81 . جون كېننېدى 82 . پىنكۇس 83 . مانى 84 . لېنىن 85 . سۈي ۋېندى 86 . گاما 87 . ئىمپىراتور كىرۇس 88 . ئىمپىراتور پېتېر 89 . ماۋزىدۇڭ 90 . فىرانسىس باكون 91 . فورد 92 . مىڭزى 93 . زورو ئاستېر 94 . ئىلزابىت(1) 95 . گورباچيف 96 . مېنېس 97 . چارلېمان 98. گومىر 99 يۇستىنئان (1) 100 . ماخاۋىرا
ئىنسان خاتالىقتىن خالىي ئەمەس،تەييارلاش جەريانىدا خاتا كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزىتىپ قۇيىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.   
                            تەييارلىغۇچى: جاھان بىۋاپا

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
22930
يازما
91
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
91
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 11:46:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر دېگەن كىمۇ ؟

UID
49694
يازما
132
تېما
62
نادىر
0
جۇغلانما
132
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 12:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
strella يوللىغان ۋاقتى  2013-5-20 11:46
ئۆمەر دېگەن كىمۇ ؟

ئۆمەر ئىبنى خەتتاب (4خەلىفىنىڭ بىرى)، قېرىندىشىم،كەمىنە رەتلەش جەريانىدا دىققەت قىلماپتىمەن.

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
95 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 15:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايكىل ھارت "تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور 100 ئەرباب" ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ :

مەن مۇھەممەدنى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئەربابلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىغا قۇيۇشنى تاللىدىم، بۇنىڭغا بەزى كىتاپخانلار ھەيران قېلىشى  ۋە بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن،بىراق ئۇ ھەقىقەتەن دىن ۋە ھاكىمىيەت جەھەتتە تەڭلا ئاجايىپ نەتىجە ياراتقان بىردىنبىر ئۇلۇغ ئەربابتۇر .

مايكىل ھارت "تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور 100 ئەرباب" ناملىق ئەسىرى 33-بەت

UID
47232
يازما
220
تېما
51
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
95 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 15:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىبلىكلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلايھىسلام ھەققىدە ئېيتقانلىرى
/thread-37057-1-1.html

ئۈمىدلىك ئەزا

ئاللاھ ئۇلۇغدۇر!

UID
18576
يازما
101
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 17:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى 1- قاتارغا تىزماق بەرھەق. چۈنكى ئادەم ئەلەيھىسسالام بارلىققا كەلمەستىن بۇرۇن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك نۇرى بار ئىدى. ھەم شۇنداقلا ئاللاتائالا جاھاندىكى جىمى نەرسىنى ئەنە شۇ نۇر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرى) سەۋەبىدىن ياراتقان.

UID
48750
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 21:28:31 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتلەق كوپ قىسمى ياۋروپالىق چىغى  ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ پادىشاھىدىن بامىكىن دىسەم يوقكەن دىسە

UID
49516
يازما
51
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
51
تىزىملاتقان
2013-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-30
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 10:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت  ئەلەيھىسسالامنى پۈتۈن دۇنيا بىرىنجى ئورۇنغا تىزىدۇ ، ئاللاھۇ تەئالا ئى مۇھەممەت سېنى دىمىسەم بۇ دۇنيانى ياراتمايىتتم دىگەن .

UID
46749
يازما
170
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
170
تىزىملاتقان
2013-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 23:10:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى بۇ كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويۇش (مەيلى بىرىنجى قاتارغا تىزسۇن)ياكى ئاپتورنىڭ ئىديەسىدىكى خاتالىق ياكى بىر سىياسىي ھىيلە.
  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىچقاچان خىمىك،فىزىك،ئاستىرنوم،پەيلاسوپ،ئارخىتىكتور ياكى داڭلىق يازغۇچى ئەمەس ،بەلكى نەبىيدۇر،يەنى ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزگۈچى پەيغەمبەردۇر.
  ئەيسا ئەلەيھىسسالاممۇ شۇ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر.ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنى بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا تىزىش زور خاتالىق،ئەلۋەتتە ھەربىر ئەقىدە ئىگىسى ئۆز ئەقىدىسى بويىچە دۇنياغا قارايدۇ.بۇ يەردە ھەتتا ئەيسا ئەلەيھىسسالام نىيوتوننىڭ ئارقىسىغا تىزىلىپتۇ،بۇ ئۇقۇمنى قوبۇل قىلغان ھەربىر مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسىنى تەكشۈرۈپ بىقىشى كىرەك.
  ناۋادا 124مىڭ پەيغەمبەرنى تىزىپ ئەڭ بىرىنجىسىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تىزغان بولسا بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولاتتى.
  

UID
18480
يازما
36
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
36
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-1
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-25 03:31:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surgun4458 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-21 23:10
مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى بۇ كىتاپنىڭ ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم...     
يازغۇچى سىز ۋە بىز گە ئوخشاش دىننىي نوقتىدىن تۇرۇپ ئەسەر يازمىغانلىقى ئېنىق، سىز ئاپتورنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىگە كەسكىن ھۆكۈم قىلالمايسىز ئەلۋەتتە،ئاپتور پەقەت دۇنياغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن شەخىسلەرنىڭ رەت تەرتىپىنى تىزىپتۇ خالاس، سىياسىي ھىلە بار دىيىلسە مەزكۇر ئەسەر كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنارمىدى؟
مەيلى ئاپتور قايسى نوقتىدىن تۇرۇپ ئەسەر يازغان بولىشىدىن قەتتى نەزەر سىز ۋە بىز نىڭ بىلىدىغىنىمىز ئوخشاش،بۇنىڭلىق بىلەن خاتا كەيپىيات پەيدا قىلىش نىڭ، ياكى مۇنبەر دە غۇل-غۇلا پەيدا قىلىش نىڭ ئەھمىيىتى يوققۇ دەيمەن...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش