- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-28
- UID
- 48113
- يازما
- 6
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6
- تىزىملاتقان
- 2012-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-28
- توردا
- 0 سائەت
|
بۇ قېتىمقى قەشقەردىكى نورۇز ھەقىقەتەنمۇ كاتتا ۋە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلگەنلىك ئۇچۇرىنى مەزكۇر تېمىدا ئېلان قىلىنغان فىلىمدىن كۆرۈپ مەن قەشقەر شەھىرىگە 21-چىسلا كىرىپ ئەلكۈيى تورىنىڭ مۇخبىرلىرىنى ھېيتكاھ جامەسى ئالدىدا ئۇچراتتىم،5-6 ئەلكۈيى تورى خىزمەتچىلىرى ۋە تەنتەنە .ىنتايىن ئالدىراشچىلىقتا ھېيتكاھتىكى نورۇز بەزمىسىنى تېخىمۇ قىززىتىۋەتكەندەك بىلىندى.ئەلكۈيى تورىنىڭ رىياسەتچىسىمۇ بەك جانلىق قىزكەن،ئۇنىڭ مەيداندىكى ھەربىر كىشىلەرنى زىيارەت قىلغاندىكى ئىللىق چىرايى ھەممەيلەننى بەك خۇشال قىلدى،ھەممىدىن قىززىق بولغىنى نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر بېشىدا ئۇيغۇر دوپپىسى جىق ئادەملەر تۇرسىمۇ بارلىق مۇخبىرلار مۇشۇ رىياسەتچى قىزنى رەسىمگە تارتىپ ئالدىراش بوپ كەتتى.مەن بۇلارنىڭ كەينىدىن ئىز قوغلاپ چۈشتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل قەشقەردە نورۇزنى نەق مەيدانغا بېرىپ ئۆرە تۇرۇپ كۆردۈم،كۆزلۈرۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى،گۈزەل قەشقەردە نورۇز تارىختا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بەزمىسىنىڭ ئەڭ كاتتىسى دەپ قاراشقا بۇلىدىكەن.نومۇرلارمۇ ئىنتايىن ياخشى تاللىنىپتۇ،نورۇزنى ئۆتكۈزۈشكە مەبلەغ چىقارغانلار، نىجات نىياز ئەپەندىمنىڭ جاپاسى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن ھىس قىلدىم.ئانا يۇرتۇم قەشقەردە بىزگە موشۇنداق داستىخىان ھازىرلىغان نوروز سوۋغىسى سۇنغان ئوغلانلىرىمىز ياشىسۇن،ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ساماسىغا مەندەك ياندا ئۆرە تۇرۇپ كۆرگەنلەرمۇ ئىختىيارسىز ساما سالدى.سۆزلىسەم ھاياجانلىنىمەن، ئەلكۈيى تورىغا رەھمەت،قەشقەردە نورۇز ئۆتكۈزگەن ھاجىمغا رەھمەت،نىجات نىياز،ئابدۇكېرىم ئابلىز،ماھىرە قاتارلىق رىياسەتچى ۋە ئارتىسلارغا رەھمەت.تارىخقا يېزىلغۇدەك ئىشلارغا شاھىت بولدۇم دەپ قارايمەن.ئەلكۈيى تورىنىڭ بۇ فىلىمنى تىزراق تورغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم،ئىنتايىن ئالدىراش ھالدا زىيارەت ئىشلىگەن ئىدىڭلار،خەلقىمىزنىڭ سىلەردەك تاراتقۇسى بولغانلىقىدىن پەخىرلەندىم.
توغرا دەيسېز يېڭى يۇلتۇزمېنېڭ مۇ شۇنداق بولدې مەن تاس قالددېم ھاياجېنېمدا يېغلې لې
|
|