- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- توردا
- 343 سائەت
|
چولپانلار مۇنبىرىدە مۇنداق بىر سۇئال سورالدى .
....... ھەقىقەت ، ئولتۇرۇپ خىيال قىلغانغا ، پالانى - پوكۇنى ئالىمنىڭ بايانلىرىنى مەبۇد تۇتىۋالغانغا ، ئىلىم - پەندىن يىراق تۇرۇپ كونا چاپانغا ئورىنىۋالغانغا ئالدىمىزغا ھىجىيىپ كەپ بېرىدىغان نەرسە ئەمەس .........
يۇقارقى بايانلاردىكى«پالانى-پوكۇنى ئالىمنىڭ بايانلىرىنى مەبۇد تۇتۇۋالغانغا...»دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟.... بايانلارنى مەبۇد تۇتۇش دېگەن نېمە؟..... شۇ ئالىملارنىڭ بايانى ھەق بولسىچۇ؟...
چۈشەنچە بېرىلسە؟...
تېمىدىكى بىر ئايەتتە ھەتتا ھەققە قايتقۇچى تەقۋا ئالىملارنىڭ ھەم ئىلگىركى‹‹ قىرىقتىن ئاشقۇچە ›› يېزىپ سالغان بەزى خاتالىقلىرىنى كىيىن بىلگەنلىرىدە تەۋبە قىلىش بىلەن ھەققە قايتقانلىقى ۋە قايتىشقا يولنىڭ كەڭ ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ .
مەبۇد دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بىردىن بىر ھۆكۈم بېكىتكۈچى دېگەن بولىدۇ . شۇڭا ئاللاھ بىزدىن ھەق دىن ئىسلامنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ھەق دىن ئىسلام دەل ئاللاھنىڭ ھەر شەيئىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس سۈپىتىگە قارىتا ئورنىتىلغان ھەق جاۋابىي ئىلمىسى بولۇپ ، كىملەركى بۇلار توغرىسىدا ھەققە قارشى بىر نېمىلەرنى پۈتىدىكەن ، ئۇ ئۆزىنى مەبۇد ، كىچىك خۇدا ، ئاللاھنىڭ بالىسى دەپ جاكارلىغان ياكى شۇنداقراق بىر ھوقوق تەلەپ قىلغان بولىدۇ . شۇڭا ئاللاھ تائالا ئىلگىركى موللىلارنى مەبۇد تۇتىۋالغانلار ئۈستىدە شۇنداق دەيدۇ :
[ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى ، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر [31]. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) اﷲ نىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى (يەنى يالغان - ياۋىداق بوھتانلىرى) بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، اﷲ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ، كاپىرلار (بۇنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ [32]تەۋبە ]
بۇ ئايەتتە ئىلگىركى ئۆلىمالىرىنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق ھۆكمىلىرى ئۈھتىدىن توغرا چىقارغان ھەمدە قىياسەن خاتا چىقىرىپ قويغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىردەك ئىسلام دەپ دەپ چۈشىنىۋېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مەبۇد تۇتىۋالغان ئىدى . ئاللاھ بۇ ئايەت ئارقىلىق بىزلەرنىڭ ھەم ھەممىدە ھەق جاۋابقا ، ھەق ئىلىمگە ئاساسلىنىشىمىزغا ، پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنىلا مەبۇد تۇتۇشقىلا ئىرادە قىلىدۇ . شۇڭا ئاللاھدىن باشقا مەبۇد بارمۇ دەپ نۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە پېشانىمىزنى نوقۇيدۇ . چوقۇمكى بۇ نوقۇشتىن بىزلەر ئاز بولسىمۇ ساز بولغان ھەقىقەتكە ، دەلىلگە ئاساسلىنىشىمىز ۋە شەكىلۋازلىق ، دىندا يالغانچىلىق ئىدىيىسىنى تاشلىشىمىز لازىمدۇر . ئەلۋەتتە ، تېمىدا ئالىملارنىڭ بايانلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا دېگەنكى كېسىم يوق . ئەمما ، بىز ئۇلارنىڭ ئۆز زامانىدىكى چۈشۈرۈلگەن ئىلىملەرنى توغرا شەرھىيلىشىگە قاراپلا ، بۈگۈنىمىز ئۈستىدىكى ئاسماندىكى ئىلگىركى چىقىۋاتقان ‹‹ تاك تاك تاك ›› ئاۋازلارغا قارىتا قىياسەنلىرىنى ھەم ھەق دەپ تۇتىۋالساق ، ھەقىقەت شۇنچە ئاشكارا تۇرسىمۇ پىكىر قىلمىساق ، تەتقىق - تەپەككۇر قىلمىساق ئۇ ۋاقىتتا بىز ئاللاھدىن باشقا مەبۇد يوق دېگەنكى ئۇدۇمغا ماس كەلمەي قالىمىز .
تېمىدا بايان قىلىنغاندەك ، بىز كۆرگىنىمىز ، ئاڭلىغىنىمىز ۋە ھىس قىلغىنىمىز ئۈستىدە سوراق قىلىنىمىز . ئەلۋەتتە ، ئىلگىركىلەرنىڭ بىرەر مەسىلىلەردە توختالغانكى ھەقىقىتى شۇنچە روشەن ۋە يارقىن چىققۇسى . شۇ ۋەجىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئۇنىڭ توغرا جاۋابى ۋە شەرھىيلىرى ، شەيئىدىكى ئەسلى ئورنىغان قاراپ ھەق دەپ بېكىتىدۇ .
ئىلگىرىكى دىنىي بايانلىرىمدا ئاللاھ تائالاھنىڭ بىز ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئالدىنقى تەقدىرلىرىنى ، زامان - ماكانلىرى ، جەمەت - ئائىلىلىرىدىن تارتىپ پۈتۈپ ئالدىن يېزىلغان سىنارىيەلەشتۈرىۋاتقانلىقى ، ھەر بىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئەمەلىي ئەرتىس بولۇپ ياشايدىغانلىقىمىز قەيت قىلىنغان ئىدى . شەرىئەت دىنىي سىياسەت بولۇپ ، يەنە بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ھېچ كىشىگە تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىنى قوشقاندا ، ھەر بىر قەۋەتلىك زاماننىڭ ئۆزلىرىگە خاس تەلەپ قىلىنغان ئىشلىرى بارلىقى ، بۈگۈنكى يۈكسەكلىك دەل ئىلگىركىلەرنىڭ ئىپتىدائىيچە تىرىشچانلىقلار بىلەنمۇ ئۇل قويىدىغانلىقى ، ئەنە شۇ ئۇل بىلەن كىيىنكى بۈگۈن ۋە ئەتە روياپقا چىقىدىغانلىقى ، ھەر بىر زاماندا ھەر بىر بەندىلەرگە قارىتا مۇلاقات قىلىپ بەرگەن نېمەتلەر ئارقىلىق ئەمەل - ئىبادەت قىلىشلارغا ھەمدە شۇلار توغرىسىدا بىزدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سۇئال سوراق قىلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن . شەرىئەت دەل ھەممىلەرنىڭ تاقىتىگە قاراپلا ئىش - ئەمەل يۈكلىگۈسىدۇر . ئەگەر بىرسى شەرىئەت داۋاسى قىلىپ كىشىلەرنى تاقەتسىزلىكلەرگە قىستاپ ھالاكەت مەۋقەسىگە كەلتۈرۈپ قويغاندا ، ئۇ ھەقىقەتەن شۇ كىشىلەرنىڭ زىيانكارى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . شۇڭا بۇ خىل ئىلىمنىڭ ھېكمىتى بولمىغان كىشىدە كىشىلەرنى يېتەكلەش ، جەمىيەتتە ، ماكان - زاماندا دىندىن ھۆكۈم پىچىش ئورنى - ئىمتىيازى بولمايدۇ .
{ ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى [138]ئەئراف }
ئىلگىرى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ ھاياتى يۈكسىلىشى بىر قانچە مىڭ يىل توغرا ئىدى . ئىسرائىل ئەۋلادى يۇسۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ، ئۇنىڭ دادىسى يەئقۇبنىڭ ، ئۇنىڭ دادىسى ئىسھاقنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىمنىڭ پۇشتى بولۇپ ، ئىبراھىم ئىلگىركى مۇشرىك ئازەر دەپ تەخەللۇس قىلىنغان بىر كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى . ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار بۇددا دىنىدا ئىدى . ئازەر ھەم بۇد ياسايتتى . ئۇلار ھەم بىر يۈرۈش ھاياتىنى بۇددا دىنىدا ئۆتكۈزگەن ئىدى . ئەمما بۇددا دىنىدا ئىكەن دەپلا بىراۋنى پەس كۆرۈش ئىمانسىزلىق . چۈنكى بىر كىشىگە تەقۋادارلىق مۇجەسسەملىنىشى ھەرگىزمۇ كۇپپار ئاتا - ئانىلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن كەلمەيدۇ . بەلكى گەرچە مۇشرىك بولسىمۇ ، سوپى بولسىمۇ ، ۋەھھابى بولسىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ۋە تۆۋەن بولسىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئاللاھتائالا يېقىن بولىشى ، ئۇنىڭغا ياش تۆكىشىدىكى يۈرەكتىن ، يۈرەكتىكى ئېتىقادتىن ، ئېتىقادتىكى ئىشەنچتىن روياپقا كېلىدۇ . شۇڭا گەرچە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى دىن ئىسلام بولسىمۇ ، ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى كەلمىگەنكى بىر ۋاقىتلاردا ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن گەرچە بۇدنىڭ ئالدىدا ئولتۇرسىمۇ ئۆز تەڭرىسىگە خىتاب قىلغۇچىلارنى بىردەك كاپىرلىققا ، دوزىخىيلىققا چىقىرىۋاتالمايمىز . ئاللاھمۇ ئاۋۋال ئەلچىسىنى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان بىراۋنى كاپىر دېدى . ھەمدە شۇ زاماندا يەنىلا مۇشرىكلىكنى ۋە مۇناپىقلىقنى تىلىگۈچىلەرگە كاپىرلار ھۆكمىدە قىلغانلىقى جاكارلىدى . شۇڭا ، بىر بۇدكەشنىڭ ، بىر خىرىستىئاننىڭ ، بىر يەھۇدىنىڭ ، بىر مۇشرىكنىڭ ياكى پاسىقنىڭ ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسۇن ياكى يۇقىرى بولسۇن مادامىكى ، ئۇنىڭ پۇشتىدىن قۇرئان تەلەپ قىلغان تەقۋادارلىق ئىسلاھ قىلىنغانكى بىر بەندە چىقىدىكەن ، ئۇنىڭ شۇ ئۇرۇقنى سالغان ھەمدە ئۇنى پەرۋىش قىلغانكى لىنىيەسى توغرا بولغان بولىدۇ . ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە تاقەتلىك ئەمەل - ئىبادەتلەر ئۈستىدە بولىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
شۇڭا بىز بۈگۈنلىكىمىزدىكى دىنىي ئېتىقادىمىزنىڭ ئىلگىركىلەرنىڭ ئۇل سېلىشى ، ئىزدىنىشى ئارقىلىق ، بۈگۈنكى تەقۋادارلىرىمىزنىڭ بولىشى دەل ئىلگىرى بىزدە توغرا يولنىڭ بارلىقى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تاقىتىگە خاس لىنىيەنى تۇتقا قىلغانلىقىنى چۈشۈنۈپ ئالالايمىز . بۇ بىر ھەقىقەت . گەرچە بىزگە اتىلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ ، بىراقلا ئۇلاردىن يۈز ئۆرىسەكمۇ ، يەنىلا ئاللاھدىن شۇنداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەككى
{ ........پەقەت ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ( ئايرىلىش ئالدىدا ) ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، اﷲ نىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر [4]مۇمتەھىنە }
بىزلەرنىڭ بۈگۈنىمىز ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ ئەمگىكى باردۇر . شۇڭا دىننىڭ ئىگىسى بولغان ھەمدە قۇرئاننى دەستۇر قىلغان كىشى ھەقىقەتەن بۇ خىل يۈز ئۆرۈشتە بولمايدۇ . چۈنكى ئاتىلارمۇ ئىلگىركى ئىشلىگەن نەتىجىلىرىنىڭ نېسىۋلىرىنى ياشانغىنىدا ياكى سەكراتتىن ئىلگىرى بولسىمۇ ئىگە بولىشى ، ئىمان كەلىمىسىگە ئېرىشەلىشى ، ياكى ئېتىقادىنى توغرىلىققا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن . شۇڭا ئايەتتە بىزلەرنىڭ ئۇلارغا خەيرىلىك دۇئا قىلىشىمىز ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىشىمىز لازىمدۇر . مانا بۇ ئىسلام روھى ، ئىمان روھى .
بىز ئاتا - بوۋىلارنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق ، ئۇ نەتىجىگە يېتىشتە ئىشلىگەن ئەمەللىرى ، تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرگەنلىرىمىز ، ئاڭلىغانلىرىمىز ۋە ھىس قىلغانلىرىمىزغا ئاساسەن ، بىز كىيىنكى بۈگۈنىمىزدىكى ئىجتىھادىمىزنى تاپالايمىز . بۇ خۇددى تۇغۇلۇپ بىز ئاتا - ئانىمىزغا قاراشلىق بولىمىز . ئۇلارنىڭ بىزلەر تاقەتلىك بولىشىمىزغا قارىتا قىلغان ئەمەللىرىدىن ئۆزىمىزنىڭ كىيىنلىكىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگەنگىنىمىزگە ئوخشاشلا بىر ئىش . شۇنىڭدەك ، ئىلگىركىلەرنىڭ نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن بىزلەرگە بەك مۇھىم . چۈنكى ئۇ بۈگۈنىمىزدە بىزلەرنىڭ پۇتىمىزغا قويۇلۇش ئۈچۈن ئىشلەنگەن خىش - كېسەكلەردۇر . بىز دەل ئۇلار قويۇش ئارقىلىق قولىمىز يەتمىگەن ، ئەمما يېتىشنى بىزدىن كۈتكەن نەتىجىلىرىمىزگە ئېرىشىمىز . ئەمما ، ئەنە شۇ خىش - كېسەكلەر توغرا رەۋىشتە قويۇلمىغاندا بولسا ، بىز شۇنداق قول ئۇزارتىشىمىزغىلا بىز بىلەن تەڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشىشىگە ۋاستە بولۇپ قالىدىغان تەۋەپلىرىمۇ بار بولۇپ قالىدۇ .
{ اﷲ ئاتنى، خېچىرنى ۋە ئېشەكنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت ئۈچۈن ياراتتى، اﷲ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ يارىتىدۇ [8]. توغرا يول كۆرسىتىشنى اﷲ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا اﷲ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى [9]. اﷲ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئاقىلىق ئۆسكەن دەل - دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر [10]. اﷲ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن ( اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار [11]نەھل }
ئىلىملەرنىڭمۇ ھەقىقەتەن شەكسىز ھەممىسىنى قۇبۇللايدىغان ئات مەسەللىكلىرىمۇ بولىدۇ . ئەمما پەقەت ئۇنىڭ كۈچىدىنلا پايدىلىنىشقا بولىدىغان خېچىر ۋە ئېشەك مەسەللىك ئىلىملەرمۇ بولىدۇ . يەنى ، ئىلگىرىكىلەر مەلۇم بىر توقۇلما ئەپسانىلەرنى توقۇپ كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەلۇم بىر ئايەتكە ئىشەندۈرۈشتىمۇ بولغان . ئەمما سەپسەتىلەرنى قۇبۇل قىلمايمىز ؛ مىسالەن : تەخسىنى يىمەيمىز بەلكى ئۇنىڭغا سېلىنغان تاماقنى يەيمىز . شۇنىڭدەك ، ئىلىملەرنىڭمۇ ھەر خىل تەرەپلىك قۇبۇل قىلىنىشلار بولىدۇ . بۇ ىىل ماھىيەتنى بىلمىگەنلەر ئىلگىركى بوۋىلارنىڭ پەلسەپىيۋىي قىممىتىنى يوققا چىقىرىش بىلەن ، ئۇنىڭ بايانلىرىدا يالغان نەرسىلەر كۆپ دەپ ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى ئۇلاردىن قېچىشقا قىستايدۇ . بۈگۈن ۋە ئەتىلەردە سەپسەتە تەلەپ قىلىنمايدۇ بەلكى خۇددى رەسۇللاھ ئېيتقاندەك ، << سىلەر خۇددى ئوتقا ئۆزەڭلەرنى ئۇرغۇچى پەرۋانىگە ئوخشايسىلەر ، مەن سىلەرنى ئوتتىن توسقۇچىغا ئوخشايمەن >> دېگەندەك ، بىر ئىلىمنى ، بىر چۈشەندۈرۈشنى دەلىلى ئاساسقا نەقلا چۈشۈرۈشتە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئەمما ، ئەتىدىكى بارلىق ئىلىملەر ئاشكارلىنىپ كەتكەنكى ھەمدە شۇ خىل ئىلىمگە تولغانكى كىشىلىك ئىمتىيازىغا يەتكۈچە چوقۇم مەلۇم بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشتە سەپسەتىگە مۇھتاج بولىمىز . ئەگەر شۇ سەپسەتە سىزنىڭ سورىغان سۇئالىڭىزغا قارىتا دەلىل قىلىنىپ مۇشىنىڭغا ئوخشاش دەپ تۇرۇپ چۈشەنچە بەرگەندە سىز ھەقىقەتەن قايىل بولىسىز . ئەمما ئۇ سۆزلەر سىزگە بىردەك ئېيتىلسىمۇ سىز ئۇلار تەلەپ قىلغانكى ئىلىمگە مۇھتاج بولمىغانلىقتىن ، سىزنىڭ ئاغزىڭىزغا تەخسىدىكى تاماق ئەمەس بەلكى تەخسە كىرگەندەك تۇيۇلۇپ ئۆزىڭىزچە تۇرالماي كېتىسىز . شۇڭا دىندا بەيئەت دېگەن بىر نەرسە بار . شۇ ئالىم شۇ سەپسەتىنى ئۆزىگە بەيئەت قىلغانكى كىشىلەرگە توقۇغان ئىدى . ئۇلار ئۇنى چۈشەندى . ئەمما بەيئەت قىلمىشانلار مەلۇم ئالىمنىڭ پەقەت ئاجىزلىقىنىلا تېپىشقا ئۇرىنىدۇ . خۇددى بىزدىكى نۇرغۇن ياشلار ئەرەپۋازلىق ، مىسىرۋازلىق ، ئافغان ، چېچىنيە ۋەزلىقلارنى قىلىۋېدى ، ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى چوڭلار كۆزىگە ئىنتايىن يىرگىنىشلىك جىن كۆرۈنۈپ كەتتىكى ، كىملەركى ئۆزىگە ئەگەشسە ئۇدۇل دوزاخقا ئەكىرىدىغاندەك ئەقىدىگە كېلىشتى . شۇنىڭدەك ، بەيئەت قىلغان ۋە قىلمىغانلارنىڭ ماھىيىتى شۇنىڭدەك تاماقنى يىيىش ياكى تەخسىنى تەڭ يىيىشكە قىستاپ قويىدۇ دە ، بەيئەت قىلمىغانلار تەخسىنى ھەم يىيىشكە بۇيرۇلغاندەك تۇيغۇدا بولىشىدۇ دە ، كەھف غارىدىن تېخىمۇ بەتەر قېچىشنى تىلىشىدۇ . ( گەپ ئۇزىراپ كەتتى ھە . گەپلىرىمغۇ قۇرۇق پاراڭمۇ ئەمەس ، قەلەم تەۋرىتىشتىكى مەقسەت ئىلىم بېرىش بولغاندىكىن بەزىدە مەلۇم ئىلھام بىلەن مۇشۇنداق يېزىپ كېتىدىكەنمىز . توغرا چۈشىنىپ تۇتۇڭلار ھە )
<< توغرا يول كۆرسىتىشنى اﷲ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا اﷲ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى >> ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ھەممىلەرگە خاس بولغان ، ئەسلى تەئەللۇق بولغان توغرا لىنىيە بولىدۇ . ئەنە شۇ لىنىيەنى ئاللاھ كۆز ئارقىلىق ، قۇلاق ئارقىلىق ۋە يۈرەك ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ ، ئاڭلىتىدۇ ۋە چوڭقۇر ھىس قىلدۇرىدۇ . ئەمما نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ خىل ماھىيىتىگە ئېتىۋار بەرمىگەچكە ھەمىشە