كۆرۈش: 3644|ئىنكاس: 18

بىئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى ئۇيغۇر ئالىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49840
يازما
5
تېما
4
نادىر
1
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2013-4-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-17
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 03:09:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئالىمىلارنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، بىئولوگىيە ساھاسىدە نەتىجىسى زور بولغان ئەسقەر ھىمىت ئاكىمىزنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. ئەسقەر ھىمىت 1968-يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1985-يىلى قۇمۇل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1991-يىلى شەرىقى جوڭگۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىئولىگىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى ئالغاندىن كىيىن، جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەت قىلغان. بىلىمگە ئىنتىلىشچان روھى ئۇنى بۇنىڭ بىلەن قانائەت ھاسىل تاپقۇزمىغان،ئۇ 1995-يىلى ئانا مەكتىپىنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈپ، شۇ يىلى شاڭخەيگە كېلپ ئۇقۇشىنى داۋالماشتۇرغان.1998-يىلى ماگىسىتىرلىق ئۈنۋانى ئالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ خالمۇرات غۇپۇرنىڭ تەتقىقات گورۇپپىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا تەتقىقات گوروپپىسىدىكىلەر بىلەن بىللە<غەيرى تەبئىي ساۋدانىڭ مالكۇلا بىئولوگىيە تەتقىقاتى> قاتارلىق دۆلەت تەبئىي پەنلەر فوندى ۋۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلىق تەبئىي پەنلەر فوندى تەتقىقات تېمىللىرىنى ئېلىپ ئىشلىگەن. بۇ جەريانىدا ئۇ جوڭگۇنىڭ ھۆجەيرە ۋە مالكولا بىئولوگىيە ساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق ژورناللاردا 10 نەچچە پارچە ئىلىمى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. تەتقىقات جەريانىدا ئۇ چەتئەللەر بىلەن بولغان پەرىقىنىڭ زورلىقىنى ھىس قىلغان، ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىسىتىكى تۇغۇلغان. ئۆزلىكىسىز تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە، 2003-يىلى ئۇ كانادانىڭ (Queen’s University) خانىش ئۇنۋېرسىتىىغا بىر يىللىق زىيارەتچى تەتقىىقاتچى بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى يېتەكچى ئۇقۇتقۇچىسىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2005-يىلى دوكتۇرلىق ئۈنۋانى ئۈچۈن داۋملىق ئۇقۇش پۇرستىگە ئىرىشكەن. 2011-يىلى دوكتۇرلىق ئۈنۋانى ئالغان. ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ توختاپ قالماي شۇ يىلى(University of Toronto) تورونتو ئۇنۋېسىتىغا دوكتۇر ئاشتى تەتىقىقاتىچىسى بولۇپ كىرگەن. تورونتو ئۇنۋېرسىتىتى نەچچە يىللاردىن بۇيان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ زورلىقى بىلەن دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى  20ئۇنۋېرسىت ئىچىدە سانىلپ كېلنىۋاتقان بولۇپ، ئېلان قىلىنغان ئىلمى ماقالىسىنىڭ سانى شىمالى ئامىركىدا خارۋارد ئۇنۋېرسىتىدىن قالسا ئىككىنجى تۇرىدۇ. ھازىرغىچە 9 نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرشكۈچى چىققان. دىيابىت كېسىلىنڭ دورىسى-كالا ئىنسولىن (胰岛素) دۇنيادا تۇنجى بولۇپ مۇشۇ تەتقىقات ئورىنىدا ياسالغان. بۇ ئۇنۋېرستىقا كىرىپ دوكتۇر ئاشتى تەتىقىقاتىچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى  ئۇنىڭ ئىلىمى سەۋىيىسنىىڭ بىئولوگىيە ساھەسىدە دونيانىڭ ئالدىنىقى سەۋىيىسگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ 2012-يىلى DNA ساھاسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى Nature Cell Biology ژورلىنىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ،ئۇ ھازىر شۆھرەت مۇتەللىپتىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئەڭ نۇپۇزلۇق بىئولوگىيە ئالىمى بولۇپ قالدى. Nature Cell Biology تەبىئەت ھۆجەيرە بىئولوگىيەسى ژورنىلى دۇنيادىكى ھۆجەيرە ساھەسى بۇيىچە ئەڭ يۇقىرى ئىمىتىيازغا ئېگە ژورنال بولۇپ، تەسىرچانلىق ئامىلى 19.488. ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ۋە باشقا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.
Dissecting DNA damage response pathways by analysing protein localization and abundance changes during DNA replication stress,Nature Cell Biology 14: 966-976
http://biochemistry.utoronto.ca/brown/people.html
بىز ئالىمىمىز ئەسقەر ھىمىتنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز. ئاللا ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49797
يازما
72
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-7
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 11:24:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكلە ئۇيغۇرۇم......  

UID
46887
يازما
112
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
112
تىزىملاتقان
2012-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
108 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 12:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخرلىنىمەن

UID
48517
يازما
65
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
65
تىزىملاتقان
2013-4-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 13:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ پەخىرلىنىمەن.ھەممەيلەن بىرلىكتە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ تىرىشايلى،مىللتمىزنىڭ تەرەققىياتى تىرىشايلى!ياشا ئۇيغۇرۇم.

UID
31144
يازما
397
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
397
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-30
توردا
92 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 15:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇللەپ ياشنا ئۇيغۇرۇم !!!

UID
18011
يازما
61
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
181
تىزىملاتقان
2011-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-14 22:56:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئۇيغۇر ئالىم دىمەي يەنە بىر ئالىم دەڭ .

UID
21971
يازما
53
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
53
تىزىملاتقان
2012-1-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-17
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 02:02:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى يولداشنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلىمەن .

UID
45323
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-12
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 02:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافىرىن سىزگە قېرىندىشىم!!!!!
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزگە بەرىكەت بەرگەي، يۇلىڭىزنى تېخىمۇ داغدام قىلغاي ئامېن   

UID
25968
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 12:50:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەسىپتە يەنىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى تىلەيمەن

UID
11177
يازما
232
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1763
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-18
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-15 17:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش