ئۇنىڭ 2012-يىلى DNA ساھاسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى Nature Cell Biology ژورلىنىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ،ئۇ ھازىر شۆھرەت مۇتەللىپتىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ نۇپۇزلۇق بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ قالدى. Nature Cell Biology تەبىئەت ھۆجەيرە بىئولوگىيەسى ژورنىلى دۇنيادىكى ھۆجەيرە ساھەسى بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى ئىمىتىيازغا ئېگە ژورنال بولۇپ، تەسىرچانلىق ئامىلى 19.488.
==========================================
ئەسقەر ئاكىمىز ئازغىنە كەم 45 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ تىرىشچانلىق بىلەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتى قىلىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىق روھى كىشىنى تولىمۇ مەمنۇن قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭغا بۇندىن كىيىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەر يار بولسۇن. مۇشۇنداق كىشىلىرىمىزدىن سۆيۈنۈش ئىلكىدە پەخىرلەنمەي تۇرالمايمىز.
تىما ئىگىسى، سىز يۇقىرىدا مەن نەقىل ئالغان گەپلەرنى قار-قويۇقلا شۇنداق دىدىڭىزمۇ ياكى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەيدىغان بولغاندىكىن شۇنداق دەۋەرسەم بولىدۇ، دەپ ئويلىدىڭىزمۇ بىلمىدىم. لىكىن يۇقىرىدىكى جۈملىدىكى گەپلىرىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ. ئاۋۋال ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قازانغان نەتىجىلىرى بىلەن ئىككىنچى ئاپتۇرلۇقتا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسى بار تەتقىقاتچىنى سېلىشتۇرغىنىڭىز مۇۋاپىق بولماپتۇ. شۆھرەت ئاكىنىڭ نەتىجىلىرىنى ۋە كىشىنىڭ تەتقىقات سەۋىيەسىنى نوقۇل ھالدا بىرەر پارچە داڭلىق ژورنالدا ماقالە ئېلان قىلىش بىلەنلا باغلىۋاپسىز. تەتقىقات نەتىجىسىنى بىرىنچى ئاپتۇر، قوشما بىرىنچى ئاپتۇر ياكى مەسئۇل (ئاخىرقى) ئاپتۇر قاتارىدا ئېلان قىلسا ئاندىن ھەقىقىي شۇ كىشىنىڭ ئېلان قىلغان ئىلمىي ئەمگىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشقىلار تەرىپىدىن شۆھرەت ئاكىدەك ئېتراپقا ئېرىشىش، ئۆز ساھەسىنى يىڭىلاش ۋە دۇنيادا ھەرقانداق ئالىم ئېغىزىنى ئېچىپ قالغۇدەك نەتىجە يارىتىش بىلەن بىر-ئىككى پارچە ياخشى ماقالە ئېلان قىلىش ئوتتۇرىسىدا زور پەرق بار. يەنە كىلىپ ئۇيغۇرلار ئىچىدە يەنە نۇرغۇن سىز بىلمەيدىغان سانى ۋە سۈپەت جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، بىرىنچى ئاپتۇرلۇقتا 10 دىن كۆپ ئۆز ساھەسدىكى خەلىقئاراغا ئەڭ داڭلىق ژورناللاردا ماقالە ئېلان قىلغان كىشىلەرمۇ بار، بۇنىڭ بىر مىسالى دەل كانادادىكى يورك ئۇنۋىرستىتىدا يۈرەك تەتقىقاتى ساھەسىدە دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان سۇبات تۇردى ئاكا. ئۇنىڭ بىرىنچى ئاپتۇرلۇقتا ئېلان قىلغان 10 دىن كۆپ ماقالىسى ۋە جەمئىي 20 دىن ئارتۇق ماقالىسى بارلىقىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز.
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed
ئۇندىن باشقا، Natur Cell Biology ئەڭ نوپۇزلۇق ھۆجەيرە بىئولوگىيە ژورنىلى ئەمەس، بەلكى Cell بولسا 32.04 تەسىر كۆرسەتكۈچى بىلەن ھەقىقي ئەڭ نوپۇزلۇق ژورنالدۇر. شۆھرەت ئاكىنىڭ ئەڭ يىڭى دۇنياۋى بۆسۈش خاراكتىرلىك ئىنسان غول ھۆجەيرىسىنى كلونلاش تەتقىقاتى نەتىجىسى بۇ ھەپتە دەل مۇشۇ Cell دىگەن ژورنالدا ئېلان قىلىندى:
http://www.cell.com/abstract/S0092-8674(13)00571-0?fb_action_ids=10151659197893134&fb_action_types=og.likes&fb_source=aggregation&fb_aggregation_id=288381481237582
ئەلۋەتتە، ئەسقەر ئاكىدەك مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇش كىرەك، لىكىن يازغان سۆزلىرىڭىزنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلسىڭىز. رەھمەت.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-17 04:50):
http://www.yorku.ca/gsweeney/people.html