تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: bayram007

تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئىشلىنىشنىڭ كەينىدىكى ئىشلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
48685
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-17
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 12:30:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
؟؟؟؟

UID
48980
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2013-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-17
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 15:15:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنىڭ تىگىدە گەپ با ..............

UID
39638
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-12-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-22
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 15:28:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھېچنىمنى چۇشەنمىدىم

UID
46650
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 16:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يازمامدا ناھايتى ئىنىق يازدىم :
1. مەيلى رادىيودا سۆزلەيدىغان ، مەيلى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا سۆزلەيدىغان ‹‹ ئەزىز مىھمانلار ›› بولمىسا، ئويلاپ بېقىڭ ، شۇ پراوگرامما قانداق ئىشلىنىدۇ ؟ رىياسەتچى قۇرۇقتىن قۇرۇق سۆزلەپ شۇ پروگراممىنى ئىشلەرمۇ ؟ بۇ خۇددى ئوقۇغۇچى بولمىسا ، ئوقۇتقۇچى قۇرۇقتىن قۇرۇق ئۆزى ھەم ئوقۇغۇچى ، ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس سۆزلىگەندەكلا بىر ئىش . بۇنى ساغلام تەپەككۇرغا ئىگە ھەر قاندەق بىرسى ئويلاپ يىتەلەيدۇ .
2. ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا ، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ھىچكىم بىكارغا ئىشلەشنى خالىمايدۇ . بۇ قاتاردا  شۇ ‹‹ ئەزىزى مىھمان ›› لارنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن شۇ پروگراممىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن  ، شۇ كىشىنىڭ ئەمگىگى قاتارىدا ئۇلارغىمۇ مۇۋاپىق ھەق بىرىلىشى كېرەك . مەسىلەن : سىز بىر ناخشىچىنى مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ بىرىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ھەق بىرىش ھىسابىدا ئۇنى تەكلىپ قىلىسىز . بۇ ناھايتىمۇ ئاددى بىر ساۋاد .
3. بىزنىڭ تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئۆيدە چاي ئىچىپ كۆرۈشىمىز باشقا گەپ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ ھەر ئايدا سىمسىز تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن 12 يۈەن تۆلەيمىز .
4. مەن بۇ توغرىلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشىمىز بىلەن سۆھبەتلەشكەن ، ئۇنىڭ دىيىشىچە ، ئۇلار ئايسا بىر سان پروگرامما ئىشلىسە ، تىما تېپىش ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق ‹‹ ئەزىز مىھمان ›› ئۇقۇشۇش ، سىنغا ئېلىنغاندىن كىيىنكى ئۇلاپ چاپلاش ئىشلىرىغا ھەمدەم بولۇش ، نازارەتچىلىكتىن ئۆتكۈزۈزش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرى ئۈچۈن 2000 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئالىدىكەن .
5. مەن ئۆزۈم شەخسەن ئۇيغۇرلاردا سەۋىيىلىك پروگرمما ھىسابىلىنىۋاتقان مەلۇم بىر پروگراممىدا 2 قېتىم ، رادىيودا بىر نەچچە قېتىم ‹‹ ئەزىز مىھمان ›› بولۇپ سۆزلىگەن . شۇ پروگراممىنى ئىشلەشكە مەسئۇل كىشىلەر ماڭا بىر پۇڭمۇ ھەق بەرمىگەن .
6. مەن ‹‹ ئەزىز مىھمان ›› لارغا بېرىلىدىغان ھەقنى ئۆزەمنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى بۇ خىل بىنورماللىقنىڭ جەمىيىتىمىزدە چوقۇم شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ يازدىم .
7. بۇ توغرىسىدا مۇنازىرىنى ئوتتۇرغا  قويۇش مەلۇم مەنىدە كىشلىك قەدىر قىممەتنى قوغداش ، شەخىسنىڭ يوللىق ئەمگىگىنى ئىتراپ قىلىشتا مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە .  

UID
15736
يازما
26
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2011-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-22
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 18:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. مەيلى رادىيودا سۆزلەيدىغان ، مەيلى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا سۆزلەيدىغان ‹‹ ئەزىز مىھمانلار ›› بولمىسا، ئويلاپ بېقىڭ ، شۇ پراوگرامما قانداق ئىشلىنىدۇ ؟ رىياسەتچى قۇرۇقتىن قۇرۇق سۆزلەپ شۇ پروگراممىنى ئىشلەرمۇ ؟ بۇ خۇددى ئوقۇغۇچى بولمىسا ، ئوقۇتقۇچى قۇرۇقتىن قۇرۇق ئۆزى ھەم ئوقۇغۇچى ، ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ دەرس سۆزلىگەندەكلا بىر ئىش . بۇنى ساغلام تەپەككۇرغا ئىگە ھەر قاندەق بىرسى ئويلاپ يىتەلەيدۇ .

ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز بويىچە بولغاندا مەيلى تېلىۋىزىيە ، تور بېكەت زىيارىتىنى قوبۇل قىلسۇن ياكى رادىيو زىيارىتىنى قوبۇل قىلسۇن ‹‹ئەزىز مېھمان››بولغانلىقى ئۈچۈن ھەق ئېلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىشى كىرەك.دۇنيا ھەرخىل مېدىيەلەرنىڭ ئەتراپقا ناھايتى ياخشى بولغان ئۇچۇر (زىيارەت،سۆھبەتلەر ھەم بۇنىڭ ئىچىدە)تارقىتىش نەتىجىسىدە ئەتراپىمىز بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدىن بارا-بارا مۇلازىمەت دەۋرىگە قەدەم قويىۋاتىدۇ،قۇرسىقىدا ئۇمىچى بارلارنىڭ ئۇمىچىنى ئەنە شۇ تاراتقۇلارنىڭ ھەرخىل زىيارەتلىرى ئارقىلىق ھىس قىلىۋاتىمىز،ئۆزىدىن باشقا ئادەمگە نەپ يەتكۈزمەيدىغان ‹‹قۇرسىقىدا ئۇمىچى››بارلارنى خەلقمۇ بىزمۇ ،مەنمۇ ياخشى كۆرمەيمەن،بۇ يەردە ھەرخىل تاراتقۇلار جۈملىدىن تېلىۋىزىيە ئىستانسىىسى ياكى رادىيولار ۋاستىلىك ھالدا ‹‹ئەزىز مېھمان››نى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى،ئەسلىدە ئەزىز مېھمان بولغۇچىلاردىن تېلېۋىزىيە نىمىشقا پۇل تەلەپ قىلمايدۇ دىگەن بولسىڭىز بىر قەدەر ياخشى بۇلاتتى،ئەلۋەتتە شۇنداق دىگەن بولسىڭىز بىز ھەم چوقۇم بۇ پىكىرىڭىزگىمۇ قارشى تۇراتتۇق،ئەلۋەتتە بۇ يەردە مەن ئەكسى ھالدا ئۇنىڭغىمۇ قارشى ئىكەنلىكىمىزنى دەپ قويدۇم خالاس.
خوش ئۆز گەپكە كىلەيلى،تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى سىزنىڭچە ئاشۇ بىر قانچە ئەزىز مېھمانلارسىز زىيارەتنى ئىشلىيەلمەسمۇ،جاھاندا نىمە جىق ئەزىز مېھمان بولغۇسى كىلىدىغان ئەزىز مېھمان جىق،رادىيو ۋە تېلىۋىزىيە بىر قانچە قېتىم سىزنى زىيارەت قىلغاندا نىمىشقا ئۇلارغا ئۇچۇقتىن ئوچۇق مەن ئەزىز مېھمان بولۇش ئۈچۈن پۇل تەلەپ قىلىمەن دەپ دىيەلمىدىڭىز،مۇنبەردە دىگەن شۇ گىپىڭىزنى سىزنى تەكلىپ قىلغانلارغا دىگەن بولسىڭىز بۇ چاققا سىزنى چوقۇم رازى قىلارلىق جاۋاب بەرگەن بۇلاتتى.ئەڭ ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا ئۇيغۇردا فىلىم ئىشلىگۈچى بولسۇن ، رىياسەتچى بولسۇن تۈزۈك مۇئاشقا ئىرىشكەن ئەمەس،سىملىق تېلىۋىزىيە ئۈچۈن بىرىۋاتقان 12 يۈەن پۇلىڭىزنى چوڭ سۆزلەپسىز،ناۋادا بىر سان فىلىم مەيلى رادىيوغا ، مەيلى تېلىۋىزىيەگە،مەيلى تورغا ئىشلەپ ئېلان قىلىپ بېقىڭ،ئۇنىڭ جاپاسىنى ، كىتىدىغان ئىقتىسادىنى ئۆز قەلبىڭىز بىلەن ھىس قىلىپ بېقىڭ،مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئايلىق مۇئاشى بىلەن ئاددى قىلىپ شىنجاڭ تېلىۋىزىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇئاشىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ،مىنىڭچە تېلىۋىزىيەدە ئايلىقى 15مىڭ يۈەن ئالالايدىغان بىرەر بۇ ساھەنىڭ خىزمەتچىسى يوق.ئىككى مىڭ يۈەن ئالىدىكەن دەپ بەك چوڭ دەپ قاپسىز،ئاشۇ ئىككى مىڭ يۈەن ئۈچۈن ئۇلار نىڭ چەكككەن ئەجرىنى ئويلىمدىڭىزما،يول كىراسى تېلفۇن ھەققى،سىزدەك ئىچى ئاچچىق بولىدىغانلارغا قانچە قېتىم قاتراشلار ئىككى مىڭ يۈەن ئالدىدا ھېچ گەپ ئەمەس.ئەڭ مۇھىمى ئەزىز مېھمانلار مۇشۇنداق تاراتقۇلاردىن ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى ، گەپلىرىنى خەلققە ئاڭلىتالايدۇ.

2. ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا ، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە ھىچكىم بىكارغا ئىشلەشنى خالىمايدۇ . بۇ قاتاردا  شۇ ‹‹ ئەزىزى مىھمان ›› لارنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن شۇ پروگراممىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن  ، شۇ كىشىنىڭ ئەمگىگى قاتارىدا ئۇلارغىمۇ مۇۋاپىق ھەق بىرىلىشى كېرەك . مەسىلەن : سىز بىر ناخشىچىنى مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ بىرىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭغا ھەق بىرىش ھىسابىدا ئۇنى تەكلىپ قىلىسىز . بۇ ناھايتىمۇ ئاددى بىر ساۋاد

ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپىدۇ،ئۇنداق بولسا ئۇيغۇردا مەن پالانى پروگراممىغا مانچىلىك ھەق بەرسە مۇنداق خەلقنى رازى قىلغۇدەك سۆزلەپ ، پروگراممىنى كۆرۈش نىسبىتىنى ئاشۇرىمەن دىيەلەيدىغانلار بارمۇ؟




UID
46650
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 19:00:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر پروگراممىنى لاياقەتلىك ئىشلەش ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە شۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ‹‹ ئەزىز مىھمان ›› لارنى توغرا تاللاش كىرەك . بىزدە ئاتالمىش ‹‹ بىلىمدار ›› لار كۆپ ، بىراق    ئىشلەنمەكچى بۇولغان شۇ پروگرممىلار ئۈچۈن ‹‹ بىلىملىك ›› كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالغىلى بولمايدۇ .
  يەنە بىرى ، مەخسۇس تېمىدىكى پروگراممىلار ، جۈملىدىن كۆڭۈلدىكى سۆز ، مەدەنىيە بوستانى دىگەندەك پروگراممىلار ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنىدىغان ‹‹ ئەزىز مىھمان ›، لار ھەرگىزمۇ  تېلېۋىزوردا چىقىۋېلىش ئۈچۈن پالاقشىمايدۇ . ‹‹ سەنئەت پروگراممىلىرى ›› بۇ جەھەتتە ئۇلاردىن تۈپ پەرقلىنىدۇ . سەنئەتچىلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى _ سەھنە ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار پۇل خەجلەپ تېلېۋىزورغا چىقىدۇ . مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېڭى يىللىك كىچىلىكى ئۈچۈن قانچىلىغان سەنئەتچىلەرنىڭ پۇل خەجلەپ سەھنىگە چىقىۋېلىشى ئۈچۈن پىترايدىغانلىقىنى سىز قانچىلىك بىلىسىز ؟ يەنە بىرى ، شۇ سەنئەتچىلەر ساڭدار كىچىلىكلەر سەھنىلىرىدە نومۇر ئورۇنداپ ، كىيىنكى پۇل تېپىشى ۋە شۆھرەت تېېپىشى ئۈچۈن دەسمىي سالىدۇ . بىراق بىزدىكى مەخسۇس تېمىدىكى پروگراممىلارنىڭ ‹. ئەزىز مىھمان ›، لىرى تەكلىپ بىلەن شۇ پروگراممىغا قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پۇل تېپىش ئەمەس ۋە ياكى تېلېۋىزورغا چىقىۋېلىپ شۆھرەتلىنىش ئەمەس . لېكىن ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەجرىگە يارىشا ھەقكە ئېرىشىش كېرەك .
   ناۋادا مەن سىزگە بىر كىتاپنى كومپڭيوتۇردا ئۇرۇپ بېرىشنى تاپىلىسام ، سىز ھەرگىزمۇ بىكارغا ئىش قىلمايسىز . سىزنىڭ پىكىرىڭىز بويىچە بولغاندا، بۇ كىتاپنى باشقىلار ئوقۇسا چوقۇم مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ ، بىلىم ئالىدۇ ، سىزمۇ شۇ كىتاپنى ئۇرۇپ بېرىپ ، باشقىلار مەنپەئەتكە ئېرىشكەندىن كىيىن چوقۇم خۇشاللىنىسىز . بۇنداق ئالىيجاناپ ئىش ئۈچۈن سىز ھەر ۋاقىت تەييارمۇ ؟ ناۋادا ئۇنداق بولمىسا دەيلى ، شۇ كىتاپ ئاپتورى  چوقۇم كىتاپنى ھەقسىز يېزىشى، بولسا ھەقسىز تارقىتىشى كېرەككەندە ؟..........................

مەن ئاخىردا شۇنى دىمەكچى ، مەقسەت پۇلدا ئەمەس ، بەلكى شەخىس ئەمگىكىنىڭ، ئەجرىنىڭ مۇۋاپىق يوسۇندا ئىقتىسادى نوقتىدىن قەدىرلەنمىكەنلىكىدە .  

UID
46650
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 19:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە

UID
46650
يازما
9
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-16
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 19:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنداق ئىككى مىسراسىنى قىستۇرغۇم كىلىپ قالدى :

    جاھان پەيلاسوپلىرىنىڭ بولمىسا مېلى ،
    نەچە سۆزمەن بولسىمۇ كىكەچتۇر تىلى .

UID
18315
يازما
91
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
121
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-24
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:06:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ تېمىنى يازغاندا سىز مەسلىگە بىر تەرەپلىمە قاراپسىز ، ئەمەلىيەت سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى بولماسلىقى مۇمكىن

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
154
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
3088
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-22
توردا
129 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 00:18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ۋاقتىم چىققانلىقى ئۈچۈن ئەمدى  بۇ توغىرىسدا ئېنىق توختىلاي.مەن تېلۋىزىيە ئىستانسىدا خىزمەت قىلىمەن.بۇنىڭىغا تېخى بىر يىلمۇ بولمىدى،گەرچە يېڭىچە بولساممۇ ھېس قىلغانلىرىمىنى سۆزلەپ ئۆتەي.
تېلىۋزىيە ئىستانىسى ھەرخىل كىشلەرگە ھەرخىك تەسىرلەرنى بېرىدۇ.ئېلان ئۇۋسى دەپ قاقشايدىغانلارمۇ،چەتئەل تىياتىرخانىسى دەپ زارلايدىغانلارمۇ،بۇ يەردىكى خىزمەتكە ھەۋەس قىلدىغانلارمۇ،نام چىقردىغان جاي دەپ قارايدىغانلارمۇ نۇرغۇن...ھەركشىنىڭ تەپەككۇرى ئوخشاش بولمىغاچقا ھەر خىل ئۇسۇلدا تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ئەلۋەتتە.
ئەمدى تېلۋزىيە ئىستانسىنىڭ پىروگىرامملىرىغا كەلسەك،نەق مەيدان پىروگىراممىسى،ئۇنىۋېرسال پىروگىرامما،خەۋەر قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلىرى بار.20مىنۇتلۇق بىر پىروگىرامما مۇنداق ئىشلىنىدۇ:ئاۋال شۇ پىروگىراممىنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كېلدىغان ئايلىق تېما تاللىنىدۇ،بۇ تېما تاللاش ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس،ھەر كۈنكى يېڭلىقلارغا،خەلىققە ياقىدىغان،مەزمۇنى بار تېملارنى تاللاش كېرەك.ئايلىق تېما فىلىم ئىشلگۈچى بىلەن نازارەتچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن،ئاندىن شۇ تېمىنىڭ ماقالىسىنى ئاپتور يېزش بىلەن بىرگە زىيارەت ئوبيكتى ،ئالاھىدە مېھمان دېگەنلەرنى ئۇقۇشىدۇ.10مىنۇتلۇق فىلىم ئۈچۈن 15بەت ماقالە يېزىلىدۇ.ماقالە فىلىم ئشلىگۈچىنىڭ تەكشۈرشىدىن ئۆتۈپ،تەھرىرگە تەھىرىرلەش ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدۇ.تەھرىرىنىڭ ئۆزگەرتكىنى بويىچە قايتا يېزىپ چىقىلىدۇ.زىيارەت قىلىنغۇچى شەخىس ئىشلەيدىغان خىزمەت ئورۇنغا زىيارەت قىلىش توغرۇلۇق تەكلىپنامىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن كېيىنكى كۈنگە زىيارەتكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلىدۇ.ئۈرۈمچىدە شەھەر ئاھالىسنى زىيارەت قىلماق شەھەر ئالماقتىنمۇ تەس،ئۇلار مىكرافوننى كۆرگەن ھامان گېپىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى دېيىشىنى خالىمايدۇ.