تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 5193|ئىنكاس: 22

ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
49276
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 15:10:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                               ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش.

                                                                  تاھىر ئىمىن

                            (ئۆز تۈرك شركىتى ،بىرلىك كارخانا ستراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىدىن)

ۋەتەن يەنى ئانا تۇپراق ،خەلق يەنى بىز بىلىدىغان ،سۆيىدىغان ئنسانلار ھەققىدىكى تۇيغۇلار ئنسانلىقىمىزغا پۈتۈلگەن مەڭگۈلۈك قسمەتلەردىن .بىز بۇ تۇپراق  ۋە شۇ ئنسانلار تۇيغۇسىدىن مۇستەسنا ئنسانلىقىمىزنى قانائەتلىك بىلمەيمىز.
ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۆز تۇپراقلىرىمىز-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۆزگە تۇپراقلاردا –چەتئەللەردە توپلىشپ ياشاۋاتقان بىر مەۋجۇتلۇق شەكلىدە.
ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش-ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى،ئۇيغۇرلارنى چۇشىنىش-ئۆزىمىزنى شەخس ھالىتىدە چۇشىنشتە ھالقىپ كىتەلمەيدىغان ئنسانلىقىمىزنىڭ بىر پارچىسى.
تۇمەنلىگەن قىرىنداشلار تارىخنىڭ تۇرلۇك باسقۇچلىرىدا ياخشراق پۇرسەتلەرنى ئىزلەپ ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇشقان.ۋەھالەنكى ئۇلار شۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ پارچسىدىندۇركى،شۇ ئۇيغۇرلار ئۆملۇك مۇھىتتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايدىغان،ھاياتنىڭ ئىجتىمائى قسمىنى قىزغىن سۆيىدىغان  ئنسان تۇركۇملىرىدىن.  بىز ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان، مۇيەسسەرلىك ۋە مەھرۇملۇقتا ئورتاقلىشىدىغان، كۇلكىمىزدە ،يىغىمىزدا بىز بىلەن بىرگە بولىدىغان مۇشۇ خەلقنى سۆيىمىز، ھاياتىمىز مۇشۇ خەلق بىلەن قايناق، مۇشۇ خەلق بىلەن  مەنىدار.
بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ دىيار سوغۇق بەلباغ رايونلىرىدىكى خەلقلەر ئۈچۈن قانچىلىك قۇرغاق، ئسسىق بىلىنسۇن،قىنىمىز تۆكۇلگەن بۇ زىمىن بىز ئۇچۇن يەنىلا ئەڭ سۆيۇملۇك تۇپراقتۇر،بۇ يەردە بىز تۇگىتىپ بولالمايدىغان نۇرغۇن ھىكايىلەر بار.
ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ تۇپراقلاردىن ۋاز كېچىپ ،ئاتا-ئانا ،قەۋم-قىرىنداشلاردىن،ھەر بىر ئۇچۇم تۇپراق،ھەر بىر يۇتۇم سۇلىرىدىن كۆزىنى يۇمۇپ چىداپ تۇرۇپ ئايرىلغان سانسز قىرىنداشلىرىمىز ،ئۇلار چوقۇم ئۆزى ياكى ئۆز تەۋە بولغان مۇشۇ خەلقكە تېخىمۇ ياخشى بولغان پۇرسەتلەرنى ئىزلەپ ماڭدى.

ئۇلارنىڭ ۋەتەن سرتىدىكى ئەھۋالىىنى چۇشىنىشنى كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئارزۇ قىلىمىز.پەمىمچە كۆپچىلىك تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارغا ھىرىسمەن
1-ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يەردىكى ئۆزلۇكنى ساقلاش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى

ئۇلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ئۇلار قاچاندىن بىرى مەۋجۇت؟ ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتتە قانداق شەكىلدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بەرپا قىلالىدى؟ئۇلارنىڭ سوتسيال (ئىجتىمائى) ۋە كۈلتۈرەل ئورنى قانداق ؟ئۇلار ئۇيغۇرلۇقنى ساقلاپ قىلىشنى تاللىدىمۇ ياكى ۋاز كىچىشنىمۇ؟ ساقلاشنى تاللىغان بولسا بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق تەدبىر قوللاندى ۋە ئۇنى ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىغا يەتكۇزۇش ئۈچۈن نىمە قىلدى؟ئۇلار قانداق مۇنتىزىم ئاپپارات بەرپا قىلالىدى قاتارلىقلار.
2-ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دۆلەت ۋە خەلق بىلەن ئالاقە ئەھۋالى
ئۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياسىيتى قانداق؟ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن ئالاقە ئۇسۇلىدا قانداق ئالاھىدىلىك ياكى كەمچىللىكلەر مەۋجۇت؟ ئۇلار ئومۇمى ئۇيغۇر ئوبرازى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناۋاتامدۇ ياكى پاسسىپ رولمۇ؟
3-ئۇيغۇرلار چەتئەلدە ۋەتەن ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناۋاتامدۇ ياكى پاسسىپ رولمۇ؟
مۇھاجىر ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەت خەلقلىرىگە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك تونۇشتۇردى؟مەدەنىيەت ۋە ئنسانپەرۋەرلىككە ئوخشاش يۇمشاق ساھەلەردە پاسسىپ ئورۇندىمۇ ياكى قانداق؟
جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتى شۇ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت،ئېقتساد ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق ئاكتىپ سياسەتلەرنى قوللاندى ۋە مۇھاجىر ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا ئوخشىغان ئامىللاردىن ئۆزى ئۇچۇن ئاكتىپ پايدىلىنىشقا قانچىلىك تىرىشتى؟
ئەلۋەتتە،مۇساپىر بولغۇچى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۇرگەن بولىدۇ.دەردى ۋە ئازاپلىرى بولىدۇ.ئۇلاردىن نىمىنى كۇتسەك توغرا نىمىنى كۇتمەيمىز دىگەنلەر ئەقىل ئىگىلىرىدە بولۇشقا تىگىشلىك قاراش بولۇشى كىرەك.

يۇقىرىقىلار ھەققىدە كۆپ قېسم ئۇيغۇرلىرىمىز چۇشىنىشكە قىزىزىقىدۇ.ئەمما شۇ كۆپ قىسم ئۇيغۇرلىرىمىز پاسپورت مەسىلىسى،ئېقتساد مەسىلىسى ۋە باشقا مەسللەر تۇپەيلىدىن بىۋاستە بىرىپ كۆرۇش،چۇشىنىش ياكى مۇشۇ ساھەنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چۇشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايدۇ.ۋەتەن ئۇيغۇرلىرىدا جاھان ئۇيغۇرلىرىنى بىلمەسلىك،سرتتىكى ئۇيغۇرلاردا يالغۇزسراش بارغانسرى ئىغىرلىشىدۇ.مۇھىمى بىلىش ۋە ئالاقە ئۇزۇلگەنسرى ئوتتۇرىدىكى تۇيغۇ بىرلىكى يىراقلىشىدۇ.ۋەتەن سرتىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنى ‹‹ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلەيدىغان چەتئەللىك ››سۇپىتىدە مۇئامىلە قىلىشى بۇنىڭ دەللىلىىرىدىن.تۇيغۇنىڭ يىراقلىششى-ئارىمىزنى بۆلىدۇ.

ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەسلىك مەسئۇلىيتى

ۋەھالەنكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسم ئۇيغۇر مەمۇرلار ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە قانۇنى ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا ئۇچۇر بېرشتىن ھامان ئۆزىنى قاچۇردى.ئۇلار ئومۇمى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر قسمى تۇرۇقلۇق خۇددى مەۋجۇت ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىندى.ھەتتا جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقراسى سۇپىتىدە مەۋجۇت ئۇيغۇرلارمۇ شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسى،شنجاڭ گېزىتى .رادىئو،ژۇرناللار مەتبۇئاتلاردا تىلغا ئىلىنمىدى.مەسلەن:چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى ھەققىدىكى ئىزلىنىشلىرى ئالى مەكتەپ دەرسلىكىدە يوق،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا قازاقستان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇرلار يوق.ۋە ھالەنكى ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئوتتۇرا ئاسيا خەلقلىرىدە كۆرۇنەرلىك. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش،كۆرەكلىرى ھەققىدە ئۇچۇرلار يوق،چەتئەل ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوق،ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۇچۇن چەككەن رىيازەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.شۇنداقلا ئەرزىمەس ئشلار ئۇچۇن ۋەتەنگە قايتالمايدىغان ،بىر ئۆمۇر مۇساپىر،بىر ئۆمۇر غېرىپ ئۆتمەكچى بولغان قىرىنداشلار ئۇچۇن ئىككى ئىغىز لىللا سۆزلەش مەسئۇلىيتى ھەم ۋەتەندىكى مەمۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە توپلىشپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سرتىدا ھەم ئۇزاق تارىختا ئىگىدارچىلىق قىلغان ھەم گۇللەتكەن زىمىنلىرى بولغان،ھازىر ھەم شۇ جايلاردا ئۇيغۇر نوپۇسى مەۋجۇت .شۇلاردىن بىرى قازاقستاندۇر.قازاقستان ئۇيغۇرلىرى ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغان رايوندۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقستاندىكى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىلمى تەتقىقات نۇقتسىدىن چۇشىنىش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىنىڭ 4-سان لېكسيەسى تەييارلاندى.
لېكسيەدە قازاقستاندا ئۇزۇن يىل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ،شنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنېۋرسېتىتى دوكتۇرى مۇقەددەس ئەزىز مۇئەللىم.

لېكسيە ئسمى:
قازاقستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش مەدەنىيتى
لېكسيە بەرگۈچى:دوكتۇر مۇقەددەس ئەزىز
پىلانلىغۇچى:تاھىر ئىمىن
ئۇيۇشتۇرغۇچى:قارلۇق شركىتى
ئورنى:قارلۇق شركىتى يېغىن زالى
ۋاقتى:2013-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى شەنبە چۇشتىن 6:00دە
(لېكسيە ئارلىقىدا 20مىنۇت دەم ئىلىنىدۇ،باشقىلارنىڭ سرتقا چىقىشىغا دەخلى قىلىنمايدۇ)
ئەسكەرتىش:‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى› لېكسيەلىرى نەق مەيدان ۋە تورلاردا ئاڭلىغۇچىلار ئۇچۇن تولۇق ھەقسز.ئەمما كۇچ چىقارغان تەشكىللىگۇچى،تەشۋىقاتچى،سورۇن تەمىنلىگۇچى قاتارلىقلارنىڭ ئىزگۇ نىيتى سزدىن ئىلىمنىڭ ۋە ئالىمنىڭ قەدرىنى چۇشىنىش،ئۆزلۇكىدىن ئۆگىنىشكە تۇرتكە بولۇش،ئىلىمگە ئەمەل قىلىش ۋە پايدىلىنىش ،ئىلىمنىڭ مەزمۇنىنى باشقىلارغا يەتكۇزۇش ۋەزىپىسنى سزگە قالدۇرىدۇ.
‹ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى› خىزمەتلىرىدە ھەمكارلاشقۇچىلار ۋە قوللىغۇچى ئورۇن ،شەخسلەرنى  قارشى ئالىمىز.

(پەقەت ئەلكۇيىگە يوللاندى)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
49276
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 15:12:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت ھەققىدە جىددى ئىزاھات:
ۋاقتى:2013-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى شەنبە كەچ سائەت 7:20دە

UID
47388
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
72
تىزىملاتقان
2013-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-10
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 16:04:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم قاتناشسا بۇلىۋىرەمدا ؟

يېڭى يۇلتۇز

مىللىتېم ياشنىسۇن. ئەزەن ئوچمى

UID
47670
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
18
تىزىملاتقان
2012-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 16:34:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يوقاردا تىلغا ئالغان ئۇرۇنلار ھەقسىز .باشقىلارھەقلىقمۇ ياكى ھەممەيلەن  ھەقسز قاتناشساق بولامدۇ؟

UID
49276
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 16:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزاھات:لېكسيە ھەقسز.مۇئەللىمنىڭ توغرا ئسمى:مۇقەددەس مىرزا.

UID
1931
يازما
724
تېما
39
نادىر
0
جۇغلانما
27929
تىزىملاتقان
2010-5-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-21
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 16:51:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرجاننىڭ  تېنىمسىز ئىزدىنىشلىرى ۋە قولغا كەلتۈرىۋاتقان ئەھمىيەتلىك نەتىجىلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېلىۋاتىمەن. بارلىق ئىزدەنگۈچىلەرگە ھاردۇق يەتمىگەي!

UID
2164
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
162
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 17:22:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرجانغا سەمىمى، قىزغىن سالام.
سىزدەك ئەلسۆيەر ئوغلانلار ياشنىسۇن.

UID
4979
يازما
141
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
4884
تىزىملاتقان
2010-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-20
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 19:54:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھۆرمەتلىك تاھىرجان ئەپەندىم!
جەنابىي ئاللاھ قىممەتلىك يازمىڭىز ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزغا كۆپلەپ ئەجر-ساۋاپ ئاتا قىلغاي.
تاشلىغان قەدىمىڭىزدىن قىزىل گۈللەر ئۈنىشىنى نېسىپ ئەيلىگەي، ئامىن!
مەنمۇ 16 يىل بولدى ۋەتەن سىرتىدا، ـــ تۈركىيىدە يەككە - يېگانە ياشاپ كېلىۋاتىمەن. نىشان ــــ سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ دۇنياۋىي قەدىر قىممىتىنى پۈتكۈل يەرشارىغا جاكارلاش مەخسەت قىلىنغان «قايسى تىل دۇنيا تىلى بولالايدۇ؟؟؟» ناملىق كىتاپنى يېزىش ۋە نەشر قىلىنغان ھامان مەخسۇس بۇ ساھەدە خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىش.....
كىتاپنىڭ مۇقاۋا كۆرىنىشى ئۈچۈن تۈۋەندىكى ئادرېس ئېچىلسا بولىدۇ:
http://www.56.com/p69/p2v_album. ... =121449914#79141697

كۆپ ئەپسۇسكى، مەن تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ئىشلىگەن ۋە نەشرىيات لۇغەت بۆلۈمىنىڭ  تەھرىرلىگى ۋە كومپيوتېرغا ئېلىنىشى پۈتۈپ بولغان «خەنزۇچە ياپۇنچە ئۇيغۇرچە ياپۇنىيە كىشى ئىسىملىرى لۇغىتى» توختىتىۋېتىلدى. قولۇمدا توختامنامە بار. ئەمما قايتا- قايتا سۈيلەپ توغرا-دۇرۇس جاۋاپ ئالالمىدىم. ..... بۇنى قانداق قىلىش كېرەك ، مەسلىھەتىڭىزنى كۈتىمەن...
خەير ، ئاللاھقا ئامانەت بولغايسىز.

باھا سۆز

kuwwat  توردا ئېلان قىلغان شۇ ماقالىڭىز ماڭا بەك تەسىر قىلغان ھەم ساقلىۋالغانتىم!!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 18:51:21
kuwwat  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىخلاسمەن ئەپەندى ،مەن شۇ كىتابىڭزنىڭ تىزراق نەشىر  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-22 18:44:16
arslani  ئاللاھ مەدەت بەرسۇن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 20:55:08

UID
2091
يازما
1562
تېما
53
نادىر
0
جۇغلانما
50516
تىزىملاتقان
2010-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-18
توردا
59 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 20:35:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىملىك كىشىلىرىمىز ھامان نۇسرەت تاپىدۇ ...

UID
49276
يازما
4
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2013-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-19
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 23:01:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز ئىخلاسمەن ئەپەندى،مەن سزنىڭ يۇقىرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىن سزنىڭ نىمە كۇتىدىغانلىقىڭىزنى تولۇق چۇشىنىپ كىتەلمىسەممۇ سزنىڭ ياخشى نىيەتتە خاسيەتلىك ئش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئاڭقىرغاندەك بولدۇم.

سزنىڭ كىمدىن نىمە ھەقتە جاۋاپ ئالالمىغانلىقىڭىزنى چۇشەنمىدىم.قولۇمدىن كەلسە مەسلىھەت بەرسەم بولىدۇ.ئەگەر دەپ يۇرۇش بىھاجەت بولسا ئايرىم خەت قالدۇرسڭىزمۇ بولىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش