ئالي مەكتەپ ئمتىھانى راستىنلا شۇنداق مۇھىممۇ؟
ھەر بىر ئاتا ئانا پەرزەنىت ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار شۇنداقلا جەمىئەتنىڭ ھەرقايسى ساھالىەردىكىلەر تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان ،قەلبىدە ناھايتىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالغان ،ھەتتاكى تەغدىرنى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىنبىر يول دەپ قارايدىغان ئالي مەكتەپ ئمتىھانىغىمۇ ئاز قالدى .مانا مۇشۇ پەيتلەردە بۇ ئالي مەكتەپ ئمتىھانىى ھەر بىرەيلەننى بولۇپمۇ تولۇق ئوتتتۇرا 3- يىللق ئوقۇغۇچىلىرىنى تولىمۇ جىددىچىلىك ساراسىمىگە سىلىۋاتىدۇ .ئۇلارنىڭ كاللىسىدا پەقەت بىرلا غەم ،ئۇ بولسىمۇ 6-ئاينىڭ 7-8-كۈنلىرى ئلنىدىغان ئالى مەكتەپ ئمتىھانىدۇر .
ئەلۋەتتە ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ،شۇنداقلا ھىس قىلىۋاتىمىز ،دۆلىتىمىزنىڭ ئالي مكتەپ ئمتىھان تۈزۈمى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان جەمىئەتنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىگە بولغان تەسىر كۈچى ناھايتى تىزدىن زورايماقتا .ھەتتاكى 5-6 ياشلىق بىر گۆدەك بالىمۇ بۇ ئالي مەكتەپ ئىمتىھاننىڭ تەسرىگە ئۇچىرماقتا .ئەلۋەتتە ھەر بىر ئاتا ئانا بولغۇچى گۆدەك بالىسىدىن مۇنداق بىر سۇھالنى سوراشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ .بۇ سۇئال تولىمۇ ئاددى ،مانا مۇنداق ،بالام سەن چوڭ بولغاندا نىمە ئش قىلىسەن دىگەندەك .ئلگركى گۆدەك بالىىلار بۇ سۇئال سورالغاندا ئوينا
ۋاتقان يىرىدە تايچاقتىەك سەكرەپ تۇرۇپ ،،مەن چوڭ بولغاندا ئوقۇتقۇچى بولىمەن ،دوختۇر بولىمەن ساقچى بولىمەن ،ئالەم ئۇچقۇچىسى بولىمەن دىگەندەك تاتلىق جاۋاپلارنى بىرەتتى .ئۇچۇر تىخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بۇ ئالي مەكتەپ ئمتىھاننىڭ تەسىر كۈچىمۇ جەمىئەتنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىگە يىتىپ باردى .ئەنە شۇ گۆدەك بالىنىڭ ئددىسىسىمۇ ناھايتى چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى .
ھازىر ئەنە شۇ ئوخشاش بىر سۇئال كىچىك بالىدىن سورالغاندا ئرىشكەن جاۋابى بۇرۇنقىغا ئوخشاش بولمايدۇ.ئلگىركى بالىلار تاييچاقتەك سكرەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەرگەن بولسا ،ھازىرقى بالىلار ئەستايىدىل قىياپەتتە مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ .مەن چوڭ بولغاندا ئالي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،بۇ جاۋاپنى ئرىشىكەن ئاتا ئانىمۇ ئانچە ھەيران قالمايدۇ ،چۈنكى بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۈمۈد قىلغان جاۋابى ئەلۋەتتە ،مانا بۇ ئالي مەكتەپ ئمتىھاننڭ تەسىر كۈچى ئەمەسمۇ ؟ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئۇلار ئويلىغاندەك راستنلا شۇنداق مۇھىممىدۇ؟ ھەي بۇ بالىلارنىڭ گۆدەك ساددىلىقى نەگە كەتتى ،ئلگىركىدەك تايچاقتەك سەكرەپ ئويناشلىرى نەگە كىەتتى .ئەلۋەتتە ئنسان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغ ئادەمنىڭ گۆدەكلىك مەزگىلىدۇر .چۈنكى بۇ گۆدەكلىك مەزگىلى غەمسىز ،غۇبارسىز كىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟ئلگىركى ۋاقىتلاردا يىزىلاردا گۆدەك بالىلار توپلىشىپ ئوينايدىغان ئويۇنلار ناھايتىمۇ كۆپ ئدى ،مەكتەپتىن قايتىپ كەلسىلا سومكىلىرىنى تاشلىۋىتىپ يىزا دوقمۇشلىرىغا يۈگىرەيتتى ،يىزا دوقمۇشلىرى قۇچقاچتەك چۇرقىرىشىپ يۇرگەن كىچىك بالىلار بىلەن توشۇپ كىتەتتى،بۇ بالىلار بىر توپ بولغاندىن كىيىن مۈكۈ- مۈكۈلەڭ ،ئوغرى ساقچى قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناپ چەكسىز خۇشاللققا چۆمەتتى ،گۆدەكلىكتىن ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىمىلەر قالاتتى .لىكىن ھازىرچۇ ؟ھازىر گۆدەك بالا گۆدەك بالىغا ئوخشىيالماي قالدى ،ئلگىركىدەك تايچاقتەك سەكرەپ ،قۇچقاچتەك چۇرقىرىشىپ ئويناشلىرى ئاللبۇرۇن يىراق-يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى، ھازىرقى گۆدەك بالىلار گۆدەكلىكنىڭ غەمسىز ،غۇبارسىز مىنۇتلىرىنىڭ چەكسىز خۇشاللىقىدىن بەھىرمان بولالمايتتى ،يىزىلاردىمۇ كىچىك بالىلار توپلىشىپ ئوينايدىغان مەنزىردىن ئەسەرمۇ قالمىدى .
ھازىرقى بالىلار ئاران تەستە بىر كۈنلۈك دەرىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىغىر سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كىلىدۇ دە يەنە شۇ كىتاپلار ئارىسىغا غەرق بولىدۇ ،بۇ بىچارىلەرگە بۇرۇنقى بالىلارغا ئوخشاش دوقمۇشلارغا چىقىپ توپلىشىپ ئوينايدىغان پۇرسەت قالمىغان ئىدى .ئەلۋەتتە ،ھازىرقى كىچىك بالىلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ،ئائىلىدە بولسا ئاتا ئانلارنىڭ كونتۇروللقدا يۈرۈپ تىزدىن ماشنا ئادەمگەئوخشاپ قالايلا دىدى.
ھەر قىتىم ئۈگۈنۈش نەتىجىسى ئىلان قىىلىغان ۋاقىتتا بىەزىبىر ئۈگۈنىش نەتىجىسى ياخشى چىقمىغانلار خۇددى بىر چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئاتا ئانىسىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان بولدى، بەزىبىر ئاتا ئانىلار قەغەزنى قولىغا ئىلىپ ،بالىسىغا دوقۇسلىتىپ تۇرۇپ ،مۇشۇ نەتىجە بىلەن كىيىن ئالي مەكتەپكە قانداق ئۆتىسەن ،ئالي مەكتەپلەرگە ئۆتەلمىسەڭ كىيىن قانداق خىزمەت تاپىسەن دەپ كايىپ يۈرىدىغان بولدى .بۇنداق ئاتا ئانىلار بالىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەلمەيدىغان، پەقەتلا تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ،روھى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بولۇپ قالدى .ئۇلارنىڭ ھەربىر چىقىش نوقتىسى پەقەتلا ئالي مەكتەپلا ئىدى .ئەجبا بۇ ئالي مەكتەپ ئمتھانى ئۇلار ئويلىغاندەك شۇنچىلىك مۇھىممىدۇ ؟بىر بالىنىڭ ئىستىقبالي پەقەت بىر قىتىملىق ئمتىھان بىلەنلا بەلگلنىپ قالارمۇ ؟
ئەلۋەتتە ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم ،بەزى ۋاقىتلاردا ئىتراپ قىمىساقمۇ بولمايدۇ ،ئەنە شۇ يىزا قىشلاقتىكى نامرات ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئارقىلىق تىىخمۇ ياخشى بولغان بىلىم ئىلىش ،ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشۋاتىدۇ ،پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى غەمخورلىقى ئاستىدا قايتىدىن يورۇقلۇققا ئىرىشۋاتىدۇ .لىكىن ھەممىمىز ئويلىنىشىمىز كىرەككى ئالي مەكتەپ ئمتىھانى بىزنىڭ پەقەت بىردىنبىر چىقىش يولىمىز ئەمەس .
لىكىن يىنىمىزدا ئەتراپىمىزدا ئالي مەكتەپ توغرۇرلۇق نۇرغۇنلىغان مەسىللەر يۈزبىرىۋاتىدۇ ،ئەلۋەتتە بۇلار ھەقىقى يۈزبەرگەن ئىشلاردۇر.
مەلۇم بىر ئوقۇتۇش رايۇنىنىڭ ئەتراپىدا بىر كۆل بار بولۇپ بۇ كۆلدە نۇرغۇنلىغان پاقا ياشايدىغان ،بۇ مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ پاقىلار تولا كۇرۇلداپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالي مەكتەپ ئمتىھانىغا تەسىر يەتكىۈزىدىگەن دەپ قاراپ كۆلچەككە دورا سىلىپ ھەممە پاقىلارنى ئۆلتۈرۋەتكەن .ھازىرقى ھەممىلا يەردە ئانا تەبىئەتنى تەشەببۇس قىلىنىۋاتسا ،بىلىم ئۈگىتىدىغان ئورۇنلاردا يەنە تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتسا زادى نىمە دىگۈلۈك ،ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى تەبىئەتنى قوغداش،تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساڭلاشتىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟
يەنە بىر رايۇندا بىر ئانا قىزىنى ئالي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەتكۈزۈش جەريانىدا قاتناش قىستاڭچىلىقىغا ئۇچىرغان ،نەتىجىدە بۇ قىز ئمتىھانغا ئىككى مىنۇت كىچىكىپ قالغان ،ئمتىھان نازارەتچىلىرى بۇ قىزنى ئمتىھانغا كىرىشكە روخسەت قىلمىغان ،بۇ ۋاقىتتا بۇ ئانا ئۆزىنىڭ ئادىمىلىك غورورىنى ئۇنتۇپ ئمتىھان نازارەتچىلىرى ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇلارنىڭ ئايىغىغا باش ئۇرۇپ ئككى مىنۇت كىچىكىپ قالغا قىزىنىڭ ئمتىغان مەيدانىغا كىرىشىنى ئۆتۇنگەن ،بۇ ئانا شۇلارنىڭ ئالدىدا تىزلانغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئادىمىلىك غورۇرىنى ئويلىمىغانمىدۇ ؟ئەجىبا شۇ ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئادىمىلىك غورۇردىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟
ئەڭ ئىچىنارلىقى شۇكى مەلۇم بىر رايۇندا بىر ئاتا بالىسىنى ئمتىغان مەيدانىغا يەتكۈزۈش جەريانىدا ئىغىر دەرىجىدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىرغان ،بۇ ئاتا ئىغىر دەرىجىدە يارلانغان بولسىمۇ قىزىنىڭ ئمتىھان مەيدانىغا يۈگۈرىشىنى ،داۋاملىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىنى ئۈمىد قىلغان ،شۇننىڭ بۇ قىز ئىغىر دەرىجىدە يارلانغان دادىسىنى تاشلاپ قويۇپ ئمتىھان مەيدانىغا يۈگۈرگەن ،ئمتىھاندىن چىققاندىن كىيىن دادىسىنىڭ بۇدۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانلىقىنى بايقىغان ،ئەلۋەتتە بۇ قىزنىڭ قەيسەر ،جاسارەتلىك روھىدىن تەسىرلەنسەك ،يەنە بىر تەرەپتىن بىر مەسىلە بىزنى قاتتق ئويلاندۇرىدۇ ،ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ئاتا بالىلىق مىھىر مۇھەببەتتىنمۇ مۇھىممدۇ ؟ئالي مەكتەپ ئمتىھانى ھەر يىلى بارغۇ ،بۇ يىل قاتنىشالمىسا كىلەر يىلى قاتناشسا بولىدىغۇ .....................
مۇشۇ مەزگللەردە بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلادۇرىدىغان بەزى ئىشلار يۈ بەرمەكتە ،نۇرغۇنلىغان ئۇقۇغۇچىلار ئالي مەكتەپكە چققاندىن كىيىن خۇددى چۆل چەزىرلەردە ئادىشىپ قالغاندەك نىمە قىلارنى بىلمەي يۈرىۋاتىدۇ ،چۈنكى بۇلارنىڭ بۇرۇنقى نىشانى ئالي مەكتەپكە ئۆتۈشلا خالاس ،باشقا ئارزۇ ئارمانلارنى تىخى كۆڭۈلگە پۈكمىگەن.
يەنە بىر قىسىم ئوغۇل قىزلار ئالي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن مۇھەببەت قايناملىرىغا غەرق بولۇپ ئاتا ئانىلىرى مىڭبىر قاپا مۇشەققەتتە يىغقان ئازغىنە تۇرمۇش پۇلىنى دىسكۇخانا ،تانسىخانىلاردا بۇزۇپ چىچىپ يۈرىۋاتىدۇ ،مۇشۇنداق يۈرگەن نۇرغۇن ئستودىنىتلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تاپالماي جەمىئەتكە بىر يۈك بولۇپ قىلىۋاتىدۇ .ئەنە شۇنداق كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ،ئالي مەكتەپكە ئۆتكەن بەزى ئستودىنىتلىرىمىز نىڭ كۆنى قانداق بولىۋاتىدۇ ،ئەجىبا ئالي مەكتەپ ئمتىھانى يەنە مۇھىممۇ ؟
مەن ئەڭ ئاخىردا ئالي مەكتەپ ئمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ،ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىلارنىڭ ،شۇنداقلا جەمىئەتتكى ھەر قايسى ساھالىدىكىلەرنىڭ ئالي مەكتەپ ئمتىھانىغا توغرا مۇئامىلىدە بولىشىنى ،ئالي مەكتەپ ئمتىھانىنى تەغدىرنى ئۆزگەرتىشتىكى بىردىبىر يول دەپ قارىماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ،ئالي مەكتەپ ئمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىنى سىڭىللىرىمنىڭ ئمتىھانىغا ئۇتۇغلۇق ،تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
مۇھەممەتنىياز خۇدەبەردى
خاربىن پىداگوگكا ئۇنىۋېرسىتىتى
2013-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-29 22:04
|