تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2992|ئىنكاس: 12

غەرىپلىكلەرنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئېيتقانلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەۋەت تالىشىش قەۋەت تالىشىش بۇ قەۋەت تالىشىش تېمىسى،قەۋەتلەرنى تالىشىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز! 

UID
47232
يازما
166
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
166
تىزىملاتقان
2013-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-18
توردا
71 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 13:14:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                   غەرىپلىكلەرنىڭ مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئېيتقانلىرى
گۇستاۋ لوبون مۇنداق دېگەن :
<مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام>ئەڭ يۇقىرى ئەخلاق پەزىلىتىگە ئىگە،ئالىيجاناپ،ھەرئىشنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغان،كىشىلەرگە،بەكمۇ مىھرىبان،كۆڭلى يۇمشاق،راستچىل،ئىشەنچىلىك بىركىشى ئىدى.

ئادەملەرنىڭ ئۇلۇغۋار نەتىجىلىرىگە قاراپ ئۇلارغا باھا بىرىشكە توغرا كەلسە،مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام تارىخ تۇنۇغان مەشھۇرلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلىنىدۇ،غەرىبلىك ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ دىنى مۇتەئەسسىبلىكىگە قارىماي مۇھەممەتنىڭ ئالىي پەزىلەتلىرىنى ئىتراپ قىلماقتا.شۇنداقتىمۇ كۆپلىگەن تارىخچىلار دىنىي تەئەسسۇبلىقنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدا قالغانلىقتىن،ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىگە كۆرەلمەسلىك قىلىۋاتماقتا .

گۇستاۋلوبوننىڭ "دىن ۋە ھايات"ناملىق ئەسىرى 67-بەت ۋە "ئەرەپ مەدەنىيىتى"ناملىق ئەسىرى 115-بەت.
  
ئانى بىسنتو مۇنداق دەپ يازىدۇ

ئەرەپ مىللىتىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبىرىنىڭ تەرجىمھالى ۋە پەزىلىتىنى تەتقىق قىلغان ھەرقانداق كىشى بۇ ئالىيجاناپ پەيغەمبەرگە ھۆرمەت قىلماي تۇرالمايدۇ، بۇ پەيغەمبەرنىڭ دىن تەشۋىقاتى ۋە تۇرمۇش جەريانىنى چۈشەنگەن كىشى مۇھەممەت ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن بىر ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىكەن،دەپ تۇنۇشى مۇمكىن. گەرچە مەن سىزگە ئېيتقان كۆپ ئىشلار نۇرغۇن كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولسىمۇ،لىكىن مەن ھەرقېتىم ئۇنىڭ تارىخىنى قايتىلاپ ئۇقۇغنىمدا،بۇ ئالىيجاناپ ئەرەپ يولباشچىسىغا نىسبەتەن مېنىڭدە قايتىدىن ئەقىدە باغلاش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھېسسىياتى قوزغىلىدىغانلىقىنى ئېتراپ  قىلماي تۇرالمايمەن.

ئانى بىسنتونىڭ"مۇھەممەتنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتلىرى"ناملىق ئەسىرى 4-بەت.

رەمادېنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:

ئەگەر نىشانى ئۇلۇغ،قوللانغان ۋاستىسى كىچىك،لىكىن نەتىجىسى قالتىس بولۇش ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۈچ ئۆلچەم دىيىلسە،ئۇنداقتا ھازىرقى دۇنيادا كىممۇ مۇھەممەتتەك ئۇلۇغ كىشى بىلەن تەڭلىشەلىسۇن ؟ ئەڭ ئاتاقلىق دەپ سانالغان شەخىسلەرمۇ پەقەت قورال-جابدۇق،قانۇن ۋە ئىمپېرىيە يارىتالىدى،ئۇلارنىڭ ياراتقىنى پەقەتلا كۈچلۈك ماددىي ھۇقۇق بولۇپ،بۇلار ھامان ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا تۈگەپ،ئۇنىڭدىن بىرەر ئسەرمۇ قالمىدى.لىكىن بۇكىشى"مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام"ئارمىيە،قانۇن،ئىمپىرىيە،مىللەت ۋە پادىشاھلىقنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن،بەلكى شۇچاغدىكى پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىرقىسمىنى ئۆزگەرتەلىدى.بۇلارلا ئەمەس ئۇ يەنە ئېتقاد ۋە قەلىبلەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى،ئۇ غەلبە ئالدىدا ئىنتايىن سەۋېرچان بولدى ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئىرادىسىنى بىرەر ئىمپىرىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى بىرلا ئېتقادقا بېغىشلىدى، ئۇ بىركۈنمۇ  توختىماستىن داۋاملىق ناماز ئۇقۇدى ، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئېلىپ بارغان سىرلىق سۆھبەتلىرى،ۋاپاتى ۋە ۋاپاتىدىن كىيىنمۇ داۋاملىق قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلىرى ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەرگىزمۇ خەلقنى ئالداپ نام-ئابروي قازانغۇچى بولماستىن ، ئەكسىچە بىرقەتئىي ئىرادىلىك ئېتىقادچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ

رەمادېنىينىڭ ""تۈرك تارىخى"ناملىق ئەسىرى 276-277- بەتلەر .

مايكىل ھارت "تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور 100 ئەرباب" ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ :

مەن مۇھەممەدنى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئەربابلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىغا قۇيۇشنى تاللىدىم، بۇنىڭغا بەزى كىتاپخانلار ھەيران قېلىشى  ۋە بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن،بىراق ئۇ ھەقىقەتەن دىن ۋە ھاكىمىيەت جەھەتتە تەڭلا ئاجايىپ نەتىجە ياراتقان بىردىنبىر ئۇلۇغ ئەربابتۇر .

مايكىل ھارت "تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور 100 ئەرباب" ناملىق ئەسىرى 33-بەت

توماس كارلايل مۇنداق دېگەن :
سىلەر يالغانچى بىر ئادەمنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك بىر كاتتا دىننى بەرپا قىلغىنىنى كۆردىڭلارمۇ ؟

ئۇنداق ئادەم تۇپراقتىن ئۆيمۇ ياسىيالمايدۇ ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھېچقانداق بىر ئۇستازدىن دەرس ئالغان بىرئادەم ئەمەس ، ئەرەپلەردە خەت يېزىش ئىشى شۇۋاقىتلاردا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىرئىش سانىلاتتى ، مۇھەممەت خەت يېزىشنى ياكى ئۇقۇشنى بىلمەيتتى . ئۇنىڭ بىلىدىغىنى سەھرا ھاياتى ئىدى ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردىنمۇ خەۋىرى يوق ۋە ھېچقايسى تەرەپتىن ئالاقىسى يوق ئىدى،ئۇنىڭ ئىسىل ئەخلاقى ، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىكى راستچىللىقى سەۋەپلىك ،ئۇنى ھەمراھلىرى "ئىشەنچلىك" دەپ ئاتىشاتتى .

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋا قىلغان دەپ قارىغۇچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان دەلىلەردىن بىرى شۇكى ، ئۇ ياشلىقىنىڭ قارام چاغلىرىنى ئايالى خەدىيچە رىزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن تىنچ ھالدا ئۆتكۈزى ، شۆھرەت ياكى مەنسەپ ياكى بايلىق ھاسىل قىلىش يولىدا بىرەر يېڭىلىق ئېلىپ كىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى ، ياشلىقى كىتىپ قېرىلىققا قەدەم قويغىنىدا ئۇلۇغۋار ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش غەيرىتى ئۇنىڭدىن ۋولقاندەك بىردىنلا ئېتىلىپ چىقتى .
  
بۇ ئۇلۇغ ئادەمنىڭ قەلبى سۆيگۈ-مۇھەببىتى ، مېھرى-شەپقەت ۋە ئىنسانيەت يېتىدىغان ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن تولغان ئىدى ، ئۇنىڭ ئەھۋالى مال-دۇنيا ياكى مەنسەپ ياكى شۆھرەت تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ ھالىغا قەتئىي ئوخشىمايتتى ، ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ، ئۆزىنىڭ شەنىنى چۈشىرىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى ، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدىغان ،ئىرادىلىك ، قورقماس ، بىر يېگانە شەخىس ئىدى .

توماس كارلاينىڭ "باتۇرلار"نامىق ئەسىرى 1940-بەت . توماس كارلايل "1795-1881 " مەھشھۇر ئىنگىلىز يازغۇچىسى.

ھېربېرت جورج مۇنداق دەپ يازىدۇ

مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ئادالەت ۋە كەڭچىلىك دۆلىتىنى بەرپا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ شەخىستۇر ، ئەخلاقى ياخشى بولمىغان بىرىنىڭ ئۇنىڭغا جان پىدا قىلالايدىغان دوستلارغاا ئېرىشەلىشى مۇمكىنمۇ ؟

ئۇنى ئەڭ ياخشى تۇنۇغانلارنىڭ ئۇنىڭ دىنىغا ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ئۇنى جېنىدىنمۇ بەك سۆيۈشىنىڭ سىرى ئۇنىڭ راستچىللىقى ۋە ئېسىل پەزىلىتىدىن ئىدى ، ئۇ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئادالەت ، كەڭ قۇرساقلىق ، باراۋەرلىكنىڭ ئاساسلىرىنى قۇرغان ئۇلۇغ شەخىستۇر

ھېربېرت جورجۋلىز <1886-1946>ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ۋە تالانتلىق ئەدىپ ، مەخپى ئادەم زامان چاكىرى ناملىق ئەسەرلىرى بىىلەن شۆھرەت قازانغان 1920-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزلار ناملىق ئەسىرىنى يازغان .  
لايتنېر مۇنداق دەپ يازىدۇ
يەھۇدى ۋە خىرىستىئان دىنلىرىنى بىلگەن مەلۇماتىمغا ئاساسەن شۇنى كەسكىن ئېيتىمەنكى . مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھېچقانداق بىر دىندىن ئېقتىباس ئالغان ئادەم ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭغا ئاللاھتىن ۋەھيى كەلگەن ۋە شۇ ۋەھيىنى يەتكۈزگەن . مەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا بولغان چەككسىز ھۆزمىتىم بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى بىراۋدا ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن قورقماسلىق روھى ، نىشانىنىڭ ئېنىقلىقى ، ئىشلىرىدىكى راستچىللىق ، قەلبىدە سابىت ئىمان ، ئۆتكۈز پىكىر ، يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشتا ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ توغرا ۋاستىلەرنى قوللىنىش قاتارلىق خىسلەتلەر تېپىلىدىكەن ، ئۇ پەيغەمبەرىك ئالامەتلىرىدىن سانىلىدۇ ، مۇھەممەت ئىگە بولغان  بۇ ئالىي خىسلەتلەر ئۇنىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ، خىرىستىئانلار ئەيساغا توغرا رەۋىشتە ئىمان ئېيتىدىغان بىرزامان كەلگەندە ئۇلار مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى تۇنۇپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغان بولىدۇ .

لايتنېرنىڭ "ئىسلام دىنى" ناملىق ئەسىرى 4-5 بەتلىرى . لايتنېر ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىسلام شەرىئىتى.پەلسەپە ۋە خىرىستىئانلارنىڭ لاھۇت ئەقىدىسى قاتارلىق ماۋزۇلاردا دوكتورلۇق ئالغان ئىسلام دۇنياسىنى كېزىپ مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ كاتتىلىرى بىلەن كۆپ كېتىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن . pO;BX5(x  

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7480
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-10
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 06:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
52403
يازما
78
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
78
تىزىملاتقان
2013-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 22:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
52309
يازما
15
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2013-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-17
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 17:12:14 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
29307
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-1
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-1 22:22:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
51451
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-12-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-21
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-21 11:34:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
47037
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2013-3-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-8
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 19:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
50311
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-6
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-6 12:30:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
49704
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2013-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 15:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ

UID
25197
يازما
110
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
110
تىزىملاتقان
2012-7-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-18
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 13:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش