ihlasmen يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 19:54 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك تاھىرجان ئەپەندىم!
جەنا ...
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئەگەر سىز شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تىل بولۇشى، فىزىكا، خېمىيە، ماتىماتىكا ... قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇيدىغانلىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بولسىڭىز، مەن سىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشقا تىرىشاتتىم.
لېكىن، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ناھايىتى ئەپسۇسلۇق بىلەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، بىر تىلنىڭ دۇنيا تىلى بولۇشى ئۈچۈن، ئۇشبۇ تىلنى ئىشلىتىۋاتقان مىللەتنىڭ تىلىنىڭ گۈزەل بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ. سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشى شەرت.
ئېنگلىز تىلىنىڭ دۇنيا تىلى بولۇشىدىكى سەۋەب 19-ئەسىردە ئەنگىلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ سىسياسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولغانلىقى، ياۋرۇپادىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ بارغان ئېنگلىز ئاقسۈڭەكلەرنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۈچلۈك سىياسىي نۇپۇزى، ئەنگلىيە ئۆزى بېسىۋالغان دۆلەتلەردە مائارىپنى ئېنگلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىشى... قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان.
تۈركىيەدە 70 مىليۇن، ئوتتۇرا ئاسىيادا نەچچە ئون مىليۇن، بالقانلاردا نەچچە مىليۇن تۈرك ئىشلىتىدىغان ھازىرقى زامان تۈركىيە تۈركچىسىمۇ تېخى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىشلىتىلىدىغان 6 تىلنىڭ بىرى بولالمىغان تۇرسا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭغا ھاكىم بولالمىغان تىلىمىز، دۇنياغا (يەر شارىغا) قاچان ھاكىم بولىدۇ؟
سىزنىڭ غايىڭىز گۈزەل بولغىنى بىلەن، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
بۇنداق چۈش كۆرۈپ ئولتۇرغىچە، ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلغان بولسىڭىز بوپتىكەن.
سىز تۇرىۋاتقان يەردىكى تۈركلەر سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىسا، دونكىخوت ھازىرمۇ ھايات ئىكەن، ئۇيغۇر دونكىخوت باركەن دەپ يۈرمىسۇن يەنە.