- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 95
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 95
- تىزىملاتقان
- 2013-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-29
- UID
- 47261
- يازما
- 95
- تېما
- 10
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 95
- تىزىملاتقان
- 2013-3-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-29
- توردا
- 42 سائەت
|
بۇ قېتىملىق كاتتا نەۋرۇز مەشرىپى ،قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيى، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى ئىچ ئىچىدىن خۇش قىلدى،ھاياجانلاندۇردى، شۇ جايدا نەق مەيدانادا تۇرۇپ ئىشتىراك قىلغۇچى تەلەيلىكلەرگە نىسبەتەن ئۆزلىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن ئورۇن ئالغۇدەك ئۇنتۇلماس خاتېرە ۋە تەسىرلىك ھېسلارنى قالدۇردى، شۇ جايغا بېرىپ ئوتتەك قاتناشقۇسى بار ئەمما، بىزدەك خىزمەت، ئۆگىنىش ، سودا قىلىش تۈپەيلى بارالمىغانلارغا نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئىچىنى قىززىتقۇدەك بىر پائالىيەت بولدى دەپ ئويلايمەن شەخسىەن...، نەق مەيدان كۆرىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، بىر كۆرۈش ئارزۇسى ۋە تەققاززاسىنىڭ جاۋابىنى نەچچە كۈندىن بېرى بۇ جايدىن يەنى ئۇيغۇر توردااشلارنىڭ يېقىن دوستى ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن كۈتىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك سوۋغات دەپ ئويلىدىم...
سىننى كۆرگەندە قەدىمىي شەھىرىمىز قەشقەردىكى يەرلىك مويسىپىتلىرىمىزنىڭ ۋە تاتلىك كىچىك دوستلارنىڭ، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرىۋاتقان ساماچى يىگىتلىرىمىزنىڭ سۆزلىرى ۋە سىياقىدىنى ، روھلۇق، جۇشقۇنلۇق تەپچىپ تۇرىدىغان ھەرىكەتلىرىنى كۆرگۈنۈمدە شەخسەن قەلبىم بىر خىل ئىللىق تۇيغۇغا كېلىپ قالدى. سەھنىدىكى كۆرىنىشلەرمۇ شۇنداق ھەيۋەت چىقىپتۇ... ئىشقىلىپ، يىغىپ كەلسەك، بىزمۇ ئىتتىپاقلاشساق، بىر يەرگە كەلسەك ، خېلى نەتىجىلەر ھاسىل بولۇپ قالىدىكەن، بۇمۇ مەنچە ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى نامايەندە قىلغانلىقىمىز ....ياشىغانكەنمىز ئۆزىمىزنىدە بار بولغان ئەۋزەللىكلەرنى تونۇتۇپ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ياشىشىمىز كېرەك...
ئاخىرىدا ، مۇشۇ فىلىمنى بىزگە قىسقا مۇددەت ئىىچىدە جاپالىق تەرىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇچراشتۇرغان ئەلكۈيى تورىغا تەشەككۈرلەر.....ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرگەي... |
|