- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-7
- توردا
- 345 سائەت
|
ئۈنچە - مارجانلار دېگەن كىتابنىڭ 720 - بەت ، 1854 - ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن : << ئاللاھ يەكچەشمە ئەمەس ، بەلكى مەن دەججال مەسىھنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ ( قارغۇ ) ئەمەلىقىنى ، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئۈزۈم ئۈنچىلىرىدەك تومپىيىپ قالغانلىقىنى بىلىمەن >>
يۇقىرىقى ھەدىسنىڭنىڭ تۆۋەينىدە يەنە بىر ھەدىستە يەنە شۇنداق دىيىلگەن : << .........بىلىڭلاركى ، دەججالنىڭ بىر كۆزى يەكچەشمىدۇر . بىراق ، سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ئۇنداق ئەمەس ، دەججالنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا < كافىر > دەپ يېزىلغان بولىدۇ >>
بۇ ھەدىسلەرنىڭ روھىدا سىلەرنىڭ ئەقىدەڭلەر بۇيىچە ئېلىپ ئېيتقاندا ، ھېلىقى غايەت زور مەخلۇق چىقىدۇ ؛ دېگەنكى ئەقىدە ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ ؟ بۇ ھەدىسنى ئۇدۇللا چۈشەنگەندە ، ئاللاھنى ئىنسان كۆزى بىلەن كۆرەلەيدۇ دېگەنلىك بولامدۇ ؟ ئەگەر بەندە ئاللاھنى كۆرەلمىسە ، ئۇنداقتا بۇ ھەدىسنىڭ باشقىچە ۋارىيانتى چىقىدۇ .
يەنە ئۇنىڭ تۆۋەينىدە : << ..........ئۇ جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ سۈرىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېيتقان جەننەت دەل دوزاخنىڭ ئۆزىدۇر . مەن خۇددى نۇھ ئۆز قەۋمىگە ئاگاھلاندۇرغاندەك سىلەرنى شۇ گۇمراھلىقتىن ئاگاھلاندۇرىمەن >>
1814 << ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان كۈنىدىن قىيامەتكىچە بولغان ئارلىقتا دەججال پىتنىسىدىنمۇ چوڭ پىتنە بولمايدۇ >>
ئۈنچە - مارجانلارنىڭ 718 - بەت ، 1850- ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << بىر زامانلاردا ، ئالدامچى دەججاللار پەيدا بولىدۇ . ئۇلار 30 كىشى بولۇپ ، ھەممىسى ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ ئاتايدۇ >>
شۇنىڭدەك ، بارلىق پەيغەمبەرلەر دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان . ئەمما ، تارىختىن بۇيان ھېچقاچان ئۇ خىل غايەت زور دەججالنىڭ چىققىنى يوق . پەقەت شۇنىڭدەك دەججاللار چىقىپ كىشىلەرنى ھەقىقەتتىن توسقانكى .
1779- ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << مۇبادا ئون نەپەر يەھۇدىي دىنى مۇرتى ئىسلام دىنىغا كىرسە ، ئۇنداقتا بارلىق يەھۇدىيلار ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ >>
مانا بۇ ئىسلامغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دەججال . مەن مۇشۇ خىل دەججالنىڭ بارلىقىغا ئەقىدە قىلىمەن . ئۇنىڭدىن باشقىسى مەندىن يىراق . چۈنكى رەسۇللاھ شۇنداق دېگەن : 1797-ھەدىستە شۇنداق ئېيتىلغان : << دوزاخ نەپسىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغان ، جەننەت جاپا - مۇشەققەتنىڭ ئارقىسىغا ( يۇشۇرۇنغان ) >>
ياخشىلارنىڭ باغچىسى دېگەن كىتابنىڭ 767 - بەت 1808 - ھەدىستە شۇنداق بايانلار بار : << مېنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىلەرگە دەججالنىڭ پىتنىسىدىن باشقا پىتنىنىڭ يېتىپ قېلىشىدۇر ، ئەگەر ئۇ چىققاندا مەن ئاراڭلاردا بولىدىغان بولسام ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىمەن ، ئەگەر ئۇ چىققان چاغدا مەن ئاراڭلاردا بولمىسام ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىلاجىنى ئۆزى قىلسۇن . مەندىن كىيىن ئاللاھ تائالا ھەر بىر مۇسۇلماننى دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ئۆزى ساقلايدۇ . دەججال قۇيۇق بۈدۈر چاچلىق ، كۆزى پولتىيىپ چىقىپ تۇرغان بىر يىگىتتۇر ، گويا ئۇنى مەن قەتەننىڭ ئوغلى ئابدۇل ئۇززاغا ئوخشىتىمەن . كىيىنكى چاغلاردا سىلەردىن كىمكى ئۇنى كۆرسە ئۇنىڭغا سۈرە كەھفنىڭ بېشىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇسۇن . ئۇ شام بىلەن ئىراقنىڭ ئارلىقىدىكى بىر يولدىن چىقىدۇ ۋە ئوڭدىمۇ ، سولدىمۇ ھەممىلا يەردە پىتنە پاسات تېرىيدۇ ، ھەي ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ! دىنىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار >> دېدى .
بۇ ھەدىستىنمۇ ئۇنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكى ئېنىق شەرھىيلىنىدۇ . ئەمدىكى گەپ ، بىزنىڭ ، ھەر بىرىمىزنىڭ قايسى خىل ئەقىدىلەردە بولۇش - بولماسلىقى قالدى .
دىن ۋە ئىسلام پەقەت ۋە پەقەت ئەقىدە - ئېتىقادلارنىڭ توپلانمىسى بىلەن دىن ۋە ئىسلامدۇر . قايسى بىر قەۋم ئۆزىنى ئەڭ توغرا بولغان ئەقىدە - ئېتىقادلار توپلىمىدا قىلالىسا ، ئۇ ھەقىقىي توغرا دىندا ۋە ئىسلامدا بولغان بولىدۇ . كىملەركى تولۇق بولغان ئەقىدە - ئېتىقادتىن يىراق ھاللاردا توغرىنى خاتا ، خاتانى توغرا قىلىۋالىدىكەن ، ئۇ دەل 73 پىرقىنىڭ ئارىسىدىكى توغرىغا قارشى باشقىلىرىدۇر . مانا بۇ مېنىڭ ئەقىدەم . |
|