نەپسىنىڭ خۇشلىقىغا ، ئەقلىنىڭ بېكىتىشىگە بېكىنىۋالىدۇ دە ، بەزى ئەگرى بولغان يوللارغا كىرىشىپ قالىدۇ . ئاللاھنىڭ تېمىدا نەقىل قىلغاندەك ، << قايسى قەۋم ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمەيدىكەن ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ >> دېگەنكى ئورنىدا ھەممىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تاللىغىنىغا قويۇپ بېرىدۇ . ئەگەر ھەممىلەرنى بىر يولغا سالسا ، ئۇ ۋاقىتتا مۆئمىنلەرنىڭ كۈنى ھەقىقەتەن تەسكە چۈشىدۇ . شۇڭا بەيئەت قلمايدىغانلار بەيئەت قىلىدىغانلارغا ئەگىشىپ بېقىپ ، يولنىڭ داۋامى بولمىغان ھالدا بىر جايغا بارغاندا ئىتىلىپ قالسا ئارقىغا مۇشۇ دۇنيادىلا يېنىشىغا پۇرسەت بېرىش ئۈچۈندۇر . يوللىرى شۇنچە ئېتىلگەن تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا گەدەنكەشلىك قىلىش بىلەن يەنىلا تەرسالىقنى قىلىدىغانلار بار . ئەنە شۇلار بۇ دۇنيادا قايتالمىسا ئاخىرەتتە شۇنداق نىدا قىلىش بىلەن نادامەتتە بولىدۇ
{ ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق [106]. پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز» [107]. اﷲ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قىلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار» [108]. شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر : «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن» دەيتتى [109]. ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار [110]مۆئمىنۇن }
{ ئېيتقىنكى، «سىلەرنىڭ (جېنىڭلارنى ئېلىشقا) مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» [11]. ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ ( دەپتىرىكى نەرسىلەرنى كۆرگەندىن كىيىن ) پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز» [12]. ئەگەر بىز خالىساق، ھەر بىر كىشىگە ئەلۋەتتە ھىدايەت بېرەتتۇق، لېكىن مېنىڭ (قايسى بىر قەۋم ئۆزىلىرىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ دېگەنكى ) ھۆكمىم بېكىپ كەتتى. مەن چوقۇم جىنلار ۋە ئىنسانلار (يەنى ئۇلارنىڭ گۇناھكارلىرى) - ھەممىسى بىلەن جەھەننەمنى تولدۇرىمەن [13]سەجدە }
شۇنىڭدەك ، ئاللاھقا ئىتائەتمەن بولۇشمۇ ، ئاسىي بولۇشمۇ دەل بەندىلەرنىڭ قارارىنىڭ ، دىنىنى قايسى رەۋىشتە قىلىشىنىڭ قورغانىدا بولىدۇ . گەرچە سەكراتتىن ئىلگىرى ياكى ئۇنىڭغا يامان ئۆلۈملۈك تەقدىر بېكىتىلىپ كېتىشتىن ئىلگىرى دەججالغا بەيئەت قىلغان تۇرۇقلۇق ئۇ ماڭغان يولىنىڭ ھەقىقەتەن تۇيۇقلىقىنى بىلگەندىن كىيىن تەۋبە قىلىپ يېنىپ چىقسا ، ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچى ، بەندىلىرىگە ئىنتايىن مېھرىبان ئىكەنلىكىنى تاپىدۇ .
{..... سىلەر بالا قىلىۋالغانلارنىمۇ اﷲ (ھەممە ھۆكۈمدە ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان) بالىلىرىڭلارنىڭ ھۆكمىدە قىلمىدى، بۇ (يەنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولمىغانلارنى بالا دېيىش) پەقەت ئاغزىڭلاردا ئېيتىلغان سۆزدۇر، اﷲ ھەق (سۆز) نى ئېيتىدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ [4]. ئۇلارنى ئاتىلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار، بۇ اﷲ نىڭ دەرگاھىدا توغرىدۇر، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇ چاغدا ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر، دوستلىرىڭلاردۇر، سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [5]ئەھزاب }
بالىلارنىڭ ئاتىلىرىدىن ئېلىۋالىدىغان نېسىۋېلىرى باردۇر . ھەمدە بۇلارنىڭ قېرىنداشلىقى روھىيەتكە باغلانغان . شۇڭا ئىككى ئىككى دۆلەتتە تۇرۇپ بىرەرىگە خەۋىپ يەتسە يەنە بىرىنىڭ چۈشىنىڭ بۇزۇلىشى بىكاردىنلا ئەمەس . ھەمدە بالىسى بولمىغانلارنى بالام دېيىش ۋە دادام دېيىش ئاللاھ ئېيتقاندەك تىلىدىلا ئېيتقانلىقتۇر . بۇنىڭدەك قېرىنداشلىق ھەقىقىي يۈرەككە سىڭىشالمايدۇ . شۇنىڭدەك ، ھەممىلەردە ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا يوللۇق شەرىئەت تۇتقۇچى كىشىلىرىگە بەيئەت قىلغاندا ئالاھىدە بېرىكىشىدىغان ئامىل باردۇر . خۇددى ئەر - ئاياللاردىكى باغلىنىشقا ئوخشاش ، ئۇستاز - شاگىرتلىقلىق باغلىنىشلار باردۇر . ئۇستاز - شاگىرتلىقتىنمۇ ھەم ئاتا - بالىلىقتىكى باغلىنىشلار ھەم مەۋجۇتتۇر . دىندا ئالىملىقتا ئالاھىدە بىر خۇسۇسىيەت بار . ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ قەلبىنى قارشى تەرەپنىڭ قەلبىگە باغلاش ، يەنى شۇ خىل باغلاش ئارقىلىق قارشى تەرەپتىكى دىننىڭ كۈچىنى ، تىلىدا تولۇق بايان قىلىپ بولالمىغان نەرسىلەرنى ھىس قىلىپ چۈشىنەلەيدىغان نېمەت . بۇ ھۆكۈمداردا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدە بىر چوڭ نېمەت . بەزىلەر تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا مەسىلە سوراپ كېلىدۇ . يەنە بەزىلەر ئىچكى مەسىلىلەر ئۈستىدە سوراپ كېلىدۇ . ئۇنى بايانلاشتا تىلىنى چايناپراق ياكى گەپ ئەگىتىپرەك ، ياكى يالغاندىن سۆز توقۇيدۇ . ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ چۈش كۆرگەنلەر بولسا تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ساھابىلار ئېيتىشاتتى . بەزىلەر كۆرمىگەن چۈشنى كۆردۈم دىيىشكىنىدە << كۆرمىگەن چۈشكە تەبىر بېرىلمەيدۇ >> دەپ كېسىۋېتەتتى . شۇنىڭدەك ، ئۆزىنىڭ قەلبىنى قارشى تەرەپكە باغلاشمۇ چوڭ نېمەت . بۇ ھەقىقىي تەقۋاداردا ، ئالاھىدە دىندا ئىمتىيازى بارلاردا بولىدۇ . شۇڭا بەيئەت قىلغانلار قىلىنغۇچىلارنىڭ بۇ خىل تەرىپىگە دىققەت قىلىشمۇ ياخشى . شۇڭا تەقۋادارلار كىملەرگە بەيئەت قىلمىسۇن ياكى دوستلاشمىسۇن ، چوقۇمكى شۇ دوستلۇقنىڭ پايدىسى ئۆزىنىڭ جەننەتكە يېتىشكە سەۋەب بولسا تۇرغۇزۇشنى ، ئەمما دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن يامان بولىدىغان بولسا ئۇلاردىن ئايرىۋېتىشىنى تەلەپ قىلىشى لازىمدۇر . بۇ خىل لىنىيەنى بېسىپ ئۆتكۈچى كىيىنكى يۇقىرىلىقلارغا يۈكسەلگەندە ھەقىقەتەن ئۆزىدىن ئايرىلغانلار باشقا ئىقلىمغا تەۋەلەردىن ئىكەنلىكى ئاشكارا بولىدۇ .
شۇڭا يۈرەكنىڭ ، قەلىبنىڭ قىممىتىنى ئۇنچە تۆۋەن كۆرمەيلى ! ھەمدە بەيئەت قىلىشتىكى ماھىيەتنى تۆۋەن كۆرمەيلى !
ئاللاھ ۋەدىسىدە ئېيتقاندەك ، ھەممىگە توغرا كۆرسۈتۈشنى ئۈسترىگە ئالغاندۇر . ئەمما ئەنە شۇ توغرىلىقنى تېپىشتىكى لىنىيەنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە ياكى بەندىگە نىسبەت بېرىلىۋېلىش بىلەن ھامان قايمۇقۇپ يۈرىشىدۇ . بۇ ئامانەتنى ھەتتا ئاسمانمۇ ، يەرشارىمۇ ئېلىشتىن قورققان . ئۇلارمۇ ئۆزىنى دائىم ئاللاھنىڭ تۇتۇپ تۇرىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . ئەمما شۇنچە خەتەرلىك ئامانەتنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئېلىشتىن قورمايدۇ . بۇ دەل نادانلىق ، ھاماقەتلىك . دىندا شۇنچىلىك يۈكسىلىشلەردىن بىخەۋەرلا ئۆز بېشىمچىلاردىن بولۇشۇپ كېتىشتۇر . بۇ دەل ئاتىلاردىن يۈز ئۆرۈشكەن ، بوۋاق ھالىتىدىنلا ئۆي ئايرىپ چىقىشىپ كېتىشكەن ھەتتا ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشۇپ كېتىشكەنلەرگە نىسبەتلىكتۇر .
بىزلەرنىڭ قۇۋۋەتكە كېلىپ ھەقىقەت ئۈچۈن ئات سېلىشىمىزغا قەدەر ئاتىلارنىڭ ئاغزىمىزغا سېلىپ بېرىدىغان لوقمىسىغا ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولىمىز . ھەمدە ئۇلارمۇ بىزلەردىن بىزدىن كىيىنكى يېڭىچە لوقمىلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىشىگە مۇھتاج بولىدۇ . شۇڭا بىز ئاۋۋال ئۇلاردىكى نېمەتلەرگە مۇھتاج . ئۇلارمۇ ئاۋۋال ئۆزلىرىدىكى نېمەتلەرنى بىزلەرگە بېرىشى بىلەن يۈكسىلىپ كىيىنكى نەتىجىلەرگە ئېرىشمىكىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ئوخشاش ، ئىبراھىمدىن كىيىنكى ئىسھاق ، ئۇنىڭدىن كىيىن يەئىقۇب ۋە يۈسۈپلەر ..... بىردەك مىسالى كۇچ ئۇلاپ ماڭغۇچىلاردىن ئىكەنلىكىگە ئوخشاش ، بىزلەرنىڭمۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغۇچى ئىكەنلىكىمىزنى دەلىللىشىمىزنى كۆرۈشنى ، ئىلگىركى بۈگۈن ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىھۇدە ئەمەسلىكىنى كۆرۈشنى تىلىگىنىگە يەتكەنلىكىنى ئاشكارلاشتۇر .
{ ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ [130]. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى [131]. ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! اﷲ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى [132]. يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر اﷲ قا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى [133]. ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس [134]بەقەر }
بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ۋە ئەتىمىز مۇنۇ ئايەتنى دەلىل قىلماقلىققا ، ئاتىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئۆز ئارا دەلىل كەلتۈرۈشلىرىگە قاراپ قالدى . شەرىئەت ياتلارنى دىندا قېرىنداش قىلىۋېتىدۇ . بۇ قېرىنداشلىقتا قەلىبلەر بىر- بىرلىرىگە باغلىنىپ كېتىدۇ . ئىلگىركى ۋە كىيىنكى نەتىجىلەر بېرىكىپ كېتىدۇ . بىزگە ئاللاھ ئىبراھىمنىڭ دىنىنى ئىرادە قىلدى . بۇ دىن تۆۋەندىن يۇقىرىلىققا قارىتا يۈكسىلىشتە بولىدىغان ھەمدە بىر - بىرلىرىدىكى كىتابلارنى ( يەنى ئۆز نۆۋىتىدە تۇتقا قىلغان يوللارنى ، ئىلىملەرنى ، ھېكمەتلەرنى ، تىرىشچانلىقلارنى ) تەستىق قىلىدىشىدىغان دىندۇر . |
|