ئوپىراتور 10 مىنۇتلۇق فىلىم ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى سائەتلىك كۆرۈنۈش تارتىدۇ.مۇخبىر يەنى ماقالە ئاپتورى كۆرۈنۈش لېنتىسىنى كومپىيوتىرغا چۈشۈرۈپ،سىن بىر تەرەپ قىلىش دېتالىدا بىرنەچچە سائەتلىك زىيارەتنىڭ مۇھىم دېگەن قىسىمىنى كېسىپ ئېلىپ فىلىم كىرشتۈرگۈچىگە بېرىدۇ.رىياسەتچى كۆرۈنۈش ئېلىش ئۈچۈن گىرىم قىلىپ،كىيىم ئارىيەتكە ئېلىپ سۈرەتكە ئېلىش ئۆيىدە بىر نەچچە سائەت قايتا-قايتىلاپ سۈرەتكە ئېلىنىدۇ.دىكتور ماقالىنىڭ ياندىن بايانلىرىنى ئاۋازغا ئالىدۇ.مۇشۇلارنىڭ ھەممىسنى تەق بولغاندا فىلىم كىرشتۈرگۈچى سىكۇنىتلاپ ئەمەس ،دەقىقىلەپ تۇرۇپ سۈرەت كىرشتۈرىدۇ.كېچە بولامدۇ ياكى دەم ئېلىش بايرام كۈنى بولامدۇ ئىشقىلىپ نازارەتچىلەرنىڭ كۆرۈپ تەستىقلشىدىن ئۆتكەن فىلىم تۈزىتىشگە تېگىشلىك جايلرى تۈزىتىلىپ لېنتىغا ئېلىنىپ قۇيۇلۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن تارقىتىش بۆلۈمىگە ئېلىپ چىقىلىپ بۇلۇشى كېرەك.كېچىكىپ ئېلىپ چىقىلغان فىلىمگە كېچىكىپ چىققانلىق ئۈچۈن دوكلاپ يېزىپ كېچىككەن كۈنىگە قارىتا فىلىم ھەققىدىن پۇل تۇتىلىدۇ،بۇ ئەلۋەتتە ھەر بىر ھالقىدا ئىشلەيدۇ دېگەن خىزمەتچىدىن تۇتۇلىدۇ دېگەنلىك.ئەڭ ئاخرىدا تارقتىش بۆلۈمىنىڭ تارقتىشى بىلەن فىلىم تاماملىنىدۇ.
تېلۋىزۇر ئالدىدا ئولتۇرغان بىر ئادەم 10مىنۇت دېگەن ھېچقانچە گەپ ئەمەس،لېكىن شۇ بىر ئون مىنۇتلۇق فىلىم ئۈچۈن ئېكران ئالدى كەيندىكلەرنىڭ قانچىلىك ئەجرى كېتىدىغانلىقىنى ۋاقتىنى سائەتلەپ ئەمەس مىنۇتلاپ تۇرۇپ فىلىم ئىشلەيدىغانلىقى كۆپچىلككە ئايان ئەمەس بەلكىم.ئەلكۈيى تورى نەق مەيداندا زىيارەت قىلغان قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچلىكىنىڭ ئىشلىنىش جەرياننىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئالاھىدە مېھمانغا كەلسەك،تېلۋىزىيىدە سۆزلەشكە قارىتا مۇنچىلىك بىلىمگە ئىگە ياكى مۇنۇ ساھەدە سۆزلەشكە سالاھتى توشىدۇ دەپ قارالغانلار.مۇشۇلار بىلگەنلىرىنى خەلىققە سۆزلىسە خەلىقىمۇ ئازراق نەپ ئالسا دېگەن مەنىدە تەكلىپ قىلىنىدۇ.ئىچكىرنىڭ بىر قىسىم پىروگىرامملىرىغا ئوخشاش مەلۇم بىر پىروگىراممىدا مۇقىم تۇرۇپ،ھەربىر سانىدا سۆزلەپ بېرەلسىە بۇنىڭىغا ھەق تەلەپ قىلىسا بولىدۇ دەپ قارايمەن.لېكىن ئۆز خىزمەت دائىرسدىن ھالقىغان ئاساستا بىر نەچچە قېتىملىق ئالاھىدە مېھمانلىقىمۇ ھەق ئالىمەن دېيىش مېىنىڭىچە تەمەخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ھەم تېلۋىزىيە ئىستانسىدىمۇ ئالاھىدە مېھانغا ھەق بېرىپ تەكلىپ قىلىندۇ دېگەن گەپ يوق ھەم ئالاھىدە مېھمانلىق ھەققى دېگەن ھەقمۇ يوق.
ئۆزىدە بار بىلىمنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشمۇ بىر ساۋابلىق ئىش.بىكارغا مۇشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ دەپ كىچچىكىنە نەپنى زىغىرلاش تېخىمۇ ئالىيجاناپلىق ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش